كۆرۈش: 432|ئىنكاس: 2

تېلېفۇننى ئۆگىنىشتە ئىشلىتىشكە دائىر ئەمەلىي مىساللار-1 (رەسىملىك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-7 13:48  

تېلېفۇننى ئۆگىنىشتە ئىشلىتىشكەدائىر ئەمەلىي مىساللار(1)

كىرىش سۆز
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىتاب يوق ئائىلىلەر ھېلىھەم بار. ئەمما تېلېفۇن يوق ئائىلە قالمىدى.ھەتتا بەزى ئائىلىلەردە تېلېفۇن ھەر-بىر نوپۇسقا بىردىن توغىرا كېلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرتېلېفۇننى تۇرمۇش،خىزمەت،كۆڭۈل ئېچىش ۋە سودا-سېتىق… ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ. ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە ئىشلىتىغانلار ئاز.
مەن بۇ ماقالەمدە(ئەقلىي ئىقتىدارلىق) تېلېفۇنلار(ۋە تاختا كومپىيوتېرلار)نى ئۆگىنىشتە ئىشلىتىش قائىدىلىرى ھەققىدە توختىتىلىمەن. ئەگەر تېلېفۇن ئۆگىىنىشتە ئىشلىتىلمىسە،ئۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر رولى جارى قىلدۇرۇلمىغان — زايە كەتكەن بولۇپ قالىدۇ. تېلېفۇننى ئۆگىنىشتە ئىشىلتىشكە ھېچقانداق پۇل كەتمەيدۇ،
ھەتتا سۆزلىشىش كارتىسىنى ئېلىۋېتىپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دائىم يېنىمىزدىن ئايرىلمايدىغان بىر قولايلىق ئۆگىنىش قورالى بولالايدۇ.
گەپنى تېلېفۇن سېتىۋېلىشتىن باشلىسام. ياشانغانلار،يەنى تېلېفۇننى پەقەت سۆزلىشىش،ئالاقىلىشىش ئىشلىرى ئۈچۈنلا ئىشلىتىدىغانلار مېنىڭچە ئادەتتىكى تېلېفۇنلارنى سېتىۋالغىنى تۈزۈك،بولمىسا،ئىشلىتىش جەريانىدا قىينىلىپ قالىدۇ.ھەتتا تورغا چىقىپ كېتىپ تېلېفۇن پۇلىغا قەرز بولۇپ قېلىشتەك كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقىدۇ.
ئەمدى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇنغا كەلسەك،جۇڭگودا كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقىنى ماشىنا ئادەم ( android)،
ئالما (iphone) ۋە
كۆزنەك (Windows phone)…سېستىمىلق تېلېفۇنلار بولۇپ،ئۇلاردىن ماشىنا ئادەم(android) سېستىمىلىق تېلېفۇن ۋە
تاختا كومپىيوتېرنىڭ باھاسى بىرقەدەر ئەرزان ھەم بىزدە كۆپرەك ئومۇملاشتى. ئۇنداقتا Android سېستىملىق تېلېفۇن
(ۋە تاختا كومپىيوتېرلار)نىڭ ئىقتىدارىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش ۋە باھا قويۇپ سېتىۋېلىش كېرەك؟
تېلېفۇن سېتىۋالماقچى بولغاندا ئالدى بىلەن سىستېما تەڭشىكى (系统设置)نى ئاچىمىز. ئاندىن يوقۇرىغا سىيرىپ تېلېفۇن ھەققىدە (关于手机)نى ئاچىمىز. ئۇنىڭدىكى سستىما نەشىرى(版本)،تىپ نومۇرى(型号)… قاتارلىق ئۇچۇلارغا قارايمىز. ئاندىن يەنە سىستېما تەڭشىكى (系统设置)غا قايتىپ سىستېما باشقۇرۇش(管理应用程序)كىرىپ تۆۋەنگە قاراپ تېلېفۇننىڭ ئىچكى ساقلاش سېغىمنى كۆرىمىز.سېستىما نەشىرى بىلەن ئىچكى ساقلاش سىغىمى …قاتارلىقلار ماركلىق تېلېفۇننىڭ ئىقتىدارى ۋە باھاسىنى بىكىتىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. قالغان تەرەپنى ئۆز قىزىقىشىمىز بويىچە تاللاپ سېتىۋالساق بولىدۇ.










مەن ئۆيۈمگە كەڭ بەلۋاغلىق تور ئورناتقاندا تېلېگىراپ شىركىتى بىر دانە سىستېما نەشىرى 4.0.3بولغان 中兴ماركىلىق ئاندىروئىد سېستىمىلىق تېلېفۇن سوۋغا  قىلغان ئىدى. مېنىڭ ئېلىگىرىكى ئىشلىتىۋاتقان نومۇرۇم كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ نومۇرى بولغاچقا بۇ تېلېفۇن ئۆيدە بىكار قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئاستا-ئاستا قىزىمنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ ئېلىپبە،ماتېماتىكا،خەنزۇ تىلى ۋە ئەدەبىيات ئۆگىنىش ھەم ئۆگىىتىشتىكى مۇھىم قورالى قىلىۋالدىم. تۆۋەندە كەڭ ئاتا-ئانىلار،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشتە تېلېفۇندىن پايدىلنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قائىدە— تەرتىپلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

تېلېفۇنمۇ كومپىيوتېرغا ئوخشاش سىستېما،رۇم ۋە ئەپ… قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردىغان قورال بولۇپ،سىستېما ۋە رۇم قاچىلاشقا مەخسۇس كەسىپ ئەھلىلىرى بولمىسا بولمايدۇ.بىز پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىز، دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردە ياسسالغان ھەم ياسسىلىۋاتقان مىڭلىغان ئەپ((apkلەر ئىچىدىن ئۆگىنىشمىزگە كېرەكلىك بولغان كومپىيوتېر،تېلېفۇن ياكى كۆك چىش …ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەپلەرنى تېلېفۇنىمىزغا قاچىلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئەپ قاچىلاشنىڭ توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاش،تېلېفۇننى كومپىيوتېرغا چېتىپ قاچىلاش،سىغىم كارتىسى(多媒体卡)غا كۆچۈرۋېلىپ قاچىلاش قاتارلىق بىرقانچە خىل ئۇسۇللىرى بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە سىغىم كارتىسىغا كۆچۈرۋېلىپ قاچىلاش ئۇسۇلى ئەڭ ئاسان ھەم ئەڭ بىخەتەر. ئالدى بىلەن تېلېفۇننىڭ سېستىما تەڭشىكى(系统设置)دىن بىخەتەرلىك(安全)نى ئېچىپ نامەلۇم مەنبە(来源来源)نى چېكىپ كۆزنەككە توغىرا بەلگىسى ئۇرىۋېتىشمىز كېرەك.




بولمىسا تېلېفۇنىمىز ئەپ قاچىلاشنى چەكلەپ تۇرىۋالىدۇ. ئاندىن ھۆججەت باشقۇرۇش(文件管理器)نى ئاچقاندا،سىغىم كارتا (SD卡)ۋە تېلېفۇن (手机)ئېچىلىدۇ. سىغىم كارتا ياكى تېلېفۇندىكى قاچىلىماقچى بولغان ھەرقانداق بىر ئەپ(بەزى روت ھوقۇقى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەپلەرمۇ بار.
بۇنداق ئەپلەرنى ئۆزىمىز قاچىليالمايمىز)نى چەكسەك،تېلېفۇنغا قاچىلاش(手机安装)،سىغىم كارتىسىغا قاچىلاش(SD卡安装) ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش (取消) دېگەن ئۈچ دىئالوگ رامكىسى چىقىدۇ. تېلېفۇن بىلەن سىغىم كارتىسىنىڭ قايسىسىنىڭ سىغىمى كۆپ بولسا شۇنى تاللاپ چەكسەك،ھازىر قاچىلاۋاتىدۇ(…正在安装)دەپ ئۇچۇر چىقىپ،بىردەمدىن كېيىن يەنە ئاچامسىز(打开)ياكى ئاياغلاشتۇرمسىز(完成) دەپ سورايدۇ.قايسى چەكسەك بولىۋېرىدۇ— ئەپ قاچىلاش تاماملىنىدۇ.


1. تېلېفۇننى بالىلارنىڭ ئېلىپبە ساۋادىنى چىقىرىشتا ئىشىلتىش ئۇسۇللىرى

ھازىرغىچە توردا بىلكان ئېلىپبەسى،قارلۇق ئېلىپبەسى ۋە قۇربان نىياز ئىسىملىك كىشى ياسسىغان(Uyghur Alphabet)تىن ئىبارەت ئۈچ ئېلىپبە ئەپ بولۇپ،بۇ ئەپلەر بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇشنى ئۆگۈنىشتىكى قولايلىق ياردەمچىسى بولالايدۇ.  تۆۋەندىكىلەر ئۈچ خىل ئەپنىڭ ئېچىلغاندىن كېيىنكى رەسىمى:








بىلكان ئېلىپبەسى: بۇ ئەپتە (ئوڭدىكى رەسىم)ئاق ئىستىرىلكىلارنى چېكىش ئارقىلىق ھەر-بىر ھەرىپنىڭ ئوقۇلىشىنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ئۇڭ تەرەپتىكى بەلگىنى چېكىش ئارقىلىق ئاۋازىنى تاقىغىلى،بېرىلگەن رەسىم ۋە ئوقۇلىشىغا ئاساسەن ھەرپ تاللاش مەشىقى قىلغىلى،بېرىلگەن بارلىق ھەرىپلەردىن تاللاپ چېكىپ ئوقۇشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.







قارلۇق ئېلىپبەسى: بۇ ئەپتە(ئوتتۇردىكى رەسىم)«ھەرپ»نى چېكىش ئارقىلىق بارلىق ھەرىپلەر ئېچىلىدۇ.خالىغان ھەرىپنى چېكىش ئارقىلىق شۇ ھەرىپنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنىڭ ئوقۇلىشىنى،رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق شۇ تاۋۇش بىلەن كەلگەن جۈملىنى،رەسىم ئاستىدىكى سۆزنى چېكىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئوقۇلىشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى قولنى چېكىش ئارقىلىق باشقا ھەرىپكە يۆتكەلگىلى بولىدۇ. قەلەمنى چېكىش ئارقىلىق شۇ ھەرىپنىڭ ھەرخىل شەكلىنى يېزىلىش تەرتىپى بويىچە بارماقتا يېڭىلاپ يېزىپ مەشىق قىلغىلى بولىدۇ. ئۆچۈرگۈچنىڭ رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق خاتا يېزىپ قالغىنىنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ.بۇ ئەپتە يەنە ئېلىپبە ناخشىسىمۇ بار.







ئەسكەرتىش: Uyghur Alphabet بىلەن قارلۇق ئېلىببەسى   adobe.air  دېگەن ئەپنىمۇ قوشۇپ قاچىلىمىسا ئېچىلمايدۇ.
يوقارقى ئۈچ ئەپتىن باشقا يەنە ئۇيغۇرچە ھەرپ تۇتاشتۇرۇش ئويىنى ئوينايدىغان ئەپمۇ بار بولۇپ،ئويۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەپ ھەققىدە توختالمايمەن.


ئەسكەرتىش: يوقارقى ئاددىي ساۋاتلارنى كۆپ قىسىم تورداشلار بىلىسىلەر. بۇ ماقالىنى بىلمەيدىغانلارمۇ بار دەپشۇلارغا يازدىم. ناۋادا يولۇققان مەسلىلەر بولسا ئىنكاس يازساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە.
( ماقالىنىڭ داۋامى بار)

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-12 16:29:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يوللاپ ياىشى قىپسىز  ›ئەمدى بالامغا تېلىفۇنۇمدىن  پايدىلىنىپ ئېلىپبە ئۆگەتسەم بولغىدەك.بۇرۇن بىلمەيتىم.رەھمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-21 13:48:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تېلېفۇننى ئۆگىنىشتە ئىشلىتىشكە دائىر ئەمەلىي مىساللار-1 (رەسىملىك)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-21 14:06  

Bilkan键盘1.0.0.apk.apkتۆت پارچە ماقالىدە مىسال كەلتۈرۈلگەن بارلىق ئەپلەرنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋېلىڭلار.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش