كۆرۈش: 402|ئىنكاس: 3

2015-2016-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2015-2016-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى

1.سىياسى-ئىدىيىۋى جەھەتتە:
مەن بۇ مەۋسۇمدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك سىياسى ئۈگىنىشلەرگە تولۇق قاتنىشىپ ئۈگەنگەن مەزمۇنلاردىن تولۇق خاتىرە قالدۇرۇپ ،كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى تەسىرات ماقالىسى قاتارلىق يېزىشقا تىگىشلىك ماتىرىياللارنى تولۇق يېزىپ ئىدىيىنى سىياسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ،سىياسى ئاڭ سەۋىيەمنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھەقىقى بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن
2.ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتە:
مەن بۇماۋسۇمدا تولۇقسىز 1-2-3-يىللىق سىنىپلارغا تىل-ئەدەبىيات دەرىسى ئۆتىمەن.بۇ جەرياندا مەن چۇقۇق پۈتۈن زېھنىمنى ئوقۇ-ئۇقۇتۇشقا قارىتىپ،ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىمەن.ھەرخىل ئىشتىن سىرت كىتابلارنى كۆپلەپ ئوقۇپ،ئۆزەمنىڭ كەسپى بىلىم-سەۋىيەمنى ھەسسىلەپ يۇقۇرى كۈتۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق،مۇكەممەل بىلىم بېرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.ھەر قايسى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق كۆزۈتۈپ،ئۇلار ئىچىدىكى يىزىقچىلىققا  ئالاھىدە قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىر نەچچە نەپەر تاللاپ چىقىپ،ئۇلارنى ئايرىم ۋاقىتلاردا كۈچەيتمە تەربىيەلەپ ئۇلارنى يىزىقچىلىق قىلالايدىغان ھالەتكە يەتكۈزىمەن.
بۇ مەۋسۇمدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم جەمئىي 17ھەپتە 17قېتىم كەسپى –مەدەنىيەت ئۈگىنىش خىزمىتىنى ئىشلەيمەن ئۈگىنىشتە ئاساسلىقى، تىل-ئەدەبىيات كەسپى خەنزۇتىلى كىتابىنى ئاساسلىق قىلىپ ئۈگۈنۈپ،ئۆزەمنىڭ كەسپى تىل-ئەدەبىيات سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ،قوشتىل ئۇقۇتۇش ئۈچۈن تەييارلىق ھازىرلايمەن.
مەن بۇ ماۋسۇمدا ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت دەرىس ئاڭلاشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمەن.تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇللىرىمنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشقا تىرىشىمەن.
.مەن بۇماۋسۇمدا ئالدىنقى مەۋسۇملۇق تەجىربە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسپىتىنى %75گە،ئۈتۈش نىسپىتىنى%70كە يەتكۈزۈشكە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمەن.
مەن ئۆتكەن بۇ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرىلىشىنى لاياقەتلىك قىلىش ۋە تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ئەتراپلىق دەرس لاھىيەسى تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىمەن.دەرسخانا پائالىيىتىنى ياخشى،جانلىق ئېلىپ بارىمەن.ئۇمۇمى ئۇقۇغۇچىلارغا يۈزلۈنۈپ دەرس ئۇتۇشىنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرىمەن،يىڭى دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بۇيىچە دەرىس ئۆتۇشكە كاپالەتلىك قىلىمەن .ئۇقۇغۇچىلانى كۆپلەپ مۇلاھىزىگە ئۇيۇشتۇرىمەن.كۆرسەتمىلىك ئەمىلى مەشغۇلات دەرس ئۇقۇتۇشىنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرىمەن.ئۇقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈپ خۇلاسىلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمەن.
دەرستە ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇچىلارنى ئايرىم يىتەكلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمەن.يەنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن قاراتمىلىقى بولغان كۆرسەتمىلەردىن تۇلۇق پايدىلىنىشقا تۇلۇق ئەھمىيەت بېرىمەن.تاپشۇرۇق نەتىجە،ئېغىزچە سوراق،بۆلەكلىك ئىمتىھان،باسقۇچلۇق ،مەۋسۇملۇق ئىمتاھان نەتىجىسىنى خۇلاسىلاش خىزمىتىنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزەم بېرىۋاتقان ئۇچۇر-تېخنىكا دەرسىنىڭ لاياقەتلىك بۇلىشى،ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۈتۈرۈلىشى ئۈچۈن ئۇقۇتۇشنىڭ ئىچكى ھالقىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمەن.
مەن بۇ مەۋسۇم جەريانىدا يۇقارقى خىزمەتلەرنى كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ،مەكتەپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىغا ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قۇشىمەن.




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-10-18 21:59:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇ- ئۇقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك ياخشى تىمىڭىز ئۈزۈلمىەي
ۋاقتى: 2015-10-19 10:09:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2015-10-19 17:59:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۇزۇلۇپتۇ .رەخمەت  سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش