كۆرۈش: 8876|ئىنكاس: 38

ئېلىكترونلۇق سودا ساھەسىدە شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇيغۇر دوكتور

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېلىكترونلۇق سودا ساھەسىدە شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇيغۇر دوكتور-  ئابدۇراخمان   ئابدۇغېنى

QQ截图20130624201153.jpg

      ئابدۇراخمان   ئابدۇغېنى 1985-يىلى 8-ئايدا  كېرىيە ناھىيىسىنىڭ شەنبە  بازىرىدا   تۇغۇلغان،  مەركىزى  مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي  ئۇچۇر  باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئىقتىساد  پەنلىرى دوكتۇرى،  ئېلىكترونلۇق   سودا   كەسپىي  بويىچە  شىنجاڭدىكى  تۇنجى دوكتۇر،  شۇنداقلا   شىنجاڭدىكى  ئاز   سانلىق  مىللەتلەر ئىچىدىكى  ئەڭ    ياش   دوكتۇرنىڭ   بىرى. 27  يېشىدىلا  دوكتۇرلۇق  ئۇنۋانىغا   ئېرىشكەن. جوڭگۇ   ئېلىكترونلۇق   سودا  جەمئىيتىنىڭ   ئەزاسى،  مەركىزى  مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىكترونلۇق  ھۆكۈمەت  ۋە   ئېلىكترونلۇق  سودا  تەتقىقات ئورنىنىڭ  تەتقىقاتچىسى،  شىنجاڭ خۇرۈيتەي ئېلىكترون پەن-تېخنىكا  چەكلىك  شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى،تەتقىقات   بۆلۈمىنىڭ   باش   دېرىكتورى،   مالىيە   باش نازارەتچىسى.  شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا-سانائەت  مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنىستىتوتى  ئېلىكترونلۇق سودا كافىدراسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى.  

       ئابدۇراخمان ئابدۇغېنى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالىي مەكتەپ ئاساسىي مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن، ئىلغار كەسپىي تەربىيە ۋە  ئىقتىدار تەربىيسى ئالغان، چوڭقۇر بولغان كەسپىي نەزەرىيە  ئاساسى  ۋە  ئەمەلىي  تەجرىبىگە  ئىگە، تەتقىقات  ئىقتىدارى كۈچلۈك ياش. ئۇ ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تىرىشچان،ئىزدىنىش چان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوبرازىنى  ياراتقان بولسا،بۈگۈنكى كۈندە  مەكتەپتە مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىنىڭ،  شىركەتتە بىر قابىل رەھبەرنىڭ،  جەمئىيەتتە   يېتەكچىلىك   رولىنى  ئويناۋاتقان  ئىقتىدارلىق  ياشلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى.

      ئۇ باشلانغۇچ  مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان  ۋاقىتىدىلا  ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە  ياخشى بولۇپ،  ئالىي مەكتەپنى  ھەرخىل سىنىپ كادىرلىق  ۋەزىپىسىنى  ئۈستىگە ئالغان.  ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان  مەزگىلدىمۇ   ئۆگىنىش   نەتىجىسى  ئىزچىل  ياخشى   بولغان.  باكلاۋىرلىق   ئوقۇش  مەزگىلدە  ئۇ  ئۆزى  مۇستەقىل  ھالدا  ئۇيغۇرچە  ئىزدەش ماتورى ياسىغان، بۇ ئەينى چاغدا   ئالىي  مەكتەپ   ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلىدىن 2006- يىلغىچە  ھەر يىلى«ئۈچتە ياخشى  ئوقۇغۇچى »بولۇپ باھالانغان ۋە «ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 2006- يىلى ئاسپرانتلىق ئېمتاھاندىكى كەسپىي پەن نەتىجسى مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولغان. شۇ يىلى  ئۇ  بىرلا  ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە  مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالغان.ئىچكىرى رايونلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىش ۋە تېخىمۇ  ياخشى  بولغان  ئالىي  مائارىپ  تەربىيە مۇھىتىغا ئېرىش ئۈچۈن ئابدۇراخمان ئاخىرىدا مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى قارار قىلغان.

       ئۇ  ئاسپىرانتلىقتا  ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئۆز  كەسپىنى ياخشى ئوقۇغاندىن سىرت ھەرخىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن 2009-يىلى مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد  ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىنىستىتوتىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيتى بىلەن«2009-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بېيجىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » غا قاتناشقان .ئۇنىڭ  سەنئەت ۋە تەنتەربىيە   جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىمۇ  كۆرۈنەرلىك  بولۇپ 2009-يىلى  مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد    ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  « سەنئەت-تەنتەربىيە ئالاھىدە  مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.شۇ يىلى ئۇ بۇ يەردىكى ئۇقۇشىنىمۇ غەلبىلىك تاماملاپ، مەركىزى   مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

        ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ  مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئويلىغان ئابدۇراخمان يەنە شۇ مەكتەپتە دوكتۇرلۇق ئۇقۇشنى باشلىغان    ھەم 2012-يىلى مەركىزى  مالىيە-ئىقتىسادئۇنىۋېرسىتېتى  ئىقتىساد پەنلىرى  بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغائېرىشكەن. بۇنىڭ  بىلەن  ئۇ   ئېلىكترونلۇق  سودا كەسپىي بويىچە شىنجاڭدىكى تۇنجى دوكتۇر،شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئازسانلىق  مىللەتلەر  ئىچىدىكى  ئەڭ  ياش  دوكتۇرنىڭ  بىرى بولغان.چۈنكى شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 27 ياش ئىدى .

      ئۇنىڭ تەتقىقات جەريانىدا ئېرىشكەن  نەتىجىلىرىمۇ  كۆپ بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن  بولۇپ  دۆلەت  ئىچى  ۋە  سىرتىدا 33 پارچە  ئىلمىي  ماقالە  ئېلان  قىلغان، ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكا  ئېلىكتىر  ئۈسكۈنىلىرى  ۋە  ئېلىكترون قۇرۇلۇشى  جەمئىيتىنىڭ  ماقالە  ئامبىرىغا  قوبۇل  قىلىنغان.ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى باھالىغۇچىلارنىڭ  ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.  ئۆلكە  دەرىجىلىك  تەتقىقات  تۈرىدىن بىرگە، توغرا يۆنىلىشلىك تەتقىقات  تۈرىدىن  ئۈچكە يېتەكچىلىك قىلغان،تۆت تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان.

      2011-يىلى ئۇ شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن  بۇ مەكتەپكە كېلىپ  خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.  ئۇ ئۆزىنىڭ  ئوقۇغۇچىلارغا  بولغان  يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق  بىلەن  ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. 2011-يىلى  ۋە2013-يىلى  ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئىلغار تەتقىقاتچى» ۋە «ئىلغار سىنىپ مەسئۇلى» بولۇپ باھالانغان.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +4تىللا +4تۆھپە +4شۆھرەت +4يىغىشسەۋەبى
مىرابلا + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!
TARAM + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-7 00:02:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئابدىراخمان ئابدۇغېنىدەك ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز بىزنىڭ قەددىمىزنى رۇسلىغۇسى !...........سىزدىن ئىپتىخارلاندۇق ... مەغرۇر ياشاڭ ئۇيغۇر ئوغلانى !!!
ۋاقتى: 2013-6-24 20:44:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمان ئابدۇغېنىنىڭ ئىشلىرغا ئۇتۇق،تىنگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2013-6-24 22:33:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر ئوغلاننى تەربىيىلىگەن ئاتا-ئانا ۋە كۆيۈمچان ئۇستازلارغا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن!ئابدۇراخمان ئابدۇغېنىنىڭ بۇنىڭىدىن كېينىكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن...ھەم مۇشۇنداق ياشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2013-6-24 23:12:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى تىمىكەن ،شۇنداق دوكتۇرلار كۆپرەك يىتىلسە!!!
ۋاقتى: 2013-6-25 09:30:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمانجانىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2013-6-25 16:46:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمانجان مۇئەللىمگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!
ۋاقتى: 2013-6-29 11:44:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمان ئابدۇغېنىنىڭ ئىشلىرغا ئۇتۇق،تىنگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2013-7-12 09:11:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىزدىنىشچان،تىرىشچان ئابدۇراخمان ئابدۇغېنىنىڭ ئىشلىرغا ئۇتۇق،تىنگە سالامەتلىك تىلەيمەن.بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ،دۆلىتىمىزنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ كەگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخمۇ تىرىشىشىنى،ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئاپرىن سىزگە!!
ۋاقتى: 2013-7-13 23:54:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كەت ئۇيغۇرۇم....
ۋاقتى: 2013-7-14 20:30:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋاپپەقىيەت تىرىشچانلەرگە مەنسۇپ،يارايسىز ئۇيغۇر يىگىتى...!
   سىزنى مۇشۇنداق ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن، كەسپىڭىزنى قوللاپ بەرگەن ،ئاتا-ئاپىڭىزگە ئۇستازلىرىڭىزگە ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس تىرىشچان روھىڭىزگە ئاپىرىن ۋە ئالىي ئېھتىرام!
   كەلگۈسى بۈيۈك ئارمانلىرىڭىزگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشىڭىزگە تىلەكداشمىز!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش