كۆرۈش: 525|ئىنكاس: 0

دۆلەت مەمۇرلىرى قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1- ماددا بۇ قانۇن مەمۇرلارنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەمۇرلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ساپالىق مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش، تىرىشچانلىق، پاكلىققا تۈرتكە بولۇش، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2 -ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەمۇرلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي شىتاتىغا كىرگۈزۈلگەن، مائاش – پاراۋانلىقىغا دۆلەت مالىيىسى ئىگە بولىدىغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا مەمۇرلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇشى مۇشۇ قانۇن بويىچە بولىدۇ.
قانۇندا مەمۇرلار ئىچىدىكى رەھبەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، تەمىنلەش – قالدۇرۇش، نازارەت قىلىش، شۇنىڭدەك سودىيە، پروكراتور قاتارلىقلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇلۇشى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
4 - ماددا مەمۇرلار تۈزۈمىدە ماركسىزىم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «3 كە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىتڭ تۇرۇلىدۇ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كادىرلار لۇشيەنى ۋە فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.
5 - ماددا مەمۇرلارنى باشقۇرۇشتا، ئاشكارا، باراۋەر بولۇش، رىقابەتلەشتۈرۈش، ياخشىلىرىنى تاللاش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى، شەرت، ئۆلچەم ۋە تەرتىپكە ئەمەل قىلىنىدۇ.
6 - ماددا مەمۇرلارنى باشقۇرۇشتا، نازارەت قىلىش، چەكلەش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.
7 - ماددا مەمۇرلارنى ئىشلىتىشتە، ياخشىلىرىنى تاللاش، ئەخلاقىغىمۇ، قابىلىيىتىگىمۇ قاراش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، خىزمەت نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
8 -  ماددا دۆلەت مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.
9 - ماددا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى قانۇندا قوغدىلىدۇ.
10 - ماددا مەركەزنىڭ مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەمۇرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق تەۋەسىدىكى مەمۇرلارنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقنىڭ مەمۇرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلار تەڭ دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ مەمۇرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
2 - باب مەمۇرلارنىڭ شەرتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى
11 - ماددا مەمۇرلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولۇش؛
(2) يېشى 18 گە توشۇش؛
(3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش؛
(4) پەزىلەتلىك بولۇش؛
(5) سالامەتلىكى مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلىشقا يار بېرىش؛
(6) ئەمەل تەلىپىگە لايىق مەلۇماتى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بولۇش؛
(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
12 - ماددا مەمۇرلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش؛
(2) مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئەستايىدىل ئادا قىلىش، خىزمەت ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش
(3) جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش؛
(4) دۆلەتنىڭ خەپسىزلىكى، شان – شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش؛
(5) ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، يۇقىرىنىڭ قانۇن بويىچە چىقارغان قارار، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش؛
(6) دۆلەت مەخپىيىتى ۋە خىزمەت مەخپىيىتىنى ساقلاش؛
(7) ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش؛
(8) پاك – دىيانەتلىك، ئادىل، دۇرۇس بولۇش؛
(9) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.
13 -ماددا مەمۇرلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:
(1) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىغىدەك خىزمەت شارائىتىغا ئېرىشىش؛
(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەب كۆرسىتىلمەي، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلماسلىق، ۋەزىپىسى تۆۋەنلىتىلمەسلىك، ئىشتىن بوشىتىلماسلىق ياكى چارە كۆرۈلمەسلىك؛
(3) مائاش – ئىش ھەققى ئېلىش، پاراۋانلىق، سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش؛
(4) تەربىيىلىنىش؛
(5) ئورگان خىزمىتى ۋە رەھبەرلەرگە تەنقىد ۋە تەكلىپ بېرىش؛
(6) ئەرز – شىكايەت قىلىش؛
(7) ئىستېپا سوراش؛
(8) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.
3 - باب ۋەزىپە ئۆتەش ۋە دەرىجە
14  -ماددا دۆلەت مەمۇرلارغا ئەمەل تۈرى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
مەمۇرلارنىڭ ئەمەل تۈرى ئەمىلىنىڭ خاراكتېرىنى، ئالاھىدىلىكى ۋە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكىلەر، كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكىلەر ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكىلەر دەپ ئايرىلىدۇ. گوۋۇيۈن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئەمەلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئايرىم باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان مەمۇرلارغا باشقا ئەمەل تۈرىنى كۆپەيتسە بولىدۇ. ئەمەل تۈرىنىڭ دائىرىسىنى دۆلەت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
15  -ماددا دۆلەت مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپە تۈرىنى ئۇلارنىڭ ئەمەل تۈرىگە قاراپ بېكىتىدۇ.
16 - ماددا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە بىرەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئايرىلىدۇ.
رەھبەرلىك ۋەزىپىسى مۇنۇ قاتلاملارغا ئايرىلىدۇ: دۆلەت دەرىجىلىك باش ۋەزىپە، دۆلەت دەرىجىلىك مۇئاۋىن ۋەزىپە، ئۆلكە – مىنىستىرلىك دەرىجىلىك باش ۋەزىپە، ئۆلكە – مىنسىتىرلىك دەرىجىلىك مۇئاۋىن ۋەزىپە، نازارەت – ئىدارە دەرىجىلىك باش ۋەزىپە، نازارەت – ئىدارە دەرىجىلىك مۇئاۋىن ۋەزىپە، ناھىيە – باشقارما دەرىجىلىك باش ۋەزىپە، ناھىيە – باشقارما دەرىجىلىك مۇئاۋىن ۋەزىپە، يېزا – بۆلۈم دەرىجىلىك باش ۋەزىپە، يېزا – بۆلۈم دەرىجىلىك مۇئاۋىن ۋەزىپە.
بىرەھبەرلىك ۋەزىپە قاتلىمى نازارەت – ئىدارە دەرىجىلىكتىن تۆۋەندە تەسىس قىلىنىدۇ.
17 - ماددا ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئاساسىي قانۇن، ئالاقىدار قانۇنلار، ۋەزىپە قاتلىمى ۋە ئاپپاراتلارنىڭ دەرىجىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى بىرەھبەرلىك ۋەزىپىسى مۇنۇلارغا ئايرىلىدۇ: كۆزەتكۈچى، مۇئاۋىن كۆزەتكۈچى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، بۆلۈم ئەزاسى، ئىش بېجىرگۈچى.
ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىن باشقا ئەمەل تۈرىدىكى مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپە تۈرىنى دۆلەت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
18 - ماددا ئورگانلار بېكىتىلگەن فۇنكىسىيىسى، دەرىجىسى، شىتاتى، ۋەزىپە سانى، شۇنىڭدەك قۇرۇلما نىسبىتى بويىچە، مەمۇرلىرىنىڭ كونكرېت ئەمىلىنى بېكىتىدۇ ھەم شۇ ئەمەلدىكىلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيەت شەرتىنى بېكىتىدۇ.
19 - ماددا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇناسىپ دەرىجىگە چۈشۈشى كېرەك. مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپسى بىلەن دەرىجىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن دەرىجىسى ئۇلارنىڭ مائاشى ۋە باشقا تەمىناتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.
مەمۇرلارنىڭ دەرىجىسى ۋەزىپىسىگە، شۇنىڭدەك ئەخلاقى، قابىلىيىتى، خىزمەت نەتىجىسى ۋە ستاژىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئوخشاش ۋەزىپىدىكى مەمۇرلارنىڭ دەرىجىسىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.
20 - ماددا دۆلەت خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋە تاموژنا، چەتئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپراتلىرىدىكى مەمۇرلارنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىگە لايىق ئۇنۋان دەرىجىسىنى بېكىتىدۇ.
4 - باب قوبۇل قىلىش
21 - ماددا مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىدىن تۆۋەن مەمۇرلارنى شۇنىڭدەك مۇناسىپ ۋەزىپە قاتلىمىغا چۈشىدىغان بىرەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىكى باشقا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش، قاتتىق تەكشۈرۈش، باراۋەر رىقابەتلەشتۈرۈش، ياخشىلىرىنى تاللاش چارىسى قوللىنىلىدۇ.
مىللىي ئاپتونوم جايلاردا ئالدىنقى تارماقتىى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قانۇن ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدۇ.
22  -ماددا مەركەزدىكى ئورگانلار ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا مەركەزنىڭ مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرلار تارمىقى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقىغا ھوقۇق بەرسە بولىدۇ.
23 - ماددا مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىدىغانلار مۇشۇ قانۇننىڭ 11 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن سىرت، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن تەيىنلىنىدىغان ئەمەل تەلىپىگە لايىق سالاھىيەت شەرتىنىمۇ ھازىرلىشى كېرەك.
24  -ماددا تۆۋەندىكىلەرنى مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ:
(1) جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارتىلغانلار؛
(2) خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر؛
(3) قانۇندا مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋالى بولغانلار.
25 - ماددا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا، بەلگىلەنگەن شتات ئىچىدە قوبۇل قىلىش ۋە مۇناسىپ بوش ئورۇن بولۇش شەرت.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش