كۆرۈش: 1313|ئىنكاس: 6

نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1938-يىلى 5-ئايدا قورغاس ناھىيىسىدە شائىر،زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ياسىن خۇدابەردى.  .1958-يىلى 8-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ،1956-يىلى 7-ئايدا ئەلا دەرىجىدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن.1956-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئونۋىرسىسىتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ژزۇرنالىستلىق كەسپىدە ئوقۇپ،قىزىل دىپلوم بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن.1963-يىلىغىچە <<تارىم>>ژۇرنىلىدا مۇھەرىر بولۇپ ئىشلىگەن.1968-يىلى 10-ئايدا تاشكەنتكە كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن.1969-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئالمۇتادىكى <<يېڭى ھايات>>ۋە <<ئۇيغۇر ئاۋازى>>گېزىتى رىداكسىيىلىرىدە ئىشلىگەن. ئۇ 1999-2000-يىللىرى ئۆزى باش بولۇپ مۇستەققىل ھالدا <<يېڭى زامان>>گېزىتىنى نەشىر قىلغان.
   شائىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1954-يىلى باشلانغان بولۇپ،ھازىرغا قەدەر <<تاش ئاستىدىكى گۈل>>،<<چىغىر يوللار>>،<<ھايات قوڭغۇرىقى>>،<<يەر ئاۋازى>>،<<ئۇپۇقلار>>،<<ئانا يەر مېھرى>>،<<گۈلنارەنىڭ دوستلىرى>>،<<تەشنالىق>>،<<يەر ئوغلىمەن>> قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن ئەجرىگە مۇناسىپ ھالدا 2001-يىلى خەلقئارا نوبىل مۇكاپاتى فوندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى 100 نەپەر ئىقتىساسلىق تۆھپىكارغا ئالتۇن مېدال بېرىش خىزمىتىدە 100كىشىنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ،2003-يىلى 11-ئۆكتەبىر كۈنى نوبىل مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قازاقىستاندا مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى <<ئىلياس جانسۇگوروۋ>>نامىدىكى مۇكاپاتنىڭ ساھىبى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك<<ئىلھام>>مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئامرىكا پەن - مائارىپ،سەنئەت،سانائەت ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى بولغان.
   پەخىرلىك ئۇستازىمىز دولقۇن ھاجى ياسىن ئۈچ ئوغۇل بىر قىزنىڭ ئاتىسى ئىدى.ئەپسۇس،2005-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالمۇتادىكى ئۆز ئۆيىدە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.مەرھۇمنىڭ جەسىتى ئالمۇتا <<دۇرۇجبا>>ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
   

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-24 23:49:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلمەيدىغان ئۇچۇركەن بۇ ... ، رەھمەت ....
ۋاقتى: 2015-3-26 08:40:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك پەخىرلىنەرلىك ئىش بولغان ئىكەن ، قىممەتلىك ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-4-9 16:40:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھىپىكار ئەدىبىمىز بىلەن تونۇشتۇرۇىغىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.
ۋاقتى: 2015-4-13 22:39:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەخىرلىنىپ ھىجايغىلى باشلىدىم
ۋاقتى: 2015-4-18 09:15:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتىمۇ-قانداق؟
ۋاقتى: 2015-5-8 13:55:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نوبىل مۇكاپاتى ئالغان جۇڭگۇلۇك ئالىملىرىمىزنىڭ ماتىريالىنى ئىزدەپ يۈرەتتىم.بەك ياخشى بولدى .بۇ ماتىريالىڭىزدىنمۇ پايدىلىنىۋالدىم.رەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش