كۆرۈش: 576|ئىنكاس: 0

ماركىنى رويخەتكەئالدۇرۇش توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش— ماركىنى مەخسۇس ئىشلىتىش، بىراۋنىڭ دوراپ ئىشلىتىۋېلىشىنى چەكلەشنىڭ ئۈنۈملىك، قانۇنىي تەدبىرى بولۇپ، ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك.

1– ماركا رويخەتكە ئالدۇرشتا ئىشنى نەدىن باشلاش كېرەك؟
      ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا ئالدى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان ماركىنىڭ نامىنى بىراۋنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە قوللانغان– قوللانمىغانلىقى، رويخەتكە ئالدۇرغان– ئالدۇرمىغانلىقى ۋەياكى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنغان– سۇنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك. دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ تور پونكىتىدىن جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بارلىق ماركىلار ۋە يوللانغىلى تۆت– بەش ئايدىن ئاشقان ماركا رويخەت ئىلتىماسلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.
        خەلقئارا قائىدە بويىچە، ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا تەدبىقلىنىدىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت جەمئىي 45 تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، ماركىنى قايسى تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە قوللانماقچى بولسىڭىز، شۇ تۈردە رويخەت ئىلتىماسى سۇنىسىز. بىر ماركىنى بىر قانچە تۈردە تەڭ قوللانماقچى بولسىڭىز، ھەر بىر تۈر ئۈچۈن ئايرىم بىر پارچىدىن رويخەت ئىلتىماسى سۇنىسىز. بىر پارچە رويخەت ئىلتىماسىغا بىر قانچە تۈردىكى نەچچە ئون خىل تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى يىغىپ كىرگۈزگىلى بولمايدۇ.
         ماركا تەكشۈرۈش— ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى مەجبۇرىي تەرتىپ ئەمەس، ئەمما رويخەت ئىلتىماسى سۇنۇشتىن بۇرۇن ماركىنى ئېنىق تەكشۈرگەندە، ئورۇنسىز چىقىم ۋە خېيىم– خەتەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. چۈنكى بىراۋ قوللانغان، رويخەتكە ئالدۇرغان ياكى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنۇپ بولغان ماركىنى تەكرار رويخەتكە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنغاندا، ئىلتىماس رەت قىلىنىپ تاپشۇرغان پۇل كۆيۈپ كېتىدۇ.      

2– ماركىنىڭ شەكلىنى قانداق بېكىتىش مۇۋاپىق؟
        ماركا ئوخشاش تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆزئارا پەرقلەندۈرىدىغان بەلگە بولغاچقا كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق پەرقلەندۈرگىدەك خاسلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. قانۇن بويىچە، يېزىق، سان– سېفىر، شەكىل، رەسىم، سىترولۇق جىسىم قاتارلىقلارنى ئايرىم ياكى بېرىكمە ھالەتتە ماركا قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولىدۇ. ماركا شەكلىنى بىرلا خىل يېزىق ياكى يېزىقسىز رەسىم قىلامسىز، ۋەياكى بىرقانچە خىل يېزىقنى رەسىم بىلەن بېرىكتۈرۈپ ماركا قىلامسىز— تاللاش ھوقۇقى خېرىداردا.
       ماركا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش— رويخەتكە ئالدۇرۇلغان شەكىل ۋە يېزىقنىڭ ئۆزىنى قوغداش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بىر ماركىغا كىرگۈزۈلگەن شەكىل ياكى يېزىق ئېلمىنتى قانچە كۆپ بولسا، رويخەت ئىلتىماسىنىڭ تەكشۈرىلىش مۇددىتى شۇنچە ئۇزىرايدۇ، تەستىقلنىش ئىمكانىيىتىمۇ شۇنچە تۆۋەنلەيدۇ.
       ماركا شەكلىنى لاھىيەلەشتە قىينالسىڭىز باشقىلارغا مۇۋاپىق ھەق بېرىپ لاھىيەلەتسىڭىز ياكى ماركا ۋاكالەتچىلىك تەشكىلاتىنىڭ لاھىيەلەپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

3– ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار قانداق ماترىياللارنى تەييارلاش كېرەك؟
       ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى يەككە تىجارەتچى بولسا، كىملىكى، تىجارەت كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى ۋە تېگىشلىك رويخەت ھەققىنى تەييارلىسا بولىدۇ.
         ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى كارخانا بولسا، تىجارەت كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى، مەمۇرىي تامغىسى ۋە تېگىشلىك رويخەت ھەققىنى تەييارلىسا بولىدۇ.
         ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى كەسپىي ئورۇن ياكى باشقا تەشكىلات بولسا، قانۇنىي ئىگىلىك كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى، مەمۇرىي تامغىسى ۋە تېگىشلىك رويخەت ھەققىنى تەييارلىسا بولىدۇ.
         تىجارەت كېنىشكىسى يوق تەبىئىي شەخىسلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامىدا ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.

4– ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى چوقۇم ۋاكالەتچى ئارقىلىق بېجىرىش شەرتمۇ؟
          ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى چوقۇم ۋاكالەتچى ئارقىلىق بېىجرىش شەرت ئەمەس. جۇڭگودا ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ قانۇنىي يولى ئىككى خىل. بىرى، دۆلەت سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش زالىغا كىرىپ بىۋاسىتە ئىلتىماس سۇنۇش؛ يەنە بىرى، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى دۆلەت ۋاكالەتچىلىك سالاھىيىتىنى ئېتراپ قىلىدىغان ئىشەنچلىك ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدىن بىرنى تاللاپ رويخەت ئىلتىماسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىش.
         ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ شەكىل جەھەتتە قېلىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان ئىلتىماس قوبۇل قىلىنمايدۇ. ماركىنىڭ نامى، تۈرى، شەكلىنى بېكىتىشمۇ خېلى يوقۇرى كەسپىي ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش. ماركا بىلىمى بەك چوڭقۇر بولمىغانلار ئۈچۈن ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى قانۇنلۇق ۋاكالەتچى ئارقىلىق بېجىرىش ئاقىلانە تەدبىر ھىسابلىنىدۇ.  

5– ماركا رويخەت ھەققى تاپشۇرۇشنىڭ ئاساسى نىمە؟
        ماركا ھوقۇقى خۇسۇسىي ھوقۇق. ماركا ھوقۇقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان دۆلەت خادىملىرى مەلۇم بىر تەرەپنىڭ خۇسۇسىي ھوقۇقىنى بېكىتىش ئۈچۈن خەزىنىدىكى ئومۇمنىڭ پۇلىنى خىراجەت قىلسا بولمايدۇ. شۇڭا، ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بەلگىلىمىسى بويىچە رويخەت ھەققى تاپشۇرىشى كېرەك. بۇ شۇنداقلا خەلقئارادا ئومۇمىيىيۈزلىك قوللىنىلىۋاتقان ئەندىزە.
        ئېلىمىزدە بىر ماركىنى بىر تۈردە رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن 1000 يۈەن رويخەت ھەققى ئېلىنىدۇ. رويخەت ئىلتىماسىنى ۋاكالەتچى ئارقىلىق بېجىرگۈچىلەر يەنە 800 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە ۋاكالەتچىلىك ھەققى تاپشۇرىدۇ.

6– ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىشىغا قانچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ؟
       ئالدى بىلەن ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، دۆلەت ماركا ئىدارىسى بىر ماركىنى رويخەتكە ئېلىش رەسمىيىتىنى قانچىلىك ۋاقىتتا تاماملايدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر ئاشكارە مۇددەت بەلگىلەپ ۋەدە بەرگەن ئەمەس. ئىككى– ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىر ماركىنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشىغا ئالاھەزەل بىر يىلدىن بىر يېرىم يىلغىچە ۋاقىت كېتەتتى. ھازىر بىر ماركىنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ئۈچ ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىۋاتىدۇ. سەۋەب، ئاساسلىقى يېقىندىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيام ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى تىز كۆپىيىۋاتىدۇ.ھازىر جۇڭگودا رەسمىي رويخەتكە ئېلىنغان ماركىنىڭ ئومۇمىي سانى تېخى ئۈچ مىليونغا يەتمەيدۇ. ئەمما 2006– يىلى بىر يىل ئىچىدە يېڭىدىن سۇنۇلغان رويخەت ئىلتىماسى 700 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق. دۆلەت ماركا ئىدارىسىدا ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ سانى چەكلىك. ماركا ئىدارىسىدا تەكشۈرۈلۈشكە ئۆچىرەت ساقلاپ رەتكە تىزىلىپ تۇرىۋاتقان ئىلتىماسلار سان– ساناقسىز. ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردا يېتەرلىق تاقەت بولۇشى كېرەك.
         ئېلىمىز ھۆكۈمىتى يېقىندا «ماركا قانۇنى» نى 3– قېتىم تۈزىتىش تەرتىپىنى باشلىدى. يېڭى قانۇندا ماركىنى رويخەتكە ئېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. شۇنداق بولسا، ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىتمۇ قىسقىرايدۇ.

7– رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان ماركىنى قاچاندىن باشلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟
        قانۇنىي يوسۇندىكى ماركا ھوقۇقى ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنغاندا ئەمەس بەلكى رويخەت ئىلتىماسى رەسمىي تەستىقلانغاندا شەكىللىنىدۇ. ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرماي ئىشلىتىشكىمۇ، رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكىمۇ، رويخەت ئىلتىماسى رەسمىي تەستىقلانغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرماي ياكى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن ئىشلەتكەندە چوقۇم شۇ ماركىنىڭ بىراۋ ئاۋۋال ئېرىشكەن قانۇنىي ھوقۇق بىلەن توقۇنۇشىپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمىسا، ئورۇنسىز دەۋا– دەستۇر، بىھۇدە خېيىم– خەتەرگە دۇچار بولىدىغان گەپ.
         ئۇنداقتا ماركىنى بىخىتەر ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ماركا رويخەت ئىلتىماسى تەستىقلانغانغا كەدەر ساقلاش كېرەكمۇ؟ بىھاجەت! ئىلتىماس ماركا ئىدارىسىغا يەتكۈزۈلگەندىن تارتىپ ئۈچ– تۆت ئاي ئىچىدە، ماركا ئىدارىسى ئىلتىماس قىلغۇچىغا «ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى» ئەۋەتىپ بېرىدۇ ھەمدە ئىلتىماس ئۇچۇرىنى «جۇڭگو ماركا تورى» دا ئاشكارىلايدۇ. بۇ چاغدا ماركىنى قايتا تەكشۈرگەندە شۇ ماركىنىڭ رويخەت ھوقۇق– توقۇنۇشى بار– يوقلىقىنى %99 موقۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ.  قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ماركىنىڭ رويخەت ھوقۇق توقۇنۇشى بايقالمىسا، ماركىنى خاتىرىجەم ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ماركىنىڭ ھوقۇق توقۇنۇشى بايقالسا، ئەڭ ياخشىسى باشقىدىن بىر ماركا ئىلتىماس قىلغان تۈزۈك.

8– ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى رەت قىلىنىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
        ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى رەت قىلىنىسا تۆۋەندىكى ئىككى يولنىڭ بىرىنى تۇتۇش كېرەك: بىرى، ماركا ئىدارىسىنىڭ رەت قىلىش ئاساسى قانۇنىي جەھەتتە پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قارىغانلار يېتەرلىك دەلىل– ئىسپات كۆرسىتىپ، دۆلەت سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قارمىقىدىكى ماركا تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە قايتا تەكشۈرۈشىگە ئىلتىماس سۇنۇش كېرەك. بۇنىڭغا 1000 يۈەن قايتا تەكشۈرۈش ھەققى ئېلىنىدۇ. ئەگەر ماركا ئىدارىسىنىڭ رەت قىلىش ئاساسىنىڭ قانۇنىي جەھەتتە پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقىغا يېتەرلىك دەلىل– ئىسپات كۆرسەتكىلى بولمىسا، ماركا نامىنى ئۆزگەرتىپ باشقىدىن بىر ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ياخشى.

9– ماركا ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىشنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ ئېلان قىلغان ماركا بىراۋنىڭ ئالدىن ئېرىشكەن قانۇنلۇق ھوقۇقىغا مۇخالىپ كەلسە قانداق قىلىش كېرەك؟
       ماركا ئىدارىسى مەلۇم بىر ماركىنى رويخەتكە ئېلىشنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتكەندىن كېيىن، «ماركا ئېلانى» دا ئېلان قىلىپ، شۇ ماركىنى رويخەتكە ئالسا مۇۋاپىق بولىدىغان– بولغايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاشكارە پىكىر ئالىدۇ. ئېلان چىقىرىلىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، ھەرقانداق تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ ئېلان قىلىنغان شۇ ماركىنىڭ بىراۋنىڭ ئالدىن ئېرىشكەن قانۇنلۇق ھوقۇقى ياكى دۆلەت مەنپەئىتى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە مۇخالىپ كېلىدۇ دەپ قارىسا، ئۆز تەشەببۇسىغا يېتەرلىك دەلىل– ئىسپات كۆرسىتىپ، ماركا ئىدارىسىغا ئىتراز بىلدۈرۈپ، شۇ ماركىنى رويخەتكە ئالماسلىقنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ماركا ئىدارىسى ئېترازنى بىر تەرەپ قىلىشقا 1000 يۈەن ھەق ئالىدۇ (ۋاكالەتچىلىك ھەققى بۇنىڭ سىرتىدا). ماركا ئىدارىسى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئاساسىدا ئىتراز پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ دەپ قارىسا، ماركىنى رويخەتكە ئېلىشنى رەت قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىدۇ. ئەگەر ماركا ئىدارىسى ئېتراز پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قارىسا، ئەسلىدىكى رويخەت ئىلتىماسىنى تەستىقلاش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر ئالاقىدار كېسىمگە قايىل بولمىسا، ئۆز تەشەببۇسىنى قايتا قاراپ چىقىش، مەمۇرىي دەۋا تەرتىپى بويىچە ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ.

10– ماركىنىڭ رويخەت قەرەلى قاچانغىچە بولىدۇ؟ بۇ جەرياندا يەنە باشقا ھەق ئېلىنامدۇ؟
        ماركىنىڭ رويخەت قەرەلى 10 يىل بولىدۇ. بۇ قەرەل ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى رەسمىي تەستىقلانغاندىن تارتىپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ جەرياندا دۆلەت ئورگىنى ياكى ماركا ۋاكالەتچىلىك تەشكىلاتى باشقا ھەق ئالمايدۇ. پەقەت ماركىنىڭ رويخەت قەرەلى توشقاندىن كېيىن، ماركا ئىگىسى شۇ ماركىنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسا بەلگىلىمە بويىچە ھەق تاپشۇرۇپ قەرەل ئۇزارتىشى كېرەك. ماركا ئىدارىسى ماركىنىڭ رويخەت قەرەلىنى ئۇزارتىشقا 2000 يۈەن ھەق ئالىدۇ (ۋاكالەتچىلىك ھەققى بۇنىڭ سىرتىدا).   

11– رويخەتتتىكى ماركىنى تەبىئىي شەخىس نامىدىن شىركەت نامىغا ئۆزگەرتىشكە بولامدۇ؟
        ماركىنىڭ رويخېتىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇيەردە دېيىلگەن ئۆزگەرتىش ماركىنىڭ شەكلى، تۈرى ۋە باشقا ماھىيەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىشكە چېتىلمايدۇ. ئادرېس، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ۋاكالەتچىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلانلار رويخەت ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك. رويخەتتىكى ماركىنى تەبىئىي شەخىس نامىدىن كارخانا نامىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغانلار ماركا ئۆتۈنۈش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك. ماركا ئىدارىسى ماركا رويخېتىنى ئۆزگەرتىشكە 500 يۈەن، ماركا ئۆتۈنۈشكە 1000 يۈەن ھەق ئالىدۇ (ۋاكالەتچىلىك ھەققى بۇنىڭ سىرتىدا).   

12– رويخەتتىكى ماركىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرگىلى بولامدۇ؟
       ماركا ھوقۇقدارى رويخەتتىكى ماركىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولىدۇ. ئەمما ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختىمى چوقۇم ماركا ئىدارىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىشى كېرەك. توختام ئەنگە ئالدۇرۇلمىسا، ماركا ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز قىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەندە، ئىجازەت ئالغۇچى تەرەپ ئۆز ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.  

13– ماركا ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ تەرتىپى قانداق بولىدۇ؟
         رويخەتتىكى ماركىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر بولغاندا، ھوقۇقدار تەرەپ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىسا بولىدۇ. بىرى، ھوقۇققا دەخلى– تەرۇز قىلغۇچى بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ئۇچرۇشۇپ، مۇرەسسە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش؛ يەنە بىرى، ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر بولغان جايدىكى سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا دىلو مەلۇم قىلىپ، مەمۇرىي تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش؛ ئۈچىنچى يول، ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر بولغان جايدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىپ، ئەدلىيە تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش.
         ئەگەر ماركا ھوقۇقدارى ھوقۇق قوغداش ئىشلىرىنى بىۋاسىتە بېجىرىشتە قىينالسا، ماركا ئىشلىرىغا ماھىر ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ۋاكالىتەن بېجىرىشكە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.  


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش