كۆرۈش: 299|ئىنكاس: 1

تۇلۇق 2-يىللىق 2-مەۋسۇملۈك ئىدىيە سىياسى چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوتتۇرا مەكتەپ -ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۇملۈك
تۇلۇق 2-يىللىق ئىدىيە سىياسى چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى



تاق تاللاش سۇئالى   (60 =   3  ×  20)
1. جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى دۇشاڭخەن ‹‹يېزا ئېگىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى››تەقدىرلەش مۇكاپاتلاش چوڭ يىغىنىدا ‹‹يېزا ئىگىلىكى بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشۇشقا ئەرزىيدىغان كەسىپ›› دىگەن ئىدى. بۇ يەردىكى يېزا ئىگىلىكى تەۋە بولىدىغىنى (   )
A.تەبىئىي پەن ئىلمى   B.ئىجدىمائىي پەن ئىلمى   C. پەلسەپە    D.لوگىكا ئىلمى
2.ئېينىشتىين مۇنداق دىگەن:‹‹پەلسەپە ئوخشاش بولغان پەنلەر بىلەن بىرلەشمىسە بىر قۇرۇق جاھازىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؛ئىلىم-پەنمۇ ئەگەر پەلسەپە بولمىسا ،ئۇ ئىپتىدائىي بولغان قالايمىقان نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ››. ‹‹پەلسەپە ئوخشاش بولغان پەنلەر بىلەن بىرلەشمىسە بىر قۇرۇق جاھازىغا ئايلىنىپ قالىدۇ›› بۇنىڭ مەنىسى (   )
A. پەلسەپە تۈرلۈك كونكىرت پەنلەرنىڭ ئاساسى
  B. پەلسەپە تۈرلۈك كونكىرت پەنلەرنى ئاساس قىلىدۇ
  C. پەلسەپە تۈرلۈك كونكىرت پەنلەرنىڭ يىغىندىسى
  D. پەلسەپە بولسا دۇنيا قاراش،تۈرلۈك پەنلەر بولسا مىتودولوگىيە
3. ‹‹ئىلىم-پەنلەرمۇ ئەگەر پەلسەپە بولمىسا ،ئۇ ئىپتىدائىي بولغان قالايمىقان نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ›› بۇنىڭ چۈشەندۈرىدىغىنى(  )
A. تۈرلۈك كونكىرت پەنلەرنىڭ پەيدا بولىشى پەلسەپەنى ئاساس قىلىدۇ
  B. پەلسەپە بىلەن تۈرلۈك كونكىرت پەنلەرنىڭ پەرقى يوق
C. پەلسەپە بىلەن تۈرلۈك كونكىرت پەنلەر ئۆز –ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ،بەلگىلەيدۇ
D. پەلسەپە تۈرلۈك كونكىرت پەنلەرنىڭ تەتقىقاتىدا يېتەكچى رول ئوينايدۇ
4.جوڭگۇنىڭ قەدىمدە:‹‹مىتال،ياغاچ،سۇ،ئوت،تۇپراق›،لارنى تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى دەپ قارىغان،بۇ خىل پەلسەپىۋى قاراش تەۋە بولغىنى (    )
A. ماتىريالىزىم                                   B. ئىدىيالىزىم
C. مىتافىزىكىلق ماتىريالىزىم                  D.قەدىمكى ساددا ماتىريالىزىم
5.بىز دائىم مۇنداق ئېلانلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز:كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى قىسقا ئۇچۇرنى يېزىپ ×× كە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى قىسقا ئۇچۇرنى يېزىپ ×× كە يوللىسىڭىزلا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى تەقدىرىڭىزنى بىلەلەيسىز.بۇ خىل ئېلانلار بولسا (    )
A. ساددا ماتىريالىزىمنىڭ ئىپادىسىدۇر
  B. ئىدىيالىزىمنىڭ ئىپادىسىدۇر
C. ئاڭنىڭ ئەكىس رۇلىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىق
D.دۇنيانىڭ ماھىيىتى ماددا،كىشلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ ئۆزگەرتمەيدۇ دەپ قارىغانلىق
  6.  ئىلىمىزنىڭ جەنۇپ-شىمال سۇلالىرى دەۋرىدىكى فەنتىيەن مۇنداق دىگەن:‹‹جىسىم مەۋجۇت بولسا ئىلاھ مەۋجۇت بولىدۇ،جىسىم يوقالسا ئىلاھ يوقىلىدۇ ››.ئەنگىليەلىك پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹مەۋجۇتلۇق ھىس قىلىش دىمەكتۈر››،‹‹ جىسىم تۇيغۇلارنىڭ يىغىندىسىدۇر››.
بۇ ماتىريالدىكى ھەر ئىككى خىل قاراش (   ) نىڭ مۇناسسىۋىتىگە جاۋاب بەرگەن.
A. دۇنيا قاراش بىلەن مىتودولوگىيەنىڭ مۇناسسىۋەت مەسىلىسى
  B. پەلسەپە بىلەن تۈرلۈك كونكىرت پەنلەرنىڭ مۇناسسىۋەت مەسىلىسى
C. تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇناسسىۋەت مەسىلىسى
D. شەخس بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسسىۋەت مەسىلىسى
7.ماركىزىملىق پەلسەپەنىڭ بىۋاستە نەزىريىۋى مەنبەسى(   )
A. كوڭزى تەلىماتى                                   B. ئىتالىيە پەلسەپىسى
C. گېرمانىيە كىلاسسىك پەلسەپىسى                 D.ساددا ماتىريالىزىم
8.  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى  ماركسىزملېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىـدىـيـەسـىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ نەچچە ئەۋلاد پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ،توختىماي ئىزدىنىش جەريانىدىكى ئەقىل-پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن ،ماركىزىمنىڭ جۇڭگۇچىلاشتۇرۇلغان ئەڭ يېڭى مۇۋەپپىقىيەتتۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى (    ) ①ماركسىزملېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىـدىـيـەسـىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى ②ئۆزلۈكسىزتەرەققى قىلىۋاتقان،ئېچىۋېتىلگەن نەزەريىۋى سېستىما③جۇڭگۇنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان ماركىسزىمى④پەلسەپىۋى ئىدىيە تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى
A. ①②③ B .①②④ C.③④  D.②③④
9. ‹‹ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇز تۈركۈملىرى،يەر يۈزىدىكى بارلىق سەرەمجان،بىساتلار،قىسقىسى چوڭ كائىناتنى تەشكىل قىلغۇچى بارلىق جىسىملار،كۆڭۈلدىن سىرت ھىچقانداق مەۋجۇدىيەت يوقتۇر››.بۇ خىل قاراش (    ) غا تەۋە.
A. ساددا ماتىريالىزىم                                   B. مىتافىزىكىلىق ماتىريالىزىم
  C.سۇبيىكتىپ ماتىريالىزىم                              D.ئۇبيىكتىپ ماتىريالىزىم
10.ماۋزېدۇڭ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ دۇنيا مۇشۇنداق دىئالىكتىك بولىدۇ،ھەم ھەرىكەت قىلىدۇ،ھەم ھەرىكەت قىلمايدۇ.جىمجىتلىق ئىچىدە ھەرىكەت، ھەرىكەت ئىچىدە جىمجىتلىق بولىدۇ››.بۇ شۇنى بۇلدۈرىدۇكى(   )
A. دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر مۇتلەق ھەرىكەتتە  بولىدۇ
  B. دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر مۇتلەق جىمجىتلىققا ئىگە
  C. دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر مۇتلەق ھەرىكەت بىلەن نىسبى جىمجىتلىقنىڭ بىرلىكى
  D.ماددا بىلەن ھەرىكەت ئايرىلمايدۇ
سۇئالنىڭ تۇلۇق مەزمۇنىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
高二政治.doc



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-26 17:08:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، مەن چۈشۈرۈۋالدىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش