I. بىرنى تاللاپ جاۋاپ بېرىش سۇئالى (ھەر بىر سۇئالغا 1 نومۇردىن، جەمئىي 40 نومۇر بېرىلىدۇ) 1. تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تەۋە بولمىغىنى ( ). A. بۇزغۇنچىلىق قىلىش B. يۇشۇرۇن بولۇش C. يۇقۇملىنىش D. ئىممۇنىتېتچانلىق 2. كومپيۇتېردىكى بارلىق ئۇچۇرلار ساقلانغاندا ( ) بۇيىچە ساقلىدۇ. A. ئونلۇق سىستېمىدىكى سانلار B. ئون ئالتىلىك سىستېمىدىكى سانلار C. ASCII كودى D. ئىككىلىك سىستېمىدىكى سانلار 3. تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە مەشغۇلات سىستېمىسىغا تەۋە بولمىغىنى ( ). A. Linux B. Windows C. Unix D. Office 4. تۆۋەندىكى ئۈسكۈنىلەردىن چىقىرىش ئۈسكۈنىسىگە تەۋە بولغىنى ( ). A. كۇنۇپكا تاختىسى B. مائۇس C. پرىنتېر D. ئوپتىكىلىق قەلەم 5. تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە ( ) ساقلاش سىغىمىنىڭ بىرلىكى ئەمەس. A. Byte B. MIPS C. KB D. MB 6. تۆۋەندىكى پروگراممىلاردىن قوشۇمچە ماتېرىيال (附件) غا تەۋە بولمىغىنى ( ). A. ھېسابلىغۇچ(计算器) B. يىزىق تاختىسى(写字板) C. توردىكى قوشنا(网上领居) D. رەسىم سىزغۇچ(画图) 7. Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا، پۈتۈن ئېكران ( ) دەپ ئاتىلىدۇ. A. كۆزنەك B. مەشغۇلات سۇپىسى C. خىزمەت رايۇنى D. ئۈستەل يۈزى 8. «كومپيۇتېر ياردىمىدە ئوقۇتۇش يۇمشاق ماتېرىيالى» نىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ( ). A. CAM B. CAI C. CAD D. PPT 9. ماگنىتلىق دېسكىنى ( ) دىيىش خاتا. A. كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى B. چىقىرىش ئۈسكۈنىسى C. ئىچكى ساقلىغۇچ D. سىرتقى ساقلىغۇچ 10. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ( ). A. CAD B. CAU C. CPU D. CPR 11. ئوقۇشقىلا بولىدىغان ساقلىغۇچنىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ( ). A. RAM B. ROM C. DAM D. DOM 12. بىر 3.5 دىيۇيمىلىق يۇمشاق دىسكىنىڭ سىغىمى ( ). A. 1.44B B. 1.44KB C. 1.44MB D. 1.44GB 13. Windows دا، ( ) ئارقىلىق سىستېما تەمىنلىگەن بارلىق يۇمشاق ماتېرىيال ۋە قاتتىق ماتېرىيال مەنبەلىرىنى بىۋاستە كۆرۈشكە ۋە زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ. A. توردىكى قوشنا B. يىغىش پونكىتى C. Windows مەنبە باشقۇرغۇچى D. مىنىڭ دوكۇمېنتىم 14. خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە خەت كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ( ) كۇنۇپكىنى بېسىش كېرەك . A. بوشلۇق + Ctrl B. بوشلۇق Alt + C. بوشلۇق + Shift D. يۇقىرىدىكلەرنىڭ ھەممىسى خاتا 15. Windows دا، قاتتىق دىسكىدىن لوگىكىلىق ياكى ۋاقىتلىق ئۆچۈرۋىتىلگەن ھۆججەتلەر ( ) غا قويۇلىدۇ. A. غول مۇندەرىجە ئاستى B. يىغىش پونكىتى C. كونترول تاختىسى D. ئوپتىكىلىق دىسكا 16. Windows نىڭ كۆزنەك تاقاش كۇنۇپكىسى ( ). A. B. C. D. 17. تۆۋەندىكىلەردىن ( ) ئېلېكتىرۇنلۇق يوللانما يوللاش يۇمشاق ماتېرىيالى Outlook Express نىڭ سىنبەلگىسى. A. B. C. D. 18. تۆۋەندىكى دائىرە ناملىرىدىن مائارىپ ئورگىنىغا تەۋە بولغىنى ( ). A. int B. edu C. net D. com 19. رەسىم سىزىش پروگراممىسى (画图) دا ساقلاشقا بولمايدىغان ھۆججەت تىپى ( ). A. bmp B. jpg C. gif D. txt 20. تۆۋەندىكىلەردىن ( ) ھۆججەت پرېسلاش يۇمشاق ماتېرىيالىغا تەۋە. A. WinZip B. WinApm C. WinMe D. WinPx 21. TCP/IP بولسا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ( ). A. بىرخىل مۇلازىمىتى B. بىر خىل ئىقتىدارى C. ئالاقىلىشىش كېلىشىمى D. ئالاقىلىشىش سىم يولى 22. ئەگەر Windows نىڭ تىزىملىك بويرۇقىنىڭ ئاخرىدا "..." بەلگىسى بولسا، سىستېما بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغاندا ( ) ئېچىلىپ ئىشلەتكۈچىنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. A. كۆزنەك B. ھۆججەت C. كونترول تاختىسى D. دىئالوگ رامكىسى 23. Word قوزغىتىلغاندىن كېيىن، ( ) ناملىق دوكۇمېنتتىن بىرنى ئاپتۇماتىك ئاچىدۇ. A. Noname B. Untitled C. 文件1 D. 文档1 24. Word دوكۇمېنتىغا جەدۋەل كىرگۈزۈش ئۈچۈن ( ) تىزىملىكىدىكى بويرۇقنى ئىشلىتىمىز. A. «格式» (فورمات) B. «表格» (جەدۋەل) C. «工具» (قورال) D. «插入» (قىستۇرۇش) 25. Word دا، بىر ۋاقىتتا بىرقانچە دوكۇمېنت ئېچىپ تەھرىرلەشكە بولىدۇ، ( ) تىزىملىكىدىكى مۇناسىىۋەتلىك بويرۇق ئارقىلىق ھەر قايسى دوكۇمېنت كۆزنەكلىرى ئارىسىدا ئالمىشىشقا بولىدۇ. A. «编辑» (تەھرىرلەش) B. «窗口» (كۆزنەك) C. «视图» (كۆرمە سۈرەت) D. «工具» (قورال) 26. قىستۇرۇش نۇقتىسىنى Word دوكۇمېنتىنىڭ بېشىغا تىز يۆتكەش ئۈچۈن، ( ) كۇنۇپكىنى بېسىش كېرەك . A. PageUp + Ctrl B. Ctrl + ↓ C. Ctrl + Home D. End + Ctrl 27. Word ( ) ئىقتىدارىغا ئىگە. A. جەدۋەل بىر تەرەپ قىلىش B. شەكىل سىزىش C. ئاپتوماتىك توغرىلاش D. يۇقىرىدىكلەرنىڭ ھەممىسى 28. ئەگەر Word كۆزنىكىدە شەكىل سىزىش (绘图) قورال ئىستونىنى كۆرسەتمەكچى بولساق، ( ) تىزىملىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك بويرۇقنى تاللاش كېرەك. A. «文件» (ھۆججەت) B. «视图» (كۆرمە سۈرەت) C. «插入» (قىستۇرۇش) D. «格式» (فورمات) 29. Excel دە، كاتەكچىگە فورمۇلا كىرگۈزگەندە، ئالدى بىلەن ( ) بەلگىسى كىرگۈزۈلىدۇ. A. < B. > C. # D. = 30. Excelدە، يېڭى قۇرۇلغان خىزمەت دەپتىرى ( ) دانە خىزمەت جەدۋىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. A. 3 B. 256 C. 65536 D. 65534 31. Excelخىزمەت جەدۋىلىنىڭ ئاساسلىق ئېلمېنتى ( ) . A. خىزمەت دەپتىرى B. خىزمەت جەدۋىلى C. قۇر ياكى ئىستون D. كاتەكچە 32. Excelدە، كىرگۈزۈلگەن ھەرىپ ئۆزلىگىدىن كاتەكچىنىڭ ( ) توغرىلىنىدۇ. A. سول تەرىپىگە B. ئىككى ئۇچىغا C. ئوتتۇرسىغا D. ئوڭ تەرىپىگە 33. Excel دە، ( ) بەلگە ئارقىلىق ھەرپ-بەلگە تېزىقىنى ئۇلاشقا بولىدۇ. A. & B. + C. @ D. * 34. Excelنىڭ، كاتەكچە قوللىنىشى نىسپىي قوللىنىش، ئارىلاشما قوللىنىش ۋە ( ) دەپ بۆلۈنىدۇ. A. مۇتلەق قوللىنىش B. كاتەكچە قوللىنىش C. ئىستون قوللىنىش D. قۇر قوللىنىش 35. PowerPoint بولسا ( ) يۇمشاق ماتېرىيالى. A. تېكسىت ھۆججىتىنى تەھرىرلەش B. جەدۋەل لايىھىلەش C. كۆرسەتمە ئورىگىنالى ياساش D. رەڭ لايىھىسىنى بەلگىلەش 36. PowerPoint ھۆججىتىنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى ( ). A. .ppt B. .pwt C. .xsl D. .doc 37. PowerPoint ( ) خىل كۆرمە سۈرەت شەكلى(视图) بىلەن تەمىنلىگەن . A. 5 B. 4 C. 3 D. 2 38. دوكۇمېنت شەكلىدە دىسكىغا ساقلانغان PowerPoint ھۆججىتىنى ( ) دەپ ئاتايمىز. A. پروگرامما B. يومشاق ماتېرىيال C. پرويېكسىيە پلاستىنكىسى D. كۆرسەتمە ئورىگىنالى 39. PowerPoint پرويېكسىيە پلاستىنكىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق، ( ) تىزىملىكىدىكى «背景» (ئارقا كۆرۈنۈش) بۇيرۇقىنى تاللايمىز. A. «编辑» (تەھرىرلەش) B. «视图» (كۆرمە سۈرەت) C . «文件» (ھۆججەت) D. «格式» (فورمات) 40. PowerPoint دا، پرويېكسىيە پلاستىنكىسىغا فلىم ھۆججىتى قىستۇرۇش ئۈچۈن ( ) تىزىملىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك بويرۇقنى تاللاش كېرەك. A. «文件» (ھۆججەت) B. «视图» (كۆرمە سۈرەت) C. «插入» (قىستۇرۇش) D. «幻灯片放映» (پرويېكسىيە پلاستىنكىسى قويۇش)
III. بىرنى تاللاپ جاۋاپ بېرىش سۇئالى (ھەر بىر سۇئالغا 1 نومۇردىن، جەمئىي 40 نومۇر بېرىلىدۇ) 1. سۇيۇق كرستاللىق ئېكران نۆۋەتتە كومپيۇتېر كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا، سۇيۇق كرستاللىق ئېكراننىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ( ). A. LCD B. LDC C. CRT D. VGA 2. كومپيۇتېردا، ساقلىغۇچ سىغىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ ئاساسىي بىرلىك ( ) بولىدۇ. A. KB B.bit C. GB D. Byte 3. كومپيۇتېردىكى بارلىق ئۇچۇرلار ( ) بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. A. ئونلۇق سىستېما B. ئون ئالتىلىك سىستېما C. ASCII كودى D. ئىككىلىك سىستېما 4. تۆۋەندىكى ئۈسكۈنىلەردىن چىقىرىش ئۈسكۈنىسىگە تەۋە بولغىنى ( ). A. كونۇپكا تاختىسى B. ئېكران C. مائۇس D. سكاننېر 5. تۆۋەندىكى تاللاش تۈرلىرى ئىچىدە كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تەۋە بولمىغىنى ( ). A. بۇزغۇنچىلىق قىلىش B. ئىممۇنىتېتچانلىق C. يۇقۇملىنىش D. يۇشۇرۇن بولۇش 6. Windows نىڭ «رەسىم سىزغۇچ» (画图) پروگراممىسى ئارقىلىق ساقلانغان رەسىم ھۆججىتىنىڭ سىستېما ئاپتوماتىك تونۇيدىغان فورماتى ( ) بولىدۇ. A. GIF B. WAV C. JPG D. BMP 7. تۆۋەندىكى تاللاش تۈرلىرى ئىچىدە مەشغۇلات سىستېمىسىغا تەۋە بولغىنى ( ). A. Word B. CAI C. Windows D. PPT 8. تۆۋەندىكى تاللاش تۈرلىرى ئىچىدە ئەمەلى قوللىنىلىدىغان يۇمشاق ماتېرىيالىغا تەۋە بولغىنى ( ). A. Linux B. Windows C. UNIX D. Flash 9. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ( ). A. CAD B. CAU C. CPU D. CPR 10. نۆۋەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەپچىقارمايدىغان شىركەت ( ). A. Intel B. AMD C. VIA D. Legend 11. Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا، پۈتۈن ئېكران ( ) دەپ ئاتىلىدۇ. A. كۆزنەك B. مەشغۇلات سۇپىسى C. خىزمەت رايۇنى D. ئۈستەل يۈزى 12. تۆۋەندىكى پروگراممىلار ئىچىدە Windowsنىڭ قوشۇمچە ماتېرىيال (附件) غا تەۋە بولمىغىنى ( ). A. ھېسابلىغۇچ (计算器) B. خاتىرە دەپتەر (记事本) C. توردىكى خوشنا (网上邻居) D. رەسىم سىزغۇچ (画图) 13. خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە خەت كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ( ) كونۇپكىنى بېسىش كېرەك . A. بوشلۇق + Ctrl B. بوشلۇق Alt + C. بوشلۇق + Shift D. يۇقىرىدىكلەرنىڭ ھەممىسى خاتا 14. Windows دا، قاتتىق دىسكىدىن ئۆچۈرۋىتىلگەن ھۆججەتلەر ۋاقىتلىق ( ) دا ساقلىنىدۇ. A. غول مۇندەرىجە B. يىغىش پونكىتى C. كونترول تاختىسى D. ئوپتىكىلىق دىسكا 15. Windows مەشغۇلاتىدا، كۆزنەكنى ئەسلىگە كەلـتۈرۈش كونۇپكىسى ( ). A. B. C. D. 16. تۆۋەندىكىلەردىن ( ) تور بەت كۆز يۈگۈرتكۈچى (IE) نىڭ سىنبەلگىسى. A. B. C. D. 17. تۆۋەندىكى دائىرە ناملىرىدىن مائارىپ ئورگىنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى ( ). A. int B. edu C. net D. com 18. TCP/IP بولسا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ( ). A. بىرخىل مۇلازىمىتى B. بىر خىل ئىقتىدارى C. ئالاقىلىشىش كېلىشىمى D. ئالاقىلىشىش سىم يولى 19. «ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى» (ئېلخەت) نىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ( ). A. Email B. FTP C. Telnet D. BBS 20. تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە رەسىم ھۆججىتىنىڭ فورماتىغا تەۋە بولمىغىنى ( ). A. bmp B. dot C. tif D. jpg 21. رەسىم سىزىش پروگراممىسى (画图) ساقلىيالمايدىغان ھۆججەت تىپى ( ). A. bmp B. jpg C. gif D. txt 22. تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆرۈنمە چاستوتا (视频) ھۆججىتىنىڭ فورماتىغا تەۋە بولمىغىنى ( ). A. AVI B. RM C. MPEG D. exe 23. Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا، ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ كۆرۈنۈش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ( ) تىزىملىكىدىكى بۇيرۇقنى تاللاش كېرەك. A. «文件» (ھۆججەت) B. «编辑» (تەھرىرلەش) C. «工具» (قورال) D. «查看» (تەكشۈرۈپ كۆرۈش) 24. تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە ۋىرۇس تەكشۈرۈش ۋە تازىلاش يۇمشاق ماتېرىيالىغا تەۋە بولمىغىنى ( ). A. KV3000 B. Kill3000 C. Norton D. FoxPro 25. Word قوزغىتىلغاندىن كېيىن، ( ) ناملىق دوكۇمېنتتىن بىرنى ئاپتۇماتىك ئاچىدۇ. A. Noname B. Untitled C. 文件1 D. 文档1 26. Word دا، ( ) ئارقىلىق ئېكراندا كۆرسىتىلىدىغان كۆپ بەتلىك تېكستنىڭ دائىرسىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. A. دومىلىتىش تاياقچىسى B. كونترول رامكىسى C. شىكالىلىق سىزغۇچ D. ماكسىمۇملاش كونۇپكىسى 27. Word دوكۇمېنتىغا جەدۋەل قىستۇرۇشتا، ( ) تىزىملىكىدىكى بۇيرۇقنى تاللاش كېرەك. A. «格式» (فورمات) B. «表格» (جەدۋەل) C. «工具» (قورال) D. «插入» (قىستۇرۇش) 28. ئەگەر Word كۆزنىكىدە شەكىل سىزىش (绘图) قورال ئىستونىنى كۆرسەتمەكچى بولساق، ( ) تىزىملىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقنى تاللاش كېرەك. A. «工具» (قورال) B. «视图» (كۆرمە سۈرەت) C. «插入» (قىستۇرۇش) D. «格式» (فورمات) 29. Word نىڭ تەھرىرلەش ھالىتىدە، چاپلاش مەشغۇلاتىنى ئىجرا قىلىشنىڭ بىرىكمە كونۇپكىسى ( ). A. Ctrl+A B. Ctrl+C C. Ctrl+V D. Ctrl+X 30. Word دوكۇمېنتىنىڭ تەھرىرلەش رايۇنىغا ماتېماتىكىلىق فورمۇلا كىرگۈزمەكچى بولساق، ( ) تىزىملىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقنى تاللاش كېرەك. A. «工具» (قورال) B. «视图» (كۆرمە سۈرەت) C. «插入» (قىستۇرۇش) D. «格式» (فورمات) 31. Excel دە، يېڭى قۇرۇلغان خىزمەت دەپتىرى ( ) دانە خىزمەت جەدۋىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. A. 8 B. 256 C. 65536 D. 3 32. Excel خىزمەت جەدۋىلىنىڭ ئاساسلىق ئېلمېنتى ( ) . A. خىزمەت دەپتىرى B. خىزمەت جەدۋىلى C. قۇر ياكى ئىستون D. كاتەكچە 33. Excelدە، كاتەكچىگە كىرگۈزۈلگەن ھەرىپ ئۆزلىگىدىن كاتەكچىنىڭ ( ) توغرىلىنىدۇ. A. سول تەرىپىگە B. ئىككى ئۇچىغا C. ئوتتۇرىغا D. ئوڭ تەرىپىگە 34. Excel قوزغىلتىلغاندىن كېيىن، ئاپتۇماتىك ھالدا ( ) ناملىق بىر يېڭى خىزمەت دەپتىرىنى تۇرغۇزىدۇ. A. 文档1 B. Sheet1 C. Book1 D. Excel1 35. Excel دە، تۆۋەندىكى فورمۇلا شەكىللىرىدىن توغرا كىرگۈزۈلگىنى ( ). A. b2*d3+1 B. c7+c1 C. sum(d1:b2) D. =8^2 36. PowerPoint كۆرسەتمە ئورىگىنال ھۆججىتىنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى ( ). A. .ppt B. .pwt .C xsl. D. .doc 37. PowerPoint بولسا ( ) يۇمشاق ماتېرىيالى. A. تېكسىت ھۆججىتىنى تەھرىرلەش B. جەدۋەل لايىھىلەش C. كۆرسەتمە ئورىگىنالىنى ياساش D. رەڭ لايىھىسىنى بەلگىلەش 38. PowerPoint دا، پرويېكسىيە پلاستىنكىسىنىڭ بەت ئالمىشىش ئۈنۈمىنى بەلگىلەش ئۈچۈن، ( ) تىزىملىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك بويرۇقنى تاللاش كېرەك. A. «视图» (كۆرمە سۈرەت) B. «工具» (قورال) C. «插入» (قىستۇرۇش) D. «幻灯片放映» (پرويېكسىيە پلاستىنكىسى قويۇش) 39. PowerPoint كۆرسەتمە ئورىگىنالىدىكى يېزىق، رەسىم، جەدۋەل قاتارلىقلار ( ) دەپ ئاتىلىدۇ. A. ئېلمېنت B. بۆلەكچە C. كۆزنەك D. ئوبيېكت 40. PowerPoint دا، پرويېكسىيە پلاستىنكىسىغا فلىم قىستۇرۇش ئۈچۈن ( ) تىزىملىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقنى تاللاش كېرەك. A. «文件» (ھۆججەت) B. «视图» (كۆرمە سۈرەت) C. «插入» (قىستۇرۇش) D. «幻灯片放映» (پرويېكسىيە پلاستىنكىسى قويۇش)