| خەنزۇچە مىكرو ھىكايىلەر تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى :ئابلىمىت خاتالىق
تولۇق ئوتتۇرانى پۈتتۈرىدىغان چاغدا ئۇنىڭ دادىسى قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى . ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى ئالغاندا ئۇ تاللاشقا دۇچ كەلدى ،ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئوقۇماسلىق ئۇنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ تاللاش ئىدى .ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلەتتى ،بىراق ئۇ يەنە بىلىم ئىلىش ئارقىلىق ھەممىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.شۇڭا ئۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇشنى تاللىدى. ئۇ ئالى مەكتەپتە ناھايتى ياخشى ئوقۇدى ،ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان چاغدا مەكتەپ ئۇنى ئەنگىلىيىگە چىقىپ ئوقۇشقا تاللىدى ،ئۇ يەنە بىر قىتىم ئوقۇشنى تاللىدى . 4يىلدىن كىيىن ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ ئانىسى ئاللىقاچان بۇ دۇنيادا يوق بولۇپ بولغان ئىدى . ئۇنىڭغاپەقەت ئانىسىنىڭ قان ساتقانلىق تالۇنىلا قىپ قالغان ئىدى.
ئانا مۇھەببىتى
روژوىستىۋا بايرىمى يىىتىپ كەلگەندە ئۇ دوستلىرى بىلەن پۇخادىن چىققۇچە ئوينىدى.تۇيۇقسىز تىلفۇن قىلمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئانىسىنى ئەسلەپ قالدى ۋە ئانىسىغا تىلفۇن قىلدى :«ئاپا،روژوىستىۋا بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن ». ئانىسى كۈلۈپ تۇرۇپ ، :«بىرگە بولسۇن ،دىگىنە بۇ قىتىم قانچە پۇل لازىم ؟»ئوغۇل ئالدىراپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ،ئاپا،مەن پۇل دەپ تىلفۇن قىلمىدىم ،سىنى سىغىنىپ تىلفۇن قىلدىم . ئاپىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ تىخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى ،:«ئوغلۇم ،دىگىنە زادى نىمە ئىش يۈز بەردى ؟».ئاپىسىنىڭ جىددىيلەشكەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئوغۇل چىدىماستىن يىغلاپ تاشلىدى . |
|