كۆرۈش: 1235|ئىنكاس: 6

"قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتى"پىلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يىتەكچى ئىدىيە:
مەكتىپىمىزدە مائارىپ فاڭجىنىنى ھەقىقى ئىزچىللاشتۇرۇپ،يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ "ياش -ئوسمۇرلەرنىڭ بەدەن ساپاسىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى"نى ۋە"مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش نىزامنامىسىنى"ھەقىقىي يولغا قويۇش،مائارىپ-تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ "ساغلاملىق بىرىنچى"دىگەن چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونۋىرسال بەدەن ساپاسىنى ياخشىلاش.
2.ئەمىللەشتۇرۇش نىشانى ۋە ۋەزىپىسى
"قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتى" ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە، گىگېنا، ساقلىقنى ساقلاش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىكى تەرەققىياتلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرىنى يېتىلدۈرۈش.ساغلاملىق تەربىيىسى بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلىكىدىن چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە مەكتەپتە جانلىق -قىزغىن كەيپىيات يارىتىپ،ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان ھەممە ئادەم تەنتەربىيە ئارقىلىق چېنىقىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ،"كۈندە بىر سائەت چېنىقىپ،50يىل ساغلام خىزمەت قىلىش ،بىر ئۈمۈر بەختلىك ياشاش"نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
3. رەھبەرلىك قۇرۇلمىسى
بۇ پائالىيەتنىڭ نورمال ۋە ئۈنۈملۈك،ئىزچىل ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن مەكتىپىمىزدە بۇ خىزمەتكە قارىتا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.
رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار:
گۇرۇپپا باشلىقى- ****(مەكتەپ مۇدىرى)
مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى-*****(شۇجى،مۇئاۋىن مۇدىر)
ئەزالىرى:
*****(ئىلمىي مۇدىر)
******(ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى)
*(تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى)
**
***(ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما رەئىسى)
بارلىق سىنىپ مۇدىرلىرى
4.پائالىيەت مەزمونى1)
مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ،ھەربىر سىنىپقا ئۆتىلىدىغان تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ دەرس سائىتىگە ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.ئىككى گىمناستىكا(چامباشچىلىق رادىئو گىمناستىكىسى،كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى) خىزمىتى ئىزچىل چىڭ تۇتۇلىدۇ.ۋاقتى 10 مىنۇت.
2)ھەر كۈنى 2-سائەتتىن كېيىن چوڭ دەرسخانا ۋاقتىدا(20 مىنۇت) تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بەلگىلەنگەن پائالىيەت ئورۇنلىرىدا يىللىقلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن پائالىيەت تۇرلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.يەنى 1-2-يىللىقلار قىسقا تاخلىغۇچ سەكرەش،3-4-يىللىقلار تەپكۈچ تىپىش،5-6-يىللىقلار ئۇزۇن تاخلىغۇچ سەكرەش.(سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە باشقا ئۇيۇن تۇرلىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ)
3)چۈشتىن كېيىن ھەرقايسى يىللىقلار  ئۆز ئالاھىدىلىكىنى  نامايەن قىلىدىغان پائالىيەت تۇرلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.(كوللىكتىپ ئۇسول،كۆپ ئادەم ئارغامچا سەكرەش،كۆپ ئادەم پۇتىنى چىگىپ يۇگرەش دىگەندەك)ۋاقتى 10 مىنۇت.
4)پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى:9-ئايدا گىمناستىكا مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.10 –ئايدا تاخلىغۇچ تاخلاش مۇسابىقىسى،11-ئايدا ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى،12-ئايدا ئوتتۇرا -ئۇزۇن ئارلىققا يۇگرەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5.پائالىيەتنى ئەمىللەشتۈرۈش پىلانى1)
تەشۋىق تەربىيە خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدۇ.يەنى تەنتەربىيە چېنىقىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ،ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى  قارا دوسكا چىقىرىش،رەسىم سىزىش،نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق ئۇسوللار ئارقىلىق كەڭ كۈلەملىك تەشۋىقات قىلىش.
2)تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ،تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى بىلەن دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ،تەنتەربىيە دەرس سائىتىنىڭ تولۇق بولىشىغا ۋە سۈپەتلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ،تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىغا ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىلىدۇ ،مۇشۇ ۋاقىتلاردا باشقا دەرس ئۆتىدىغان،تەكرارغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان،قويۇپ بېرىدىغان قىلمىشلار قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.
3)تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ،ئۇلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ،تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ۋە قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيەت مەزمونىنىڭ كۆپ خىل ۋە رەڭدار بولىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
4)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ ،ئۇلارغا ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدىغان شارائىت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە تەنتەربىيە كۇرژىكى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ھەقىقى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
5)چوڭ دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ مەزمونى مول،رەڭدار،ئىجادىي بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ ،بارلىق ئوقۇغۇچىلار خوشال خورام قاتنىشىش،خوشال –خورام چېنىقىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
6)پائالىيەت جەريانىدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بارلىق سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللىك ئاساستا ،توغرا ئۇسۇل بويىچە چېنىقتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە بىخەتەرلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ،تۈرلۈك زەخمىلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
6.شارائىت كاپالىتى.
مەكتەپ چېنىقىش مەيدانى بولۇش،سايمان ئۇسكىنىلىرى بولۇش،باشقۇرغۇچى ۋە تەشكىللىگۈچى خادىم بولۇش،كەسپىي خادىم بولۇش،يولغا قويۇش پىلان -لايىھىسى بولۇش،باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش،مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تەدبىرى بولۇش،مەبلەغ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-12 18:38:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بەك كىرەكتى بو ماتىريال رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-12-13 21:40:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۈزۈلگەن پىلانكەن  يارايسىز
ۋاقتى: 2014-12-30 16:23:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىلاندىن مەن پايدىلنىدىغان بولدۇم،ياخشى تۇزەلگەن پىلانكەن.
ۋاقتى: 2015-1-3 12:21:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھرىرگە رەھمەت بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئويلىغىنىڭىزگە .جاپا چېكىپسىز
ۋاقتى: 2015-3-5 15:02:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ياخشى تەييارلىنىپتۇ،جاپا چىكىپسىز،رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2015-3-9 17:01:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۈزۇلگەن پىلان ئىكەن،ماڭا يارىدى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش