باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنى ئۆتۈشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە نوقتىلار
سوم بېشىر 2012- يىل 5-ئاي
قوش تىل ئۇقۇتۇشى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان مائارىپ ساھاسىدە نۇرغۇنلىغان ئۆزگۈرۈشلەر ۋە يىڭىلىقلار بارلىققا كەلدى . بەزى دەرىسلەر قىسقارتىلدى يەنە يېڭىدىن بەزى دەرىسلىكلەر قۇشۇلدى. ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى دەل مۇشۇ مەزگىلدە يېڭى دەرسلىكلەر قاتاردىن ئۇرۇن ئالغان يېڭى ئۇقۇملارنىڭ بىرى بۇلۇپ ھېسابلىندۇ. ئۇچۇر تېخنىكا ئۇقۇمى ئۇقۇغۇچىلارغىلا ئەمەس بەلكى ئۇقۇتقۇچىلارغىمۇ يېڭى ئۇقۇم بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ . ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ ، مەزمۇن جەھەتتىن مۇرەككەپ دەرىسلىك بۇلۇپ، ئۇقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش ۋە دەرس مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى بەرگەن ئۇقۇتقۇچىدىن بەلگىلىك ساپا، ئىقتىدار ۋە بىلىم قۇرۇلىمىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنى ئۆتۈشتە بەزى نوقتىلارغا دىققەت قىلمىغاندا ئۇقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇننى يەتكۈزگىلى بولمايلا قالماستىن بەلكى ئۇقۇغۇچىلارنى يامان يولغا باشلاپ قۇيىمىز. شۇڭا مەن باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنى ئۈتۈشتە تۈۋەندىكى بىرقانچە نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكچىمەن. 1) دەسلەپكى ئاساسى بىلىمنى تونۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش: ئالدى بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا كومپىيوتېردىن ئىبارەت بۇ يىڭى شەيئىنى ھەقىقى تۇنۇتۇش لازىم . شۇنداق قىلغاندىلا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا بۇ يىڭى ئۇقۇمغا بولغان چۈشەنچە ئايدىڭ بۇلىدۇ- دە، ئۇلاردا ھەققى ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقى ھاسىل بۇلىدۇ. 2) ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ جەميەتتىكى رولى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشكە ئەھمىيەت بېرىش : ئۇقۇغۇچىلارغا ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنى ئۆتكەندە دەرسلىكتىكى ئۇقۇملارغىلا ئېسلىۋالماي، ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەردىن پايدىلنىشىنى ھەم ئەمىلى تۇرمۇش بىلەن باغلىنىشچانلىقى بولغان تۇرمۇشتا، ئۈگۈنۈشتە ئەسقاتىدىغان بىلىملەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش لازىم. بەزى ئۇقۇتقۇچىلار دەرىس ئۆتكەندە دەرىسلىك ئىچىدىن چىقالمايدۇ- دە، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ چۈشۈنۈش، ھىس قىلىش دائىرىسىنى بۇغۇپ قۇيۇپ دەرىسلىكىنىڭ ھەقىقى ئۆزلىششىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىلىكىدە يىڭى ئۇقۇملار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا دەرسىلىك ئاددى تۇيۇلسىمۇ لېكىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھىس قىلىشى ئاستا بۇلىدۇ، شۇڭا بىز ئۇچۇر تېخنىكا دەرىسىدە، دەرسىلىك مەزمۇنىغىلا ئېسلىۋالماي، دەرىسلىك بىلەن ئەمىلى تۇرمۇش بىلىملىرىنى بىرلەشتۈرشىمىز، بەزى چۈشنىكسىز ئاتالغۇلارنى يەرلىك ئاددى ئاتالغۇلارغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشىمىز كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاتقىلى ۋە دەرسنى چۈشنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلىدۇ. 3) كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئەھمىيەت بېرىش: ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى بىر قەدەر رەڭدارلىققا ئىگە بۇلۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلىپ قىلۋالىدۇ . شۇڭا ئۇقۇتقۇچى ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنى ئۈتۈشتە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزدىنىپ ئۇقۇغۇچىلارغا دەرىس مەزمۇنىنى رەڭدار، قىزقارلىق، ئاددى قىلىپ يەتكۈزۈش كېرەك . شۇنداق قىلغاندا ئۇقۇغۇچىلار دەرسكە قىزىقىپلا قالماي يەنە دەرس مەزمۇننى تىز ئەستە قالدۇرالايدۇ. 4) دەرس مەزمۇنىنى دەرسخانىدا پۇختىلاشقا ئەھمىيەت بىرىش: ھەر سائەتلىك دەرس مەزمۇنىنى سىنىپ ئىچىدىلا پۇختىلاشىنى قەتئى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر سائەتلىك دەرستە ئوقۇتقۇچى مەشغۇلات ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇپ شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزلىشىش نىسبىتىنى يوقۇرى كۈتۈرۈش، ئامال بار ئائىلدە پۇختىلاپ كىلىشكە ئۇرۇنلاشتۇرماسلىق. جەميەت تەرەققىياتى تېز بولسىمۇ لېكىن كومپىيوتېر ھەممە ئائىلىلەرگە ئۇمۇملۇشۇپ بۇلالمىدى، بۇلۇپمۇ يېزلاردا. ئائىلىگە قارىتا تەكرارلاش تاپشۇرۇقى بەرگەندە بەزى ئۇقۇغۇچىلار دەرس تەييارلاش نامى بىلەن تورخانلارغا كىرىپ ئۇيۇنغا بىرىلدىغان، يامان يولغا مېڭىپ قالدىغان ئىشلار يۈز بىرىدۇ . شۇڭا دەرس مەزمۇنىنى سىنىپ ئىچىدە پۇختىلاش، ئائىلىدە پۇختىلاش، تەكرار قىلىش تاپشۇرىقى بەرمەسلىك كېرەك. 5) دەرسنى ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىش، ئۇقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش : ئۇقۇغۇچىلارغا ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى بەرگەندە دەرس مەزمۇنىغا ۋە ئۇقۇغۇچىنىڭ پائاليىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. بەزى مەكتەپلەردە ئۇقۇتقۇچى يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئانچە-مۇنچە كومپىيوتېردىن خەۋىرى بارلارنى ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى بېرىشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇتقۇچى ئۆزىدىكى چەكلىك بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە،يەنى دەرىسكە جەلىپ قىلالماي ئۇقۇغۇچىلارنى كومپىيوتىردا ئۇيۇنچۇق ئويناشقا، تورغا چىقىشقا ئىختىيارى قۇيۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇغۇچىلاردا ئۇيۇنغا بىرلىپ كىتىش، دەرىسىكە قىزىقماسلىق ھەتتا ئېغىرراق بولغاندا توردا بولمىغۇر كۈرنۈشلەرنى كۈرۈشتەك مەسىللەر سادىر بۇلىدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ئۇقۇغۇچىلارنى قىزىقارلىق دەرس مەزمۇنى بىلەن چېتىشلىقى بار ئۇيۇنلارغا تەشكىللەش، تەشكىللىگەن چاغدا نازارەت قىلىشنى قاتتىق تۇتۇش ، ئۇيۇنغا تەشكىللەش قېتىم سانى ۋە ۋاقتى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتمەسلىك لازىم. 6) ئوقۇتقۇچى ئۆزىگە بولغان تەلەپنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش: ئۇقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆزى ئۇقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بۇلۇش لازىم. بەزى ئۇچۇر تېخنىكا ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز ئۇقۇغۇچىلارنى دەرسىكە تەشكىللەپ قۇيۇپ، ئۆزى كومپىيوتىرىدا باشقا خىزمەتلەرنى قىلىپ ئولتۇردىغان، ھەتتا كىنو كۈردىغان، ئۇيۇن ئوينايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇغۇچىلاردىمۇ ئۇقۇتقۇچىنى دوراپ كومپىيوتىردا ئۇيۇن ئويناش قىزغىنلىقى قوزغىلدۇ- دە، تورخانلارغا كىردىغان ئۇقۇغۇچىلار كۆپۈيىدۇ، بۇ ئاخىرىدا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۇقۇتقۇچى ئۆزىگە بولغان تەلەپنى قاتىتىق قۇيۇپ ئۇقۇغۇچىلار بار يەردە دەرسىكە مۇناسىۋەتسىز مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارماسلىقى لازىم. 7) نەزىرىيە بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش: ئۇچۇر تېخنىكا دەرسى كۆپ مەشخۇلات قىلىشىنى تەلەپ قىلدىغان پەن بولغاچقا ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارغا دەرىس ئۆتكەندە ئۈلۈك ھالدا نەزىرىيە سۆزلەشىنى ئاساس قىلۋالماي، ئۇقۇغۇچىلارغا كۆپرەك ئەمىلى مەشخۇلات قىلىش ۋاقتى چىقىرىپ بىرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى چۈشىنىشى ۋە ئەستە قالدۇرىشى ياخشى بۇلىدۇ.
|