كۆرۈش: 625|ئىنكاس: 3

مىرزابەگ : ئىسمىسلانىڭ مائارىپ تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىسمىسلانىڭ مائارىپ تارىخى

ئىسمىسلا-گۇما ناھىيىسىدىكى 54 بوستانلىقنىڭ بىرى بولۇپ قوشتاغ يېزىسىغا قاراشلىق بىر تەبىئىي كەنت ، قوشتاغ يېزا مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 14كىلومېتىر ، ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 53كىلومېتىر . دائىرىسىدىكى تۈگمەنبويى ،تىرەكئالدى ،قىشلاق ،ئۇلباغدىن ئىبارەت تۆت مەمۇرىي كەنتتە ھازىر 1000دىن كۆپرەك ئائىلە ، 4000گە يىقىن نوپۇس بار .بىر ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپ، بىر ئوقۇتۇش نوقتىسى ،بىر قوشتىل بالىلار يەسلىسىدە بولۇپ جەمئىي 600 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ .
«ئىسمىسلا »دىگەن بۇ نامنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا خىلمۇ-خىل قاراشلار بولسىمۇ« ئىسمىسلا دىگەن بۇ نام ئىسمە (بىلىم دىگەن مەنىدىكى سۆز) بىلەن سالار (ئۇل تاشلاش،ئۆگىتىش دىگەن مەنىدىكى سۆز) نىڭ بىرىكىشىدىن  تۈزۈلگەن بۇ بىلىم ئۆگىتىدىغان جاي دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ »دىگەن قاراش ئىسمىسلانىڭ ئەزەلدىن پەن- مائارىپقا،تەلىم تەربىيىگە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن مەرىپەت ماكانى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىسمىسلادا 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئەتراپىدا مەدرىس شەكىلدىكى  مەكتەپ بولغان،مەكتەپنىڭ ئورنى ھازىرقى ئىسمايىل ھاجىم  مەقبەرىسىنىڭ غەربى تەرىپىدە ئىدى.1926-يىللىرى ئەتراپىدىكى مۇددەرس باۋدۇن ئاخۇنۇم(ئابدۇرىھىم ئابدۇخالىقنىڭ بوۋىسى)،مۇسا قازىم(ئابدۇرىشىتخان مەخسۇمنىڭ بوۋىسى)ئىدى.
1926-1927-يىللىرىغا كەلگەندە مەدرىس خاراكتىرىدىكى دىننى مەكتەپ پەننى مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن . ناغرا-سۇناي، داقا-دۇمباقلارنى چىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھازىرقى مەتسىدىق ئابدۇرىھىم ئۆيىنىڭ شەرق تەرىپىگە(كونا مال دوختۇرخانىنىڭ ئورنىغا) سىلىنغان پەننى مەكتەپكە كۆچۈرۈپ چىققان ،شۇ ۋاقتىدا تۆت سىنىپ ھەر بىر سىنىپتا تەخمىنەن 40نەپەردىن ئوقۇغۇچى بارئىدى. پەننى مەكتەپكە كۆچكەندىن كىيىنكى مەكتەپ مۇدىرىلىقىنى  ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئاپسايىت قادىر( كىلياڭلىق )،ماڭسۇرھەسەن، يۇنۇس ئىسمايىلھاجى (قوشتاغلىق)، ئابدۇۋاقى توختى(سانجۇلۇق )،  داۋۇت پازىلھاجىم( زاڭگۇيلۇق )قاتارلىقلار ئىشلىگەن .
1949-يىلىدىن كىيىن مەكتەپ ئورنى ئۆزگەرمىگەن بىراق ئوقۇغۇچىلار كۆپەيگەچكە بىرقىسىم سىنىپلانى ھازىرقى ئابلىمىت ئانايىتنىڭ ئۆيى ئورنىدىكى ئىسمايىل ھاجىمنىڭ قورۇ جايلىرىنىڭ بىر قىسمىدا ئوقۇتقان . شۇ ۋاقىتتىكى  ئوقۇتقۇچىلاردىن مەمەت كىرەم،ئوسمان روزى ھازىرمۇ بار .
1965-يىلىغا كەلگەندە  ھازىرقى ئىسمىسلا مەكتەپنىڭ ئورنىغا يىڭى مەكتەپ سىلىنىپ  ئوقۇغۇچىلار يىڭى مەكتەپكە كۆچۈرۈپ كىلىنگەن ،يىڭى مەكتەپ سىلىش ئىشلىرىغا شۇ ۋاقىتتىكى مەكتەپ مەسئۇلى ئابدۇقادىر ئىمىن،مەسسىدىق مەترىھىم يىتەكچىلىك قىلغان ،ئەينى ۋاقتىدا بەش سىنىپ 200دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى،يەتتە نەپەر ئوقۇتقۇچى بار ئىدى .شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسمىسلانىڭ مائارىپ ئىشلىرى خىلى  بىر مەزگىللەرگىچە ئىزچىل تەرەققى قىلغان.شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئىسمىسلا مەكتەپتە مەمەت باۋدۇن ،مەمەت پاسار،تۇرسۇن قۇربان ،گۈلجامال مەتنىياز ،ئابدۇقادىر نورى،مەسسىدىق مەترىھىم ،ئابدۇقادىر سادىر،ئوسمان بايمەت،توختىمەت توختى ،توختى قادىر ،مەمەت مىراۋۇت ،ئوسمان روزى،ئەبەي سالى ، مەسسىدىق ئابدۇرىھىم ،ئىمىن جامال ،خۇداۋەدى يۈسۈپ،تۇرۇپ توختى بالتۇ ،بۇنياز سىدىق ،ئابدۇۋايىت مۇسا ،ئۆمەر توخسۇن،راشىت نىياز،قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشلىگەن .
1973-يىلى  ئىسمىسلانىڭ  ئاچما ،توقاي جىگدە ،يالغۇز جىگدە، ھاراپ دىگەن مەھەللىلىرىگەئوقۇتۇش نوقتىلىرى تەسىس قىلىنىپ ئوقۇش باشلانغان، تۇخان ئەيسا، ھامىدۇن مەسسايىت ،مەمەت روزىمەت ،تۇخان مەتتوختى،مامۇت مەتسالى ،ئوسمان روزى راشىت نىياز،مىجىت توخسۇن،ئابلا سايىم،ئابلەت ئالىم ،ئەخمەت مەمتىز قاتارلىقلار ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
2007-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ يۇقارقى ئوقۇتۇش نوقتىلىرى ئىىسمىسلا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئۇلباغ باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشىۋىتىلگەن.
1986-يىلى قىشلاق كەنىت كومتىتى بىلەن ئۇلباغ كەنت كومىتىتى مەبلەغ چىقىرىپ ھازىرقى «ئۇلباغ باشلانغۇچ مەكتەپ»نى سىلىپ ئىسمىسلانىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئىككى كەنىتنىڭ  بالىلىرى شۇ يەردە ئوقۇشقا باشلىغان.تۈگمەنبويى كەنت كومىتىتى بىلەن تىرەك ئالدى كەنت كومىتىتى مەبلەغ چىقىرىپ «قارادۆڭ باشلانغۇچ مەكتەپ»نى سىلىپ توقاي جىگدە ئوقوتۇش نوقتىسى بىلەن يالغۇز جىگدە ئوقۇتۇش نوقتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قارادۆڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئىلىپ بارغان . شۇنىڭ بىلەن ئىسمىسلادا ئۈچ باشلانغۇچ مەكتەپ بولغان ئۈچ مەكتەپتە جەمئى 16سىنىپ 500دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى 30غا يىقىن ئوقۇتقۇچى بار ئىدى.ئىسمىسلادىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نوقتىلىرى قوشتاغ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ باشقۇرىشىدا بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا ئىسمىسلا باشقۇرۇش رايۇنى(گۇەنلىچۈ) مەسئۇلى ئىسمىسلادىكى مەكتەپلەرنىڭ كۈندىلىك ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلغان .ئىلگىرى كىيىن بولۇپ مەمەت مىراۋۇت،توختى قادىر ،ئوسمان روزى،ئەبەي سالى ،خۇداۋەدى يۈسۈپ ،مەمتىمىن توختى ، ئابلەت توختىمەت ،ئابدۇكىرەم مەمەت قاتارلىقلار مەكتەپ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن .
1970-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئىسمىسلا باشلانغۇچ مەكتەپتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى تەسىس قىلىنغان ، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتقۇچى سەپلەش ئىشلىرى  باشلانغۇچ مەكتەپتىن بولغان . بۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىدا  تاكى 1985-يىلى قوشتاغ ئوتتۇرا مەكتەپكە  قوشىۋەتكەنگە  قەدەر ئوقۇتۇش داۋاملاشقان .1976-يلىدىن 1978-يىلىغىچە يەنە ئىسمىسلادىكى قارادۆڭ مەكتەپتىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى تەسىس قىلىنغان .ئەبەي سالى ،ئابلەت ئۆمەر ، سۇلايمان داۋۇت قاتارلىقلار ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان .
قوشتاغ ئوتتۇرا مەكتىپى ئىسمىسلادا 1993-1994-يىللىرى ئىككى يىل يەنە ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى تەسىىس قىلىپ ئەركىن مۇساق ،مەمتىمىن مەيجىل ئابلەت داۋۇت قاتارلىق ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى مەخسۇس ئاجرىتىپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بارغان .
1999-يىلى ئىسمىسلا خەلقىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ،ئەينى ۋاقىتتىكى  مائارىپقا مەسئۇل ۋالى يالقۇن قادىرنىڭ  تەشكىللىشى بىلەن ئىسمىسلادا بىر ئوتتۇرامەكتەپ «قوشتاغ يىزىلىق 2-ئوتتۇرامەكتەپ»ى قۇرۇلغان .قوشتاغ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ياسىن خۇداۋەدى ،مەمەتئابلا مەتتوختى ،ئابدۇكىرەم ئابدۇرامان ،قوشتاغ باشلانغۇچ مەكتەپتىن  ئابابەكرى مىجىت  ،نەۋئابات تاجىك مىللى يىزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابلاجان راخمان،مەمەتجان غۇلامەت قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار يۆتكىلىپ كەلگەن. مەمەتياسىن ھاپىز،ئىسمايىل ئوسمان قاتارلىقلار يىڭىدىن بۇ مەكتەپكە تەخسىم قىلىنغان .ياسىن خۇداۋەدى مەكتەپ مۇدىرى بولغان .شۇ چاغدا ئالتە سىنىپ ،173نەپەر ئوقۇغۇچى،11نەپەر ئوقۇتقۇچى بار ئىدى.
2001-يىلى9-ئايدا قوشتاغ دەرياسىنىڭ پىشنا تەرەپتىكى ئىسمىسلانىڭ  بۇ جىگدە (لەڭگەر) دىگەن  مەھەللىسىگە مەكتەپ سىلىنىپ ئوقۇش باشلانغان،ئابابەكرى ئىمىن ، ئابدۇرۇشىت تۇردى قاتارلىقلار ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.دەريانىڭ ئۇ قىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ  كەلكۈن مەزگىلىدە دەريادىن ئۆتەلمەي ئوقۇشتىن توختاپ قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان .2008-يىلى 9-ئايدا قوشتاغ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە  قوشۇۋىتىلىپ ئوقۇغۇچىلىرى ياتاقتا يىتىپ ئوقۇغان.
2008-يىلى 9-ئايدا تىرەك ئالدى كەنتىدە بىر كەنت دەرىجىلىك قوشتىللىق بالىلار  يەسلىسى  قۇرۇلۇپ 35نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان ، رىزۋانگۇل ئىسمايىل تۇنجى يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان .  
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قوشتاغ يىزىلىق 2-ئوتتۇرامەكتەپ ۋە قوشتاغ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئىسمىسلا تەۋەلىكىدىكى مەكتەپلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ« قوشتاغ يىزا ئىسمىسلا توققۇز يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپ »بولۇپ قۇرۇلغان.تەۋەلىكىدە ئۈچ سىنىپ،109نەپەر ئوقۇغۇچى بار  بىر يەسلى ،سەككىز سىنىپ 328نەپەر ئوقۇغۇچى بار بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بىر ئوقۇتۇش نوقتىسى،بەش سىنىپ 184نەپەر ئوقۇغۇچى بار بىر ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ جەمئىي ئوقۇتقۇچى 38نەپەر ئىدى.
2011يىلى -4-ئايدا يىزا دەرىجىلىك  قوشتىلدا ئوقۇتۇش ئىلىپ بارىدىغان يەسلى «قوشتاغ يىزا تۈگمەنبويى كەنت بالىلار يەسلىسى »دە قۇرۇلۇش باشلانغان .2012-يىلى 5-ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بىرىلگەن .
مانا ھازىر ئىسمىسلادا يەسلىدە بەش سىنىپ 114نەپەر ئوقۇغۇچى ،باشلانغۇچ مەكتەپتە توققۇز سىنىپ 320نەپەر ئوقۇغۇچى ،ئوتتۇرا مەكتەپتە بەش سىنىپ 183نەپەر ئوقۇغۇچى بار ،ئومۇمى ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچى سانى 38نەپەر ،مەكتەپنىڭ تەجرىبەخانا ،كىتاپخانا ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن بولۇپ ،كومپىيۇتىر ئۆيى،تىل ئوقۇتۇش سىنىپى، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىلىرى پۈتۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ،ھۆكۈمەتنىڭ چەكسىز غەمخۇرلىقى، مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ توغرا يىتەكلىشىدە بۇ مەرىپەت بۆشۈكى ئارقىلىق ئىسمىسلانىڭ مائارىپ تەرەققىياتى تىخىمۇ داغدام بولغۇسى .

يۇقارقى تارىخى ماتىرىياللارنى ئىيتىپ بەرگۈچىلەر :ئۇلباغ كەنتىدىن ئابلىز ئاۋۇت،تۈگمەنبويى كەنتىدىن ئوسمان قۇربان، تىرەك ئالدى كەنتىدىن مەمەت روزى،نوراخۇن پوستەك، ئىسمىسلا توققۇز يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپتىن ياسىن خۇداۋەدى.
رەتلەپ يازغۇچى: ئىسمىسلا توققۇز يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپتىن ئابلاجان راخمان ،ئابدۇكىرەم مەمەت .


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-10-22 18:30:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملىرىنىمۇ قوشۇپ يوللىغان بولسىڭىز ، كورگەندەك ، بارغاندەك بولاركەنتۇقمىز .
ۋاقتى: 2015-10-24 14:48:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماتىرياللارنى توپلاش ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى چەككەنسىلەر، لېكىن ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىشتىن بىرسى بوپتۇ. ئەجرىڭلارغا ئاپرىن!
ۋاقتى: 2015-11-11 09:38:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش