كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 0

تۇنجى قۇڭغۇراق ئاۋازى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۆتىنچى قىسىم

تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى

☆ مەزمۇنى:
بۇ تېكىست بىر پارچە تارىخىي ھېكايە بولۇپ، يازغۇچى تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ «ئايخان» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان. ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىرى ئىچىدىكى قەيسەر ئايال ئايخان ئانىنىڭ مائارىپىمىزغا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا، يېتىم- يېسىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆيۈنۈشتەك ئالىيجاناپ روھى سۆزلەنگەن.
☆ ئەخلاق تەربىيە نىشانى:
تېكىستنى ئوقۇش ئارقىلىق باشقىلارغا مېھرى- مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى بىلىۋېلىش.
        كۆرسەتمە: ئاسما رەسىم، كىچىك دوسكا، كارتا.

بىرىنچى سائىتى
مۇھىم نۇقتا: تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇپ مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىش.
قىيىن نۇقتا:  سۆز مەنىلىرىنى چۈشىنىپ، ئىشلىتىشنى بىلىش.

ئۆگىنىش نىشانى        ئۆگىنىش ئۇسۇلى
1. تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
2. يېڭى سۆزلەرنى بىلىۋېلىش ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
3. «ئايخان» ئانا بىلەن تونۇشۇۋېلىش.         1. مۇستەقىل، ھەمكارلىشىپ ئوقۇش.
2. سۆزلەرنى چۈشىنىش، ئەستە ساقلاش.
3. سۆزلەرنى توپلاشنى بىلىش.
4. سۆزلەش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
1. تېمىنى ئېچىپ بېرىش: ئوقۇغۇچىلار سىلەر «تۇنجى» دېگەن سۆزنى چۈشىنەمسىلەر؟
بۇ رەسىمدىكى ئايالنى تونۇمسىلەر؟ مەن سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ قوياي. (ئايخان ئانا ھەققىدە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرىش)
2. ئوقۇپ چۈشىنىش:
① تېكىستنى تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن ئۈلگە قىلىپ ئوقۇش.
② تېكىستنى ئۆز ئالدىغا ئىختىيارىي ئوقۇپ ئابزاسلارغا ئايرىپ چىقىشقا تەشكىللەش؛
③ تۆت ئابزاسنى تۆت ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشقا يېتەكلەش؛
④ كىچىك گۇرۇپپىلاردا ھەمكارلىشىپ تېكىسىتتىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقىش؛
⑤ گۇرۇپپا ۋەكىللىرى يېڭى سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كوللېكتىپ مۇزاكىرىلىشىپ مەنىسىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش؛
⑥ بۇ سۆزلەرنىڭ خالىغان بىرىگە ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارىي جۈملە تۈزگۈزۈش.
⑦ پارتىداشلار ئارا ھەمكارلىشىپ ئوقۇپ، تېكىستكە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش.
3. سۆزلەرنى چۈشىنىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش.
4. چۈشىنىپ ئوقۇش ئەھۋالىنى سىناپ، سوئال سوراش، بۇ تېكىستتە نېمىلەر سۆزلەنگەن؟
5. دىئالوگلارنى پەرقلەندۈرۈپ ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى سىناش.
6. ئۆزى ياقتۇرغان ئابزاسنى كۆچۈرۈپ يېزىش.        
تالىشىپ جاۋاب بېرىش.
دىققەت بىلەن ئاڭلاش.


ئايخان ئانىغا بولغان ھۆرمىتى قوزغىلىش.
ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىش.
ئۆزلىرى خالىغان ئۇسۇلدا ئوقۇش.
ئايرىم- ئايرىم باھالاش.
ھەمكارلىشىپ ئوقۇش.
بىرلىكتە تېپىش.
ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ـــ
ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەشكىلاتى.
قاتاڭغۇر ـــ ئورۇق، جانسىز.
پىداكار ـــ ئۆزىنى بېغىشلىغان.










مۈشكۈل ـــ قىيىن.
ئوقۇغۇچىلار ئاڭلاپ باھالاش.
ئايخان ئانىنىڭ ئىش- پائالىيىتىنى سۆزلەش.
ئوقۇتقۇچى باھالاش.
پارتىداشلار ئارا باھالاش.
تاپشۇرۇق:
1. ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلىشنى ئۆگىنىپ كېلىش.
2. «ئايخان» ئانا ھەققىدە ماتېرىيال توپلاپ كېلىش.
[دوسكا لايىھىسى]
تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى
          ↓
دەسلەپكى
[دەرسكە دائىر مەشىقلەر]
بۇ سۆلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋالايلى:
ئاقارتىش           ئۇيۇشما
قاتاڭغۇر            قەيسەر
پەننىي             مەكتەپ
پىداكار             ھاياجان
ۋۇجۇد
ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ باقاي:
☆ چىرايى ئېچىلىپ كەتكەن ھۈسەيىن ئەپەندى ئورنىدىن دىككىدە تۇرۇپ كەتتى.
☆ قوڭغۇراق ساداسىدىن ھاياجانلانغان ئايخان ئانىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئىختىيارسىز جۇغۇلداپ كەتتى.

ئىككىنچى سائىتى
مۇھىم نۇقتا:  ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ۋە مېھرى- مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى بىلىۋېلىش.
قىيىن نۇقتا: تېكىستتىكى چوڭقۇر ئىدىيىۋى- ھېسسىياتنى چۈشىنىش.
ئۆگىنىش نىشانى        ئۆگىنىش ئۇسۇلى
1. تېكىستنى ھېسسىياتلىق ئوقۇش ئارقىلىق تېكىستتىكى ئىدىيىۋى- ھېسسىياتنى چۈشىنىش.
2. «ئايخان» ئانىنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالىيجاناپ روھىنى چۈشىنىۋېلىش.
3. باشقىلارغا مېھرىي- مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى، ياردەم بېرىشنى بىلىۋېلىش.       

1. ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
2. چۈشىنىپ سۆزلەش.
3. ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
1. «ئايخان» ئانىنىڭ رەسىمىنى دوسكىغا چاپلاپ، ئىش- پائالىيەتلىرىنى سۆزلىتىپ، دەرسنى ئەسلەپ ئۆتۈش.
2. تېكىستنى ھېسسىياتلىق ئوقۇتۇش.
3. ئۆزى خالىغان ئابزاسنى ئوقۇتۇپ، نېمىنى ھېس قىلغانلىقىنى سۆزلىتىش.
4. ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەش (كىچىك گۇرۇپپىلاردا مەسلىھەتلىشىپ، ئاندىن ئوتتۇرىغا قويغۇزۇش).
5. يۇقىرىقى سوئاللار ئاساسىدا تەھلىل ئېلىپ بېرىش: ① ئەڭ ئاخىرقى ئابزاسنى كوللېكتىپ ھېسسىياتلىق ئوقۇتۇش؛
② «تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى» بىلەن «ئايخان ئانا» ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى چۈشەندۈرۈش؛
③ ئەتراپىمىزدا مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان كىشىلەردىن كىملەرنى بىلىسىلەر؟ دەپ مۇنازىرىگە تەشكىللەش.
6. چۈشەنچىسىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش: ① ئۆزلىرى توپلاپ كەلگەن «ئايخان» ئانا ھەققىدىكى ماتېرىياللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاقلىشىش.
② ساۋاقداشلار ئارا كۆڭۈل بۆلۈشكەن ئىشلىرىنى سۆزلىتىش.
③ ئوقۇغۇچىلارغا «كىم ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، شۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇش» كېرەكلىكى ھەققىدە ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىش.         ئىختىيارى سۆزلەش.
باھالاش.
كىچىك گۇرۇپپىلاردا ئۆز چۈشەنچىسىنى سۆزلەش.
بىر قىسىم سوئاللارنى قويۇش:
① «تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى» نېمىگە قارىتىلغان؟
② ئايخان ئانا نېمە ئۈچۈن ياش تۆكىدۇ؟
③ ئايخان ئانىدەك ئاياللار ھازىر بارمىدۇ؟
چوڭقۇر ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى چۈشىنىش.
ئايخان ئانىنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىگە مەدھىيە ئوقۇش.
نۇرتاي ھاجىم، رادىل ئابلا، كېرەم ئىمىن، غېنى ھاجىم، زەكىيە خانىم...






ئۆزلىرىنىڭ بۇ قەيسەر ئايالدىن تەسىرلىنىش ھېسسىياتىنى سۆزلەش.
مىسال ئېلىپ سۆزلەش.
ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە ئۆز ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش.
تاپشۇرۇق:
كۆنۈكمىنىڭ 2- تەلىپىنى ئورۇنداش.




دېرىزە سىرتىدىكى «ئوقۇغۇچى»

☆ مەزمۇنى:
بۇ بىر شەخس توغرىسىدا يېزىلغان ھېكايە بولۇپ، تېكىستتە ئۇيغۇريېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى، كومپوزىتور، شائىر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىلىم ئېلىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى ھەمدە ۋەتەن، خەلققە بولغان مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن.
☆ ئەخلاق تەربىيە نىشانى:
ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش. ھازىرقى شارائىتنىڭ قەدرىگە يېتىش.  
        كۆرسەتمە: ئاسما رەسىم، كىچىك دوسكا، كارتا.

بىرىنچى سائىتى

مۇھىم نۇقتا: تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش ئاساسىدا دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىش.
قىيىن نۇقتا:  يېڭى سۆز- ئاتالغۇلارنى چۈشىنىپ، جايىدا قوللىنىش.

ئۆگىنىش نىشانى        ئۆگىنىش ئۇسۇلى
1. تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
2. بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن سۆز توپلاش.        1. مۇستەقىل، ھەمكارلىشىپ، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش.
2. ئوقۇش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
1. تېمىنى ئېچىپ بېرىش: ساۋاقداشلار بىز قەيەردە دەرس ئاڭلايمىز؟
سىلەر دەرس ئاڭلىغۇچە قىينىلامسىلەر؟
سىلەر دېرىزە سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىنى كۆرگەنمۇ؟ (مەن سىلەرگە بۇ ئوقۇغۇچىنى كۆرسىتىپ كېلەي بولامدۇ؟)
2. تېما دوسكىغا يېزىلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن «ئوقۇغۇچى» دېگەن سۆز قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان؟
(بىز بۇنى بىرلىكتە تېكىستنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەل قىلايلى.)
3. تېكىستنى ئوقۇپ چۈشىنىش:
① تېكىستنى مۇستەقىل ئوقۇش ئارقىلىق ۋەقەلىك بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا يېتەكلەش.
② مەمتىلىنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇش ئاساسىدا شەخسلەر بويىچە بۆلۈپ ئوقۇتۇش.
③ پارتىداشلار ئارا ھەمكارلىشىپ ئوقۇپ، مەمتىلىنىڭ بىلىم ئىزدەش روھى ئىپادىلەنگەن جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا سىزدۇرۇش.
④ تېكىستنى روللارغا بۆلۈنۈپ، ھېسسىياتلىق ئوقۇشقا ئاساس سېلىش ئۈچۈن، بۇ سائەتتە دېئالوگلار بويىچە پېرسوناژلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشنى كىچىك گۇرۇپپىلاردا ئۆگىنىشكە تەشكىللەش.
4. سۆزلەرنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىش:
① ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى چۈشەنمىگەن سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
② كوللېكتىپ مۇنازىرىلىشىپ چۈشىنىشكە تەشكىللەش.
③ مۇناسىۋەتلىك جۈملىلەرگە باغلاپ، تېكىستنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش.
5. ئۆزى ياقتۇرغان جۈملىنى كۆچۈرۈپ يېزىش ئارقىلىق، مەمتىلىنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى ئەستە ساقلاش.         
تالىشىپ جاۋاب بېرىش.
ياق.
بولىدۇ.
ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۈنسىز ئوقۇپ چۈشىنىش.
ئاسما رەسىمدىن پايدىلىنىش.
باھالاش.




مۇناسىۋەتلىك جۈملىلەرگە بەلگە قويۇش.
ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، دىئالوگلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇش.
سەپەر قىلىش ـــ يولغا چىقىش، يول ئېلىش.
سەپەرۋەرلىك قىلىش ـــ قوزغاش.








پۇرسەت ـــ پەيت، شارائىت.
ئىجاد قىلىش ــ كەشىپ قىلىش.
ئەل ـــ يۇرت، ۋەتەن.
نىيەت باغلاش ـــ ئىرادە باغلاش.
جۈملىلەردىكى سۆزلەرنى قوللىنىشنى بىلىش، ئىشلىتىش.
پارتىداشلار ئارا يازغىنىنى باھالاش.
تاپشۇرۇق:
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يەنە قانداق ئىشلىرى بار؟ ماتېرىيال توپلاپ كېلىش.

[دەرسكە دائىر مەشىقلەر]
☆ چۈشىنىۋېلىپ جۈملە تۈزۈپ باقاي:
سەپەر قىلىش
سەپەرۋەر قىلىش
پۇرسەت
ئىجاد قىلىش
ئەل
نىيەت باغلاش.
☆ تىنىش بەلگىلەرگە ئاساسەن جۈملە تۈزۈڭ.
                                                                       
                                                                     ؟
☆ سۆزلىيەلەيمەن ھەم تولدۇرۇپ يازالايمەن:
مەمتىلى ئەپەندى ھەقىقەتەن                                     ئىكەن،
   روھىدىن تەسرىلەندىم.
مەنمۇ

ئىككىنچى سائىتى
مۇھىم نۇقتا:  ھازىرقى شارائىتنىڭ قەدرىگە يېتىش. تىرىشىپ ئۆگىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈش.
قىيىن نۇقتا: «.»، «؟» بەلگىلىرىنى توغرا قوللىنىش.
        كۆرسەتمە: ئاسما رەسىم، كىچىك دوسكا.

ئۆگىنىش نىشانى        ئۆگىنىش ئۇسۇلى
1. تېكىستنى روللارغا بۆلۈنۈپ ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
2. «.»، «؟» بەلگىلەرنى توغرا قوللىنىشنى بىلىۋېلىش.
3. بىلىم ئېلىش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىش.        
1. روللارغا بۆلۈنۈپ ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
2. ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش.
3. چۈشىنىش.


نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
1. مەمتىلى ئەپەندى توغرىلىق قانداق ماتېرىياللارنى توپلاپ كەلدىڭلار؟
(خۇلاسىلەش)
2. تېكىستنى روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇش ئارقىلىق ۋەقەلىكنى ئەسلەشكە يېتەكلەش.
3. كىچىك گۇرۇپپىلار ئارا سوئال لايىھىلىتىش، ئوتتۇرىغا قويغۇزۇش.
4. سوئاللار ئاساسىدا تەھلىل ئېلىپ بېرىش:
① مەمتىلى بىلىم ئېلىش ئۈچۈن قەيەرگە بېرىپ، قانداق قىلدى؟
② مەكتەپ مۇدىرى نېمە دېدى؟
③ سىزنىڭچە مەمتىلى قانداق خاراكتېردىكى ئادەم؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟
④ مەمتىلىنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى ئاڭلاپ، قانداق ھېسسىياتقا كەلدىڭىز؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟
⑤ «ئوقۇغۇچى» دېگەن سۆز نېمە ئۈچۈن قوش تىرناققا ئېلىنغان؟ رەسىمنى چاپلاش، خۇلاسە قىلىش.
5. تېكىستتىكى «.»، «؟» بەلگە ئىشلىتىلگەن جۈملىلەرنى تېپىپ تەھلىل قىلدۇرۇش.
تىنىش بەلگىلەرنىڭ رولىنى ئىگىلىتىش.        

سۆزلەش.
ئوقۇش.
باھالاش.



ئوقۇتقۇچى باھالاش.
ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
گۇرۇپپا ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويۇش.
ئىختىيارىي جاۋاب بېرىش.
شۇ جۈملىنى تەھلىل قىلىش.
ئويلىنىپ جاۋاب بېرىش.
كىتابتىن ئوقۇپ بېرىش.
پارتىداشلار ئۆز ئارا مۇزاكىرە قىلىپ سۆزلەش.
ئىدىيىۋى تەربىيىگە ئىگە بولۇش.
كىچىك گۇرۇپپىلاردا تالاش- تارتىش قىلىش.
چۈشىنىش.
خالىغان بىر نەچچە جۈملىنى تېپىش.
ئۆزلىرى كىتابتىن سىرت بىر نەچچە جۈملە تۈزۈپ بېقىش.

تاپشۇرۇق:
كۆنۈكمىنىڭ 2- تەلىپىنى ئورۇنداش.
[دوسكا لايىھىسى]
دېرىزە  سىرتىدىكى  «ئوقۇغۇچى»

بۈيۈك مەقسەت بىلەن يولغا چىقتى.
تۈركىيىگە يېتىپ باردى.
             ↓
↓                پۇلى يوق، قارا خىزەمتچى بولدى.
يۈكسەك             ئۆز ئىشىنى تۈگىتىپ، دېرىزە                  ئاخىرى
پەزىلەتكە            سىرتىدا دەرس ئاڭلىدى.                     مەقسىتىگە
ئىگە مائارىپچى                    ↓                                   يەتتى.
مۇدىر ئۇنىڭدىن تەسىرلەندى.
سىنىپقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.


مەڭگۈلۈك ئەسلىمە

☆ مەزمۇنى:
بۇ بۇ بىر ئەسلىمە خاراكتېرلىك بايانى ئەسەر بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شىخوغا كېلىپ «مەن» ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىغانلىقى، پىداگوكلارغا خاس ئۇسلۇبتا بالىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئاددىي سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئىستىكىنى قوزغاپ، غايىسىنى، ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالغانلىقىدەك تەسىرلىك ۋەقە «مەن»نىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنغان.
☆ ئەخلاق تەربىيە نىشانى:
ئەخمەتجان ئەپەندىگە بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش ھەم ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆگىنىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىش.   
        ۋاقتى: ئىككى سائەت
بىرىنچى سائىتى
مۇھىم نۇقتا: تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش ۋە چۈشىنىش.
قىيىن نۇقتا: سۆز مەنىلىرىنى چۈشىنىپ، توغرا قوللىنىش.

ئۆگىنىش نىشانى        ئۆگىنىش ئۇسۇلى
1. تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
2. بىر تەرەپتىن تېكىستنى ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇش.        
1. پىششىق ئوقۇش.
2. چۈشىنىش.
3. سۆزلەرنى چۈشىنىش ئاساسىدا تېكىستنى چۈشىنىش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
1. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ساۋاقداشلار، سىلەر «ئەخمەتجان قاسىمى» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇ توغرىلىق نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟
مەنمۇ سىلەرگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي، ئاڭلاشنى خالامسىلەر؟
2. تېكىستنى ئوقۇپ چۈشىنىش:
① تېكىستنى ئالدىن ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۈلگە قىلىپ ئوقۇتۇش؛
② ئۆز ئالدىغا ئىختىيارىي ئوقۇپ، ۋەقەلىك بىلەن تونۇشۇپ چىقىش؛
③ كىچىك گۇرۇپپىلاردا ھەمكارلىشىپ ئوقۇپ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بالىلارغا كۆيۈنىدىغان، بالىلارنى سۆيىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلىشقا يېتەكلەش؛
④ پارتىداشلار ئارا مۇزاكىرىلىشىپ ئوقۇپ، ئۆزى ئەڭ ياقتۇرغان ئابزاس ۋە مۇھىم جۈملىلەرنى تېپىپ چىقىشقا تەشكىللەش، يېڭى سۆزلەرنى ئىگىلىتىش؛
⑤ ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان مەزمۇنلار ئۈستىدە گۇرۇپپا ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلەش.        

يېڭى سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىش ۋە تېپىپ چىقىش.
① مەمنۇن بولۇش ـــ رازى بولۇش
② تەبەسسۇم ـــ كۈلۈمسىرەش.
③ ئېنژىنېر ـــ لايىھىلىگۈچى.
④ ئۈچ ۋىلايەت ـــ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي.
كىچىك گۇرۇپپىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش.
تالىشىپ جاۋاب بېرىش.
رەسىمنى چاپلاش.
ئىش- ئىزلىرىنى ئاڭلاش.
ئەستە ساقلاش.
كۆپچىلىك ئاڭلاپ باھالاش.
ئەستايىدىل ئوقۇش.
ئاڭلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەش.
تاپشۇرۇق:
1. ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان جۈملىلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىش.
2. ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ماتېرىيال توپلاپ كېلىش.
[دوسكا لايىھىسى]
مەڭگۈلۈك ئەسلىمە
              
                               ↓
1947- يىلى ئۆكتەبىر
«مەن» ئەخمەتجان ئەپەندىنى
تاھازىرغىچە ئەسلەيدۇ.
         ↓
بولسا ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

[دەرسكە دائىر مەشىقلەر]
☆ ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا يەنە قانداق سۆزلەرنى قويۇشقا بولىدۇ؟
1) ئەخمەتجان ئەپەندى خۇش تەبەسسۇم بىلەن قارىدى.
2) ئۇنىڭ ئىلھامبەخش سۆزلىرى قەلبىمىزگە ئورناپ قالدى.
3) ئۇ بىزگە مەمنۇنلۇق بىلەن قارىدى.

ئىككىنچى سائىتى
مۇھىم نۇقتا: تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىش، يېزىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش.
قىيىن نۇقتا: بىرەر ئىشنى ئەسلەپ يېزىشنى ئۆگىنىش.

ئۆگىنىش نىشانى        ئۆگىنىش ئۇسۇلى
1. تېكىستنى ھېسسىياتلىق ئوقۇپ، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى چۈشىنىش.
2. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئېسىل روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىۋېلىش.
3. تېكىستنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، بىرەر ئىشنى ئەسلەپ يېزىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش.        
1. ئوقۇش.
2. سۆزلەش.
3. چۈشىنىش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
1. ساۋاقداشلار ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە قانداق ماتېرىيال توپلاپ كەلدىڭلار؟
2. تېكىستنى ھېسسىياتلىق ئوقۇتۇش.
3. سوئاللار ئاساسىدا تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلەش:
① ئەخمەتجان ئەپەندى «ئىككى كەررە ئۈچ» بىلەن «ئۈچ كەررە ئىككى»نىڭ ئوخشاشلىقىنى قانداق قىلىپ ئوڭايلا چۈشەندۈرۈپ قويدى؟
② بالىلارنىڭ ئورنىدا سىلەر بولغان بولساڭلار ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ «بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالىغا قانداق جاۋاب بېرەتتىڭلار؟
③ بالىلار ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ نېمە ئۈچۈن بىر ھازاغىچە ئۆزىنى باسالماي قالىدۇ، شۇ چاغدا بالىلار نېمىلەرنى ئويلىغاندۇ؟
④ «مەن»نىڭ ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى «مەڭگۈلۈك ئەسلىمە» دېيىشىدىكى سەۋەب نېمە؟
4. ساۋاقداشلار «مەن» ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىر ئىشنى ناھايىتى تەسىرلىك يېزىپ چىقىپتۇ. ئائىلىدە، مەكتەپتە ياكى مەھەللىدە سىزدىمۇ مۇشۇنداق تەسىر قالدۇرغان، ھازىرغىچە ئېسىڭىزدىن چىقمايدىغان ئىشلار بولغانمۇ؟ كىم سۆزلەپ بېرەلەيدۇ؟        
كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش.

ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى چۈشىنىش.





ئىختىيارىي جاۋاب بېرىش.
پارتىداشلار ئارا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، جاۋاب بېرىش.
كىچىك گۇرۇپپىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش.
ھېس قىلغىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.







ئۆزى ئەستە ساقلىغان تەسىرلىك ئىشلىرىنى سۆزلەش.
تاپشۇرۇق:
تەسىرلىك ئىشلىرىدىن بىرەرنى ئەسلەپ بىر پارچە يېزىش.

[دوسكا لايىھىسى]

مەڭگۈلۈك ئەسلىمە
                                          ↓
1947- يىلى ئۆكتەبىر
«مەن» 2- سىنىپتا ئوقۇيتتى.
ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن
سۆزلەشتى.
               ↓
ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھاياجانلاندى.
ھۆرمەت ھېسسىياتى قوزغالدى.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:

مەن، بۇ سائەتلىك دەرستە ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ بالىلارنى سۆيۈش، بالىلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش روھى، بالىلاردىن سوئال سوراش، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىش جەھەتتىكى ماھىرلىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى چۈشىنىش ئاساسىدا سۆزلەشكە يېتەكلىدىم. ئۇلارنى ئۆز تەسىراتىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە رىغبەتلەندۈردۈم.
ئاخىرىدا تېكىسنتىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنى «مەن»گە ئوخشاش ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىرەر ئىشنى سۆزلەپ بېقىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، بىرەر پارچىنى ئەسلەپ يېزىشى ئۈچۈن ئاساس سالدىم. ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئارزۇلىرىنى سۆزلىتىپ باققان بولسام، ئۈمىدۋارلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرالىغان بولاتتىم.
[دەرسكە دائىر مەشىقلەر]
سۆزلەرنى چۈشنىۋالدىم:
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ـــ
تەبەسسۇم ــــ
ئىلھامبەخىش ــــ
مەمنۇن ــــ
ئىنژىنېر ــــ
ئەزىمەت ــــ
ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي.
كەلگۈسۈم ھەققىدىكى ئارزۇيۇمنى سۆزلەپ بېرەي.


مايمۇننىڭ دەرەخ تىكىشى

☆ مەزمۇنى:
بۇ تېكىست بىر مەسەل بولۇپ، ئۇنىڭدا سەۋىر-تاقىتى يوق بىر مايمۇننىڭ دەرەخ تىكمەكچى بولۇپ، «ئۇنى يۇلۇپ، بۇنى تىكىپ، بۇنى تىكىپ، ئۇنى يۇلۇپ» ئاخىرى بىر تۈپ كۆچەتنىمۇ ئەي قىلالمىغانلىقى سۆزلەنگەن.  
☆ ئەخلاق تەربىيە نىشانى:
بىرەر ئىش قىلغاندا سەۋر- تاقەتلىك بولۇش، مۇستەقىل كۆز قارىشى بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش تەربىيىسىگە ئىگە بولۇش.  
        كۆرسەتمە: ئاسما رەسىم، كىچىك دوسكا.
        ۋاقتى: ئىككى سائەت

بىرىنچى سائىتى
مۇھىم نۇقتا: تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
قىيىن نۇقتا:  روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇش.

ئۆگىنىش نىشانى        ئۆگىنىش ئۇسۇلى
1. تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
2. روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇش.
3. جۈملە شەكىللىرىنى چۈشىنىۋېلىش.         1. مۇستەقىل، ھەمكارلىشىپ، روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇش.
2. چۈشىنىش ۋە توغرا قوللىنىش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
1. تېمىنى ئېچىپ بېرىش.
ساۋاقداشلار سىلەر مايمۇننىڭ دەرەخ تىككەنلىكىنى كۆرگەنمۇ؟ مەن سىلەرگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي. تېمىنى دوسكىغا يېزىش.
2. تېكىستنى ئوقۇپ چۈشىنىش:
① ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن ئوقۇپ كەلگىنىگە ئاساسەن ئۈلگە قىلىپ ئوقۇتۇش؛
② ئۆز ئالدىغا ئىختىيارىي ئوقۇپ، مايمۇننىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىش؛
③ پارتىداشلار ئارا پېرسوناژلار خاراكتېرىنى پەرقلەندۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئوقۇتۇش؛
④ كىچىك گۇرۇپپىلاردا روللارغا بۆلۈنۈپ ھېسسىياتلىق ئوقۇشقا تەشكىللەش؛
⑤ ھەر بىر گۇرۇپپىدىن ۋەكىل تاللاپ، روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش.
3. جۈملە شەكلىنى ئىگىلىتىش.
كىچىك دوسكىدا «نەشپۈت بەش يىلدا، ئۆرۈك تۆت يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ دېگەن جۈملىنى ئوقۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى سۆزلەشكە تەشكىللەش.
4. ئۆزى ياقتۇرغان پېرسوناژنىڭ سۆزىنى كۆچۈرۈپ يېزىش.        



دەرسكە قىزىقىپ دىققەت بىلەن ئاڭلاش.
باھالاش.







ئەستايىدىل چۈشىنىپ ئوقۇش.
ھەمكارلىشىپ ئوقۇش.
ئۆزلىرى خالىغان رولنى ئېلىپ ئوقۇش.
ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە باھالاش.
«                              ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ » دېگەن جۈملە شەكلىنى چۈشىنىپ، سوئال جۈملە تۈزۈش.
پارتىداشلار ئارا باھالاش.
تاپشۇرۇق:
تېكىستنى قايتا بايان قىلىشنى ئۆگىنىپ كېلىش.
[دوسكا لايىھىسى]
مايمۇننىڭ دەرەخ تىكىشى


نەشپۈت كۈچىتى تىكتى.
ئۆرۈك كۆچىتى تىكتى.
شاپتۇل كۆچىتى تىكتى.
گىلاس كۆچىتى تىكتى.

بىرىنىمۇ ئەي قىلالمىدى.

[دەرسكە دائىر مەشىقلەر]
★ مايمۇن ئۇنى (       )، بۇنى (         )، بۇنى (         )، ئۇنى (       ) يىللارنى ئۆتكۈزۈپتۇ، ئەمما بىر تۈپ كۆچەتنىمۇ (          ).
★ تېكىستتىكى سوئال جۈملىلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىڭلار.
★ تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن روللارغا بۆلۈنۈپ ئويناپ باقايلى!

ئىككىنچى سائىتى
قىيىن نۇقتا:  تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىش، مايمۇننىڭ خاراكتېرىنى ئىگىلەش.
مۇھىم نۇقتا:  تېكىست مەزمۇنىنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش.
ئۆگىنىش نىشانى        ئۆگىنىش ئۇسۇلى
1. پىششىق ئوقۇپ تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىش.
2.سوئاللار ئاساسىدا تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىش.
3. سەۋر- تاقەتلىك بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش.        
1. ئوقۇش.
2. سۆزلەش.
3. ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
1. ساۋاقداشلار ئېكراندىكى رەسىمنى كۆزىتىپ، مايمۇننىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار.
سىلەر مايمۇننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالامسىلەر؟
2. تېكىستنى ھېسسىياتلىق ئوقۇتۇش (پېرسوناژلار خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ ئوقۇتۇش).
3. كىم تېكىستنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ باقىدۇ؟
4. ئابزاسلار بويىچە مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش:
① مايمۇن نەشپۈت كۆچىتىنى نېمە ئۈچۈن پەرۋىش قىلدى؟
② قاغا مايمۇنغا نېمە دېدى؟ مايمۇن قانداق قىلدى؟
شۇ جۈملىنى تېپىپ ئوقۇتۇش.
چۈشەنچىسىنى سۆزلىتىش.
③ تېكىستنىڭ داۋامىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىزدىتىپ، ئۆزلىرى سوئال قويۇشقا تەشكىللەش، خالىغان ساۋاقداشتىن جاۋاب ئالدۇرۇش.
5. ساۋاقداشلار يۇقىرىدا تېكىست مەزمۇنىنى بەك ياخشى سۆزلىدىڭلار. سىلەر بۇ تېكىستتىن زادى نېمىنى چۈشىنىۋالدىڭلار؟
6. مايمۇننىڭ خاراكتېرىنى تەھلىل قىلدۇرۇش.
7. تېكىستنى رول ئېلىپ ئىتوت شەكلىدە ئورۇندىتىش.
8. سىلەرنىڭ مايمۇنغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزۈڭلار بار؟        



كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش.
ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى چۈشىنىش.
خالايمىز.
باھالاش.
ئاۋازىنى دوراپ ئوقۇش.
باھالاش.
نەشپۈت يېيىشكە
ئالدىرىغانلىقىنى چۈشىنىش.




كىچىك گۇرۇپپىلاردا مۇزاكىرىلىشىپ جاۋاب بېرىش.
1. مايمۇن نېمە ئۈچۈن ئۆرۈك  كۆچىتىنى يۇلۇۋەتتى؟
2. يەنە نېمە ئۈچۈن شاپتۇل كۆچىتىنى يۇلۇۋەتتى؟
3. ئۇ نېمە ئۈچۈن بىر تۈپمۇ كۆچەتنى ئەي قىلالمايدۇ؟
كىچىك گۇرۇپپىدا مۇزاكىرىلىشىپ سۆزلەش.
ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش.
ۋەقەلىكنى بايان قىلىش.
ئىختىيارىي سۆزلەش.

تاپشۇرۇق:
تېكىستكە مۇناسىۋەتلىك ماقال- تەمسىل توپلاپ كېلىش.


[دوسكا لايىھىسى]

مايمۇننىڭ دەرەخ تىكىشى

ئالدىراقسان ــــ نەشپۈت كۆچىتىنى يۇلۇۋەتتى.
ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ ــــ ئۆرۈك كۆچىتىنى يۇلۇۋەتتى.
ئىرادىسىز ــــ بىرەر كۆچەتنىمۇ ئەي قىلالمىدى.

سەۋر- تاقەتلىك بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش كېرەك.

قۇلۇلىنىڭ مۇكاپات لوڭقىسى

☆ مەزمۇنى:
بۇ بۇ مەسەلدە ئۇچۇش ماھىرى قۇلۇلىنىڭ ھاشاراتلار ئارا ئۇچۇش مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئالغاندىن كېيىن، قاتتىق مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، مۇكاپات لۇڭقىسىنى ئۈستىدىن چۈشۈرمەي يۈرگەنلىكى، نەتىجىدە قاناتلىرى بارا- بارا كىچىكلەپ، ئاخىر يوقاپ كېتىپ، ئۇچۇش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقى يېزىلغان.
        كۆرسەتمە: كاپىيەن، دەرسلىك كىتاب، دوسكا تېلېۋىزور.
        ۋاقتى: ئىككى سائەت

بىرىنچى سائىتى
ئۆگىنىش نىشانى:
1. تېكىستنى ئورتاق تەلەپپۇزدا، توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش؛
2. تېكىستتىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتەلەيدىغان، شۇنداقلا ئىملاسىنى توغرا يازالايدىغان بولۇش.
مۇھىم نۇقتا: تېكىستنى پىششىق، چۈشىنىپ ئوقۇش.
قىيىن نۇقتا:  يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
ساۋاقداشلار بۇ قانداق نەرسە؟ بۇ رەسىمدىكى قۇلۇلە بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ؟
بۇ ئىككى قۇلۇلىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
ئۇنداقتا قانىتى بار قۇلۇلىنىڭ نېمە ئۈچۈن قانىتىنىڭ ئورنىغا قاتتىق قاپنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلىشنى خالامسىلەر؟
تېما يېزىلىدۇ.
تېكىستنى ئوقۇتۇش:
تەلەپ ـــ تۆت كىشىلىك گۇرۇپپا، پارتىداشلار ئارا ئۆز ئالدىغا ئوقۇشقا تەشكىللەيمەن.
ئابزاسقا ئايرىش، يېڭى سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزسا بولىدۇ.
ئوقۇش جەريانىدا سىز قايسى جۈملىلەرنى ياخشى كۆردىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
سىنىپ دەپتىرىڭلارغا ياخشى كۆرگەن جۈملىنى يېزىپ بېقىڭلار.
(يازغانلارنى باھالايمەن)       

بۇ قۇلۇلە.
ئاسماندا ئۇچۇۋاتىدۇ.
بىر قۇلۇلىنىڭ قانىتى بار ئىكەن، يەنە بىرسىنىڭ يوق ئىكەن.
خالايمىز.
تېمىنى كوللېكتىپ ئوقۇيدۇ.
يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە ئوقۇيدۇ.
ياخشى كۆرگەن جۈملىسىنى، ياخشى كۆرۈش سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.



سىنىپ دەپتىرىگە يازىدۇ. يېزىپ بولغاندىن كېيىن، پارتىداشلار بىر- بىرىنىڭكىنى باھالايدۇ.

ئىككىنچى سائىتى
ئۆگىنىش نىشانى:
1. تېكىستنى سوئاللار ئاساسىدا ئىگىلەش؛
2. روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇش؛
3. تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئاساسىدا «مەغرۇرلانسا زىيان تارتىدىغانلىقى، كەمتەر بولسا پايدا ئالىدىغانلىقى»دىن ئىبارەت قائىدىنى چۈشىنىۋېلىش.
مۇھىم نۇقتا: 3- ئابزاس تېكىستنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.
قىيىن نۇقتا:  مەغرۇرلانسا زىيان تارتىدىغانلىقى، كەمتەر بولسا پايدا ئالىدىغانلىقىنى چۈشىنىش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
ساۋاقداشلار مەن سىلەرگە بىر نەرسە ئالغاچ كىردىم، كۆرۈشنى خالامسىلەر؟
① بۇ نېمە، ساۋاقداشلار؟
② بۇ لوڭقىنى بازاردىن سېتىۋالساق بولامدۇ؟
③ بۇ لوڭقىغا قانداق ۋاقىتلاردا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
④ سىلەر مۇكاپات لوڭقىسىغا ئېرىشكەنلەرنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
كىم بۇ دەرستە جانلىق، دادىل پىكىر قىلالىسا، بۇ مۇكاپاتنى مەن شۇنىڭغا بېرىمەن.
دەرسىمىزدىكى قۇلۇلە نېمىگە ئېرىشكەن؟
(ئۇچقان ھالەتتىكى رەسىمنى چاپلايمەن.)
تېكىنى يازىمەن. (داۋامى)
قۇلۇلىنىڭ مۇكاپات لوڭقىسىغا ئېرىشكەنلىكىنى رەسىمگە قاراپلا بىلەلەمدۇق؟ قانداق قىلساق بىلىمىز، ساۋاقداشلار؟
قايسى خىل ئوقۇش ئۇسۇلىنى قوللانساق ياخشى بولار؟
تەلەپ: ئوقۇش جەريانىدا سىز ئەڭ ياقتۇرمىغان جۈملىلەر بولسا تېپىپ ئاستىغا سىزىڭ.
تاپقان جۈملىلەرنى ئوقۇتىمەن.
(باھالايمەن)
قۇلۇلە ئەسلىدە قانداق ئىكەنتۇق؟
(كۆك ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ھالىتىنى چاپلايمەن).
بىر كۈنى ئورمانلىق ناھايىتى قىزىپ كېتىپتۇ. (چۈنكى بۇ يەردە...)
ئۇنداقتا قۇلۇلە قايسى ھاشارەتلەر بىلەن مۇسابىقىلەشكەندۇ؟ (دوسكىغا ھاشارەتلەرنى چاپلايمەن.)
نەتىجىدە قايسىسى چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى؟
بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەمسىلەر؟
كىم جۈملە تۈزۈپ بېقىشنى خالايدۇ؟
لېكىن، نەتىجىگە ئېرىشكەن قۇلۇلە بۇنداق ئويلىمىغان؟ سىلەرچە ئۇ قانداق بولغاندۇ؟ مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بۇ جۈملىلەرنى يېزىپ كىردىم؟ (ئېكراندا كۆرسىتىمەن) بۇ جۈملىدىكى مەغرۇرلىنىپ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى سورايمەن.
جۈملە تۈزۈشكە تەشكىللەيمەن (ئاخىرىدا باھالايمەن).
بەك چوڭ، بەك ئېغىر مۇكاپات لوڭقىسىنى كۆتۈرۈۋالغان قۇلۇلە سىلەرچە ئەمدى ئۇچالارمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
(تۆت كىشلىك گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى)
ئەزەلدىن ئۇچالايدىغان قۇلۇلە ئەمدىلىكتە ئۇچالماس بولۇپ قالدى. نېمە ئۈچۈن ئۇچالماس بولۇپ قالغاندۇ؟
ئۇنداقتا كىم قۇلۇلىنىڭ مەغرۇرلانغان ھالىتىنى ۋە ئاخىرىدا ئۇچالماس بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ دوراپ رول ئېلىپ باقىدۇ؟
ھاشاراتلار ئارىسىدىكى كېپىنەك قىزنى ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن. ساۋاقداشلار، قۇلۇلە، كېپىنەك... قاتارلىق ھايۋاناتلار ئەمەلىيەتتە سۆزلىيەلەمدۇ؟ دېمەك، قۇلۇلىگە ئوخشاش ھاشاراتلارنى سۆزلىتىش، ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئەتراپىمىزدا، جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ناچار ئىشلارنى بىزگە، كۆپچىلىككە پاش قىلىدىغان، چۈشەندۈرىدىغان، تەربىيىگە ئىگە قىلىدىغان مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى بىز نېمە دەيمىز، ساۋاقداشلار؟
ئاخىردا: ساۋاقداشلار، سىلەرمۇ چوڭ بولۇپ، ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئەڭ ئالە نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىڭلاردا قانداق قىلاتتىڭلار؟ كىم مۇشۇ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ماقال- تەمسىللەرنى تەييارلاپ كەلدى؟        



خالايمىز،
ئويلىغانلىرىنى دادىللىق بىلەن سۆزلىسە بولىدۇ.
كوللېكتىپ ئوقۇيدۇ.
ياق.
تېكىستنى ئەستايىدىل ئوقۇش ئارقىلىق خالىغان ئۇسۇلنى تاللايدۇ.
نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگەنلىكىنى سۆزلىسە بولىدۇ.






دوكلات قىلسا بولىدۇ.
بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەيدۇ.
ھەرىكىتى بىلەن دوراپ بېقىڭلار.
(ھەرىكىتىنى دوراپ باقسا بولىدۇ.)
ئوقۇغۇچىلار نامىنى دېسە بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ھاشاراتلارنى ياساپ كېلىدۇ.
بىلىدىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك جۈملىلەرنى كىتابتىن تېپىپ، ھېسسىياتلىق ئوقۇپ بەرسە بولىدۇ.
كوللېكتىپ ئوقۇيدۇ.










خالىغان مەزمۇندا جۈملە تۈزىدۇ.
4- ئابزاس مەزمۇنىنى سۆزلىسە بولىدۇ.
ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
خالىغان ئوقۇغۇچىلار ئالدىغا چىقىپ رول ئوينايدۇ.












ئوقۇغۇچىلار باھالايدۇ.
ياق.
«مەسەل» دەيمىز.



ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئالدىن تەييارلاپ كەلگەن ماقال- تەمسىللەرنى ئىختىيارىي ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تاپشۇرۇق:
1. بۈگۈن ئۆتۈلگەن مەسەلدىن بىر پارچە تەسىرات يېزىپ كېلىڭلار.
2. كېلەر سائەتتە ئۆتمەكچى بولغان تېكىستنى ئائىلىدە ئالدىن ئوقۇپ، مەزمۇنىنى چۈشىنىش بىلەن بىرگە ئالدىن ماتېرىيال توپلاپ كېلىش.

[دەرسكە دائىر مەشىقلەر]
1. مەغرۇرلۇققا ئائىت ماقال- تەمسىلدىن بەشنى توپلاپ كېلىڭلار.
2. تۆۋەندىكى سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈپ بېقىڭ:
① مەغرۇرلىنىپ ـــ
② چىمپىيون ـــ

بۆرىدىن قورقمايدىغان قوزا

☆ مەزمۇنى:
بۇ تېكىستتە بۆرىدىن قورقمايدىغان قوزىغا مۇناسىۋەتلىك ئاجايىپ قىزىقارلىق ۋەقە ھېكايە قىلىنغان.
«بۆرىدىن قورقامايدىغان قوزا» دېگەن تېمىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇ قوزىنىڭ زادى قانداق قوزا ئىكەنلىكىنى بىلگۈسى، تېكىستنى ئوقۇش ئىستىكى قوزغىلىشى تەبىئىي، ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى ئېنىق، ئاددىي، تىلىمۇ چۈشىنىشلىك.
        كۆرسەتمە: تېلېۋىزور، ئۈنئالغۇ، كاپىيەن، كىچىك دوسكا.
        ۋاقتى: بىر سائەت
مۇھىم نۇقتا: تېكىستنى پىششىق ئوقۇپ مەزمۇنىنى ئىگىلەش.
قىيىن نۇقتا:  تېكىستتىن ئىلھام ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىش.
ئۆگىنىش نىشانى:
1. تېكىستنى ئورتاق تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش؛
2. بۆرىدىن قورقمايدىغان قوزىنىڭ بۆرىدىن قورقماسلىقىدىكى سەۋەبىنى ئىگىلەپ، تېكىست ۋەقەلىكىدىن زوقلىنىش؛
3. تېكىستتىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆز ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئاجايىپ ئىقتىدارلىق نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىش ئارزۇسى ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىش روھى بولۇش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
ساۋاقداشلار، سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ھېكايە، چۆچەك، مەسەللەر ئىچىدە بۆرە بىلەن قوزىغا ئائىت ئەسەرلەر خېلى كۆپقۇ دەيمەن؟
قېنى، قايسىڭلار بۆرە بىلەن قوزا پېرسوناژ قىلىنغان ھېكايىدىن بىرنى ئېيتىپ بېرىسىلەر
سىلەر بىلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە بۆرە قوزىنى بوزەك قىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟ سىلەرگە بۆرىدىن قورقمايدىغان قوزىمۇ بار دېسەم ئىشىنەمسىلەر؟ بۈگۈن ئۆتمەكچى بولغان تېكىستىمىزنىڭ ماۋزۇسى «بۆرىدىن قورقمايدىغان قوزا»، ئۇنىڭ زادى قانداق قوزا ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭلار، تېكىستنى ئوقۇپ بېقىڭلار.
تېمىنى دوسكىغا يېزىپ ئارىلاپ تەكشۈرەيمەن، ئۈنلۈك ئوقۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قول كۆتۈرگەنلەر ئوقۇيدۇ. تىمىسقىلاپ، پەن- تېخنىكا، قاڭقىپ ... قاتارلىق سۆزلەر چۈشەندۈرۈلىدۇ. تېكىستنى ھېسسىياتلىق ئوقۇش، ئوقۇغاندا بۆرىنى خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ ئوقۇش، دوراپ ئوقۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش.
سوئاللارنى تېلېۋىزوردىن كۆرسىتىپ سۆزلىتىش.
بۆرە كۆز ئالدىدا بىر قوزىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، قانداق ھېسسىياتتا بولۇشى مۇمكىن؟ ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلەڭ.
«بۆرە قوزىنى كۆرۈپ» دېگەن سۆزلەرنى قانداق ئىنتوناتسىيىدە ئوقۇغان مۇۋاپىق؟ (تېلېۋىزوردا كۆرسىتىش) ئاخىرقى ئابزاستا نېمە سۆزلەنگەن؟ پارتىداشلار بىر- بىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. قېنى، كىم تېكىسنتى مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى قوشقان ھالدا، ھېسسىياتلىق ئوقۇپ بېرەلەيدۇ؟ كىمنىڭ ئوقۇغىنى ئەڭ قىزىقارلىق بولدى؟ دىققەت بىلەن ئاڭلاپ باھالاپ باقايلى.
دەرسنى چۈشەنگەن بولساق، تۆۋەندىكى مەشىقنى ئىشلەپ باقايلى:
بۆرە
كىچىك دوسكىغا يېزىلىدۇ.
... شۇڭا ...
... ئاتايىتەن ...       



ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي مىسال ئېلىپ، بىلىدىغانلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.









ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل، ئىچىدە ئوقۇپ چىقسا بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش جەريانىدا چۈشىنىكسىز سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىدۇ، ئوقۇغانلار باھالايدۇ.
دوراپ ئوقۇش، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغانلارنى باھالاش.






ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەپ، دوراپ بەرسە بولىدۇ.
«تىمىسقىلاپ» دېگەن سۆزگە جۈملە تۈزىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار دوراپ، ھەرىكەتلىرى بىلەن سۆزلەپ بەرسە بولىدۇ.
«خۇددى» دېگەن سۆزگە ئېغىزچە جۈملە تۈزىدۇ.
قول كۆتۈرگەنلەر سۆزلەيدۇ.
ئوقۇغۇچىلار باھالايدۇ. قول كۆتۈرگەن خالىغان ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ، ساۋاقداشلار باھالايدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى بېرىلگەن مەشىقنى ئەستايىدىل ئورۇندايدۇ، بىر- بىرىنى باھالايدۇ.
تاپشۇرۇق:
«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «تارىم غۇنچىلىرى» ۋە «پەرۋاز» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللارنىڭ «پەن- تېخنىكا يېڭىلىقلىرى» سەھىپىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇڭلار ۋە ئۆزۈڭلار ياقتۇرغانلارنى توپلاپ يېزىپ كېلىڭلار.

[دەرسكە دائىر مەشىقلەر]
1. سۆز بىرىكمىسى تۈزەلەمسىز؟
                                                 (     )
                                                 (     )      بۆرە
                                                 (     )

2. تۆۋەندىكى جۈملە شەكىللىرىگە جۈملە تۈزۈپ بېقىڭ:
... ①  شۇڭا ...
... ② ئاتايىتەن ...



قۇشلارنىڭ ماھارەت ئۆگىنىشى

☆ مەزمۇنى:
بۇ تېكىست بالىلار چۆچىكى بولۇپ، ئۇنىڭدا قۇشلارنىڭ ئەنقادىن ئۇۋا ياساشنى ئۆگىنىشكە كەلگەنلىكى، لېكىن ئۇلاردىن پەقەت كىچىككىنە قارلىغاچنىڭلا ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل ۋە كەمتەر بولغانلىقى، شۇڭا ئۇۋا ياساش تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگىلەپ ماھارەت يېتىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
        كۆرسەتمە: ئەنقا، تېلېۋىزور، كىتاب.
        ۋاقتى: ئىككى سائەت
بىرىنچى سائىتى
مۇھىم نۇقتا: يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
قىيىن نۇقتا: تېكسىتنى روللارغا بۆلۈپ، ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
ئۆگىنىش نىشانى:
1. تېكىستنى روللارغا بۆلۈپ، ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش؛
2. يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش؛
3. ياقتۇرغان جۈملىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولۇش؛

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
ساۋاقداشلار، سىلەر ئەنقانىڭ ئۇۋا ياساشقا ئۇستا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ (ئەنقا ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ.)
ئورمانلىقتىكى قۇشلار ئەنقانىڭ ئۇۋا ياساشنى بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ماھارەت ئۆگەنمەكچى بوپتۇ. بۇ قۇشلار ماھارەتنى زادى قانداق ئۆگەنگەندۇ؟
تېكىستنى ئوقۇتۇش: كىچىك گۇرۇپپا، پارتىداشلار ئۆز ئالدىغا ئوقۇش، ئابزاسقا ئايرىش، يېڭى سۆز مەنىسىنى يېزىش.
ئوقۇتۇش جەريانىدا سىز قايسى جۈملىلەرنى ياخشى كۆردىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن سىنىپ دەپتىرىڭلارغا ياخشى كۆرگەن جۈملەڭلارنى يېزىپ بېقىڭلار.        

ئۆزلىرى بىلىمىگە ئاساسلىنىپ سۆزلەپ بېرىدۇ.
ئالدىن ئوقۇپ كەلگىنىگە ئاساسەن سۆزلەپ بەرسىلا بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە ئوقۇيدۇ.
ياخشى كۆرگەن جۈملىنى، ياخشى كۆرگەن سەۋەبىنى سۆزلەيدۇ.

ياخشى كۆرگەن جۈملىنى يازىدۇ، بىر- بىرىنىڭكىنى باھالايدۇ.
تاپشۇرۇق:
نېمە ئۈچۈن قارلىغاچلار ئۇۋا ياساشنى ئۆگىنىپ، باشقا قۇشلار ئۆگىنەلمىدى؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىپ، تېكىستنى تېخىمۇ پىششىق ئۆگىنىپ كېلىش.

ئىككىنچى سائىتى
ئۆگىنىش نىشانى:
1. تېكىستنى رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇپ، مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىش؛
2. بېرىلگەن سۆزلەرگە ئېغىزچە جۈملە، يازمىچە ساغلام جۈملىلەرنى تۈزەلەيدىغان بولۇش؛
3. بىرەر ئىشتا ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن سەۋرچان، غەيرەتلىك بولۇشنى، ھەر قانداق ئىشتا ئەستايىدىل بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
مۇھىم نۇقتا:  تېكىستنى رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇپ، مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىش.
قىيىن نۇقتا:  روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
ساۋاقداشلار، مەنسىلەرگە بىر نەرسە ئېلىپ كىردىم بۇ نەرسىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ (قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى قويۇپ بېرىلىدۇ)
دوسكىغا «قۇشلار» دېگەن سۆز يېزىلىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ قۇشلار قانداق جايلاردا ياشايدۇ؟
ئۇنداقتا بۇ قۇشلار شۇ جايدا خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىدە قانداق ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ «ماھارەت» دېگەن سۆزنى دوسكىغا يازىمەن.
بۇ دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار، قۇشلارنىڭ ماھارەتنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىنى بىلىۋالالايسىلەر.
«ئۆگىنىش» دېگەن سۆز يېزىلىدۇ، تېمىنى كوللېكتىپ ئوقۇشقا تەشكىللىنىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆزىتىپ باقايلى، رەسىمدە نېمىلەر بار ئىكەن؟
ئەنقانىڭ قانداق ئىقتىدارى بار ئىكەن؟
قايسى قۇشلار ئەنقانىڭ ئۇۋا ياسىيالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كەلدى؟
قايسى قۇشلار ئەنقانىڭ ئۇۋا ياسىيالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى؟ بۇ قۇشلار ئەنقانىڭ ياسىغان ئۇۋىسىنى كۆرگىلى كەلدىمۇ؟ (پارتىداشلار مۇزاكىرىسى)
«ماھارەت» سۆزىنىڭ ئاستىغا «ئۇۋا ياساش» دېگەن سۆز يېزىلىدۇ. رەسىمنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ باقايلى.
ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرگەن ھەر بىر قۇشنىڭ سۆزىنى ئوقۇغان چاغدا، مەن ھەر بىر قۇشنى ئېلىپ چاپلايمەن، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇ قۇشلارنى ياخشى كۆرمىدىڭىز؟ ئۇلار ئۇۋا ياساشنى ئۆگىنەلىدىمۇ؟ (ياخشى ئۆگىنەلمىدى دەپ يازىمەن) بۇنى قايسى جۈملىلەردىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ؟ رەسىمدىكى قۇشلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ئۇلارنىڭ ئۇۋا ياساشنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولامدۇ؟
ئۇنداقتا قانداق قىلساق بىلەلەيمىز؟
مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، بۇ جەرياندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىمىز؟
مەن ئاپتورىنى بەلگىلەپ بېرەي، ئاپتور باشقا پېرسوناژلارنى بەلگىلىسۇن. تەلەپ: 1-، 2- گۇرۇپپا ياخشى كۆرمىگەن قۇشنىڭ سۆزىنى، 3-4- گۇرۇپپا ئەنقانىڭ سۆزىنىڭ ئاستىغا بەلگە قويىمىز.
بۇ قۇشلار ئەنقا ياخشى ئۆگەتمىگەچكە ئۇۋا ياساشنى ئۆگىنەلىدىمۇ؟
ئەنقا ئۇۋا ياساشنى قانداق ئۆگەتتى؟
3-، 4- گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇسۇن. ئاندىن جاۋاب تاپالايمىز، ھەر بىر سۆزىنى ئوقۇغاندا، شۇ سۆزىنى كۆرسىتىپ ئاستى سىزىلغان سۆزنى چۈشەندۈرۈپ، جۈملە تۈزىتىمەن.
سىز بۇ رەسىمگە قاراپ «پەقەت» دېگەن سۆزنىي ئىشلىتىپ، جۈملە تەھلىلى ئېلىپ بېرىڭلار.
كىچىك قارلىغاچ دوسكىغا سويۇپ ئېلىنىپ چاپلىنىدۇ.
قارلىغاچ ئۇۋا ياساشنى قانداق ئۆگەندى؟
قارلىغاچ ئەستايىدىل بولغاچقا ماھارەتنى قانداق ئۆگەندى؟
كىتابتىكى جۈملە تولۇقلاش مەشىقى ئىشلىنىدۇ.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھايۋانلار، قۇشلارنى سۆزلىتىش ئارقىلىق كىشىەلرگە جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىشلار توغرىسىدا تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغان تېكىست مەسەل بولىدۇ (مەسەل توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلىدۇ).
ئۇنداقتا سىز بىرەر ماھارەتنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، قانداق قىلىسىز؟       
بىلمەيمىز.
قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىنى ئاڭلىدۇق.
ئورماندا، دەرەخ ئاچىماقلىرىدا ياشايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئۇۋا ياساش، ئوزۇقلۇق تۇتۇش ... ماھارىتى قاتارلىقلار. دەرس تېمىسىنى ئۈزۈپ- ئۈزۈپ بىر قېتىم ئوقۇپ بېرىدۇ.
ئۇۋا، ئەنقا بار ئىكەن.
ئۇۋا ياساش ئىقتىدارى بار.
توخۇ، ھوقۇش، سار، قۇشقاچ، قاغا، بۇلارنىڭ رەسىملىرىنى دوسكىغا چاپلايمەن.





ياق، بۇ قۇشلار ئەنقادىن ئۇۋا ياساش ئىقتىدارىنى، ماھارىتىنى ئۆگەنگىلى كەلدى.
بىلگىلى بولمايدىكەن.
تېكسىتنى پويىز شەكلىدە ئوقۇساق، جۈملىمۇ جۈملە، روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇساق.
پېرسوناژلار خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ، تىنىش بەلگىلىرىگە دىققەت قىلىپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز.





يۇقىرىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى باھالايدۇ.
بۇ قۇشلار ئەستايىدىل بولمىدى، غەيرەت قىلمىدى... قاتارلىقلار.
ياخشى ئۆگىنەلمىدى، ئەنقانىڭ بەش قېتىملىق سۆزنى تېپىپ ئوقۇپ بېرىدۇ.







ياق، ئەنقا تەپسىلىي سۆزلەپ چۈشەندۈرگەن.
«سەۋرچاق» سۆزىگە جۈملە تۈزىدۇ.
«چاۋارلار، پېشايۋان، بىخەتەر» مەنىسىنى چۈشەندۈرىدۇ.
كىچىك گۇرۇپپىلار ئۆز ئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاندىن جۈملە تۈزىدۇ.
ئەستايىدىل، سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەندى.
ئېكراندا بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىش ئۈچۈن... جۈملە تولۇقلاش مەشقىنى ئىشلەتكۈزىمەن.
ئەپچىل، پۇختا ياسىدى.
ئاغزاكى دەۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن سىنىپ دەپتىرىگە يازىدۇ.






دەرستىن ئالغان تەسىراتى بويىچە ئۆز چۈشەنچىلىرىنى سۆزلەيدۇ.




تاپشۇرۇق:
ئەنقانىڭ سۆزىنى يېزىپ كېلىش

[دوسكا لايىھىسى]
9. قۇشلارنىڭ ماھارەت ئۆگىنىشى

ئۇۋا ياساش
↓          ↓  
رەسىم       رەسىم

غەيرەت قىلمىدى، ئەستايىدىل بولمىدى.
سار، قۇشقاچ، توخۇ، ھوقۇش، قاغا ياخشى ئۆگىنەلمىدى، [
ئاددىي، قوپال.
قارلىغاچ، ئەستايىدىل، ئەپچىل، پۇختا.
رەسىم.

[دەسكە دائىر مەشىقلەر]
1. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن قۇشنىڭ رەسىمىنى سىزالامسىز؟
2. جۈملە تۈزۈپ بېقىڭ:
«پەقەت، ماھارەت» دېگەن ئىككى سۆزگە جۈملە تۈزۈڭ.

كۆرەك توخۇ

☆ مەزمۇنى:
بۇ تېكىستتە توخۇ بىلەن ئۆردەكتىن ئىبارەت ئىككى پېرسوناژنىڭ يېقىن دوستلاردىن ئىكەنلىكى، توخۇنىڭ كۆزىگە ئۆردەكنىڭ مىس- مىسلىقى سىغماي، مۇسابىقىلەشمەكچى بولغانلىقى، ئەمما سۇ ئۈزەلمەيدىغانلىقى، ئۆردەكنىڭ سۇ ئۈزۈشكە ئۇستىلىقى ھەم توخۇنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقى بايان قىلىنغان.
☆ ئەخلاق تەربىيە نىشانى:
كىشىلەرگە باھا بەرگەندە، ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكىگە تەڭ باھا بېرىشى كېرەك.
        كۆرسەتمە: رەسىم، كارتا.
        ۋاقتى: بىر سائەت

بىرىنچى سائىتى
مۇھىم نۇقتا: تېكىستتىكى پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ ئوقۇش.
قىيىن نۇقتا:  بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش.

ئۆگىنىش نىشانى        ئۆگىنىش ئۇسۇلى
1. تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئۆز ئارا مۇسابىقىلىشىپ ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش.
2. تېكىستتىكى يېڭى سۆز ۋە مۇھىم جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش.
3. روللارغا بۆلۈنۈنپ ئوقۇشنى مەشىق قىلىش.         1. سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىگىلەش.
2. ئاغزاكى جۈملە تۈزۈش.
3. سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى بىلىش.

نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى        ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى
1. ساۋاقداشلار، قېنى ئەقلىڭلارنى سىناپ كۆرەي، كىم بۇ تېپىشماقنى تېز ھەم توغرا تاپالايدۇ؟
پۇتى تۆتلۈك ئايدەك،
تۇمشۇقى بار قايچىدەك.
چىشى يوقتۇر ئاغزىدا،
قىزىلگۈل بار بېشىدا.
ئەمما، گۈلى پۇرىماس،
ئۆمۈر بويى توزىماس.
2. ساۋاقدالشار سىلەر خوراز توخۇ توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟
3. بۇ سائەتتە بىز بىر كۆرەڭ توخۇنىڭ ھېكايىسىنى بىرلىكتە ئۆگىنىمىز، خالامسىلەر؟
4. ماۋزۇنى يېزىش، تېكىستنى ئۈنسىز ئوقۇشقا يېتەكلەش.
5. ئوقۇتقۇچى تېكىستنى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ بېرىش.
6. تېكىستنى ۋەكىل قىلىپ ئوقۇتۇش.
7. تېكىستنى كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇش.
8. تېكىستنى پويىز شەكلىدە ئوقۇتۇش.
9. يېڭى سۆزلەرنى كاپىيەندىن پايدىلىنىپ چۈشىنىۋېلىشقا يېتەكلەش:
① ئۆزىنى كۆرسىتىش ـــ
② كۆزىگە سىغماسلىق ـــ
10. پارتىداشلارنى تېكىستنى ئابزاسلار بويىچە ئوقۇپ بېرىشقا يېتەكلەش.
11. تېكىستنى ئىتوت شەكلىدە بايان قىلدۇرۇش.
12. ئىتوت شەكلىدە بايان قىلىنغان تېكىستتىكى قايسى پېرسوناژنى ياقتۇرغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ياقتۇرغانلىقىنى سوراش.         1. ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىپ ئىختىيارىي جاۋاب بېرىدۇ.

توغرا جاۋابى: خوراز، توخۇ.
2. ئوقۇغۇچىلار بىلگەنلىرىنى سىنىپتا ئورتاقلىشىدۇ.
3. خالايمىز!
4. تېكىستنى ئۈنسىز ئوقۇپ، پېرسوناژلارنى تېپىپ چىقىش.
5. ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى ئابزاسقا ئايرىش ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغىنىنى باھالاش.
6. ئوقۇغاننى ئاڭلاپ ئۆز ئارا باھالاش.
7. كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، تېكىستنى روللار بويىچە ئوقۇش ۋە گۇرۇپپىلار ئارا باھالاپ چىقىش.
8. تېكىستتىكى قىيىن، چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى توپلاپ چىقىش.
9. سۆز مەنىلىرىنى چۈشىنىپ، ئاغزاكى جۈملە تۈزۈش.
① ئۆزىنى كۆرسىتىش ـــ ئادىل ھوشۇر سەنشىيا بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئۆزىنى ككرسىتىپ قويدى.
② كۆزىگە سىغماسلىق ـــ ئۇنىڭ قىلىقلىرى بارا- بارا كۆزۈمگە زادىلاسىغمىدى.
10. بىر- بىرىنىڭ ئوقۇغىنىنى ئاڭلاپ باھالاش.
11. تېكىستنى روللارغا بۆلۈنۈپ ئىتوت شەكلىدە بايان قىلىش.
12. ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارىي جاۋاب بېرىش.
تاپشۇرۇق:
تېكىستنى بايان قىلىشنى ئۆگىنىپ كېلىش.

[دوسكا لايىھىسى]
كۆرەڭ  توخۇ

ئۆردەك بىلەن توخۇ يېقىن دوست ئىكەن.
ئۇلار ئىجىل- ئىناق ياشايدىكەن.

ئۆردەكنىڭ مىس- مىسلىقى توخۇنىڭ
كۆزىگە زادىلا سىغمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.

چۈشىنىۋالدىم.
(1)        كۆرەڭ ـــ
(2)        ئۆزىگە تۇشلۇق ــــ
(3)        مەسىخىرە قىلىش ــــ
(4)        پەرۋا قىلماسلىق ــــ

مۇسابىقىلىشەيلى.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، (         ) ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنلەرگە بارغاندا، ئۆردەكنىڭ (           ) توخۇنىڭ كۆزىگە زادىلا سىغمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆردەككە ئۆزىنى بىر (          ) بوپتۇ.
مەن نۇرغۇن ماقال- تەمسىللەرنى توپلىۋالدىم.
مەسى سىزگە بىر مەسەل ئېيتىپ بېرەي.
جۈملە تۈزىيەلەيمەن.
ئۆزىگە تۇشلۇق ــــ
كۆزىگە زادىلا سىغماسلىق ـــ
ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان جۈملىلەرنى دەپتىرىمگە كۆچۈرۈۋالاي.

دوپپا رىۋايىتى

☆ مەزمۇنى:
بۇ بىر رىۋايەت بولۇپ، بۇ رىۋايەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ بىرى بولغان دوپپىنىڭ دۇنياغا كېلىش جەريانى قىزىقارلىق رىۋايەت شەكلىدە بايان قىلىنغان.
        ۋاقتى: ئىككى سائەت
        كۆرسەتمە: ئېكران، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى.

بىرىنچى سائىتى

ئۆگىنىش نىشانى:
1. تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
2. تېكىستتە ئۇچرىغان يېڭى سۆز مەنىلىرىنى چۈشىنىۋېلىش ھەم ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
3. دوپپىنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىلىۋېلىش.
4. كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
مۇھىم نۇقتا:
1. تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
2. كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى دۇدۇقلىماي ئوقۇش.
قىيىن نۇقتا:  يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش.

ئوقۇتۇش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى: ساۋاقداشلار، سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىدىن نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟ ئۇنداقتا بۇرۇنقى بوۋا- مومىلىرىڭلار قانداق كىيىنەتتى؟
ئېكراندىن ئاۋۋال ئەتلەش كۆينەك، كانۋا كۆينەك، دوپپا ... قاتارلىق رەسىملەر چىقىدۇ. ئاندىن بۇرۇنقى ياكى ھازىرقى يېزىلاردىكى بوۋاي- مومايلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلىدۇ.
بايا سىلەر دوپپا دەپ ئۆتتۈڭلار، ئۇنداقتا مۇشۇ دوپپىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
بۈگۈنكى دەرسىمىزدە بىز دوپپىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى، تېما دوسكىغا يېزىلىدۇ ھەم ئېكراندىن كۆرسىتىلىدۇ.
بىز تېكسىت مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىىتىيارىي ئوقۇپ چىقساق قانداق؟
قېنى كىم ئوقۇپ باقىدۇ؟ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئەمدى مېنىڭ ئوقۇغىنىمنى ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟
ئوتقۇچى ئوقۇپ بېرىدۇ.
تەلەپ: 1. ھېسسىياتلىق ئوقۇشقا دىققەت قىلىش.
2. چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى سىزىش.
مەن تېكىستنى ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئۇچراتتىم. بۇ سۆزلەرنى بىرلىكتە ئوقۇپ باقساق قانداق؟ ئېكراندىن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر كۆرسىتىلىدۇ.
كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇشنىمۇ ئۆگىنىۋالدۇق.
سىلەر تېكىست ئوقۇش جەريانىدا يېڭى سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىپ چىقتىڭلارمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار مۇنازىرىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەيدۇ.
يېڭى سۆز مەنىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تېكىستنى گۇرۇپپىلار بويىچە، كوللېكتىپ ئوقۇيدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ پائالىيىتى: ئىختىيارىي جاۋاب بېرىدۇ.
ئەتلەس كۆينەك، كانىۋا كۆينەك، بادام دوپپا.
كۆرگىنىگە ياكى ئاڭلىغىنىغا ئاساسەن سۆزلەيدۇ.
بىلمەيمىز.
ئىختىيارىي كۆز يۈگۈرتۈپ ئوقۇيدۇ.
تەلەپ: توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ.
ئۆز- ئۆزىنى، پارتىدىشىنى باھالايدۇ.
ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى باھالايدۇ.
كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى شەخسلەر، كوللېكتىپ بويىچە ئوقۇيدۇ.
توغرول، ئايتۇغدى، كۈنتۇغدىنىڭ قالپىقىغا، سقىتۇرۇۋاپتۇ، كەشتىلەپتۇ، دىمىغىغا؛ كەشتىلەنگەنىكەن، يۈگۈرۈشۈپتۇ.
يېڭى سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
كۈنسېرى ـــ كۈندىن كۈنگە.
بوي تارتىش ـــ ئۆسۈش.
شادلىق ـــ خوشاللىق.
خازان بولۇش ـــ قۇرۇپ قېلىش.
ھىدى ـــ پۇرىقى
ھەۋىسى ـــ زوقى
ئوقۇغۇچىلار ئاۋۋال ئۆزلىرى مۇنازىرلىشىدۇ.

تاپشۇرۇق:
1. دوپپىلار قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ ماتېرىيال توپلاپ كېلىش.
2. ئۆزى ياخشى كۆرگەن دوپپىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ كېلىش.
3. ئۆيىدە دوپپا بولسا، كىيىپ كېلىش.
ئىككىنچى  سائىتى
        كۆرسەتمە: ھەر خىل دوپپىلارنىڭ رەسىملىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى.
ئۆگىنىش نىشانى:  1. تېكىستنى ئەسلەش تەرىقىسىدە، توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش.
2. سوئاللار تەرىقىسىدە، تېكىست مەزمۇنىنى ئىگىلەش.
3. دوپپىنىڭ تۈرلىرىنى بىلىۋېلىش.
4. بەزىبىر سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈش.
5. رىۋايەتنى ئاغزاكى بايان قىلالايدىغان بولۇش.
6.  دوپپىنىڭ تارىخىنى بىلىۋېلىش.
   مۇھىم نۇقتا: 1. سوئاللار ئاساسىدا، تېكىست مەزمۇنىنى ئىگىلەش.
2. دوپپىنىڭ تۈرلىرىنى بىلىۋېلىش.
3. تېكىستنى ئاغزاكى بايان قىلىش.  
قىيىن نۇقتا:  1. بەزىبىر جۈپ سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈش.
2. تېكىستنى ئاغزاكى بايان قىلىش.

ئوقۇتۇش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى: ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى دوپپا كىيىپ دەرسخانىغا كىرىدۇ.
ئوقۇتقۇچى شېئىر ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىدۇ.
چىمەن دوپپام بار مېنىڭ،
بېشىمدىكى تاجىم ئۇ.
ئۇندا چىمەن نۇسخىسى،
بۈك- باراقسان بېغىم ئۇ.
ساۋاقداشلار، بۈگۈن سىلەر بىر- بىرىڭلاردىن چىرايلىق دوپپىلارنى كىيىۋاپسىلەر، بۇ دوپپىلار سىلەرگە بەكمۇ يارىشىپتۇ.
سىلەر مۇشۇ بېشىڭلاردىكى دوپپىلارنىڭ نامىنى بىلەمسىلەر؟
سىزنىڭ بېشىڭىزدىكى بۇ دوپپىنى نېمە ئۈچۈن چىمەن دوپپا دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
.............
نېمە ئۈچۈن بادام دوپپا دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
يۇقىرىقى سوئال تەرىقىسىدە بىر نەچچە ئوقۇغۇچىدىن سوئال سورىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى بەك ئىچكىرىلەپ، توغرىلاپ كەتمەيدۇ.
بىلىدىغانلارنى، توغرا دېيەلىگەنلەرنى رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.
بىلمىگەنلەرگە بىز بۈگۈنكى دەرسىمىزدە مۇشۇ مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلايلى.
تېما دوسكىغا يېزىلىدۇ.
17. دوپپا رىۋايىتى
قېنى قايسى ساۋاقداش بىزگە تېكىست مەزمۇنىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.
ئابزاسلار بويىچە ئالتە ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ.
1- ئابزاسنى ئۆز ئالدىمىزغا ئوقۇپ چىقىمىز.
1- ئابزاستىن نېمىنى بايقىدىڭىز؟
ھازىر بىز بۇنداق ئىسىملارنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئۇچراتقانمۇ؟
ئۇنداقتا بۇلار قانداق يەردە ياشايدىكەن؟
ئېكراندىن گۈزەل بوستانلىقنىڭ رەسىمى كۆرسىتىلىدۇ.
ئەگەر سىز مۇشۇنداق گۈزەل بوستانلىقتا ياشىغان بولسىڭىز، كۈندە نېمە ئىشلارنى قىلاتتىڭىز؟ پەرەز قىلىپ بېقىڭ.
كۈنتۇغدىمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش گۈلگە ئامراق ئىكەن، ئۇمۇ ئەتىگەن تۇرۇپ گۈللەرگە سۇ قۇيۇپ، پەرۋىش قىلىپتۇ.
ئېكراندىن تۆۋەندىكى جۈملە كۆرسىتىلىدۇ.
‹ئىللىق  شامال گۈللەرنىڭ پۇرىقىنى يىراق- يىراقلارغا تارقىتىپتۇ›
ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مەشىقنى ئىشلەپ باقايلى.
يىراق- يىراقلارغاـــــ
(جۈملە تۈزەيدۇ)
                       (          )
ئىللىق               (          )
                       (          )
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈلگە ئامراقلىقىنى قانداق ئىپادىلەپتۇ؟
قايسى ئابزاستىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؟
ياز پەسلىدىغۇ گۈلدىن ھوزۇرلاندى، كۈز- قىش پەسىللىرىدە قانداق قىلار؟ سىز ئۇلارغا بىر ئەقىل كۆرسىتىپ بېقىڭ.
گۈلدىن ئايرىلغان قىزىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى كۆرگەن ئاپىسى قىزىنى قانداق ئۇسۇلدا خۇشال قىلىپتۇ؟
كىم كىتابتىن شۇ يەرنى تېپىپ ئوقۇپ بېرەلەيدۇ؟
ئۇنداقتا ئاپىسى قىزى بىلەن توغرۇلغا ئوخشاش دوپپا تىكىپ بەردىمۇ؟ قانداق پەرقلىنىدۇ؟
ئېكراندىن گىلەم دوپپا بىلەن بادام دوپپا كۆرسىتىلىدۇ.
بۇ چاغدا باشقىلارنىڭ بېشىدا بۇنداق دوپپىلار بارمىتى؟
سىز كۈنتۇغدىنىڭ دوستى بولسىڭىز، دوستىڭىزنىڭ بېشىدىكى دوپپىنى كۆرۈپ قانداق قىلاتتىڭىز؟
كۈنتۇغدىنىڭ يۇرتىدىكىلەرمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئانىلىرىغا دەپ تىكتۈرۈپ كىيىپتۇ.
ئۇنداقتا كىم تېكىست مەزمۇنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ باقىدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن دوپپىنىڭ تۈرى كۆپىيىپ، نەچچە ئون خىلغا يېتىپتۇ.
ھازىر دوپپىنىڭ تۈرلىرى تېخىمۇ كۆپ، ھازىر مۇشۇ سىنىپىمىزدىنلا نەچچە ئون خىلنى تاپالايمىز.
ئەمدى بىز دوپپىلاردىن ھوزۇرلىنىپ باقايلى.
ئېكراندىن ھەر خىل دوپپىلار كۆرسىتىلىدۇ.
ئاندىن تۆۋەندىكى مەشىق ئىشلىنىدۇ (ئېكراندا).
تۆۋەندىكى باش كىيىملىرىنىڭ نامىنى يېزىپ بېقىڭ.
ئارقىدىن تۆۋەندىكى مەشىق ئىشلىنىدۇ.
(            )
(            )     دوپپا
(            )
مەن ئالدىنقى سائەتتە ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرگەن دوپپىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ كېلىشنى تاپشۇرغان، ئورۇندىدىڭلارمۇ؟
بىز يۇقىرىدا ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ قانداق دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ھەم تۈرلىرىنى بىلىۋالدۇق، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا باش كىيىمى بولىدۇ.
سۆز تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراپ، قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئايرىيالامسىز؟
(ئېكراندىن كۆرسىتىلىدۇ)
ئوقۇغۇچى پائالىيىتى:  
چىمەن دوپپام بار مېنىڭ،
مومام تىككەن كېچىلەپ،
كىيسەم ئۇنى بېشىمغا،
كېتەر كۆڭلۈم چېچەكلەپ.
ئىختىيارىي تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىكى دوپپىلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.
ئۆزلىرىنىڭ بىلىدىغىنى بويىچە سۆزلەيدۇ.
باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1- ئابزاسنى ئۆز ئالدىغا ئوقۇيدۇ.
ئىختىيارىي سۆزلەيدۇ.
بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ غەيرىلىكىنى.......
ئۆز ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەيدۇ.
ياق.
ئىختىيارىي جاۋا بېرىدۇ.
تارىم دەرياسى بويىدىكى گۈزەل بوستانلىقتا.
گۈللەرنى پەرۋىش قىلاتتىم.
سۇ قۇياتتىم.
................
ئېكراندىن كۆرسىتىلگەن جۈملىنى بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئوقۇپ تاپىدۇ.
(3- ئابزاس)
ئۆز ئويلىغانلىرىنى سۆزلەيدۇ.
بىر نەچچە ئوقۇغۇچى كىتابتىن تېپىپ ئوقۇيدۇ.
ئاغزاكى سۆزلەپ بېرىدۇ.
يوق، ئۇلار كۆرۈپمۇ باقمىغان.
ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلەيدۇ.
كىيىپ بېقىشنى ئۆتۈنەتتىم.
ئاپامغا دەپ تىكتۈرەتتىم.
.................
ئەڭ ئاخىرقى ئابزاسنى ئاغزاكى سۆزلەپ بەرسىمۇ، ئوقۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
دوپپىلاردىن ھوزۇرلىنىدۇ.
مەشىق ئىشلەيدۇ.
(دەپتەرگە)
دەپتەرگە ئىشلەپ، ئوقۇپ بېرىدۇ.
سىزغان رەسىملىرىنى ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ، چۈشەندۈرىدۇ.
ئېكراندىكى رەسىمگە ئاساسەن جاۋاب بېرىدۇ.
خاتا جاۋاب بەرسە كوللېكتىپ توغرىلىنىدۇ.
تاپشۇرۇق:  
ئائىلىگە قايتقاندا رىۋايەتنى ئاتا- ئانىڭىزغا بايان قىلىپ بېرىڭ.

[دەرستىن كېيىنكى مەشىق]
سۆز بىرىكمىسى تۈزۈپ بېقىڭ.
(           )
خىلمۇخىل    (           )
(           )
(           )
(           )       كۈنلەر
(           )
تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
كۈنسېرى ــــ
ھىدى ــــ
پەرۋىش قىلىش ــــ
ھەۋەس ــــ



ياز

☆ مەزمۇنى:
بۇ بىر بالىلار شېئىرى بولۇپ، بۇ شېئىردا ياز پەسلىنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىكلىرى ھەر بىر كۇبلىتتا ئەينەن بايان قىلىنغان، ھەتتا بالىلارنىڭ ئوينايدىغان ئويۇنلىرى ناھايىتى ئوبرازلىق يېزىلغان.
        ۋاقتى: بىر سائەت
        كۆرسەتمە: رەسىم، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى.

بىرىنچى سائىتى
ئۆگىنىش نىشانى:  1. شېئىرنى شېئىر ئوقۇش قائىدىسى بويىچە توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىش.
2. تېكىستتە ئۇچرىغان يېڭى سۆز مەنىلىرىنى چۈشىنىۋېلىش ھەم ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
3. رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سوئال ائساسىدا شېئىر مەزمۇنىنى ئىگىلەش.
4. شېئىردىكى بەزىبىر مىسرالارنى رەتلەپ راۋان جۈملىگە ئايلاندۇرالايدىغان بولۇش.
5. ياز پەسلىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىش.
مۇھىم نۇقتا: 1. شېئىرنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىش.
2. شېئىردىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش.
3. رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سوئاللار ئاساسىدا شېئىر مەزمۇنىنى ئىگىلەش.
قىيىن نۇقتا:  1. شېئىر مىسرالىرىنى رەتلەپ، راۋان جۈملىگە ئايلاندۇرۇش.
2. يېڭى سۆز مەنىلىرىنى چۈشىنىۋېلىش.

ئوقۇتۇش جەريانى
ئوقۇتقۇچىنىڭ پائالىيىتى: ساۋاقداشلار، بۈگۈن بىز يېڭى دەرسىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن، تەبىئەت مەنزىرىسىگە قاراپ باقايلى. سىز ئەتراپقا قاراپ، نېمىنى بايقىدىڭىز؟
ناھايىتى ياخشى.
مەن سىلەرگە يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىڭلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر شېئىر ئېلىپ كىردىم، ئېكراندىكى مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، شېئىر ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟
ئېكراندىن ياز پەسلىنىڭ مەنزىرىلىرى، مۇزىكىغا بىرلەشتۈرۈپ كۆرسىتىلىدۇ. ئوتقۇچى شېئىرنى ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىدۇ.
سىز شېئىرنى ئاڭلاپ نېمىدەپ تېما قويغىڭىز كېلىۋاتىدۇ؟
مەندەك دېكلاماتسىيە قىلىشنى خالامسىلەر؟
شېئىرنى ئىختىيارىي ئوقۇشقا تەشكىللىنىدۇ.
تەلەپ: 1. توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق دېكالاماتسىيە قىلىش.
2. يېڭى سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزى.
قېنى كىم دېكلاماتسىيە قىلىپ باقىدۇ؟
ئەمدى ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرگەن كۇپلېتنى دېكلاماتسىيە قىلىپ باقامسىلەر؟
سىز نېمە ئۈچۈن بۇ كۇپلېتنى ياخشى كۆردىڭىز؟ بۇ كۇپلېتتا چۈشىنىكسىز سۆزلەر ئۇچرىدىمۇ؟
يېڭى سۆزلەر بىرلىكتە تەھلىل قىلىنىپ، كۇپلېت مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىمەن.
(ئېكراندىن شۇ كۇپلېتقا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈش چىقىدۇ)
يۇقىرىقى ئۇسۇل ئاساسىدا پۈتۈن شېئىر مەزمۇنى سۆزلىنىدۇ.
ئېكراندىن تۆۋەندىكى مىسرالار كۆرسىتىلىپ، جۈملە شەكلىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ.
(دەپتەرگە يازىدۇ)
گۈل- غۇنچىغا تولىدۇ.
ياغ ۋە ھويلا- ئاراملار.
كۈنلىرىمىز ئۆتىدۇ.
ياز قوينىدا شۇنداق ساز.
ساۋاقداشلار سىلەرگە بۇ شېئىر يارىدىمۇ؟ ئۇنداقتا بىرلىكتە كوللېكتىپ دېكلاماتسىيە قىلىپ باقساق قانداق؟
(مۇزىكىغا بىرلەشتۈرىدۇ)
ئوقۇغۇچى پائالىيىتى: ئىختىيارىي جاۋاب بېرىدۇ.
ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى،
گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى. مېۋىلەرنىڭ پىشىپ كەتكەنلىكىنى....
ياخشى كۆرىمىز.
ئېكراندىكى سۈرەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شېئىرنى ئاڭلايدۇ. ئىختىيارىي تېما قويىدۇ.
ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى باھالايدۇ.
خالايمىز...
ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ئىختىيارىي دېكلاماتسىيە قىلىدۇ.
بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئۈلگە بولۇپ دېكلاماتسىيە قىلىدۇ.
باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن كۇپلېتىنى دېكالاماتسىيە قىلىدۇ ھەم يېڭى سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.
مەي بولۇش ــــ
ھاۋالىنىش ــــ
يايراش ــــ
ئويناقلاش ــــ
ئاۋۋال دەپتەرگە يېزىپ، ئوقۇپ بېرىدۇ.

تاپشۇرۇق:
1. ياز پەسلىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ كېلىڭ.
2. شېئىرنى يادلىۋېلىڭ.  

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش