كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر تىلىدىكى رەڭ سۈپەتلىرىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر تىلىدىكى رەڭ سۈپەتلىرىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى ۋە ئۇلارنىڭ تەرجىمىدىكى ئىپادىلىنىشى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەڭ سۆزلىرى خېلى مول بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
           ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەڭ سۆزلىرى خېلى مول بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار ھەر خىل سىمۋوللۇق مەنىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەر مىللەت خەلق ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغاچقا، ھەر خىل رەڭلەرگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان بىلىش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە. جۈملىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارا، ئاق ۋە كۆك رەڭلەرنى ياخشى كۆرۈشى بۇنىڭ مىسالىدۇر. بۇ رەڭلەر يەنە نىسپىيلىككە ئىگە بولۇپ، قارا رەڭ بەزىدە شۇملۇقنىڭ، يامانلىقنىڭ ئىپادىسى بولسا، كۆك رەڭ بېخىللىقنىڭ، رەزىللىكنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇر تىلىدىكى رەڭ سۆزلىرى ھەر خىل سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولغاچقا، ئۇلارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندا، تۈپ رەڭ مەنىلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇلارنىڭ باشقا سىمۋوللۇق مەنىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، شۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە پىسخىكىسىدىكى ئورنىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا خەنزۇ تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۈرۈپ دەل جايىدا تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
         ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەڭ سۆزلىرى قۇرۇلمىسى ۋە خاراكتېرىگە ئاساسەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
        1 . تۈپ رەڭ سۆزلىرى. بۇلار ئاساسەن رەڭلەرنىڭ خاس مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بولۇپ، بىرلا باش مورفىندىن تۈزۈلىدۇ، كۆپىنچە، رەڭ مەنىسىدىن باشقا مەنىلىرى بولمايدۇ. مەسىلەن: قىزىل، يېشىل، سېرىق، ئاق، قارا، كۆك، كۈلرەڭ قاتارلىقلار. بۇلارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندا خەنزۇ تىلىدىكى رەڭ سۆزلىرىنىڭ خاس رەڭ مەنىسى بويىچە ئۇدۇل، بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: 等等 红,绿 ,灰,蓝,黑,黄,白 .
        2. ياسالما رەڭ سۆزلىرى. بۇنداق رەڭ سۆزلىرى كۆپىنچە رەڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئوبيېكت بىلەن رەڭ ئوبيېكتىنىڭ ھەر خىل مۇناسىۋەتتە بىرىكىشىدىن ياسىلىدۇ. بۇنداق رەڭ سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلغاندا، كۆپىنچە تۈپ رەڭ سۆزىنىڭ ئالدىغا ئۇنى كونكرېتلاشتۇرىدىغان، يەنى ئاشۇرىدىغان ياكى كېمەيتىدىغان سۆزلەرنى قوشۇش ئارقىلىق تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا بىرلا سۆز ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى شۇ رەڭنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: «قارا كۆك» دېگەننى «黑蓝»، «ئوچۇق كۆك» دېگەننى«纯蓝»، «قىپقىزىل» دېگەننى «火红»دېسەك بولىدۇ.
        بەزىدە خەنزۇ تىلىدا تۈپ رەڭ سۆزىنى تەكرارلاش ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرىجە رەڭ سۆزلىرىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: «ئاپئاق» دېگەننى«白白的»،«قىپقىزىل» دېگەننى«红红的».
        تۆۋەندە ئاساسلىق رەڭلەردىن «ئاق»، «قارا»، «كۆك»، «قىزىل» سۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى ۋە ئۇلارنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ باقايلى:
        «قارا»، بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدا خاس رەڭ مەنىسىدىن باشقا، «يامانلىق، قاراڭغۇ» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. خەنزۇلاردىمۇ مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يەنى «كۈنگەي» مەنىسىدىكى«阴 »، «قاراڭغۇ، يامانلىق» مەنىسىدىكى «黑»غا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
        «ئاق»، «ئاق» سۆزىنىڭ دەسلەپكى سىمۋوللۇق مەنىسى «ياخشىلىق، يورۇقلۇق، بەخت» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ «ئاق» سۆزى قەدىمكى دەۋردە پاكلىق مەنىسىدە كەلگەن بولۇپ، «阳 ،天» قاتارلىق مەنىلەردە.
        «كۆك»، «كۆك» سۆزىنىڭ دەسلەپكى سىمۋوللۇق مەنىسى كۆككە، ئاسمانغا چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە «بۈيۈك، ئۇلۇغ، باش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
        «قىزىل» سۆزى، قىزىل رەڭ ئۇيغۇرلار ئەتىۋارلايدىغان رەڭلەرنىڭ بىرى، كۆپىنچە گۈزەللىك ۋە ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، دەپ قارىلىدۇ.
        قىسقىسى، رەڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ھەر خىل سىمۋوللۇق مەنىلەر شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇنى تەرجىمە قىلىشتا، تەرجىمە ئۆلچىمى بويىچە شۇ سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلىش كېرەك.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش