كۆرۈش: 274|ئىنكاس: 8

تىلەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىلەك

                           

خوشلۇشۇپ شۇ كونا يىل بىلەن،
يىتىپ كەلدى بۈگۈن يېڭى يىل.
يېڭى دىلدا يېڭىچە شاتلىق،
ھاياجاندىن سۈيۈنەر بۇ دىل.
ئويلاپ باقسام بىر يىل ئۆمرىمىز،
ئۆتۈپتۇ شۇ مۇنبەر ئالدىدا.
شاتلىقمۇ شۇ قايغۇمىزمۇ ھەم،
ئوت بوپ ياندۇق پەرزەت ئىشقىدا.

ئۆتەر كۈنلەر تۇزان ئىچىدە،
ئاق بەتلەرگە دۇردانە تىزىپ.
سەبىيلەرنىڭ چاڭقاق دىلىغا،
ئىلىم پەندىن شەربەت ئېقىتىپ.

ئۇقۇتقۇچى جاپاكەش ئىنسان،
پەرزەت ئۈچۈن چىكىدۇ پىغان.
ئۇستىلىدە تاپشۇرۇق تۇرغان،
ئائىلىدە كونسىپىك يازغان.

شۇڭا ياپياش تۇرۇپ چاچتا ئاق،
يۈزلىرىگە چۇشىدۇ قورۇق.
لىكىن ھاردىم دىمەس ھىچقاچان،
مىھنىتىدىن ئاق كۆڭلى يۇرۇق.

ئەي جاپاكەش كەسىپداشلىرىم،
مۇبارەك بولسۇن يېڭى يىلمىزغا.
قول تۇتۇپ بىللە ئىلگىرلەپ ئالغا،
سادىق ياشايلى ۋىجدانىمىزغا!...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +8تىللا +8تۆھپە +8شۆھرەت +8يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ياخشىكەن..!
pari + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-31 20:03:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بايقاش مۇنبىرىدىكى جاپاكەش ئۇستازلار!ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا،يېڭى يېشىغا مۇبارەك بولسۇن!مەن ئۇزۇندىن بۇيان بايقاش مۇنبىرىگە ئەسەر يوللىيالمىدىم.شۇ سەۋەپتىن بارلىق دوسلىرىمدىن تۈۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سۇرايمەن،يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۇنىدىن باشلاپ ھەرۋاقىت سىلەر بىلەن مۇنبەردە كۇرۇشۇپ تۇرۇشنى ۋە ئەسرالىشىشنى خالايمەن،مۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىنى قوللىغان بارلىق دوسلىرىمغا چىن كوڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن.رەھمەت سىلەرگە! ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشىپ بايقاش مۇنبىرىنى دىيارىمىزدىكى سۇپەتلىك ماتىرىيال ئامبىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى!
ۋاقتى: 2013-12-31 20:47:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددىي، ئەمما يېقىملىق تىلەكلەر ئىكەن. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بەرسۇن.
ۋاقتى: 2013-12-31 21:15:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز شۇنداق جانلىق  چىقىپتۇ .
ۋاقتى: 2013-12-31 21:26:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام.سېزنىڭمۇ يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. بارلىق ياخشى تىلەكلەر ھەممىمىزگە ئورتاق بولغاي !
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. رەىمەت.
ۋاقتى: 2013-12-31 22:10:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دوستۇم ياخشى تۇرغانسىز ؟
تېڭى يىلدىكى يېڭىچە تىلەكلىرىڭىزدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم ، رەھمەت سىزگە ھەم سىزنىڭمۇ  يېڭى يىلىڭىزغا ۋە يېڭى يېشىڭىشغا مۇبارەك بولسۇن !!! يېڭى بىر يىلدا يېڭى -يېڭى ئۇتۇقلار سىزگە يار بولسۇن !!

باھا سۆز

رەھمەت دوستۇم بىرگە بولسۇن  ۋاقتى: 2014-1-1 12:15
ۋاقتى: 2014-1-1 00:42:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام خۇمارىم ! ئالدى بىلەن  سىزگە يېڭى يىللىق سالاملار بولسۇن!
يېڭى بىر يىلدا ئائىلىڭىز بەختلىك . ىىزمەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن! بەخت ئامەت سىزگە مەگۈ يار بولسۇن .شۇنداق ياخشى شېئىر ئارلىق مۇنبەرداشلار يېڭى يىللىق سالام يولاپسىز  سىزگە كۆپ رەخمەت .ياخشى تىلەكلىرىڭىز بىرەە بولسۇن!

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە،شىئېرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزدىن بەك مەمنۇن بولدۇم.ھەممىمىزنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك...  ۋاقتى: 2014-1-1 12:15
ۋاقتى: 2014-1-1 10:46:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ،سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .

ۋاقتى: 2014-1-2 15:54:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە. ئۇزتازلارنىڭ مېھنىتىگە تىخېمۇ زور قىممەتلەر يار بولسۇن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش