كۆرۈش: 294|ئىنكاس: 1

بىخەتەرلىك تەربىيسىمۇ ياكى قورقۇنچاقلىق تەربىيسىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-29 00:15  

بىخەتەرلىك تەربىيسىمۇ ياكى قورقۇنچاقلىق تەربىيسىمۇ؟

- جېنىم ئۇكام،موتۇنى ئاستا ھەيدىسىڭىز!
- مانا قارىسىلا،ھازىر ئاران ئوتتۇز-قىرىقتا كېتىۋاتىمىز.
- ئوتتۇز-قىرىقتا ھەيدىسىڭىز بولمايدۇ.
- نەچچىدە ھەيدىسەم بولىدۇ؟
- يىگىرمىدىن ئاشۇرماي ھەيدىسىڭىز بولىدۇ.
- مۆمىن مۇئەللىم،بۇنداق ئۇزۇن يولدا يىگىرمىدىن ئاشۇرماي ھەيدىسەم،موتۇر قىزىپ موتۇنىڭئۆمۈرى قىسقىراپ كېتىدۇ.
- ئىتىك ھەيدىسىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئۆمۈرى قىسقىرايدۇ.
- يا ئاللا،ماڭا ئوقۇغۇچى بالىلارغا تەربىيە بەرگەندەك بىخەتەرلىك تەربىيسى بېرىپ كەتتىلىمۇدەيمەن ئەمدى.
- ئوقۇغۇچى بالىلارغا بۇنداق بىخەتەرلىك تەربىيسى بەرمەيمەن.
- قانداق تەربىيە بېرىلا؟
- موتۇغا مىنگەشمەڭلا،ماشىنىغا چىقماڭلا،يۈگۈرمەڭلا،ئىتىك ماڭماڭلا….
- ۋېلىسپىت مىنمەڭلا،يولغا كىرمەڭلا،يولدىن چىقماڭلا،ئويغا چۈشمەڭلا،دۆڭگەچىقماڭلا…
- ئۆزۈڭىز بىلىپ تۇرۇپ سورايدىكەنسىز ئادەمدىن.
-
  مەندېسەم،مۆمىن مۇئەللىم سىلە تۆت-بەش يىلدىن بۇيان بېرىپ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەربىيىسىماڭا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئەمەس قورقۇنچاقلىق تەربىيىسىدەكلا تۇيۇلىدۇ.
- سىز قانداق قىلدىڭىز
  بىخەتەرلىكتەربىيىسىنى؟
-
  مەنيولغا كىرمەڭلا،يولدىن چىقماڭلا،يۈگۈرمەڭلا دېمىدىم،ئۆزۈڭلار يول تاللاپ ئىمكانىيەتنىڭبارىچە تېز مېڭىڭلا دەپ تەربىيە بەردىم.
- ئەتە-ئۆگۈن بىرەر بالا خەتەرگە ئۇچۇراپ قالسا،يوقۇرىغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
- سېلىنىڭ مۇشۇ سۇئاللىرىنىڭ ئۆزىدىنلا قورقۇنچاقلىق پىسخىكىلىرى چىقىپ تۇرىدۇ.
- قورقۇنچاق بولساقمۇ تېنچ بولغان ياخشى.
- تېنچ بولغانغۇ ياخشى،بىراق قورقۇنچاقلىقنى بالىلارنىڭ قېنى-قېنىغا سىڭدۈرۋەتسەك،ئەتە–ئۆگۈن بۇ بالىلار جەمئىيەتتە ئۆزۈنىڭ پاشىسنى قانداق قورقۇپ ياشايدۇ؟
- ئەتە-ئۆگۈن بالىلار بوزەك قىلىنسا قوغدايدىغان قانۇن بار.
- ھېلىمۇ سادىر پالۋان سېلىنىڭ سىنىپتا ئوقۇپ قالماپتىكەن بولمىسا،پالۋان ئاتىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن،كېچىسى ئۆزى يالغۇز تەرەتكە
  چىقالماي قىينىلاركەن.

مەنبە:
  ئۆزقەلەم


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-8-29 19:31:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىمنىڭ خىيالى باشقا ، ياخشى يېزىلىپتۇ،ئاپرىن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش