| گىلەمدىكى سۈيدۈك دېغىنى چىقىرىش ئۇسۇلى: كىچىك بالا گىلەم ئۈستىگە سىيىپ قويغاندا ، نىپىز پاختا، جەغەھ ياكى بىر پارچە لاتا بىلىن سۈرتۈۋېتىپ ئاندىن كىيىن بۇلۇتنى ئىسسىق سۇغا تەككۈزۈپپاكىز سۈرتۈپ قۇرۇتىۋەتسە، سۈيدۈكنىڭ دېغى چىقىپ كىتىدۇ ياكى بولمىسا ئۈچ قۇشۇق ئاق ئاچچىقسۇغا تازىلاش سۇيۇقلۇغى ئارلاشتۇرۇپ سۈيدۈك دېغا بار ئۇرۇنغا تېمىتىپ، 15 مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇۋېتىپ قۇرۇتىۋەتسە، داغ چىقىپ كىتىدۇ. ئاۋاز پەردىسى زىيادە چارچىغاندا : سۇس تۇز سۈيى بىلەن ئېغىز چايقاپ بەرسە، ھەمدە بىر يۇتۇم يۇتۇۋەتسە، بىاراملىق يۇقايدۇ. كانايدىكى ئارامسىزلىنىشمۇ تۇز تەمىنىڭ كىتىشى بىلەن يۇقاپ كىتىدۇ. توڭلاتقۇنىڭ سىرتىنى تازىلاش ئۇسۇلى توڭلاتقۇنىڭ سىرتىدىكى كىر داغلىرى زادى چىقىپ كەتمىگەندە، لاتىنى چىش پاستىسىغا ئازراق تەككۈزۈپ ئاستا- ئاستا سۈرتۈۋەتسە كىر چىقىپ كىتىدۇ. يەنىلاچىقىپ كەتمىسە لاتىنى چىش پاستىسىغا كۆپرەك تەككۈزۈپ تەكرار سۈرتكەندە ، توڭلااتقۇنىڭ پارقىراقلىغى ئەسلى ھالىتىگە كىلىپ پارقىراپ كىتىدۇ.
ئەينەك سۈرتكەندە ئىشىك دەرىزىلەرنىڭ .ئەينىكىنى كونا گېزىتنى نەمدەپ سۈيۈنى سىقىۋېتىپ سۈرتكەندە،ئەينەك پاكىزلىنىپ پاقىرايدۇ،ئەينەككە سىر يۇقۇپ قالغان بولسا،گېزىتنى ئاچچىقسۇغا تەككۈزۈپ سۈرتسە چىقىپ كىتىدۇ،ئاشخانىلارنىڭ ئىسلىشىپ قارىداپ كەتكەن ئەينەكلىرىنى سۈرتكەندە شولتىسى كۈچلۈك بولغان كىر چىقىرىش پاراشوكى بىلەن سۈرتۈپ، ئەينەكتىكى داغ ئىزلىرى يوقالغاندىن كېيىن يۇقۇرىدا ئېيىتىلغان ئۇسۇل بۇيىچە سۈرتسە چىقىپ كىتىدۇ. كىتاپ قۇرۇتۇشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى كىتاۋىڭىز ھۆل بۇلۇپ كەتسە كىتاپنى ئاپتاپقا يېيىپ قۇرۇتسىڭىزمۇ بۇلۇدۇ،بىراق كىتابىڭىز پۈرلۈشۈپ قلىدۇ؛ ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇشمۇ ياخشى چارە ئەمەس، چەتەلدىكى بىر تەجرىبىخانىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا ھۆل بۇلۇپ كەتكەن كىتاپنى تەكشى قىلىپ تۈزلىگەندىن كېيىن توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش بۈلۈمچىسىگە سېلىپ قويسا ئىككى كۈندىن كېيىن كىتاپ قۇرۇپ ئۆز ئەسلگە قايتىدىكەن. كېرەكسىز بۇيۇملاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلنىش ئۇسۇلى 1- ئۆي ئىچىدە بىر نەچچە تال ئاپلىسىن پوستىنى كۆيدۈرۈپ قويسىڭىز چىۋىن، پاشا قاتارلىقلارنى قوغلايدۇ. ئۇندىن باشقا ئاپلىسىن پوستىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويسىڭىز، توڭلاتقۇدىكى غەيرى پۇراقلارنى يۇقۇتۇدۇ. ئوپتىك دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى ئوپتىك دېسكا سۇلياۋ ماتېرىيالدىن ياسالغان بولغاچقا ياخشى ساقلانمىسا ئىگىلىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئوپتىك دېسكىنى قوزغاتقۇچقا سالغاندا قوزغاتقۇچنىڭ نۇر بېشى فوكۇس توغرىيالماسلىق سەۋەبىدىن ئوپتىك دېسكىنىڭ ئايلىنىش سۆرئىتى تېز سۆرئەتتە ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆچلۆك شاۋقۇن ئاۋازى چىقىدۇ. ئەگەر ئوپتىك دېسكىنىڭ شەكلى ئۆز ئۆزگىرىپ كېتىش دەرىجىسى ئېغىر بولسا سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇپ چىقىرالمىغاندىن باشقا دېسكا قوزغاتقۇچنىڭ نۇر بېشىنى بۇزۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا مۇھىم ئۇچۇر ساقلانغان ئوپتىك دېسكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەگەر ئوپتىك دېسكا قاتلىشىپ ياكى سۇنۇپ كەتمىگەنلا بولسا قۇتقۇزۇش مۇمكىنچىلىكى بار. ئىگىلىپ كەتكەن دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۆرۆش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك: ئوپتىك دېسكىنى چوڭ كىچىكلىكى پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئىككى پارچە ئەينەكنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ سۇغا سالىمىز. ئاندىن سۇنى ئاستا - ئاستا قىزدۇرۇپ 80دىن 90 گرادۇسقىچە ئارىلىقتا كونترول قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قىزدۇرۇش جەريانىدا ئەينەكنى قىسقان قىسقۇچنى بارغانسىرى چىڭىتىمىز. ئوپتىك دېسكىنى قىزىق سۇدا ئۆچ مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، قىزىق سۇدىن چىقىرىپ ئاستا - ئاستا سۇۋۇتۇپ ئاندىن قىسقۇچنى ئېلىۋەتسەك ئوپتىك دېسكا ئەسلىگە كېلىدۇ. دىققەت: ئەينەكنى ئىككى دانە ئامبۇر بىلەن قىسىشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئەينەكنى سۇندۇرۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۆچۆن لاتىغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسە قىستۇرۇپ قىسش كېرەك. ئوپتىك دېسكىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يۆزىنىڭ سىزىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. گەرچە يۆزى سىزىلىپ كەتكەن دېسكىلارنى نورمال ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، سىزىلىش دەرىجىسى ئېغىرراق بولغانلىرىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇتۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ. ئەگەر مۇھىم ئۇچۇر بار ئوپتىك دېسكا مۇشۇنداق سىزىلىپ كەتكەندە قانداق قىلىمىز؟ ئوپتىك دېسكىنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئارقىلىق پاكىزە يۇغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىپ كۆرۆڭ. ئەگەر يەنىلا نورمال ئوقۇپ چىققىلى بولمىسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىناپ بېقىڭ. ئوپتىك دېسكىنى ھۆل قىلىپ تەكشى يۆزلۆك ئورۇنغا قويغاندىن كېيىن يۆزىگە بىرقانچە تامچە قاچا يۇيۇش سويۇقلىقى تېمىتىمىز. ئاندىن ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئورايدىغان ئاق رەڭلىك كۆپۆك سۇلياۋدىن كىچىك بىر پارچە تەييارلاپ يۆزىگە بىرئاز چىش پاستىسى سۆرىمىز. ئاندىن كۆپۆكچە سۇلياۋ ئارقىلىق ئوپتىك دېسكىنىڭ يۆزىدىكى سىزىلغان ئورۇننى ئىچىدىن - سىرتىغا، سىرتىدىن- ئىچىگە يۆنىلىشتە قايتىلاپ تاكى سىزىلغان ئورۇن يوقىغىچە سۆركەيمىز. دىققەت: كۆپۆكچە سۇلياۋنى سۆركىگەندە چوقۇم ئوپتىك دېسكىنىڭ مەركىزىدىن سىرتىغا، سىرتتىن مەركىزىگە قارىتىپ سۆركەش كېرەك. ئەگەر ئايلانما شەكلىدە سۆركىسەك سىزىقچە يۇقىماستىن باشقا تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۆرتۆش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشى كېرەك. بولمىسا دېسكا يۆزىدىكى سىزىقچە ئوڭايلىقچە يوقىمايدۇ. ئوپتىك دېسكا يۆزىدىنى سىزىقچە يوقىغاندىن كېيىن ئوپتىك دېسكىنى پاكىزە چايقاپ قۇرتقاندىن كېيىن قوزغاتقۇچقا سالساق ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى بىمالال ئوقۇپ چىقارغىلى بولىدۇ. |
|