| ساقا باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدىن ئىمتىھان سۇئالى 1-سۇئال: بوش ئورۇن تولدۇرۇڭ . 20 نومۇر 1 ) تىل-ئەدەبىيات —ئەڭ مۇھىم( )،ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ( ) تەركىبى قىسمى. 2) ( ) ۋە ( ) تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى. 3) تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ( ) ۋە ( ) جەھەتتە كۈچ چىقىرىشى لازىم . 4) ئوقۇغۇچى—( )ۋە ( ) سوبېكتى. 5) دەرس نىشانى ( )ۋە ( )، ( ) ۋە ( ) ، ( ) ۋە ( ) دىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەمدە لايىھەلىندۇ. 6) ئومومىي نىشاندا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ ( ) قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى ، ( ) ۋە ( ) ، ( ) ئىگىلىتىش بەلگىلەنگەن. 7) دەرسلىك تۈزۈشتە ،دەرسلىكتە ( ) ۋە ( ) گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. 2 – سۇئال :قىسقىچە جاۋاپ بېرىڭ : 30 نومۇر 1 ) تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى نېمە ؟
2) تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئوقۇتۇش ھەققىدىكى تەكلىپلەر قايسىلار ؟
3) بەشىنچى-ئالتىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىش ئىقتىدارىغا قويۇلدىغان تەلەپلەر قايسى ؟
3 –سۇئال : تەھلىل قىلىش سۇئالى : 50 نومۇر 《ئالتاي تاغلىرى》دېگەن دەرسنىڭ بىر سائەتلىك ئۈگۈنۈش ئەندىزىسىنى لايىھەلەپ بېرىڭ.
|
|