كۆرۈش: 114|ئىنكاس: 0

ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


قانداق قىلغاندا ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ
(تۇرغۇن مامۇت)
ھەر بىر سائەتلىك ئوقۇتۇشنىڭ نىشانى بولسا شۇ دەرسنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ بىلىمگە ئىرىشتۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قابىليتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت .
بۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىگە دىققەت قىلشىمىز كېرەك :
1.        دەرس تەييارلىق قىلىش .
دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئەتراپلىق ،ئەستايىدىل دەرس تەييارلاش لازىم .بولۇپمۇ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشدا ،ھەر بىر سائەتلىك دەرسكە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالى شۇ سائەت دەرسىنىڭ ئۈنۈمگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەرس تەييارلىق قىلغان ۋاقىتتا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىشىمىز ،دەرستىن سىرتقى ماترياللارنى كۆپرەك كۆرشىمىز، كۆپرەك ئانالىز قىلشىمىز .دەرس مەزمۇننى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز ،ئاۋۋال قايسى مەزمۇننى،ئاندىن قايسى مەزمۇننى سۆزلەشنى ياخشى ئويلىشىمىز لازىم .
ئەگەر بىر مۇئەللىمنىڭ ماتېماتىكا بىلىمى ئىنتايىن كۆپ ،ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ لېكىن دەرسكە ياخشى تەييارلىق قىلمىسا ،ئەستايىدىل بولمىسا، بۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ مۇۋاپپىقيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
2.        يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش .
ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسكە ئوڭۇشلۇق باشلاپ كىرىش بولسا بۇ بىر سائەتلىك دەرسنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى .
ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى لايىھەلىگەن ۋاقىتتا ،شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئالاھىدىلكىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇللار بىلەن باشلاپ كىرىش لازىم ،يۇمۇرلۇق, ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىپ ئوقۇچىلار دىققىتىنى جەلپ قىلغان ۋاقىتتا شۇ سائەتلىك دەرسنى مۇۋاپپىقيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغىلى ،دەرسخانا ئىنتىزامىنى كونىترول قىلغىلى ،كۆڭلىمىزدىكى نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىدىغان خىلمۇ خىل ئۇسۇللار :
(1)        ئەسكەرتمە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن باشلاپ كىرىش
(2)        ئوقۇغۇچىلارغا دەرسنىڭ تىمىسنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشلاپ كىرىش
(3)        مەلۇم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ساۋاقداشلارغا تەپەككۇر قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشلاپ كىرىش
(4)        ئالدىنقى سائەتلىك مەزمۇنلارنى تەكرار قىلىش ،ئەسلتىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
3.        دەرس ئۆتۈش
ئوقۇتقۇچى ئىللىق تەبەسسۇمى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە سىڭىپ كىرىش دەرسخانا ئوقۇتۇشدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل .نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانغا مول ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى ئېلىپ كىرگەن ،ھەر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرنى قوللانغان بولسىمۇ ،ئەمما ئوقۇتۇش ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇتۇشنىڭ نىشانى چوڭلارنىڭ تەپەككۇرى بويىچە بولۇپ قالغان بولۇپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كەلمىگەن :
(1 ) دەرس سۆزلىگەن ۋاقىتتا ماتېماتىكىلىق تىللارنى ئىشلىتىش كېرەك .
ماتىماتلىك تىل بولسا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى  بىر خىل تىل  ،ئەمما ئۇ  تۇرمۇشىمىزدىكى باشقا تەبىئىي تىللار بىلەن ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن : كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىر دائىم « بىر يۈەنلىك تەڭگە پۇلنى چەمبەر شەكىللىك » دەيمىز ،لېكىن ماتېماتىكا نوقىتىسدىن قارىغاندا  بىر يۈەنلىك تەڭگە پۇل سىلىنىدىر شەككىلىك جىسىمدۇر ،شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرسخاندا « قايسى جىسىملاردا چەمبەر بار ؟ ،بىر يۈەنلىك تەڭگە پۇلدا چەمبەر بار» دېيىش كېرەك ،« قايسى جىسىملار چەمبەر شەكىللىك دەپ سوراشقا بولمايدۇ. بۇ ماتىماتىنىڭ قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ،
شۇڭا ماتىماتلىك تىل ،كۈندىلىك قوللىنىدىغان تىلغا قارىغاندا تېخىمۇ توغرا ،تېخىمۇ ئاددي ،تېخىمۇ ئابستىراكىت بولىدۇ. ئۇ بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدىكى ئابىستىراكىتنى كەسپى تىل ،بەلگە ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئاساس قىلغان ئالاھىدە بىر خىل تىل ھېسابلىنىدۇ.
(2)ماتىماتىلىق نۇقتىسىدىن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش .
دەرس ئۆتكەن ۋاقىتتا ماتېماتىكا دەرسىنى ھېكايە سۆزلىگەندەك ئۆتۈشكە بولمايدۇ،
(3) تاكتىكىغا دىققەت قىلىش لازىم .
ئەگەر مۇئەللىمدە ھەر خىل تاكتىكا بولسا ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ دەرس سۆزلىگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
(5)        ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك .
ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل .
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى - كەسپى بىلىم قابىلىيىتى، ئىپادىلەش قابىليتى ... قاتارلىق كۆپ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4.        ئوقۇغۇچىنى ماتىما دەسكە قىزىقتۇرۇش .
ئەگەر بىر ئادەم بىر نەرسىگە قىزىقسا ( ياكى بىر ئىشقا ) ،بۇ ئادەم دائىم بۇ نەرسگە ( ئىشقا ) مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىدۇ.
ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا دەرسگە قىزىقسا بۇ ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا دەرسدە ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر قىلىدۇ. ئەستايىدىل تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ. بوش ۋاقتى بولسىلا ماتېماتىكىغا مۇناسۋاتلىك ماتېرىيال كۆرىدۇ. شۇڭا بىز بارلىق كۈچىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسگە بولغان قىزقىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك .
(1)        ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىش ،ئىلھاملاندۇرۇش ؛
ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىشى  يېتەرلىك بولمىسا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ماتېماتىكىغا قىزقىشغا تەسىر كۆرسىتدۇ. دەرس سۆزلىگەن ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى كىتابتا نېمە بولسا شۇنى سۆزلىمەي قانداق ياخشى ئۇسۇل بولسا قوللىنىش كېرەك.
بىر سىنىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ سەۋىيەسى بىردەك بولمايدۇ، بەزىللىرىنىڭ يۇقىرى بولىدۇ، بەزىللىرنىڭ تۆۋەنرەك بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ،ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشگە ياردەم بېرىش ،ماتېماتىكىغا قىزقىشىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
(2)        ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى ،بىلمى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى؛
ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى ،كىيگەن كىيىمى ،تازىلىق ،يۈرۈش تۇرۇشى،گەپ سۆزى ،ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش ... قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى مەلۇم دەرىجىدە ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى ياخشى، كيىم كىچىكى رەتلىك پاكىز ،ئوقۇغۇچىلارغا كۆينىدىغان بولسا ئوقۇغۇچى تەبئىيلا شۇ ئوقۇغۇچىنى ھۆرمەتلەيدۇ ھەمدە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزىردىن چۈشۈپ كېتىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ دەرسخانا ئىنتىزامى ياخشى بولىدۇ، ئەستايىدىل دەرس ئاڭلايدۇ، تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ ئوقۇتقۇچى ئۆتكەن دەرسكە نىسبەتەن قىزقىشى پەيدا بولىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچى شۇ ئوقۇتقۇچىنى بىر ئۆمۈر ئەسلەيدۇ.
ئەگەر بىر ئوقۇتقۇچىنى ساپاسى ،يۈرۈش تۈرۈشى ، ئەخلاقى ياخشى بولمىسا ئوقۇغۇچى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئۆگىنىشىنى خالىمايدۇ.
بىلىم : ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئۆتكەن دەرسكە بۈلغان بىلىمى مۇكەممەل بولمىسا ئوقۇغۇچىلار بۇ ئوقۇتقۇچىنى ياراتمايدۇ. بۇمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسگە قىزىقماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەرسكە مەزمۇنىغا پىششىق بولۇش بىلەن پششىق بولغان مەزمۇننى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش ئىككىسى ئىككى ئىش ،بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولسا ئەڭ ياخشى تەسۋىرلەش ، بايان قىلىش ،سۆزلەش ،چۈشەندۈرۈش ،مودېل ،سايمان قاتارلىق ئۈنۈمى ياخشى بولغان  ئۇسۇللار ئارقىلىق دەرس مەزمۇننى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش دېگەنلىكتۇر .ئەگەر بىر مۇئەللىمنىڭ كەسپى بىلىم سەۋىيەسى مول ،ئەدەپ -ئەخلاقلىق ،كەسپى ساپاسى ،كەسپى ئەخلاقى ئىنتايىن ياخشى بولغان بولسىمۇ ئەمما ياخشى بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولمىسا كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇتۇش نىشانىغا يەتكىلى بولمايدۇ.
5.        دوسكا باشقۇرۇش ۋە دوسكا خېتى
(1)        سائەتلىك دەسىنىڭ دوسكا لاھيسى بىلەن ئوقۇتۇش لاھىيەسى ئەتراپلىق لاھيىلىنىشى كېرەك .
بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىگەن دەرسى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ ئەمما دوسكا باشقۇرۇشقا سەل قارايدۇ، دوسكىنىڭ خالىغان يېرىگە خەت يازىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىڭ سىستېمىلىق،مۇكەممەل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،ئوقۇتۇش ئۈنۈمگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلىغان ۋاقىتتا ،ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇقۇم ئېنقىلما ،فورمۇلا قاتارلىق مەزمۇنلارنى قەيەرگە ،قانداق يېزىش ،مىسالنى نەگە يېزىش ،قانداق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىش ،رەسمىنى نەگە سىزىش،نىسپەت چوڭ كىچىكلىرىنى قانداق تەڭشەش ،ئوقۇغۇچىلار مەشىقىنى دوسكنىڭ قايسى تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئوبدان لاھيلەپ دەرسخانغا كىرش لازىم .
(2)        ئوقۇتقۇچى دوسكىغا خەت يازغاندا توغرىلىقغا ،ئۆلچەملىكلىكىگە ،رەسىملىرىنىڭ توغرابولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ،بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارمۇ توغرا ،سۈپەتلىك خەت يېزىشقا ئادەتلىنىپ ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئاساسىنى ياخشى تۇرغۇزالايدۇ .
(3)        دوسكا لاھىيسىى كىتابتىكى پۈتۈن مەزمۇنلارنى  ئاددىي ،تەرتىپلىك ،سىستېمىلىق ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىم  قىيىن نوقىتىلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك. شۇڭا دوسكىغا يازغان مەزمۇنلار بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولماسلىقى لازىم .
(4)        ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ماتىماتىلىق بەلگىلەر ،شەكىللەرنىڭ توغرىلىق تەلىپى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ،ئوقۇتقۇچىنىڭ يازغان خەتىلرى توغرا ،رەتلىك ،چىرايلىق ،چوڭ كىچىكلىكى مۇۋاپىق ،مەسىلە يېشىش قەدەم باسقۇچلىرى تولۇق ،كۆرسەتمىلەرنىڭ  توغرا بولۇش ...قاتارلىق تەرەپلەرگە بولغان تەلەپمۇ يۇقىرى .
بەزى ئوقۇتقۇچىلار مىسالنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسگىلا كۆڭۈل بولىدۇ. شەرت ،تەلەپ قەدەم باسقۇچلىرىغا سەل قاراپ بۇ قەدەم باسقۇچىلارنى دوسكىغا ئەستايىدىل رەتلىك ئىپادىلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇچىلارمۇ مەسىلە يىششتە بۇ نۇقتىلارغا سەل قارايدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل ئادەتلەر ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
6.        مەشىقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ،تاپشۇرۇق بېرىش ،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش.
ئادەتتە سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى مۇستەھكەملەش ،ئۆتۈلگەن ئۇقۇم، فورمۇلاردىن قانداق پايدىلىنىش، قانداق ۋاقىتتا ئىشلىتىش ،قانداق ۋاقىتتا ئىشلەتمەسلىك ئۈچۈن مەشىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
مەشىق ئورۇنلاشتۇرغاندا  ،مەشىق ئىشلىگەندە ،ھەر بىر مەشىق سوئاللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرى ئىگىلىگەن مەزمۇنلارنى مۇستەھكەملىيەلەمدۇ ، يوق دېگەن مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئويلنىش كېرەك. ھەر بىر سوئالنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىلگىرى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ئويلىش ،قول سېلىپ ئىشلىشىگە ۋاقىت بېرىش ئاندىن مەسىلىنى يېشىپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىغا چىقىرىپ ئۆزىنىڭ يىشپ چىقىش ئۇسۇللىرىنى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرگۈزۈش، ئەڭ ئاخىردا خۇلاسە قىلىش شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمنى  ئۈستۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ساۋاقداشلىرى سۆزلىگەن مەزمۇننى مۇئەللىملىرى سۆزلىگەندىن بەكرەك ياخشى چۈشىنەلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا دوسكىغا چىقىپ چۈشەندۇرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاكتىپچانلىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىش ،ئانالىز قىلىش ،يېڭىلىق يارىتىش ئادەتلىرىنى يتىلدۈرەلەيدۇ، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى بارا بار ئۆستۈرگىلى بولىدۇ .
مەشىق سوئاللىرى ئورۇنلاشتۇرغاندا ھېسابلاش جەريانلىرى مۇرەككەپ ،قەدەم باسقۇچلىرى كۆپ زور كۈچ سەرپ قىلىدىغان سوئاللارنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق لازىم ،بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزار بولشىدىغان ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئادەتتە بىر سوئال چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق شۇ سائەتتە سۆزلىگەن مەزمۇن ،ئۇقۇم ،فورمۇلا ،ئىنقىلىمىلالارنى خۇلاسىلىگىلى بولىدۇ.
تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەخستە ئۆتۈلۈپ بولغان مەزمۇنلارنى مۇستەھكلەملەش ،كېيىنكى بىر سائەتلىك دەرسكە ياخشى تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت .تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرغاندا مۇۋاپىق بولۇش ،بەك كۆپ ۋە بەك ئاز بولماسلىق لازىم .
تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ماتېماتىكا ئوقۇتۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
7.        ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش
ئوقۇتقۇچى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ،باراۋەر كۆڭۈل بۆلىشى لازىم .بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنشتە ياخشى بولغان ئوقۇغۇچى بىلەن ئۆگىنشتە ناچار ئوقۇغۇچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئاقىۋەتتە، ئۆگنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بارغانسرى كۆتۈرۈلدىغان ،ئۆگىنىشتە ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىشنى نەتخىسىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ،ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ سۇسلىشىپ كېتىدىغان  يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش