مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2090 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئوگلان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر دوسلار؟

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىزنىڭ بۇ ماۋسۇملۇق ئانا تىل جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقى كامدەك قىلىدۇ .

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(1)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • siginix1212 تۈنۈگۈن 17:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تىللاسىنى پۇل تۆلەپ ئىلىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتكەن بولساڭلار

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى كىمدە بار؟يوللاپ قويساڭلار.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىڭىرقاشتىن يۈلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ،يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىپ كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلارنى بەختسىز قىلساڭ ،ئۆزۇڭمۇ بەخىتكە ئېرشەلمەيسەن .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 12:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادىكى ئەڭ موھىم ئىش قەيەردە تۇرغانلىقىمىز ئەمەس،قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت ئالتۇن – كۆمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:01 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

كۆرۈش: 49|ئىنكاس: 4

سەرداھى: چېچىڭنىڭ ئۆركىشى قاراڭغۇ ئورمان

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

2

دوست

599

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
134 سەر
تىللا
71 دانە
تۆھپە
126 سەر
شۆھرەت
128 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 16:29:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېچىڭنىڭ ئۆركىشى قاراڭغۇ ئورمان
(شېئىرلار)
ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى

تاشلارنىڭ باغرىدىن كۆكلەيدۇ رەيھان

ھايات غەۋغاسىدا ئازابلىقىڭ راست،
شاراب سەن لېۋىمدە بىر كاسە شاراب.
سېنى ھەم يازمىقىم مۈشكۈلدۇر-مۈشكۈل،
يارالمىش كۈنۈڭدە بولغانمەن خاراب.

قارىدىم! يۈرىكىڭ تۇرۇپتۇ قاناپ،
قارىدىم! كۆزلىرىڭ بىر پارچە ئاسمان.
زەنجىردۇر باغلانغان قىسمەتلىرىمىز،
تاشلارنىڭ باغرىدىن كۆكلەيدۇ رەيھان!

نۇرلارنىڭ چەشمىسى باغرىمدا دەريا،
باشلايمەن چاك كەتكەن ئېتىزلىقىڭغا.
بىر ئۇلۇغ قىسسەنى سۆزلەيدۇ ھايات،
توغراقنىڭ كاۋىكى گۈلگە ئايلانسا...

كېچىنىڭ مەستلىكى پارلايدۇ تىمتاس،
خۇش كەيپ قايتىمەن ئورمانلىقىڭدىن.
بىلىمەن، چېقىلىپ كېتىسەن ئاخىر،
تېرىمەن ئاھ، سېنى كېچىپ جېنىمدىن!

كېچىنىڭ قانىتى

كېچىنىڭ قاراڭغۇ قاناتلىرىدا،
سىلكىنەر سۇسقىنە نۇرنىڭ تالاسى.
بىر كونا كىتابتۇر تەكلىماكان ھەم،
ئەسلەرنىڭ شېخىدا قۇمنىڭ جۇلاسى.

توغراقنىڭ كاۋىكى قەدىمي قەلئە،
قەلئەدە ئۇخلايدۇ مىڭ يىللىق جەسەت.
ئىزلارنى باغاشلاپ دەشتى-باياۋان،
سۇكۇنات شەھرىدە سۈرەر سەلتەنەت.

كۈيلەرنىڭ قوۋۇقى تاقالغان مەھكەم،
يىغلايدۇ مەشرەپكە چۆللەر بۇقۇلداپ.
ئەسلەرگە سۈركىلىپ ئۆتەتتى مەغرۇر،
ئون ئىككى كارۋاننى كۆيدۈرگەن ئاپتاپ!

كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ سىيلىدىم ئۇزاق،
نۇرانە تارىخنىڭ قاخشال تېنىنى.
قۇملارنىڭ تەكتىدە قىيقاس-سۈرەنلەر،
كۆكسۈمدىن چاپتۇرۇپ ئۆتەر ئېتىنى...

يۈر، كېتەيلى

كۆيەر تۈتەپ ھۆل ئوتۇندەك رېئاللىق،
ئاسماق بولۇپ بىزنى قىسمەت دارىغا.
تاقاپ قويۇپ ئىشىكىنى قايغۇنىڭ،
يۈر، كېتەيلى مۇھەببەتنىڭ غارىغا.

قەبرە ئىرۇر سەنسىز ئوردا-سارايلار،
چىمەنلەرنى سەنسىز ئىستەپ نە قىلاي؟!
سەن بار! ئىللىق باغرىڭدەكلا دەشتى-چۆل،
چاڭقىشىڭغا پەرھات بولۇپ تاغ قازاي!

يۈر، كېتەيلى ئۆزىمىزدىن يىراققا،
يۈر، كېتەيلى بىزنى كۈتكەن پىراققا.
مۇھەببەتنىڭ غارى يانسۇن چاراقلاپ،
ئوت ياقايلى ئۆچۈپ قالغان چىراققا!

چېچىڭنىڭ ئۆركىشى قاراڭغۇ ئورمان

خىياللار قايرىيدۇ كىرپىكلىرىڭنى،
چېچىڭنىڭ ئۆركىشى قاراڭغۇ ئورمان.
كۆزۈڭگە ئۆزىنى ئاتىدۇ ھىلال،
لېۋىڭدىن سۇ ئىچىپ قاچقاندا ئاسمان.

يۇلتۇزلار چېچىلىپ ياتار تېنىڭدە،
يىراقتىن پەرىشان قارايدۇ گۈللەر.
كىمتى ئۇ؟! ماڭغان ھەم دارنىڭ ئالدىغا،
ئورنىدىن دەس تۇرۇپ يىغلايدۇ چۆللەر!

قۇشلارنىڭ پەرۋازى كۆيەر كۆكسۈڭدە،
كېچىنىڭ چېچىغا ئېسىلاتتىڭ چىڭ.
ھەسرەتكە قىيسايغان كارۋاتتىن چۈشۈپ،
قان بىلەن يۇياتتى يوللارنى ئىزىڭ.

چۈشلىرىڭ ئىزلەيتتى چۈشۈڭدىن سېنى،
يالاڭياق يۈگۈرۈپ كىرپىكلىرىڭدە.
مەن چىقىپ كۆڭۈلنىڭ باياۋىنىدىن،
ئاھ، سېنى باغرىمغا باستىم جىممىدە...!

ھايات

بۇ ھايات بىر پارچە ئېتىزدۇر، ياكى
قۇشلارنىڭ تىلىدىن چۈشۈپ قالغان دان.
ھاياتقا قەلبىمنى ئوقۇپ بەرگۈچە،
يىرتىلىپ كېتەتتى يەتتە قات ئاسمان.

بۇ ھايات بىر ۋاراق ئاق قەغەز، ياكى
سىياسى قالمىغان كونا ماي قەلەم.
قىيالماي، جىجىلاپ كېلىدۇ يازغۇڭ،
باغرىڭدا تاشقىنلاپ ئاقسىمۇ ئەلەم.

بۇ ھايات ئۆتكۈنچى يامغۇردۇر، ياكى
ئىشىكىڭ تۈۋىدە كۈلگۈنچەك باھار.
تېلىقىپ كۈيلەيسەن باھارنى، ئەمما
تۇيۇقسىز ئۆگزەڭنى باغاشلايدۇ قار.

بۇ ھايات ئەڭ لىرىك ناخشىدۇر، ياكى
قان ئىچرە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش.
ئېتىڭدىن كېرىلىپ چۈشىسەن، يەنە
ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا ساقلايدۇ تۇرمۇش...!

ياز كېلىۋاتىدۇ

مېنىڭ ئىسسىق ھاياجىنىمغا،
ئېقىپ كىرەر سۇنىڭ ئاۋازى.
تەرلىمەكتە ئىچىمدە جىمجىت،
پورەكلىگەن گۈللەرنىڭ نازى.

دەرىزىنى ئاچقۇم كېلىدۇ،
باھار كۈلەر بارماقلىرىمدا.
ئاق بوز ئېتىم تۇراتتى كىشنەپ،
تۇيغۇمدىكى يايلاقلىرىمدا.

تولماقتىدۇر قۇياشنىڭ كۆكسى،
ئەستىلىكلەر قىزاردى چوغدەك.
ئىزلىرىمغا لەۋ سوزغان يوللار،
تولغىنىدۇ ئۇياتچان قىزدەك.

ئېھ، نەقەدەر گۈزەل ئىدى-ھە؟!
يار چېھرىدەك ئايدىڭ كېچىلەر.
پەيلىرىگە يامىشىپ قۇشنىڭ،
ياز كەلمەكتە، كەلمەكتە دىلبەر!

ھايات كۈيلەر يالغۇزلۇقىنى

ۋاقىت نەپەسلىرىدە يېلىنجاۋاتقان،
قۇمدۇر ياكى سۆڭەكلىرىمىز.
تاش ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان،
ئۆلۈپ تۇرۇپ كۈلىۋاتقان قىز!

ئات ئۈستىدە مەغرۇر سەلتەنەت،
كۆيەر تۈتەپ توغراق كاۋىكى.
يوپۇرماقتەك كۆكلەيدۇ قىسمەت،
يەر سېغىنسا ئەرنىڭ يۈرىكى.

ئىشتان كەيمەي چوڭ بولدى دۇنيا،
كۆز ئىچىگە مۆكۈۋالدى سۆز.
گۈل ھۆسنىدە نەدۇر نۇر-زىيا،
باغلار ئارا كۈلگەندە كەچكۈز.

بېلىق ئۈزەر سۇنىڭ تېشىدا،
يارا ئەيلەپ كۆڭۈل زوقىنى.
چۆچەك سۆزلەپ تونۇر بېشىدا،
ھايات كۈيلەر يالغۇزلۇقىنى!


ئاپتۇر: ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە ئاچال يېزا چىلان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
阿克苏柯坪县阿恰乡其兰小学:艾哈买提玉苏浦
18997665818 TEL-
15609975818
ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
بەختىيار(بايقاش + 3 + 3 + 3 + 3
asrar + 5 + 5 + 5 + 6
گۈلزار + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 18 تىللا + 18 تۆھپە + 18 شۆھرەت + 19  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

45

تېما

17

دوست

6621

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1900 سەر
تىللا
367 دانە
تۆھپە
1031 سەر
شۆھرەت
936 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 21:33:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىدىم! يۈرىكىڭ تۇرۇپتۇ قاناپ،
قارىدىم! كۆزلىرىڭ بىر پارچە ئاسمان.
زەنجىردۇر باغلانغان قىسمەتلىرىمىز،
تاشلارنىڭ باغرىدىن كۆكلەيدۇ رەيھان

شېئىرنى ھەقىيقەتەن ياخشى يېزىپسىز ،ھارمىغايسىز !
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2851 سەر
تىللا
1112 دانە
تۆھپە
3246 سەر
شۆھرەت
2538 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 10:46:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەربىر شېئىرىڭىز كىشنى ئۆزىگە بەكمۇ جەلىپ قىلىدىكەن.شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

574

تېما

31

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7211 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7894 سەر
شۆھرەت
5863 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 17:52:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن  بىرى ناھايتى ياخشى شىئېرلارنى يېزىۋاتىسىز قۇلىڭىزغا دەت بەرمىگەي . قېنى ئەتىكى ئۇرۇن يەنىلا سىزنىڭ
ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

574

تېما

31

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7211 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7894 سەر
شۆھرەت
5863 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 17:52:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن  بىرى ناھايتى ياخشى شىئېرلارنى يېزىۋاتىسىز قۇلىڭىزغا دەت بەرمىگەي . قېنى ئەتىكى ئۇرۇن يەنىلا سىزنىڭ
ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-12 02:06, Processed in 0.460075 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش