كۆرۈش: 332|ئىنكاس: 2

  ھىسام چاقچاقلىرىدىن دۇردانىلەر(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ھىسام چاقچاقلىرىدىن دۇردانىلەر(1)
       ئۆزىنىڭ كۆز قارشى

       ئىدارىدىكى كادىرلارنىڭ ئانكىتنى تولدۇرۋاتقاندا ئەللىككە تاقاپ قالغان بىر ئايال خىزمەتچى ئۆزىنىڭ يېشىنى ئوتتۇز بەش ياش دەپ مەلۇم قىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كىتىپتۇ.
- پاتەمخان،ھىچ بولمىغاندا قىرىق ياش دەڭا، - دەپتۇ ئارىدىن بىرى.
- سىز ئارلاشماي ئولتۇرۇۋېرىڭ،- دەپتۇ ئايالنىڭ يىنىدا تۇرغان ھېسام، - ھازىر ھەر ئادەمنىڭ كۆز-قارشىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئەركىنلىكى بار.

                                         زاسۇخانىمىكىن دەپتىمەن

ماگزىنغا سودىلىققا كىرگەن ھېسام ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ماللار تېزىلغان پۇكەينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، بىر ئورۇندا ئىككى پىركازچىك قىز مەشتىكى ئوتتا ئوت كولىغۇچنى قىزىتىپ چىچىنى بۈدۈر قىلۋاتقان ئىكەن. ئالدىراۋاتقان ھىسام ئۇلاردىن قايتا-قايتىلاپ گەپ سورىسىمۇ، قىزلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولۇپ ئۇنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماپتۇ.
بىر ھازادىن كىيىن قولى بوشىغان قىز، تېخىچىلا بېشىدا قاراپ تۇرغان ھېسامدىن سوراپتۇ:
  -يولداش، نېمە ئالاتتىڭىز؟
    تېرىكىپ تۇرغان ھېسام:-بىر كاللا بىلەن تۆت پاقالچاق ئالاتتىم.-دەپتۇ.
پىركازچىك قىزنىڭ شۇ ئان چىرايى ئۆڭۈپ ۋارقىراپ كىتپتۇ:
   -قانداق ئادەمسىز؟ بۇ تۈرلۈك ماللار ماگزىنى تۇرسا،كاللا-پاقالچاق نېمە قىلىدۇ؟
   -قىزچاق،كەچۈرۈڭ، -دەپتۇ ھېسام،-سىز بايا ئوت كولىغۇچتا باش ئۈكلەۋاتسىڭىز، زاسۇخانمىكىن دەپتىمەن.

                                              ئەڭ تەس ئىش

    كەچقۇرۇن مەھەللە دوقمۇشىدا ئىككى ھۇرۇن تام يۆلەپ ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىچە<<دۇنيادا ئەڭ تەس ئىش قايسى؟>>دىگەن مۇنازىرگە چۈشۈپتۇ.
  -ئېرىق يوق  يەردە كىچىسى سۇ تۇتماق تەس،-دەپتۇ بىر ھۇرۇن.
  -ياق، كۈننىڭ ئىسسىقىدا ئورما ئورماق تەس،-دەپتۇ ئىككىنچىسى.
     دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھېىسام ھورۇنلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قاپتۇ-دە،يېقىن كىلىپ:
-ھەر ئىككىڭلار تاپالمىدىڭلار، دۇنيادا ھۇرۇننىڭ ئىش تاپمىغى ئەڭ تەس،-دەپتۇ.

                                   قانچىسى ئوغۇل قانچىسى قىز؟

    بىرسى ھىسامدىن سوراپتۇ:
  - ئىنىڭىزنىڭ قانچە بالىسى بار؟
  - ئالتە بالىسى بار،-دەپتۇ ھىسام.
  - قانچىىسى ئوغۇل، قانچىسى قىز، - دەپ سوراپتۇ ھىلىقى كىشى.
  - ۋاي تاڭەي، - دەپتۇ ھىسام بىشىنى چايقاپ، - ئەيتاۋۇر ئەتىگەنلىكى قارسام ھەممسىلا ئەينەك بىلەن تارغاقنى تالىشىدىغۇ!

                                                    ئەڭ تەس ئورما

    قايسى ئاشلىقنىڭ ئورمىسىنى ئورماقنىڭ تەسلىكىنى تالىشىپ قالغان بىر نەچچە يىگىت ھىسامنىڭ ئالدىغا بېرىپ سوراپتۇ:
  - ھىسامكا،  سىز كۆپنى بىلدىغان ئادەم، ئىيتىڭە! زادى قايسى ئاشلىقنىڭ ئورمىسىنى ئورماق ئەڭ تەس؟
  ھىسام ئويلىنىپ جاۋاپ بىرىپتۇ: مىنىڭچە، قولغا تەگمەيدىغان ئاشلىقنىڭ ئورمىسىنى ئورماق ئەڭ تەس.

                                           دەرۋىشكە ئوخشاپتۇ

   ئاغىنىسى ھىسامنى ئۆيگە مىھمانغا چاقىرىپتۇ. غىزا ۋاقتىدا ئۆي ئىگىسىنىڭ غەيرى پاسۇندا چاچ-ساقال ئۆستۈرۋالغان ئوغلى كىرىپ قولىغا سۇ ئاپتۇ: ئوغلى چىقىپ كەتكەندىن ئۆي ئىگىسى ماختىنىش ئاھاڭدا سوراپتۇ.
  - قانداق ھىسام، ئوغلۇم كىمگە ئوخشاپتۇ؟
  - ئوغلىڭىز ياپياش تۇرۇپلا رىۋايەتلەردىكى دەرۋىشكە ئوخشاپ قاپتۇ، - دەپتۇ ھىسام دەرھاللا.
مەنبە: ھىسام چاخچاقلىرى توپلىمىدىن


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-4 22:56:13يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىمىغان چاخچاقلاركەن، لىكىن ھىسام چاخچاقلىرىنى ئاۋازلىق ئاڭلىمىسا ھىسام چاخچاقلىرىغا ئوخشىماي قالىدىغاندەك ھېس قىلىدىكەن كىشى.
ۋاقتى: 2015-1-5 09:47:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىسام چاق-چاقلىرىنى ئەكرەپ سۋتىۋالدىدىن ئاڭلىغان بولساق تېخىمۇ كۇلكىلىك تۇيۇلاركەن. رەخمەت سىزگە بىردەم بولسىمۇ خىزمەت بېسىمى يەڭگىللىدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش