| 3-يىللىق -سىنىپ ئىسمى: يوقلام نۇمۇرى: تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ھىسابلاپ چىقالامسىز؟ 1) بىر تاختا پىلە قۇرتى بېقىشقا تەخمىنەن600كىلوگىرام ئۈجمە يۇپۇرمىقى كېتىدۇ،ئنىڭدىن تەخمىنەن50كىلوگىرام غۇزەك چىقىدۇ.بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر4تاختا پىلە قۇرتى باققان بولسا،قانچە كىلوگىرام غۇزەك چىقىدۇ؟ قانچە كىلوگىرام ئۈجمە يۇپۇرمىقى كېتىدۇ؟
2)530دانە ئورۇندۇق بار بولۇپ،5قېتىمغا بۈلۈپ يۆتكىسەك،ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەرقېتىمدا قانچىنى يوتكىگىلى بولىدۇ؟ئەگەر 4قېتىمغا بۆلۈپ يۆتكىسەكچۇ؟
3)ئابدىسالام كەچ سائەت 9دائۇخلاپ،ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت6دا ئورنىدىن تۇرسا،ئۇ جەمئى قانچە سائەت ئوخلىغان؟
4)بىر پارچە ئەينەكنىڭ ئۇزۇنلىقى12دىستىمىتىر،كەڭلىكى5دىستىمىتىر بولسا،ئۇنىڭ يۈزى قانچە كۋادىترات دىستىمىتىر كېلىدۇ؟ ئەگەر ھەر كۋادىرات دىستىمىتىر ئەينەكنىڭ باھاسى 2يۈەن بولسا،بۇ ئەينەكنى سېتىۋېلىشقا قانچە يۈەن كېتىدۇ؟
5)سىنىپنىڭ ئالدى تېمىنىڭ ئۇزۇنلىقى6مىتىر،كەڭلىكى 3مىتىر،تامدىكى دوسكىنىڭ يۈزى3كۋادرات مىتىر كېلىدۇ،ھازىر بۇ تامنى ئاقارتىشقا توغرا كەلسە،ئاقارتىلغان يۈزى قانچە كۋادرات مىتىر كېلىدۇ؟
6)بىر يولنىڭ ئۇزۇنلىقى36كىلومىتىر،بىر ماشىنا19.3كىلومىتىر يولنى مېڭىپ بولغان بولسا،يەنە قانچە كىلومىتىر ماڭسا بۇ يولنى مېڭىپ بۇلالايدۇ؟
7)ئابدىرېھىم ماگزىندىن ھەربىر ماشىنىغا 4ساندۇقتىن قاچىلانغان 2ماشىنا مىۋە يۆتكىدى،بۇ مىۋىلەرنىڭ ئومۇمى ئېغىرلىغى320كىلوگىرام بولسا،ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەربىر ساندۇق مىۋىنىڭ ئېغىرلىقى قانچە كىلوگىرام كېلىدۇ؟
8) 36 بەتلىك بىر ئەلبۇمنىڭ ھەربىر بېتىگە 6پارچە رەسىم سالغىلى بولىدۇ،ئاپام بۇنداق ئەلبۇمدىن 5نى سېتىۋالغان بولسا،جەمئى قانچە پارچە رەسىم سالغىلى بولىدۇ؟
9)بىر كۋادراتنىڭ يۈزى بىلەن ئايلانما ئۇزۇنلىقىنى ھىسابلاڭ؟
10)بىر سۈت قاچىلاش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق بىر بوتۇلكىغا سۈت قاچىلاش ئۈچۈن2سېكونت،ئاغزىنى ئىتىش ۋە ماركا چاپلاشنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن1سېكونت ۋاقىت كېتىدۇ،ئۇنداقتا 1 مىنۇتتا قانچە بوتۇلكىغا سۈت قاچىلىغىلى بولىدۇ؟
|
|