| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاشتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-25 03:01
دىتال ھەققىدە بۇ دېتال « Visual Basic 6.0» دىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، مەكتەپ مەشغۇلىيىتىنى كومپيتېردا ئاپتۇماتىك كونترول قىلىپ، نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچىنىڭ قوڭغىراق چىلىشىغا خاتىمە بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە ياساپ چىقتىم. كومپيتېردىكى ۋاقىت 12 سائەتلىك ئەندىزە ياكى 24 سائەتلىك ئەندىزە بويىچە ماڭىدىغان بولۇپ، مەن مۇشىنىڭغا ئاساسەن يازلىق مەشغۇلىيەت ۋاقتىنى ئاساس قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ئىككى خىل دېتال بىلەن تەمىنلىدىم. ئىھتىياجىڭلارغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. قىشلىق مەشغۇلىيەت ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىكىنى 10-ئايدىن بۇرۇن مۇشۇ تېمىغا يوللاپ بولىمەن. بۇ دېتالنى چۈشۈرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ: 1-قەدەمدە، ھۆججەتنى پرېستىن يېشىپ، ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ نامىغا پەقەت چىقىلماي، قالايمىقان ئۆچۈرۈۋەتمەي، «定时器» دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنى ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلىرى بىلەن كومپيۇتېرنىڭ D دىسكىسىغا قاچىلاڭ، كومپيۇتېرنىڭ باشقا دىسكىسىغا قاچىلىسىڭىز بۇ دېتال ئىشلىمەيدۇ؛ 2-قەدەمدە، كومپيۇتېرغا ئاۋاز ياڭراتقۇنى چېتىپ چوڭ كاناينى سىرتقا چىقىرىڭ؛ 3-قەدەمدە،«D:\定时器» نىڭ ئىچىدىكى «VB定时器(12时» دېگەن دېتالنى ياكى «VB定时器(24时» دېگەن دېتالنى ئىجرا قىلىڭ؛ 4-قەدەمدە، ئىجرا قىلىپ ئېچىلغان كۆزنەكتىكى «باشلىماقچى بولسىڭىز بۇ نى بېسىڭ» دېگەن يەردىكى كۇنۇپكىنى بېسىڭ. ئەگەر كۆزنەكنىڭ ماۋزۇسى «8:05:00» دېگەندەك شەكىلدە ئۆزگەرسە، سىزنىڭ كومپيتېرىڭىز نىڭ ۋاقتى 24 سائەتلىك ئەندىزە بولۇپ، سىزنىڭ كومپيتېرىڭىزدا «VB定时器(24时» دېگەن دېتال نورمال ئىشلەيدۇ. ئەگەر كۆزنەكنىڭ ماۋزۇسى «上午 08:05:00» دېگەندەك شەكىلدە ئۆزگەرسە، سىزنىڭ كومپيتېرىڭىز نىڭ ۋاقتى 12 سائەتلىك ئەندىزە بولۇپ، سىزنىڭ كومپيتېرىڭىزدا «VB定时器(12时» دېگەن دېتال نورمال ئىشلەيدۇ. ئەگەر مەن تەمىنلىگەن «D:\定时器\music» نىڭ ئىچىدىكى EXE شەكلىدىكى ئاۋاز ھۆججىتىنى ياقتۇرماي باشقا ئاۋاز ھۆججىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ: 1.ئالماشتۇرغان ئاۋاز ھۆججىتىڭىز چوقۇم EXE شەكلىدە بولسۇن؛ 2. ئالماشتۇرغان ئاۋاز ھۆججىتىڭىزنىڭ ئورنى چوقۇم «D:\定时器\music» نىڭ ئىچىدە بولسۇن؛ 3. ئالماشتۇرغان ئاۋاز ھۆججىتىڭىزنىڭ ئىسمى چوقۇم 01، 02، 03، 04، 05، 06، 07، 08، 09، 10، 11، 12، 13، 14، 15، 16، 17 بولسۇن. ئەڭ ئاخىردا دەپ قويىدىغنىم، بۇ دېتالدىكى ۋاقىتلار سىزنىڭ مەشغۇلىيەت ۋاقتىڭىزغا ماس كەلمىسە ئۆزىڭىز ئۆزگەرتىپ كىرگۈزۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن بۇ دېتالنى تاقاپ قايتا قوزغاتسىڭىز دېتالدا تەمىنلەنگەن ۋاقىتلار ئەسلىگە كىلىۋالىدۇ. چىيەنناۋ توردىن چۈشۈرۋىلىڭ: http://qiannao.com/file/xaxtekin/fa424d95/ خۇاۋېي تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۋىلىڭ: http://dl.vmall.com/c0v5eobfu9 كۆچمە خەۋەرلىشىش تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۋىلىڭ: http://caiyun.feixin.10086.cn/dl/011g6qFx2kxU 提取密码:541268 تېلېگراف ئالاقىسى تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۋىلىڭ: http://cloud.189.cn/t/Z3YniqummA73 بەيدۇ تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۋىلىڭ: http://pan.baidu.com/s/1hqiRlbQ
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|