كۆرۈش: 450|ئىنكاس: 2

خىزمەت گۇرپپىسىدىكىلەر سەبىيلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاشتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-27 22:05  

    2014-يىلى دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، گۇما ناھيىلىك شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسىدىن گۇما ناھىيە زاڭگۇي يېزا لەڭگەر كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرپپىسىدىكى دولقۇن ئىبرايىم، ئابلىمىت سەيدى، ئالىمجان ئابلىمىت، ئالىمجان ھۇشۇر، دىلمۇرات مۇختار ۋە كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئۇبۇلقاسىم ماخمۇت قاتارلىقلار لەڭگەر باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 80 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن ئوقۇغۇچىلار سومكىسى، بەش دانىدىن دەپتەر، بىر قاپتىن قىرىنداش قەلەم تارقاتقاندىن باشقا يەنە مۇشۇ مەكتەپتىكى 66 نەپەر يەسلى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەر بىرىگە بىر قۇردىن قىشلىق كىيىم تاقىتىپ، ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.
ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئاخىرىدا خىزمەت گۇرپپىسىنىڭ باشلىقى (ئىدارە باشلىقى) دولقۇن ئىبرايىم مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بۇندىن كېيىن مەكتەپكە دائىم كېلىپ مەكتەپنىڭ بىر قىسىم قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە مەكتەپكە ئالتە دانە توپ تەقدىم قىلدى.
   تۆۋەندىكىسى مۇشۇ پائالىيەتتىكى بىر بۆلەك كۆرۈنۈش:


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-26 21:46:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى پائالىيەت بۇپتۇ  شۇ خىزمەت گۇرپىسىدىكىلەرگە رەخمەت
ۋاقتى: 2014-10-27 00:01:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ ، مۇشۇنداق ياخشى ئىش - پائالىيەتلەر كۆپلەپ قانات يايدۇرۇلسا تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش