كۆرۈش: 412|ئىنكاس: 2

3000يىلدىن كىيىنكى ئىسانلارغا خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     3000يىلدىن كىينىكى ئىنسانلارغا خەت
                                                                                                  ئەن لى
       مەن 3000يىلدىن كىيىن ئىنسانلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىن گۇمان قىلىمەن .ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى قىياس قىلىنغان مۇنداق بىر ئوبرازلىق سۆز بار:«ئىسانلار ئاخىر  يەر شارىدىكى بارلىق سۇنى خورىتىپ تۈگىتىدۇ، قېپقالغان  ئەڭ  ئاخىرقى بىر تامچە سۇ  ئۇلارنىڭ كۆز  يىشى بولۇپ قالىدۇ،خالاس!»
      شۇنداق ، ھازىرقى تەبىئەتكە ئاچ كۆزلۈك بىلەن يۈرگۈزىلىۋاتقان تالان -تاراجلار،  ئەسەبىيلەرچە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۈرئىتى ۋە «يادرو قوراللىرىغائىنتىلىۋاتقان ، ئىگە  بولىۋاتقان  دۆلەت ۋە تەشكىلات» لار  سانىنىڭ بارغانسېرى  كۆپىيىپ  بېرىشىدەك ئەھۋاللارغا قاراپ ئۈمۈدسىزلىك بىلەن شۇنداق ھۆكۈم  چىقىرىشقا  مەجبۇرمىزكى ،ئىسانىيەتنىڭ  ھالاكىتى ئۇزاققا  بارمايدۇ .
     ئەمما ،ھەرقانداق مۆجىزە يۈز بىرىشى ئېھتىمالغا ناھايتى يىقىن . ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ  قەيسىرانە ياشاش ئىرادىسىگە  تايىنىپ ،3000يىلدىن كىيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن . ئۇنداقتا ،سىلەردىن 3000يىلدىن مۇقەددم يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە نىمە دىيىشىم كېرەك ؟ئالدى بىلەن ،ئۆزۈم  ياشىغان دەۋىردىكى ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن ،سىلەرگە گۇناھىمىزنى ئىقرار قىلماقچىمەن    .ئىشىنىمەنكى ،سىلەر بىزنى توختىماي  تىللاۋاتىسىلەر، قارغاۋاتىسىلەر ،بىزگە ئاھانەت قىلۋاتىسىلەر .بىز بۇ  دەۋىر ئىنسانلىرى ئەجدادلارغا نىسبەتەن  «ۋاپاسىز ئەۋلاد  »  ، سىلەرگە نىسبەتەن «ۋاپاسىز  ئەجداد »لارمىز .سىلەر بىزگە قانچە لەنەت  ئوقۇساڭلارمۇ ئارتۇق  كەتمەيدۇ .بىز  يەر شارىدىكى يىپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى كەڭ كۆلەمدە بۇزىۋەتتۇق ؛ بۈك -باراقسان چوققىلارنى ۋاقىتسىز  تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۋەتتۇق ؛ ھاۋاغا زەھەرلىك ماددىلارنى بولۇشىغا  قويىۋىتىپ ،كۆپكۆك ئاسماننى ئىس -تۈتەكلەر بىلەن قاپلىتىۋەتتۇق ؛ سۈپسۈزۈك  دەريا -ئىقىنلارنىڭ سۇلىرىنى گويا  يارا  ئىغىزىدىن  چىقىۋاتقان يىرىڭلارغا ئوخشىتىپ قويدۇق؛يەر شارىنىڭ ھەربىر  بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىدىكى نىفىت ،كۆمۈر ۋە بارلىق كىرەكلىك ئېنىرگىيە زاپسىنى قىلچە تىزگىنسىز قېدىرىپ قېزىپ تۈگەتتۇق ؛ئەۋلاتلارغا  تەۋە  بولغان بارلىق بايلىقلارنى ئىشلىتىۋالدۇق ۋە بۇزۇپ چاچتۇق ؛بىز  ۋەھشىلەرچە  قىرغىنچىلىق قىلىپ ،ھەمرايىمىز  بولغان ھايۋانلارنى يوقىلىش گىردابىغا ئىلىپ باردۇق ،ئۇلارنى داستىخىنىمىزدىكى مەزىلىك  تائاملارغا ئايلاندۇرۇپ يەپ تۈگەتتۇق .بىز ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يوقىتىش بىلەن  بىرگە ،ئادەملەر  ئارىسىغىمۇ ھەرخىل ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چىچىپ ،ئۆزىمىزگە يات ئىرىق ،يات دىن ،تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى قىردۇق ،ھەتتا  ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەرنىمۇ بوش قويمىدۇق ،كاللىلار يەردە دومىلاپ ،قان  دەريا  بولۇپ ئاقتى ،ئەگەر سىلەر ئىسانىيەت تارىخىدىن ھىساپ  ئالماقچى بولساڭلار ،بىز  تارىخ  جاۋاپكارلىق سەھنىسىدىكى باش جىنايەتچىلەردۇرمىز .بىز  گۇناھىمىزنىڭ  ئىغىرلىقىنى بىلىمىز  ،شۇڭا ئۆزىمىزنى ئەيىبلەش ، تۆۋە قىلىشتىن باشقا نىمىمۇ قىلالايتۇق ؟!  قوي يىتكەندىن كىيىن قوتاننى ئوڭشىغاننىڭ پايدىسى يوق ،ئەلۋەتتە .ئەگەر بىزنى سىلەرگە كېرەكلىك دەپ قارىغاندىمۇ بىز  پەقەت سىلەرگە سەلبى دەرسلىكلا بولالايمىز ،خالاس!مەن سىلەرنىڭ قانداق ئىجتىمائى فورماتسىيىدە  ياشاۋاتقىنىڭلارنى بىلمەيمەن ،ئەگەر سىلەر دېموكراتىيلىك ،مەدەنىيەتلىك  دۇنيادا ئەركىن ھاۋادا نەپەسلىنىپ ،مېھرى -شەپقەت نۇرىغا چۈمۈلۈپ ياشاۋاتقان بولساڭلار ،ئەجدادلىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا -تىلاۋەت قىلىپ ، ئۇلارنى  ئەسلەپ تۇرغايسىلەر ،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق  كىرەك .ئەجداتلىرىڭلار مۇستەبىت كۈچلەر  بىلەن ئىلىشىش  جەريانىدا ئالدىنقىسى يىقىلسا ،كىيىنكىسى  ئىز  بىسىپ ھاياتىنى  بەدەل قىلغان ،ئۇلارنىڭ  قىنى  شەپەقنى قىزارتقان .ئەگەر سىلەر چىقىمچىلار ۋە مەخپى تىڭشىغۇچ ئەۋج  ئالغان دەۋىردە ياشاۋاتقان بولساڭلار ،سىلەرنىڭ بوشىشىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ، ھوقۇق -مەنپەئىيتىڭلارنى قولغا  كەلتۈرۈش  ئۈچۈن زوراۋانلىق بىلەن باتۇرلارچە ئاداققىچە كۈرەش  قىلغايسىلەر .سىلەر بىزنىڭ  دەۋىردە ياڭرىغان «بارلىق ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قەغەز يولۋاس  »دېگەن شۇئارنى ئىسىڭلاردا مەھكەم تۇتۇڭلار .سىلەر مىنىڭ  بۇ   خىتىمنى كۆرگەندە ،مەن ئاللىبۇرۇن  پاسىق  سۆڭەككە  ئايلىنىپ بولىمەن ،شۇنداقتىمۇ ،سىلەرنىڭ بەخىتلىك ،سالامەت بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-8-16 16:43:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەزمۇنلۇق ماقالە ئىكەن، رەھمەت سىزگە. ئۆزىنى ئىنسان چاغلىغۇچى ئىنسان بۇ توغرىسىدا ئويلىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. بىز تەبىئەتنىڭ دۈشمىنى بولۇشىمىز كېرەكمۇ ياكى دوستىمۇ؟ ... دېگەن سوئاللارغا ھەقىقى جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك.
ۋاقتى: 2015-8-18 22:55:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3000 يىلدىن كىيىن بۇ يېزىقىنى تۇنۇيدىغانلار چىقارمۇ ؟ ھازىرقى بىرقىسىم ئەۋلاتلىرىمىز بۇ تىلنى ئۇقۇيالمىسا ،كىيىنكىلەر ۋاي تاڭ ................
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش