كۆرۈش: 339|ئىنكاس: 12

بايقاش مۇنبىرىگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇمارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 14:45  

بايقاش مۇنبىرىگە

ئەي گۈزەل جاي بايقاش مۇنبىرى،
باغۋەنلەرنىڭ بېغى جەننىتى.
سەن گوياكى ئېچىل داستىخان،
مائارىپنىڭ خۇش-پۇراق گۈلى.

سەندە باردۇر بىلىم،سىر ھىكمەت،
سەندە باردۇر مەندە يوقى ھەم.
مەيلى خىزمەت ئۆگىنىش بولسۇن،
سەن بولغاچقا قىلمايمەن ھىچ غەم.

ئىسىڭدىمۇ ئەشۇ چاغلاردا،
مەن بېغىڭنى ئارلاپ يۈرەتتتىم .
يازغۇچىدەك سىزىپ ئۈزۈمنى،
بەترىلىرىڭنى بىزەپ يۇرەتتىم.

كۈچلۇك مەدەت،ئنكاسلار ماڭا،
بەخىش ئەتكەن پۈتمەس ئىلھامنى.
ئۇرۇن ئېلىپ سىنىڭ باغرىڭدىن،
تۆككەن ئىدىم كۆڭۈل سىرىمنى.

ئايرىلالماي ھەربىر دەقىقە،
سەيلە قىلىپ يۈرەتتىم سەندە.
شائىر بۇلۇش ئىستىكى يەنە،
مەۋىج ئۇرغان ئىدىغۇ مەندە.

نەدىن كەلدى ئاشۇ شۇم كىسەل،
نەدىن كەلدى ئالدىراشچىلىق.
ئاستا-ئاستا ئايرىلدىم سەندىن،
بۇ مەندىكى ئەڭ ناچار قىلىق.

گۇناھكاردەك سىزىپ ئۈزۈمنى،
كىرىشكىمۇ قىلمىدىم جۈرئەت.
ئىسىڭدە تۇت،شۇندىمۇ سىنى
ئۇنۇتمىدىم پەقەت ۋە پەقەت.

بۈگۈن قايتىپ كەلدى خۇمارى،
خالتىلاردىن ئۆمىلەپ چىقىپ.
گۇناھىمنى يۇيماقچى بولدۇم،
سۆزلىرىمدىن نەزمىلەر پۈتۈپ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +8تىللا +8تۆھپە +8شۆھرەت +7يىغىشسەۋەبى
pari + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
ئالىم + 3 + 3 + 3 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-10 16:46:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇش كەپسىز دوستۇم خۇمارىم،
ئەجەپ سېغىنغانتىم سىزنى.
سىز يوق بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە،
غېرىپسىندۇردىڭىز مېنى.

قاملاشمىسىمۇ يېزىپ  قويدۇم دوستۇم، سىزنى بەكمۇ سېغىندۇق،شئېرنى ياخشى يېزىپسىز، داۋاملىق يېزىپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

باھا سۆز

رەھمەت دوستۇم،مەنمۇ سىلەرنى بەك سېغىندىم  ۋاقتى: 2014-12-11 09:49
ۋاقتى: 2014-12-10 16:50:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارشى ئالىمىز ،سىز ئشىلىگەن خالتىلاردىكى ماترىياللاردىن تارتىپ يوللاپ كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن زۇرۇر ماتېرياللارنى تېخىمۇ كۆپ يوللىشڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن
ۋاقتى: 2014-12-10 19:43:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ، ئېسىل يازمىللىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز
ۋاقتى: 2014-12-10 21:41:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل   سوۋغات    ئېلىپ   كەلگىنىڭىزگە   كۆپ   رەھمەت    ،   خۇمار  بوپ  قالغۇدەكلا   ياخشى   يېزىپسىز   .
ۋاقتى: 2014-12-10 22:53:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ ئىسىل تىمىكەن  بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
ۋاقتى: 2014-12-10 23:05:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 23:07  

يارايسىز!ياخشى يېزىپسىز!مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋېتىڭ! ئەمىسە بىز سىزنىڭ ئىسىل تىمىلىرىڭىزغا تەشنا بولۇپ ساقلاۋاتىمىز جۇمۇ؟
تەكلىۋىم: بۇندىن كېيىن شىئېر يوللىسىڭىز ئوتتۇرغا توغرىلاپ،ئىسىل بىزەكلەر بىلەن بىزەپ يوللاڭ!

باھا سۆز

تەكلىۋىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن  ۋاقتى: 2014-12-11 09:52
بۇ مىنىڭ چىن يۇرۇكىمدىن چىققان سۆزلەر ،بىر ئۇقۇغان ئادەمگە شۇنداق ئېنىق .....  ۋاقتى: 2014-12-11 09:52
ۋاقتى: 2014-12-11 10:33:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز خۇمارىم ؟ سىزنى بەك سېغىندۇق . سالامەتلىكىڭىزنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن خەۋەرسىز قاپتىمىز ، ھەر نىمە بولسا ياخشى بولۇپ قاپسىز ، بايقاش مۇنبىرى يەنىلا سىزدەك قابىل يازغۇچىلارغا مۇھتاج مۇنبەرگە كىرىپ تۇرۇڭ . رەھمەت .

باھا سۆز

رەھمەت دوستۇم،سىزنىڭ كۇتكەن يىرىڭىزدىن چىقىشقا تىرىشىمەن  ۋاقتى: 2014-12-11 12:47
ئوخشاش ئويدا!  ۋاقتى: 2014-12-11 10:44
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش