كۆرۈش: 589|ئىنكاس: 1

ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خەت-ساۋادىنى چىقىرىشتىكى ئۇسۇللۇرۇم

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ھازىر يېڭى ئۇقۇش ماۋسۇمى باشلاندى.قوش تىل ئۇقۇتۇشى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش مۇشكۇل ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.مەكتەپلەردە بىر قىسىم بالا ساۋاتسىزلار كۇپىيىپ قالدى.بۇنداق كىتىۋەرسە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.شۇ ڭا مەن بۇ جەھەتتىكى تەجىربىللىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.مۇمكىن بولسا باشقىلارنىڭ ئىلغار تەجىربىللىرىنى تۇنۇشتۇرۇشىنى،ئاتىل ئۇقۇتۇشىدىكى بۇ خىرزىسنى يېڭىش ئۇچۇن پىكىر -تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىغىنى ئۈممۇت قىلىمەن.

ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خەت-ساۋادىنى چىقىرىشتىكى ئۇسۇللۇرۇم


باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ۋەزىپىسى:
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش،ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببەت ئويغۇتۇش ۋە ئادىمىيەت روھىنى يىتىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.بۇنىڭ ئىچىدە ساۋات چىقىرىش خىزمىتى ئاساسنىڭ ئاساسىدۇر.بۇنىڭدىن  ساۋات چىقىرىش خىزمىتىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ .
رەئىس ماۋزۇدۇڭ بىزگە:‹‹ساۋاتسىز ئەلدە كوممىنىزىم قۇرغىلى بولمايدۇ.››دەپ كۆرسەتمە بەرگەندەك ئىلىم پەن ھەممىگە قادىر بۇگۈنكى كۈندە ساۋاتسىز كىشىلەر بىلەن سوتسىيالىزىم قۇرۇشتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
يېقىنىقى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ياش –ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۇپ ،ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە مەركەزگە ئۆتكۇزۇپ بىرىپ ساۋاتسىزلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان بولساقمۇ مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن مەكتەپلىرىمىزدە يەنىلا بىر قىسىم ئۇقۇغۇچىلار ساۋاتسىز قېلىپ جەمىيەتكە چىقىپ كىتىۋاتىدۇ.
ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدىقادىر جالالىدىن ئانا تىل توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا :‹‹ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچى مەۋجۇت بولغان يەردە مائارىپ ئەمەس بەلكى جىنايەت مەۋجۇت.ئۇقۇش يېشىدىكى بالىلار ئارسىدا ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچى بۇلۇش-ۋىژدانسىزلىق.بېشىمىزنى پىتەك ئارسىغا قىستۇرۇپ ماڭغانلىقنىڭ ئىپادىسى››دىگەن ئىدى.
باشلانغۇچ مائارىپى-بارلىق ئۇقۇتۇشنىڭ ئاساسى مەنبەسى.بۇ ئاساسى مائارىپتا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.
ئۇنداقتا بىز قانداق قىلغاندا ۋەتەن مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ ئەشۇ سەبى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى تۇلۇق چىقىرالايمىز!
تۈۋەندە مەن بۇجەھەتتىكى تەجىربىللىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۈتىمەن.
1.ئۇقۇغۇچىلار بىلەن يېقىنلىشىپ،ۋە قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى مۇكەممەل،توغرا ئىگەللەش كىرەك.
ساۋات چىقىرىش ئوبىكتى بولغان 1-يىللىق ئۇقۇغۇچىللىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ يېشى كىچىك،كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ.ئۈگىنىش،ئەستە ساقلاش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.شۇڭا ئۇلاربىلەن يېقىنلىشىپ قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ياخشى كۈرىشىگە ئىرىشكەندىلا،ئۇگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.چۇنكى-قىزىقىش ھەركەتلەندۇرگۇچ كۈچ.ئۇ ھەر ۋاقىت ئۇقۇغۇچىلارنى غىدىقلاپ ئاكىتىپ ئۈگۈنۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.
2.دەرستىن ئاۋالقى قول كۆندۈرۈش مەشىقىنى چىڭ تۇتۇش كىرەك.
ھەر بىر ھەرىپ –ھەرىپ قۇرۇلما سىزىقلىرى ۋە  بەلگىللىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ.دەرستىن ئاۋال قول كۆندۇرۇش مەشقىنى چىڭ تۇتقاندا ھەرىپلەرنىڭ پەرقىنى ئىگەللەپ تىز يېزىشقا پايدىسى بولۇپلا قالماي خەتنى چىرايلىق يېزىشقا ياردىمى بولىدۇ.
3.ئۇقۇغۇچىلاردا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەت يېزىش،تاپشۇرۇق ئىشلەش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
ئۇقۇغۇچىلار بەك كىچىك بولغاچقا كۆپ يازدۇرۇش تاپشۇرۇق بېسىمىنى ئاشۇرىۋىتىش، ئۇلارنى زىرىكتۈرۈپ قويىدۇ.شۇڭا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بىرىش،قارىغۇلارچەئۈگۈنۈشتىن ماھىيەتنى ئىگەللىتىشكە ئەھمىيەت بىرىپ ،خەتنى سىزىققا چۈشۈرۈپ يېزىشقا يىتەكلەش ھەمدە كۈچۈرۈپ يېزىش،ئاڭلاپ يېزىش،يادىلاپ يېزىش ماھارەتلىرىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
4.ئۇقۇغۇچىلارغا ئاساسى بىلىمنى يەتكۈزۈشتە قوزغۇتۇش خاراكتىرگە ئىگە بولغان ئىلمى ئۇسۇللارنى قوللۇنۇش كىرەك.
يەنى ھەر بىر دەرسنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن  سەرخىل لاھىيلەش.تېپىشماق ئارقىلىق ھەرىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ئىگەللىتىش.بالىلار قوشىقى ئارقىلىق ھەرىپلەرنىڭ پەرقىنى ئەستە ساقلاش،دوسىت ئىزدەش ئۇيۇنى ئارقىلىق سۆز تۈزۇشكە يىتەكلەش،ھىكايە سۆزلەشكە تەشكىللەش ئارقىلىق رەسىمگە قاراپ تەسەۋۇر قىلىشقا،جۈملە تۈزۈشكەتەشكىللەش،ئۇيۇن ئۇيناش ئارقىلىق ئۇگەنگەن بىلىمىنى ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا يىتەكلەش قاتارلىق قىزىقارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇقۇتۇش جەريانىنى لاھىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەندە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى ۋە ئەستە ساقلاشنى تىزلەتكىلى بولىدۇ.
5.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىقىغا پايدىلىق بولغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش كىرەك.
يەنى،بالىلارغا تەسەۋۇر قىلىش بوشلىقى يارتىپ بىرىش،پەقەت دەرسلىكتىكى بىلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي،ئۇلارنى تەسەۋۇرغا يىتەكلەش كىرەك.ھەر بىر دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ھەققىدەھەر بىر ئۇقۇغۇچىنى ئالدىن ئىزدىنىش،قول سېلىپ ئىشلەش ۋە يېڭىلىق يارتىشقا يىتەكلەش بالىلارتىلى ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى ئىگەللىتىش كىرەك.ئۇقۇغۇچىلارغا ھەرىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى تاپقۇزۇش،ئەمىلى نەرسىلەرنى توپلاتقۇزۇش،مودىل ياساش،رەسىم سىزىش،سۆز ئۇيۇنى ئويناش قاتارلىق ئۇسۇللارنى بىرلەشتۈرۈپ،ھەر بىر دەرسنى ئىجادى لاھىيلەپ ،دەرسخانىنى ھاياتى كۇچكە ئىگە قىلىپ، بالىلارنى دەرسلىكتىن جەمىيەتكە، دەرسخانىدىن تەبىئەتكە يېقىنلاشتۇرۇپ،مەجبۇرى ئۈگۈنۈشنى ئاڭلىق ئۈگۈنۈشكە ئايلاندۇرغاندا ئۈگۈنۈشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
6.ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ياردەمگە مۇھتاج ئۇقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرش كىرەك.
1-يىللىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىدىغان ۋاقىت. بەش قول تەڭ بولمىغىنىدەك ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بەزىللىرى تەبئى ھالدا ئارقىدا قالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئائىلە ،مەكتەپنىڭ بىر گەۋدىلىكىنى ساقلاپ،ئۇقۇغۇچىلارغا ھەر تەرەپلىمە كۈڭۈل بۈلۇپ ساۋات چىقىرىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق چۇشەندۈرۈپ،ئۇلارغا بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ،ھەقىقى مىھىر-مۇھەببىتىمىزنى ھىس قىلدۇرالىساق،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سەبى قەلبىگە ئىلىم-پەن ئۇرۇقلىرىنى چاچالايمىز.
7. چۇقۇم زامانىۋى ئۇقۇتۇش ۋاستىللىرىنڭ رۇلىدىن ياخشى  پايدىلىنىشىمىز كىرەك.
چۇنكى ھازىرقى دەۋىر ئۇچۇر دەۋرى.بۇرۇنقى بالىلار قونچاق ئوينىسا،ھازىرقى بالىلار يان تېلفۇن،كومپىيوتۇر ئۇيناشنى ياخشى كۆرىدۇ.شۇڭا ئەڭگۈشتەر ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئېلىپبەسى،ئېلىپبە دىسكىسى ۋە يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش ۋاستىللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈگۈنۈشىكە بولغان قىزىقىشىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش كىرەك.ساۋات چىقىرىشنىڭ ئاچقۇچى- ھەرىپ تۇنۇتۇشتا،ھەرىپ تۇنۇمىغان ئۇقۇغۇچنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش بەكمۇ تەسكە توختايدۇ.بىراق ‹‹ئەڭگۈشتەر ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئېلىپبەسى››دەل ھەرىپ تۇنۇتۇشنى مەخسەت قىلغان ،ئۇنىڭ ئۇستىگە بالىلار ئويناش ئارقىلىق ئىختىيارى  ئۈگۈنىدىغان بولغاچقا،بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشىغا ياردەم بىرىپ،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە  بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.ھەم ساۋات چىقىرىشنى تىزلەتكىلى بولىدۇ.
دىمەك-بالىلار كەلگۇسىنىڭ ئىزباسالارلىرى.ھەربىر سەبىنىڭ تەقدىرى –بىزنىڭ قولىمىزدا.بىزنىڭ كىچىكنە تىرىشچانلىقىمىز ۋە ئىزدىنىشلىرىمىز بالىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلىشىمىز مۇمكىن.چۇنكى ئۇقۇتقۇچى مۆجىزە ياراتقۇچىدۇر.بىز مىھر-مۇھەببىتىمىز ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ،ئاددى ئەمگىگىمىز ،تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرالىساق بالىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيمىز.ۋەتەن مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ،يۈرەكلىك ھالدا مەن بىر  لاياقەتلىك ئۇقۇتقۇچى دىيەلەيمىز.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +3تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 3 + 5 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-27 16:55:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش جەھەتتە كوپ ئىزدىنىپسىز ،مەن سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان 1-ۋە 7-تۇرلۇك
تېمىڭىزدىن  ھەقىقەتەن ئۇنۇم ھاسىل قىلدىم .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش