كۆرۈش: 252|ئىنكاس: 0

«ئاتا- ئانىلار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش»نى ئۆگىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈچىنچى دەرس:
«ئاتا- ئانىلار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش»نى ئۆگىنىش
● ئۆگىنىشتىن مەقسەت: ئاتا- ئانىلارغا پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتە نېمىلەرگە ھۆرمەت قىلىش، نېمىلەردىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىگىلىتىش.
● مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا:  ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن بالا تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ياردەم قىلىش، بالا تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى ئۆلچەم بويىچە تىزگىنلەش.
● ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
ئاتا- ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتە باسىدىغان تۇنجى قەدىمى ئاتا- ئانىلارنىڭ تەربىيەلەش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتۇر. «ئاتا- ئانىلار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش» قانۇن خاراكتېرىدىكى ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، «ئاتا- ئانىلار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش»نىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى
(1) «ئاتا- ئانىلار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش»نىڭ مەزمۇنى (10 مەزمۇن)
1. ۋەتەن ئۈچۈن ئەخلاقلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، پەرزەنتلەرنى بېقىش ۋە تەربىيەلەشتىكى قانۇنىي مەسئۇلىيەت ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتنى ئاڭلىق ئادا قىلىش.
2. پەرزەنتلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلاردا مىللىي غۇرۇر، ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىش.
3. بالىلاردا توغرا غايە- ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى ۋەتەننى قۇرۇش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق كۆرۈشكە ئۈندەش
4.  پەرزەنتلەرنى ئېسىل ئەخلاق- پەزىلەتكە ۋە مەدەنى خۇلققا ئىگە كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمئىيەت، ئادەم بىلەن تەبىئەت قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىش.
5. پەرزەنتلەردە ئەمگەك ئېڭى، ئىلىم- پەن روھى ۋە قانۇن- تۈزۈم ئۇقۇمى پەيدا قىلىش، ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى قوغداش، ئۆزىنى ئۆزى كۈچەيتىش، ئۆزىگە ئۆزى قاتتىق تەلەپ قويۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش.
6. پەرزەنتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبول قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پەرزەنتلەرنى ساغلاملىققا پايدىلىق مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام بولۇشى ھەم ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
7. بالىلاردا توغرا بولغان ئائىلە تەربىيەسى ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇش، ئۇلارغا ئىلىمىي بولغان مائارىپ بىلىملىرى ۋە ئۇسۇلىنى ئىگىلىتىش، بالىلارغا ياش، خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تەربىيە قىلىش، بالىلار بىلەن ئۆزئارا ئۆگىنىش ئاساسىدا، تونۇشنى ئورتاق ئۆستۈرۈش
8. تەققى- تۇرقى مەدەنىي بولۇش، جازىبىدار- ساغلام بولۇش، كەسپىي جەھەتتە ئىنتىلىشچان بولۇش، سۆز- ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشتەك ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇش.
9. دېموكراتىك، باراۋەر، ئىناق بولغان ئائىلە مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردىمى تېگىدىغان ئېسىل ئائىلە مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش.
10. مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش، پەرزەنتلەرنىڭ مەكتەپ پائالىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتنىشىشىنى قوللاش، تۈرلۈك تەربىيەلەرنىڭ بىردەك بولۇشىنى كاپالەتلىك قىلىش.
(2) «ئاتا- ئانىلار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش»نىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:
1. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش يېڭىچە ئائىلە تەربىيەسى ئۇقۇمىنى كۈچەيتتى. مەسىلەن، ئاتا- ئانىلاردا ئەخلاقنى ئاساس قىلىدىغان، ئەخلاقىغا قاراپ ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئۇقۇم پەيدا بولدى.
2. دەۋر ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېڭىچە مەزمۇن ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن، ئاتا- ئانىلار بالىلار بىلەن ئۆزئارا ئۆگىنىش ئاساسىدا، ئورتاق ياشايدىغان بولدى.
3.  «ئۈچ بىر گەۋدە» تەربىيەسىنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى كۆزىتىش نۇقتىسى قىلىش، قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بولۇش.
4. تىل بىلەن بايان قىلىشتا پىروگراممىنى يېتەكچى قىلىش؛ پۈتۈن قۇرۇلمىدا مۇكەممەللىك، ئىلمىيلىك نامايان قىلىندى، سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
ئىككىنچى، «ئاتا- ئانىلار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش»نى بەلگىلەشنىڭ ئاساسى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى
ھۆكۈمىتىمىز 1990- يىلى رەسمىي «خەلقارالىق بالىلار ھوقۇق ئەھدىنامىسى»غا ئىمزا قويۇپ، «ئائىلە ۋە ئاتا- ئانىنىڭ بالىلارغا قاراش ۋە ئۇلارنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىغا، ھەمدە دۆلەتنىڭ ئۇلارغا ياردەملىشىپ، بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىغا» ۋەدە بەردى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ قانۇنى»دا: «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ياكى باشقا قارىغۇچىلىرى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتىلىرىغا ماسلىشىپ ئۇلارغا قارىتا تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا نىسبەتەن ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ» دېيىلگەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئاياللار بىرلەشمىسى 1997- يىلى تۇنجى قېتىم «قېلىپلاشتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ 2004- يىلى قايتىدىن تۈزىتىلىشى ئائىلە تەربىيەسىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى پايدىلىق سىناق بولدى.
ئۈچىنچى، «قېلىپلاشتۇرۇش»نى تۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى:
ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئائىلە جەمئىيەتتىكى ئاساسىي «ھۈجەيرە» بولۇش سۈپىتى بىلەن بەك كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر؛ ئاتا- ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى، بالا ئالدى بىلان ئاتا- ئانىنىڭ تەربىيەسى ۋە ئائىلە مۇھىتىدا تاۋلىنىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ئوبيېكتىپ نەرسىلەرنى تونۇش، ئىجتىمائىي قاراش، ئىدىيەۋى ئەخلاق، سەزگۈ- ئىرادە، قىزىقىش ۋە خاس ئالاھىدىلىك تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىنىڭ ساپاسى مەلۇم نۇقتىدىن تەربىيەنىڭ نەتىجىلىك يا%D

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش