مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 217|ئىنكاس: 9

مەندىن ئىبرەت

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 01:38:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىن ئىبرەت
"ئەخلەت يىمەكلىك" ھەققىدىكى ساۋات ۋە بىلدۈرگىلەر تاراتقۇلاردىكى قىززىق نۇقتا بولۇپ كېلىۋاتقىلى خېلى بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بولغان دىققىتىمىز دېگەندەك بولماي كەلدى. ئوقۇساق، كورسەك، ئاڭلىساق غۇلغۇلا قىلىپ قويدۇقيۇ، بولمىسا كارىمىزنى قىلدۇق. كارىمىزنى قىلدۇقلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز بىلە- بىلمەس، <قوزىلىرىمىز جىدەل قىلدى> دەپ بالىلىرىمىزغا ئېلىپ بەردۇق. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئاغزىمىزدا غۇلغۇلا قىلىپ، ئەمەليىتىمىزدە بولسا "ھەممە ئىشنى موللا بىلىدۇ، ئاخىرى بېرىپ كۆلگە سىيىدۇ" دېگەندەك ئىش قىلغانلىقىمىزدا. پېقىرمۇ ئەنە شۇنداق "ئاغزىدا دېگىنىنى ئەمەليىتىدە كۆرسىتەلمىگەن" بىر بايقۇشتۇر.
مەسىلە "ئەخلەت يىمەكلىك" تىمۇ ياكى ئۆزەمدىمۇ؟ مەن بۇ سوراققا بۈگۈنكى كۈنگىچە جاۋاب ئىزدەپ يۈرىۋاتىمەن.
2013- يىل 6- ئاينىڭ 7- كۈنى مەن ئۈچۈن دوۋزاقتىنمۇ ئازابلىق بىر كۈن بولدى. پىژقىراپ چىقىۋاتقان ئىسسىق ئادەمنى بىزار قىلاتتى، ئۆزەم ئاساسىي قاتلامدىكى چەت، يىراق بىر كەنىتتە ئىدىم. ھاۋاسى ساپ، مەنزىرسى تەبئىي، غۇر- غۇر شاماللىق سەھرا، پىژغىرىم ئىسسىقتا ھاۋىسى ۋايىغا يەتكەن تونۇرغا ئوخشاپ قالغاندى. بەلكىم مەن مۇشۇنداق ئېكىلوگىيەسى تولىمۇ ناچار مەھەللىگە كېلىپ قالغاندىمەن. بەلكىم پىژغىرىم ئىسسىق ھەممىنى ياملىۋەتكەندۇ. نېمىمۇ قىلاتتىم بۇنداق ئىسسىقتا يېزا، كەنتلەرنىڭ ئېكىلوگىيىسىنى تەكشۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ. لېكىن مەن ئۈچۈن مۇشۇنداق ھاۋا رايى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىدى. بۇ يېزا، كەنتلەردىكى خېمىيىۋىي ئوغۇت، دېقانچىلىق دورىسى، سۇلىياۋ يۇپۇق ۋە قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى بۇلغىمىلىرى ئۈسىتىدىكى ئىزدىنىشلىرىم ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ، قانداقتۇر بىر نەرسە مېنى مۇشۇ پىژغىرىم ئىسسىق يوتىۋېتىدىغاندەك، يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشۋاتقاندەك، مىڭەمنىڭ نامەلۇم بوشلىقىدا ئۆمۈرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان قارا بولۇت لەيلەپ يۈرگەندەك، كۆڭۈل ئەينىكىمدە ئاجايىپ قوقۇنۇشلۇق بىر قارا قول "كارنىيىڭنى بوغىمەن" دەپ ماڭا قاراپ سوزۇلۇپ كېلىۋاتقاندەك سىزىملار نېرىپلىرىمنى قىسىپ ئارام بەرمەيتى. ئىشىمنى تاشلاپ ياتىغىمغا قايتىشنىمۇ ئويلىدىم- يۇ، تۇرۇپلا كۆزۈتۈشۈمنى داۋام ئەتمەك ئىستىگىدە، پۇرقىراپ چىقىۋاتقان تەرلىرىمنى قولۇم بىلەنلا سۈرىتىپ، ئالغا قاراپ مېڭىۋەردىم. قانچىلىك ماڭغانلىقىمنى بىلمەيمەن، قارىسام مەھەللە كۆز ئىلغۇسىز يەردە قاپتۇ... "چىرىڭ، چىرىڭ، چىرىڭ..." تۇيۇقسىز سايرىغان يانتېلېفونىمنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى مېنى توختۇتۇپ قويدى. مەن تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىشىمغىلا ئايالىمنىڭ "ئۆيگە تېز قايتىپ كېلىڭ، ئوغۇلىمىز جىددىي قۇتقۇزۇشتا. تېز بولۇڭ!" دېگەن بوغۇق ئاۋازى بىلەن بىر چىلەك مۇزلۇق سۇ بېشىمدىن قۇيۇلۇپ كەتتى. ئايالىمنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دېگەن بۇ سۆزى بىلەن ئارقامغا تىرىڭڭىدە چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدىم. پۇتۇمدا ماڭدىممۇ ياكى بېشىمدىمۇ، ئېتىزلىقلارنى ئارقامدا قالدۇرۇپ ياتاققا يېتىپ كەلدىم. بۇ ئارلىقتا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى ماڭا نامەلۇم. قولۇمدىكى خاتىرە، قەلەمنى كارۋات ئۈستىگە تاشلىدىمدە، يولغا يۈگۈرۈپ چىقتىم. "بىچارە- مىسكىنلەرنىڭ بېشىنى ئىگىسى سىلايدۇ" دېگەندەك، يولغا چىقىشىمغا ئوتتۇرا ياشلىق بىر دېھقان موتىسكىلىت بىلەن ئالدىمغا كەلدى. مەن ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ "قېنى مىنسىلە" دېدى، موتىسكىلىتىنى كۆرسىتىپ. شۇنداق قىلىپ بۇ دېھقان ئاكىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن، يېزا بازىرىغا بېرىۋالدىم ۋە بىر كىچىك ماشىنىغا كىڭرا قىلىپ، ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدىم.
كۆز نۇرۇم، ئاپئاق قوزام، يۈرەك پارەم دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ياتىقىدا ھۇشسىز يېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئىككى قولى، ئىككى پۇتىغا ئاسما ئۇكۇل ئېسىلغان، كۆكرىكى ۋە بېشىغا قانداقتۇر ئۇسكىنىلەر ئورنىتىلغاندى. ئۇنى كۆرۈپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتكىنىمنى سەزمەپتىمەن، دوختۇرنىڭ ۋاقىرىشى بىلەن ئۆزۇمگە كەلدىم. بىچارە ئايالىم بولسا، نەچچە يىللىق ساماندەك سارغىيىپ كېتىپتۇ. سۈزۈك ۋە كېلىشىملىك قاپاقلىرى مۇشتۇمدەك ئىششىپ، ئوماققىنە قوي كۆزىنى توسىۋاپتۇ. تۇخۇم شاكىلىدەك سىيلىق يۈزلىرىگە ئەجىم- ئەجىم قورۇقلار يىپ تارتىپتۇ، ئىلىپتەك بۇرنى قىزىرىپ مايمۇننىڭ كۆتىگە ئوخشاپ قاپتۇ. مەن ئۇنىڭغا يەنە قاراشقا پېتىنالمىدىم. ئۇ شۇ تاپتا بىراقلا 20 ياش قېرىپ كەتكەندەك قىلاتتى. "بالا ئېغىر زەھەرلەنگەن، بۈگۈن نېمە بەرگەنتىڭلار؟" دوختۇرنىڭ جىددىي سورىقى بىلەن ئايالىم بوغۇق ئاۋاز بىلەن، "ئەتىگەندە < ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى> بىلەن نان- چاي قىلىپ بەرگەن، چۈشتە مىفەن قىلىپ بەرگەندىم، مانا ئازىراق ئىشىپتىكەن، ئىككى قوشۇق ئالغاچ كەلدىم... نېمە بولدىكىن مەن..." دوختۇر ئايالىم سۇلىياۋ خالتىچاققا ئالغاچ كەلگەن مىفەننى كۆتەرگىنىچە چىقىپ كەتتى...
ئوغۇلۇم شۇ ياتقىنىچە 6- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2 گىچە شۇ ھالەتتە، شۇ ئورنىدا ھۇشسىز ياتتى. شۈكرى ئاللاھقا، بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2 دە كۆزىنى ئېچىپ ئايالىم بىلەن مېنى تونىدى، تېخى چۇچۇك تىللىرى بىلەن بىرنەچچە ئېغىز گەپمۇ قىلدى. بىر سائەتلەردىن كېيىن ئوغۇلۇمنى بالىلار بۆلۈمىنىڭ ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكەپمۇ چىقتۇق. ئوغۇلۇم بىھۇش ياتقان بۇ 20 كۈن ، ئايالىم ئىككىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، دوختۇرلار ئۈچۈنمۇ مۇشاقەتلىك 20 كۈن بولدى. قايتا- قايتىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوغۇلۇم "ئەخلەت يىمەكلىك" تىن ئېغىر زەھەرلەنگەنلىكى ئېنىقلاندى. بىچارە، مەكتەپتە تۇيۇقسىز پۇت- قوللىرىنىڭ بوغۇملىرى ئىششىپ، ماڭالماس، ئولتۇرالماس بولۇپ قاپتۇ، ئايالىم مەكتەپكە بېرىپ بولغۇچە ھۇشىدىن كېتىپتۇ، مۇئەللىملەرنىڭ ياردىمىدە ئايالىم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ.
ئوغۇلۇم "قولاي چۆپ" بىلەن كاراس- كاراس يىمەكلىككە بەكلا ئامىراقتى. بۇلارنىڭ "ئەخلەت يىمەكلىك" ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ تۇراتتىم- يۇ، قانداقتۇ ئۇنداق يىمەكلىكلەرنى يىسە بەك توسۇپ كەتمەيتىم، گاھىدا، "زىيانمۇ قىلىپ كەتمەس" دەپ ئۆزەممۇ ئېلىپ بېرەتتىم. ئەمدى تازا ئوبدان بولدى مانا. 20 كۈندىن بۇيان بىچارە ساقام تارتمىغاننى تارتتى، كۆرمىگەننى كۆردى. دوختۇرنىڭ دىئاگىنوزى " زەھەرلىنىش خارەكتېرىدىكى تېرە ئاستى قاناش <بوغۇم خارەكتېرىمۇ بار>. مۇشۇ تەرىقىدە يەنە 20 كۈن ئەتىراپىدا دوختۇرخانىدا ياتقۇزىدىكەنمەن. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن داۋاملىق دورا يەيدىكەن، ئاز دېگەندە ئۈچ يىلغىچە 15 كۈندە بىر قېتىم قان، سۈيدۈك تەكشۈرتىدىكەنمەن...
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم، مەندىن ئىبرەت، پەرزەنتىڭلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار، پەرزەنتىڭلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراڭلار! ئۇلارنى "ئەخلەت يىمەكلىك" دېگەن نېجىسنىڭ يېنىغا يېقىن يولاتماڭلار! مەن بايقۇشتەك، مەسىلە "ئەخلەت يىمەكلىك" تىمۇ ياكى ئۆزەمدىمۇ؟  دەپ بېشىڭلارنى قاتۇرۇپ يۈرمەڭلار!؟...

ئەسكەرتمە: بۇ يازمىنى يېزىشىمغا مەدەت، ئىلھام بەرگەن بايقاش ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.
--------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
تەھرىردىن: بۇ جەھەتتە ھەممەيلەن دېققەت قىلماي بولمايدۇ. بۇ «ئەخلەت يىمەكلىك» جەھەتتىكى تېمىلارنى مۇھىم دەپ قاراپ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار يىفىپ تەمىنلەندى.

1. بىخەتەر ئوزۇقلىنىش ۋە ئەخلەت يىمەكلىك دەرسلىك دېتال: كۆرۈش
2. ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ ياسىلىش جەريانى: كۆرۈش
3. دۇنيادىكى 10 چوڭ ئەخلەت يىمەكلىك. : كۆرۈش
4. « ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدا» مۇنازىرە: كۆرۈش

باھا سۆز

بايقاش ھەممەيلەنگە بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 21:58
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
گۈلزار + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
بەختىيار(بايقاش + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 13 تىللا + 13 تۆھپە + 13 شۆھرەت + 13  باھا خاتىرىسى

مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 08:53:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-28 08:55  

شۇڭا ‹‹ئەخلەت يېمەكلىك›› يېگۈزمەسلىك  جەھەتتە مەن ۋە  ئايالىم ئىككىمىز ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز.بىر قېتىمىدا خەجلىمەكچى بولغان ئاشۇ بىر نەچچە سومنى ئوغلۇمغا چۈشەندۈرۈپ،يېغىپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مىللى كارخانىلىرىمىز ئىشلەپ چىقارغان تۈرلۈك پىرەنكىلەرنى ئېلىپ بېرىمىز.(گەپنىڭ راستىنى دېسەم ئوغلۇم سەككىز ياشتىن ئاشتى،ئۇ گەرچە مەكتەپتە پۇل توغرىلىق بىلىمگە ئېرشكەن بولسىمۇ،ئۆزى مۇستەقىل ھالدا باشقا بالىلار ئىستمال قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنە شۇ يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ،ئىستىمال قىلمايدۇ. )دېمىسىمۇ ھازىر ئۆسمۈر بالىلاردا قالايمىقان سۈپىتى ناچار،باھاسى ئەرزان ‹‹ئەخلەت يېمەكلىك››لەرنى ئىستىمال قىلىش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن،شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ئۆز پەرزەنتىلىرگە بولغان ھەققىي تۈردىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىستمال ئادىتىگە كۆز-قۇلاق بولۇپ قويۇشى،ئۇلارنىڭ ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە سەمىمىي ياردەم بېرىشى زۆردۇر.
ئاخىردا بۇ تېمنىڭ مۇئەللىپى دىلرۇس ئەپەندىمىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن...

باھا سۆز

دىلرۇس سىزگىمۇ رەھمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 14:06
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

11

تېما

7

دوست

974

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
192 سەر
تىللا
73 دانە
تۆھپە
179 سەر
شۆھرەت
206 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 09:53:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىزنىڭ مىللى كارخانلىرىمىزنى قوللاش ۋە مىللىچە ئۆرۈپ ئادەتنىڭ ئاساسى.

باھا سۆز

دىلرۇس رەھمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 14:07
نىمانداق تۈگىمەيدىغان ئىمتھانلار بۇ،تەتىلدەMHK ئالىمى ...

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 12:38:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلەت يىمەكلىكنىڭ زىيىنىنى تارتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس . ھەر قايسى مەكتەپلەر ئەخلەت يىماكلىكنىڭ زىيىنى توغۇرسىدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ قېتىم تەربىيە ئىشلىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە يول قويىۋاتماقتا . شۇڭا بارلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ ۋەقەلىكتىن ئىبرەت ئېلىپ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
رەھمەت ئەپەندىم  

باھا سۆز

دىلرۇس مېنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 14:05
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

2

تېما

1

دوست

123

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
26 سەر
تىللا
18 دانە
تۆھپە
23 سەر
شۆھرەت
25 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 18:30:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ شەيتىنى ئۆزى بىلەن بىللە، ھەر-بىر ئاتا-ئانا ئۆزلىرى قاتتىق دىققەت قىلماي بولمايدۇ، بۇ تىمىڭىز بىزگە بەك ياخشى ئىبرەت بولغۇسى.

باھا سۆز

دىلرۇس كۆزدىن كەچۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 21:10

640

تېما

134

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9202 سەر
تىللا
93509 دانە
تۆھپە
5803 سەر
شۆھرەت
6305 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 22:05:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىڭىز تورداشلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش بوپتۇ.  دېمىسىمۇ ھازىر مەكتەپلەر ئالدىدا كىچىككىنە پايدىنى دەپ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمىگەن، تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ئەخلەت يىمەكلىلەرنى سېتىپ، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمۈدلىرى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەقلىنى بۇلغىۋاتقان سودىگەر، تەنزىكەشلەر ئاز ئەمەس! بىز ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىسىگىلا قاراپ تۇرماي، ئائىلىدە بۇ جەھەتتىكى تەربىيەلەرنى كۈچەيتىشىمىز. ئۇلارغا كىچىكىدىن باشلاپ  قانداق يىمەكلىكلەرنىڭ ئەخلەت ئىكەنلىكىنى، پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى، ئۇنى يىگەندە قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىلمى ئۇسۇلدا چۈشەندۈرىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.

باھا سۆز

دىلرۇس رەھمەت سىزگە.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 22:50
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 22:36:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلەت يىمەكلەكنىڭ زىيىنىنى ھەممىمىز بىلىپ تۇرساقمۇ ، ئەمىليەتتە سەل قاراپ كېلۋاتىمىز . مەكتەپلەرنىڭ ئالدىدىكى دۇكانلار ، بۇ بىردىن ، ئىككىدىن ئەتىۋارلىق پەرزەنتكىرىمىز ، ئاتا -ئانىلىرىمىزنىڭ ئەتىۋارلاپ كۈيۈنۈشلىرى ....پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەخلەت يىمەكلىك يىيىشىگە سەۋەپ بولۋاتامدىكىن . بۇ ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ يول قويىمىز شۇ .

باھا سۆز

دىلرۇس كوزدىن كەچۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 22:49
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

0

تېما

2

دوست

88

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
13 سەر
تىللا
22 دانە
تۆھپە
14 سەر
شۆھرەت
16 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 23:20:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت!مەن يەنە بىر قىتىم ياخشى بىلىمگە ئىگە بولدۇم.مەكتەپلەردە،ئائىلىلەردە...ئەخلەت يىمەكلىكەرگە بولغان تۇنۇشنى ئۈستۈرۈپ ،تەرىيىنى كۈچەيتسەك بولغۇدەك.

باھا سۆز

دىلرۇس سىزگىمۇ رەھمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 23:48

15

تېما

2

دوست

728

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
121 سەر
تىللا
27 دانە
تۆھپە
106 سەر
شۆھرەت
275 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 13:12:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بىزغۇ تۇسۇپ تۇرمىز.لىكىن بالىلار مەكتەپكە كەتسە نېملەرنى ئېلىپ يەيدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز-دە.ھۆكۇمەت ھەركىتى شۇنچە قۇدرەتلىك تۇرۇپ،ئەخلەت يىمەكلىك ياسايدىغان زاۋۇتلارنى نىمىشقا توسمايدىغاندۇ؟

باھا سۆز

دىلرۇس توساپمۇ ئۈلگىرىلمەيۋاتمامدۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 23:49

30

تېما

16

دوست

1422

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
273 سەر
تىللا
159 دانە
تۆھپە
250 سەر
شۆھرەت
333 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 16:57:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزنتلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى!

باھا سۆز

دىلرۇس رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 21:46
گۈل پۇرىقى بىلەن، ئادەم پەزىلىتى بىلەن قەدىرلىنىدۇ!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:38, Processed in 0.451580 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش