كۆرۈش: 314|ئىنكاس: 3

مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىكلەر ھەقسىز قىلىنىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 18-نويابىر ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا، شەھەر، يېزا مەجبۇرىي مائارىپ خىراجىتى كاپالەت مېخانىزمىنى بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئاممىۋىي مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا، 2016-يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، دۆلەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە تەڭ پايدىلىنىدىغان خىراجەت ئۆلچەم سوممىسىنى بىر تۇتاش بېكىتىپ، شەھەر، يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرى (خەلق قۇرغان مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە بېكىتىلگەن سوممىدىن ئاز بولمىغان ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما بېرىش قارار قىلىندى. ياتاقلىق تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر، شىمالدىكى ئىسسىنىدىغان رايونلاردىكى مەكتەپلەر ۋە كۆلىمى سەل كىچىك بولغان مەكتەپلەرگە بولغان تولۇقلىما سەۋىيەسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئاممىۋىي خىراجەت تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. 2017-يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرى (خەلق قۇرغان مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ پارچە خىراجەت پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دەرسلىكلەر ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. يۇقىرىدا دېيىلگەن سىياسەتلەرنى مەركەز ۋە يەرلىك بىر تۇتاش تۈر بۆلۈپ، خىراجەتلەر نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ، كېلەركى ئىككى يىلدا 15مىليارد يۈەن مالىيە سېلىنمىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-20 22:44:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەرلەردىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت. دۆلەت شۇنچە ياخشى سىياسەتلەرنى تەمىنلەپ تۇرسا بىز ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قولىمىزنى بورنىمىغا تېقىپلا تۇرساق بولماس، ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشىپ، ۋەتەن ۋە خەلق بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدنى ئاقلايلى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-21 15:56:56يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچقۇنى1 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-20 22:44
ياخشى خەۋەرلەردىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت. دۆلەت  ...

ناھايىتى ياخشى پىكىرنى بەردىڭىز، بىز ئوقوتقۇچىلار تىرشىشمىز كىرەك
ۋاقتى: 2015-11-25 11:16:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش خەۋەركەن  .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش