باشلانغۇچ مەكتەپ 5- يىللىقلار ئۆچۈن‹‹قوشتىل››2-قىسىم 3- بۆلەك ‹‹ سۈيۈملۈك ھايات›› دىگەن بۆلەككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان‹‹مەيدانغا باردىغان يول بىرلا ئەمەس››دىگەن تىكىستنىڭ دەرس بايانى
دۆلەتلىك تەربىيەلەش پىلانى(2013 )قىسقا مۇددەتلىك يۈز تۇرانە تەربىيەلەش كۇرس داۋامىدا ئۆتكۈزگەن بىر سائەتلىك دەرسنىڭ باھالاش دوكلاتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر ،تەتقىقاتچى خادىملار ،جاپاكەش ئۇستازلار ، كەسىپداشلار ياخشىمۇسىلەر! مەن مەن شىنجاڭ كېريە ناھىيەسى ئاتچان يېزىلىق ئۇتۇررا- باشلانغۇچ مەكتەپ بىر گۋدىلەشكەن 9- يىللىق مەجبۇرىيەت مۇئارىپى ئومۇملاشقان مەرگىزى مەكتەپتىن بولىمەن . ئالدى بىلەن مەن دۆلەتلىك مۇئارىپ مىنىستىرلىگى ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ،خوتەن ۋىلايەتلىك مۇئارىپ باشقارمىسى ،كېريە ناھىيەلىك مۇئارىپ ئىدارىسىدىكى بارلىق رەھبەرلەرنىڭ شۇنداقلا ئۆز مەكتىۋىمدىكى رەھبەرلىك كوللۈكتىۋىنىڭ ماڭا مۇشۇنداق بىر ئۆگۈنىش سورۇنى ھازىرلاپ،بەرگەنلىگىگە چىن كۆڭلىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. تۆۋەندە مەن ‹‹ مەيدانغا باردىغان يول بىرلا ئەمەس›› دىگەن دەرسنىڭ بىرسائەت دەرس بايانىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى. بۇدەرس باشلانغۇچ مەكتەپ 5- يىللىقلار ئۆچۈن‹‹قوشتىل››2-قىسىم 3- بۆلەك ‹‹ سۈيۈملۈك ھايات›› دىگەن بۆلەككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولوپ، گەرچە بۇ تىكست ئوقۇغۇچىلار كۆز يۈگۈرتىپ ئوقۇپ، مەزمۇنىنى ئۆزلىرى مۇستەققىل تەھلىل قىلىپ ئىگەللىۋالىدىغان،ئوقۇتقۇچى پەقەتلا يېتەكچى ئورۇندا تۇردىغان ئوقۇش تىكىستتى بولىدۇ . ئەمما پەلسەپەۋى قائىدىگە تولغان ، كىشىلەرگە بىر ئۆمۈر مەنپەت بىردىغان ئەسەر بولغانلىقى ئۆچۈن بۇنى ئىككى سائەت ئوقۇتۇشنى لاھىيەلەپ،1- سائەتتە تىكىست ئوقۇش،يېڭى سۆزلەرنى چۈشۈنىش،مۇھىم مەسىللەرنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئالدىدىن يەتكۈزۈپ بولدۇم. مىنىڭ تۈۋەندە سۆزلىمەكچى بولغىنىم دەرسنىڭ ئىككىنچى سائىتى. 1.مەن بۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش نىشانىنى بىكىتىشتە ماۋزۇنى چىقىش قىلىپ،‹‹مەيدانغا باردىغان يول بىرلا ئەمەس ›› دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىۋېلىشنى مۇھىم نوختا قىلىپ،بىكىتىش بىلەن بىرگە ئاپتۇرنى ئۆلگە قىلىپ قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بىرىش ۋە پائال ئالغا ئىلگىرلەشتەك تۇرمۇش پۇزۇتسىيەسىنى تۇرغۇزۇشتىنى قىيىن نوختا قىلىپ بىكىتتىم. 2.ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە : بۇ تىكىست مۇستەققىل ئوقۇتۇش تىكىستى بولغاچقا ،ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلغان ئاساستا مۇستەققىل ئىزدىنىش،تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەمىلىي تۇرمۇشقا تەتبىقلاش ئۇسۇلىنى قوللاندىم. 3.يېڭى دەرسكەباشلاپ كىرىشتە كومپىيوتېر ئارقىلىق ئالدىن تەييارلىۋالغان ‹‹ سىلەر ئۆيىڭلاردىن مەكتەپكە كەلگۈچە قايسى يوللاردىن كېلىسىلەر ؟ئەگەر سىز تاللىغان شۇ يولدا مەلۇم بىر ئۆزگىرىش بولوپ قالسا سىز قانداق قىلىسىز؟ بۇنىڭدىن سىز نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟دىگەن تەھلىل سۇئاللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرنى قانداق ھەل قىلدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر قىلىشقا يېتەكلەپ مۇشۇ ئارقىلىق يېڭى دەرس تىمىسى ئوتۇرغا چىقاردىم ھەم ماۋزۇ ھەققىدە يەنە بىر چۈشەنچە بەردىم. 4 .(1) ئوقۇتۇش جەريانىنى يەتكۈزۈش باسقۇچىدا ئېكراندا دەرسلىك مەزمۇنىغا ئاساسەن لاھىيەلەنگەنتارماق سۇئاللارنى كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن ① ‹‹ مەن ›› دادىسى ئۇنى قەيەرگە ئېلىپ چىقتى؟نىمىنى كۆرسەتتى؟ ئۇنىڭغا دادىسى نىمە دەپ تەلىم بەردى؟ ‹‹مەن›› دادىسىنىڭ تەلىمىگە قانداق پۇزۇتسىيەدە بولدى؟ ‹‹ مەن ›› نىڭئارزۇسى نىمە ئىدى؟ ئۇ قانداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈردى؟ نەتىجىدە قانداق بولدى‹؟ دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن مۇلاھىزە قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاخىردا ئوقۇغۇ چىلار نىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئاساسەن بۇنىڭدىن نىمىنى چۈشەندىڭىز؟ دىگەن سۇئال نى ئوتۇرغا قۇيۇپ دەسلەپكى قېتىمدا كىچىك خۇلاسە چىقاردىم. 2- قەدەمدە سۆزلەنگەن ۋاقەلىككە ئاساسەن تىكىستنىڭ جەريانى قانچە مەيدان كۆرنىش قانچە ۋاقەلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ۋاقەلىق قانداق ئۇسۇلدا يې زىلغان؟ دىگەن سۇئالنى ئوتۇرغا قۇيۇپ، ئەسەردە سۆزلەنگەن ۋاقەلىكنى يې زىلىش ئۇسۇلىنى تەھلىل قىلدۇرۇپ، ئەسەر يازغاندابەزى مۇھىم مەزمۇنلارنى تەپسىلى،بەزى مۇھىم دەپ قاراپقىستۇرۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بولغان مەزمۇنلارنى قىسقا،ئىخچام يېزىش كېرەكلىگى توغرىسىدا ئەدەبىي ساۋاتقا چۈشەنچە بەردىم. بۇنىڭدا‹‹ مەن ››نىڭ دەسلەپكىقەدەمدە بېشىدىن كەچۈرگەن قى يىنچىلىقلىرى ۋە ئۇنى يېڭىش جەريانىنى ناھايىتى ئىنىق ھەم تەپسىلىي يېزىلغان. ئىككىنچى ۋەقەلىك ‹‹ مەن ›› نىڭ دەسلەپكى قەدەمدە بارلىق قى يىن چىلىقلارنى يېڭىپ، ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن قاراپ، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ تۈرت كىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەچكە مۇھىم دەپ قارىلىپ ئىخچام يېزىلغان . بۇ جەرياندا مەن ئەسەرلەردە ئەدەبىي ساۋات بىرىشنىڭ ئانا تىل ئەدەبىيات دەرسىدە مۇھىم ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم. 3- قەدەمدە يەنى دەرسلىكنى ئەمەلىيەتكە كېڭەيتىش باسقۇچىدا ھەممىمىزگە مەلۇم بىز تۇرمۇشتا دائىم مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچراپ تۇرىمىز،ئۇنداقتا بىز بۇ مەسىللەرنى قانداق ھەل قىلساق بولار؟دىيىش ئارقىلىق ئۆزەم تەييارلاپ كەلگەن بەزى مەسىىلە ۋە يىكايىلەرنى سۆزلەش ۋە شۇ ئارقىلىق،ئۇلارنى ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ،نىشانغا يىتىشتە بىرلا چارە تەتبىرگە ئېسىلىۋالماي ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ياكى نىشانغا يېتىشنىڭ باقا چارە تەتبىرلىرى ۋە يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ھەم سىناپ بېقىشنىڭ تۇلىمۇ زۈرۈرلىگىنى ھىس قىلدۇرغان ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنى ئىرادىلىك ئۆمۈتۋار بولوشقا يېتەكلىدىم. ئۇندىن باشقا مۇشۇ دەرسكە ماس بولغان ماقال تەمسىل ئەقلىيە سۆزلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا دىگۈزۈش ھەم ئىكراندا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھىكمەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق،دەرسنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نوختىلىرىنى تېخىمۇ يارقىن گەۋدۈلەندۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ مەيدانغا باردىغان يول بىرلا ئەمەس››دىگەن سۆزىگە نىسپەتەن چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇم. 5. تاپشۇرۇق لاھىيەلەشتە: بۈگۈن ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،‹‹ ھاياتقا ئۈمۈت بىلەن قارايمەن ›› دىگەن تېمىدا بىر پارچە يېزىپ چىقىشقا يېتەكلەپ ئۇلارنىڭ بۇ دەرسكە بولغان چۈشەنچىسىنى تاپشۇرۇق ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەخسەت قىلدىم . 6. دوسكا لاھىيەسىدە تىكىست مەزمۇنىغا باغلاپ ، ھەر بىر ئوقۇتۇش ھالقىلىرغا ئاساسەن ‹‹مەن››نىڭ دادىسىنىڭ تەلىۋى ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىرادىسى،ھەم بىر يول بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقتەك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىنى ئىنىق ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بەردىم . ئەلۋەتتە بۇ بىر سائەتلىك ئوقۇتۇش جەريانىدا ئازدۇر كۆپتۇر يېتەرسىزلىكلەرنى سادىر قىلدىم دەپ قارايمەن شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى ھەم ناھىمىزنىڭ ئانا تىل ئەدىبىيات ئوقۇتۇشنىڭ يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتىرلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرشىشىمىزنى چىن دىلىمدىن ئۆمۈت قىلمەن كۆپچىلىككە رەخمەت .
شىنجاڭ كېريە ناھىيە ئاتچان يېزىلىق مەكتەپتىن 2013-يىلى 11-ئاي
|