كۆرۈش: 441|ئىنكاس: 0

يازغۇچى توختى ئايۇپنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىجادىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]




                                  يازغۇچى توختى ئايۇپنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىجادىيىتى


  توختى ئايۇپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى  توختى ئايۇپ 1945 - يىلى كۇچا ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1953 - يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 1953 - يىلىدىن 1957 - يىلىغىچە كۇچادا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1963 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ 1970 - يىلىغىچە سولچىل ئىدىيىنىڭ ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۈرمىدە ياتقان، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا ئىشلىگەن، جەمئىيەتتە ئىشسىز سەرسان بولۇپ يۈرگەن. 1979 - يىلىغىچە داۋاملاشقان بۇنداق تۇرمۇش ئۇنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىكى ئىجادىيىتىنى مول تۇرمۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەن. 1979 - يىلى ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن 1981 - يىل 2 - ئايغىچە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1981 - يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئەدەبىي تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1988 - يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. توختى ئايۇپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىئەدەبىياتقا كىچىكىدىن تارتىپلا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان توختى ئايۇپ دەسلەپ شېئىر يازغان. 1960 - يىللارنىڭ باشلىرىدا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى ئارقىلىق ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. كېيىنچە ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ 1965 - يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىياتى» («تارىم») دا «ماخوچىنىڭ قەلبى» ناملىق تۇنجى ھېكايىسىنى ئېلان قىلدۇرغان. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي پروزا ئىجادىيىتى 1980 - يىللارنىڭ باشلىرىدا يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىمىزنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ باشلانغان. 1980 - يىلى ئېلان قىلىنغان «بەخت يېشى» ناملىق ھېكايىسى ئۇنىڭ پروزا ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئەدەبىيات ساھەسىدە ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئۇ مۇشۇ مەزگىللەردە يازغان «بەخت يېشى»، «ئانا»، «قاراۋۇل» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە ئاساسەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ كىشىلەرگە كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنى، يېزىلاردىكى يېڭى ھايات، يېڭى تۇرمۇشنى، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي دېھقانلارنى، ئاپەتلىك يىللارنىڭ بالايىئاپەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشكەن ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ، شۇ يىللاردىكى «جاراھەت ئەدەبىياتى» خاھىشىنىڭ مەلۇم پەللىسىنى ياراتقان. توختى ئايۇپ ئىجادىيىتىنىڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئۇ ئىجادىيەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپلەرنى قويۇپ، دەۋرنىڭ، خەلقنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قويغان يېڭىدىن يېڭى تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، قەدەممۇقەدەم ئالغا باسقان، ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، ھارماي ئىزدىنىپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلگەن يازغۇچى. ئۇ بولۇپمۇ ھېكايە ئىجادىيىتىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، كېيىنكى مەزگىللەردە ئەسەرلىرىنىڭ تېما دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، مۇھىم، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بەدىئىي ئۇسۇل - ۋاسىتىلەرنى دادىللىق بىلەن قوللىنىپ، كۆرۈنەرلىك ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ «بۆشۈك»، «مۈڭگۈز»، «پۇقرانىڭ قېنى»، «غۇر - غۇر شامال» قاتارلىق ھېكايىلىرى يازغۇچىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەرلەر سۈپىتىدە يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرىمىزدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ بىر تۈركۈم ھېكايىلىرىدە ئىجادىيەت ئۇسۇلى، بەدىئىي ۋاسىتىلەر جەھەتتە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، چوڭقۇر پىكىر ئىدىيىلەرنى ئىپادىلەپ، ھېكايىچىلىقنىڭ مەلۇم پەللىسىنى ياراتتى. سىمۋوللاشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈملۈك قوللىنىلىشى ئۇنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى ھېكايە ئىجادىيىتىنىڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
"   توختى ئايۇپ 1980 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ پوۋېست ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بۇ جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. توختى ئايۇپ پوۋېستلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرىنىڭ مۇھىملىقى، سۇژىتىنىڭ جانلىق، تەسىرلىكلىكى، پېرسوناژلار ئوبرازىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغانلىقى، لىرىكىغا، مۇھاكىمىگە بايلىقى، ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلغانلىقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «مارجان بۇلاق»، «ئارمان»، «تاشلاندۇق كەپىدە»، «ئوت ئىچىدىكى ئادەم»، «قۇم باسقان دېڭىز»، «ئاھ، يەر» قاتارلىق بىر تۈركۈم پوۋېستلارنى يازدى ھەم بۇ پوۋېستلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئارقىلىق تونۇلغان پوۋېست يازغۇچىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ «قۇم باسقان دېڭىز»، «ئوت ئىچىدىكى ئادەم» قاتارلىق بىر قىسىم پوۋېستلىرى يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر پوۋېستچىلىقىنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. «قۇم باسقان دېڭىز» توختى ئايۇپنىڭ پوۋېست ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر پوۋېستچىلىقىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان نادىر پوۋېستلاردىن بىرى. توختى ئايۇپ پېرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، بۇنى ئەسەر سۇژىتىنىڭ ئاساسى قىلىش، روھىي دۇنيانى تېخىمۇ چىن، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلەپ بېرىشتەك يېڭىچە ئىجادىيەت خاھىشىنى بۇ ئەسىرىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر پوۋېستچىلىقى ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە ئاچقان." توختى ئايۇپ ھېكايە، پوۋېست ئىجادىيىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەجرىبە - ساۋاقلىرى ئاساسىدا 1990 - يىللارنىڭ باشلىرىدا رومان ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىللىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، سەرگۈزەشت خاراكتېرىدىكى «تەڭرىنىڭ ھۆكمى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق روماننى يازدى. بۇ رومان باش قەھرىمان سەرگۈزەشتسىنىڭ يازغۇچى باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلەرگە ئاز - تولا ئوخشىشىپ قالىدىغانلىقىدەك تەرجىمىھال خاراكتېرى بىلەن، شۇنداقلا بىر ئەۋلاد زىيالىيلارنىڭ ئوخشاشمىغان دەۋرلەردە، بولۇپمۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ ئالدى - كەينىدىكى يىللاردا باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى، ئەدەبىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن يېڭى دەۋردىكى رومانچىلىقىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ رومان كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
;  توختى ئايۇپ ئۆز ئەسەرلىرىدە خەلق مەنپەئىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئىپادىلىگەن، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈلۈپ، دەرد - ھەسرىتىگە ئېچىنغان. ئۇ دەۋر رېئاللىقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، جەمئىيەت قىياپىتىنى ئوبرازلىق سۈرەتلىگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش نامايان بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئىجادىيىتى يەنە مەلۇم ئىزچىللىققىمۇ ئىگە بولۇپ، بۇ ئىزچىللىق روشەن ئالاھىدىلىكمۇ شەكىللەندۈرگەن، ئۇ ئەسەرلىرىدە ئىنساننى، ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئەخلاق - پەزىلەتلىرىنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن، زىيالىيلار ھەققىدە كۆپ يېزىپ، ئىلىم - مەرىپەتنى ئۇلۇغلىغان، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنى تەشۋىق قىلغان. ئۇ ئەسەرلىرىدە يەنە پېرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئىپادىلەشكە، ھاياتلىق ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە، مۇرەككەپ خاراكتېر ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. توختى ئايۇپ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئوخشاشلا تەسىرىمۇ چوڭ ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كىتابخانىلىرىمىز سۆيۈپ ئوقۇيدۇ، يۇقىرى باھالايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇ ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلغان، مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. يازغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ 1986 - يىلى جياڭ جۇڭۋېن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.) ئۇزاق بىر مەزگىللىك تەييارلىقتىن كېيىن 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يازغۇچى «بۆرە ئانا» رومانىنى كىتابخانلارغا تەقدىم قىلدى. «بۆرە ئانا» − توختى ئايۇپ ئىجادىيىتىدىكى بىر يۇقىرى پەللە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېڭى دەۋر ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا مەيدانغا كەلگەن بىر كاتتا مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رومان ئادەمنى، تەبىئەتنى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئادەملەر بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاساسلىق تېما قىلغان بولۇپ، تېما ئالاھىدىلىكى جەھەتتە ئۇيغۇر ئەەبىياتىدىكى يېگانە ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.توختى ئايۇپ ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە: «ھايات قەدرى»، (1980 - يىل)، «غۇر - غۇر شامال»، (1993 - يىل) قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملىرى، «ئارمان»، (1987 - يىل)، «قۇم باسقان دېڭىز»، (1990 - يىل) قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى، «مارجان بۇلاق»، (1985 - يىل) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلاملىرى ۋە «تەڭرىنىڭ ھۆكمى» (1 -، 2 - قىسىم. 1993 -، 1997 - يىللار)، «بۆرە ئانا» (1999 - يىل) قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىندى.

(مەنبە:  مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» 4 - قىسىم 2 - كىتابتىن ئېلىندى)

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش