بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خۇمارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-18 20:28
كۈرۈنمە
گۈل ئېچىلغان باغلاردا ئۇچراتتىم سىنى، كۈلىشىڭ قىلدى مەس يەنە كۈلگىنە. تەلمۈرۈپ قارىدىم ئارقاڭدىن ئۇزاق، ۋە دىدىم پىچىرلاپ يەنە كەلگىنە.
ھەر كۈنى ئۈتىمەن ئاشۇ گۈلباغدىن، كىپ قالار سىنى دەپ ئۈمىدتلەر كۈتۈپ، تىڭىرقاپ قالىمەن بەزىدە يەنە، خۇش كۈلۈپ مېڭىشقان جۈپلەرنى كۈرۈپ.
كەلدىم بۈگۈن يەنە ئەشۇ گۈلباغقا، قالدىم ئەمما كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي. يۈزە ئىكەن مۇھەببەتكە تۇنۇشۇم، مەسىت بوپتىمەن كۈلىشىڭنى چۈشەنمەي. بولدى قىزچاق ئەمدى ماڭا كۈرۈنمە، خىياللىرىم باشقا ياققا بۈلۈنمە. يۈزە ئىكەن مۇھەببەتكە تۇنۇشۇم، ساڭا كۆيگەن يۈرۈگۈمگە ئىسىت-دە!
|