دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىم يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپىنىڭ نۇقسانلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئىسلاھات بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق بىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. لېكىن ، ماھىيەتنى تولۇق چۈشەنمەسلىك ، ئىزدىنىشكە ، ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايۋاتىدۇ. 1. دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ماس بولغان مائارىپ قارىشىنى تىكلىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئوقۇتقۇچىلار قارىشىمىزنى يېڭىلىساق، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى، دۇنيا قارىشىنى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى يېڭىلاش ئاساسىدا، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىيەلەيمىز . 2. ئوقۇغۇچىلار غايىۋى رېئالىزمچىلاردۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئوقۇتقۇچى پۇختا بىلىم ئاساسىغا ئىگە بولۇشى ، نەزەر دائىرىسى كەڭ، بىلىم قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ۋە ياخشى ساپاغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم ساپاسى تۆۋەن بولسا، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ھەر ۋاقىت ساپا!سىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، يېڭى ئۇچۇر، يېڭى بىلىملەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى ھەم ئۇنى ئەمەلىيەت داۋامىدا جانلىق قوللىنالايدىغان بولۇشى لازىم . 3. ئوقۇتقۇچى دەرستىن ئاۋۋال ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، جەريانى ، مەزمۇنى، ھالقىلىق مەسىلىلەر ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش، تەربىيە ، دەرسخانا بايلىقى قاتارلىقلار ئۈستىدە تولۇق ئويلىنىش، تەييارلىق قىلىش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىقىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار تەييارلىقى دېگىنىمىزدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى ئالدىن ئۆگىنىپ كېلىشى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ھالقىلارنى پەرقلەندۈرۈشى، ئۆزلىرى ھەل قىلالايدىغان دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى، بۇيۇملارنى تەييارلاش مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىشنى كۆرسىتىدۇ . 4. دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى . شۇڭا ، ئوقۇتقۇچى پىلان ، تەرتىپنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرۇشى، ھەممە ئوقۇغۇچىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، دەرسنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا كېتەرلىك ۋاقىتنى ياخشى مۆلچەرلەپ مېڭىشى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇپ، دەرستىن زېرىكىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك . 5. دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئازادە ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىش ئىشتىياقىنى قوزغاش، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدۇرۇش كېرەك. 6. تىل ھەم يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىلسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش، ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىپلا قالماي، ئۆگەنگەنلىرىنى قوللىنىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتلەردىكى ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. 7. دەرس مەزمۇنى تۇرمۇشقا، ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىشىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مىساللاردىن، پائالىيەتلەردىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشىم
|