كۆرۈش: 159|ئىنكاس: 0

دەرىسخانا ئوقۇتۇشىغا تەسىركۆرسىتىدىغان تۆت خىل توسالغۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەرىسخانا ئوقۇتۇشىغا تەسىركۆرسىتىدىغان تۆت خىل توسالغۇ
   دەرسىخانا ئوقۇتۇشى – ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىگىدە مەقسەتلىك ، پىلانلىق ، تەشكىللىك ، ئىلىپ بىرىلدىغان ، مۇئەييەن شارائىتتا ، مۇئەييەن ئۇسۇل ئارقىلىق ئاشكارە يەتكۈزىدىغان ۋە ئۇچۇرنى قوبۇل قىلدىغان جەريان قىلىشنى مۇۋاپپىق ئوقۇش ماھارىتىنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئەمما ، ئەمەلىي ئوقۇتۇش پائالىيتىدە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى بىلىم سەۋىيە ، بىلىش ئۇسۇلى ، پىسخولوگىيلىك ئالاھىدىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرق تۈپەيلىدىن ئوقۇتۇش جەريانىدا دەرىسخانا ئوقۇتۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن توسالغۇلار پەيدا بولىدۇ :
1- تىل توسالغۇسى
    دەرىسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ، ئىددىيسىنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ سۆزلەيدۇ ، ئوقۇغۇچىلار تىلىنى قوبۇل قىلىش ، چۈشىنىش ئارقىلىق ئوقۇتۇش مەزمۇننى ئىگەللەپ تەلىم – تەربىيسىنى قوبۇل قىلىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئىشلەتكەن تىل مۇۋاپپىق بولمىسا ، سۆز مەنىسى ئېنىق بولمىسا ، ئىپادىلنىشى ئوچۇق بولمىسا ، ئۇ ھالدا تىل توسالغۇسى پەيدا بولىدۇ-دە، دەرىسخانا ئوقۇتۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2- رول ۋە ئورۇن توسالغۇسى
   ‹‹ ئوقۇچقۇچى تەلىم-تەربىيە بىرىپ ، كەسىپ ئىگەللەپ ، گۇمانلارنى يەشكۈچى ›› دۇر . ئوقۇتقۇچى بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ تەسىردە ، ئوقۇتۇش پائالىيتىدە ئەزەلدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئابروي پىسخىكىسنىڭ تەسىردە ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ بىلىم ئۆگىتىشتىكى تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئوقۇتۇش مەزمۇننى چۈشۈنىشى ،   شەيئىلەرگە باھا بەرگەندە ئۆزىنىڭ بىلىشىنى ئۆلچەم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ، بۇ بىرخىل پىسخىكا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ، تەشەببۇسكارلىقى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىسىز ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتچۇقىنى بىلىمنىڭ مەبۇدىسى دەپ قاراپ قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىشى ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرماسلىقى ئۇلارنىڭ بىلىم ئىگەللەشتىكى تەشەببۇسكارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
3- دەرىسخانا قۇرۇلمىسىدىكى توسالغۇ
     نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوقۇتقۇچى سۆزلەش ، ئوقۇغۇچىلار ئاڭلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ، ئوقۇتۇش ئۇچۇرى تاق لىنىيە بىلەن يەتكۈزۈلمەكتە . نىسبەتەن ياخشىلىرىمۇ پەقەت تاق لىنىيلىك ئالاقە بويىچە ئوقۇتقۇچى سورايدۇ ، ئوقۇتقۇچى جاۋاپ بىرىدۇ ، ئوقۇتۇش ئۇچۇرى ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئوقۇغۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4- ئوقۇتۇش پىسخىكىسىدىكى توسالغۇ
   ئوقۇتۇشتا ھەمشە ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ‹‹ مىنىڭ چۈشەندۈرگىنىم بويىچە چۈشىنىشى كېرەك ›› دەيدىغان بىرخىل خاتا تۇيغۇ بولىدۇ . ئەمەليەتتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدىغان بىلىم . ئۇچۇر ئوقۇتقۇچى يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا تەڭ كەلمەيدۇ ، بۇنىڭ ئەكسىچە ئوقۇتقۇچنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرى ئوقۇغۇچىنىڭ سوبىكتىپ تاللىشى بويىچە بولىدۇ ، ئوقۇغۇچى ئۆزىدە بار بولغان بىلىم ، تەجىربە ، ھىسيات ، پوزىتسىيە ، مۇددىئا قاتارلىق پسخىك ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىدۇ ، بۇخىل توسالغۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم ، ئۇچۇر ئىگىلىشىدىكى نۇرغۇن ئامىللاردىن تەركىپ تاپقان ئوقۇتۇش پىسخىكىسىدىكى توسالغۇلاردۇر.
   قىسىقىسى ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئوقۇتۇش سەنئىتى ، ماھارىتى كۈچەيتىش ئارقىلىق چارە-ئاماللارنى تىپىپ چىقىپ ، يۇقىردا بايان قىلىنغان دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدىكى تۆت چوڭ توسالغۇنى يىڭىپ ، دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش