ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بايقاشتىكى قرېى - ياش ،
مايلى ئايال ، مەيلى ئەر بارلىق ئەزىز قېرىنداش .
ئۈستىڭلاردىن شىكايەت قىلاي سالام يوللىغاچ ،
لېكىن خاپا بولماڭلار ، چۈنكى ھەممە بىر ئاداش.
ئۇنداق بولسا كەمىنە شىكايەتنى باشلىدىم ،
ئىچىمدىكى دەردىمنىڭ ھەممىسىنى تاشلىدىم .
يېقىنقى بۇ كۈنلەردە مەن كۆزۈمنى ياشلىدىم ،
كوپ ئويلۇنۇپ بەزىدە ھەم بېشىمنى قاشلىدىم .
قاراپ باقسام مۇنبەرگە يوللىناركەن كۆپ ئەسەر ،
تېمىلارمۇ بەك سەرخىل ئابىھايات بىر كەۋسەر .
لېكىن دۈگدەرەپ تورۇپ قالار ئىكەن كۆپ ئەسەر ،
ئوقۇغانلار ئىنكاسنى يازمىغاچقا تۆت-بەش سەر .
مىنىڭ دىمەك بولغىنىم ئىنكاس يېزىشنىڭ گېپى ،
ياكى شۇنداق تەسمىكەن ئىنكاس يېزىشنىڭ ئىپى .
ئىنكاس بولسا تېمىغا ئاندىن كىلۇر بەك جىپى ،
شىنا ئۇرسا كەتمەنگە ، ئاندىن تۇرغاندەك سېپى .
ئىنكاس يېزىپ قويسىڭىز دىمەس بىرى سىزنى ماز ،
ئىنكاس يېزىش مىنىڭچە ، بىلىم ئىگىسىگە خاس .
شۇڭا ئەسەر كۆرگەندە بولۇۋالماي گاچا – گاس ،
كۆتۈرۈڭ يا چۈشۈرۈڭ يېزىپ قويۇڭ بىر ئىنكاس .