بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-15 17:10
ئونسۇ ناھىيىلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ 2012-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى
1. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى گۇرۇپپا باشلىقى: باتۇر سىدىق چىڭ خۇيگاڭ مۇئاۋىن گورۇپپا باشلىقى: توختى شېيىخ ئەمەرجان ئېلى ئەزالىرى: مەمەت ھاپىز ياسىنجان ماڭسۇر ئەسقەر ئەمىرۇللا گۈلنۇر ئېلى ئارزۇگۈل ئوسمان ئارزۇگۈل ساۋۇت 2. ئىمتىھان خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش 1) ئىمتىھان ئومۇمى خىزمىتىگە باتۇر سىدىق مەسئۇل. 2) دائىملىق ئىشلارغا توختى شېخ مەسئۇل. 3) كونكېرىت ئىشلارغا ياسىنجان ماڭسۇر مەسئۇل. ئىمتىھاننى تەشكىللەش، سۇئال چىقىرىپ تەييارلاش، ئىمتىھان ئېلىش، ئىمتىھاندىن كېيىن ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۋېلىش، قەغەز تەكشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن سۇئالنى تاپشۇرۋېلىش، نەتىجىنى ئىشلەش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل. 4)ئىمتىھان سۇئالىنى قاچىلاش، مەيدانلارغا تارقىتىش(قوشۇمچە چورنىۋاي قەغەز، شىلىم، تولۇقلاپ سۇئال تارقىتىش)خىزمىتىگە ماھىنۇر ئەمەت، نۇرجاھان كەنجى مەسئۇل بولىدۇ. 5) ئىمتىان سۇئالىنى ئۇرۇش، كۆپەيتىپ بېسىش خىزمىتىگە توختى شېيىخ مەسئۇل بولىدۇ. ئەزالىرى: تۇرسۇن مەممەت ( تەبئى پەن سۇئالىنى ئۇرىدۇ). تۇرسۇن ئۇبۇل (كىچىك) (ئىجىتىمائى پەن سۇئالىنى ئۇرىدۇ) جۇخۇڭمېي (خەنزۇ تىلى سۇئالىنى ئۇرىدۇ) خانقىز ياسىنن (خەنزۇ تىلى ئىمتىھان سۇئالىنى ئۇرىدۇ، نۇسخىلاپ كۆپەيتىش خىزمىتىنى قىلىدۇ) ئىمتىھان سۇئالىنى ساقلاش ئورنى: مۇئاۋىن مۇدىر ئىشخانىسى تەلەپ: (1) بارلىق ئىش ھالقىلىرى سۇئال مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇش كىرەك.(2) سۇئال ئۇرۇشتىن قاچىلاشقىچە بولغان بارلىق خىزمەتنى ئىمتىھان باشلاشتىن ئىلگىرى ئاخىرلاشتۇرۇش كىرەك. 5) ئىمتىھان ۋاقتى 2012- يىلى 6–ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە. ( بارلۈق پەنلەرنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى بىردەك 80 مىنۇت بولىدۇ) ئىمتىھان 4- ئاينىڭ 27- كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دە باشلىنىپ 7- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5 تە ئاخىرلىشىدۇ. 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن، 24-كۈنىگىچە كونسىلتاتسىيە قىلىنىدۇ، كونسۇلتاتسىيە ۋاقتى ۋە كونسۇلتاتسىيگە كىرىدىغانلار‹‹ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇش جەدۋېلى›› بويىچە بولىدۇ. ئىمتىھان ۋاقتىدىكى كونسىلتاتسىيە قوش سىنىپ كېلىپ قالغانلارغا مۇزاكىرە يېتەكچىسى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ. كونسىلتاتسىيە ۋە مۇزاكىرە يېتەكچىلىكىگە سەۋەپسىز كىرمىگۈچىلەر سەۋەپسىز دەرس قالدۇرغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 3. ئىمتىھان نازارەتچىلىرى ئىمتىھان نازارەتچىلىرى: باش نازارەتچى: باتۇر سىدىق، چىڭ خۇيگاڭ، توختى شېيىخ، ئەمەرجان ئېلى نازارەتچى: مەھەممەت ھاپىز، ئەسقەر ئەمىرۇللا، ئارزۇگۈل ساۋۇت 1) ئىمتىھان نازارەتچىلىرى ئۆزى مەسئۇل بولغان سىنىپلاردىكى كومىسىيەلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا ۋاقتىدا بېرىش، قەغەزنى ۋاقتىدا تارقىتىش، ۋاقتىدا يىغىش، ئىمتىھان مەيدانلىرىنى نازارەت قىلىش، تىكىلگەن ئىمتىھان قەغەزلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئىمزا قۇيۇش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ. 2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش يوقلىمىسىنى قىلىش، كۆرۈلگەن ئەھۋال خاتىرىسىنى يېزىش، بىگىز، يىپ، شىلىم تارقىتىش سۇئال تولۇقلاش ئىشلىرىغا گۈلنۇر ېېلۈ مەسئۇل بولىدۇ. 3) كورىكتورلۇق ئىشلىرىغا ھەر قايسى ئوقۇتۇش گورۇپپا باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇپ، ئىمزا قويۇپ بېسىشقا بۇيرۇيدۇ. سۇئالنى ئىمتىھان باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇرۇپ، تۈپلەپ، خالتىغا قاچىلاپ بولىدۇ. 4. ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش، سۇئال تەھلىلى يېزىش خىزمىتى 1) ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش، سۇئال تەھلىلى يېزىش خىزمىتىگە ياسىن ماڭسۇر مەسئۇل بولۇپ، كونكىرىت جەھەتتىن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرگە يىتەكچلىك قىلىدۇ. 2) ھەر قايسى پەن سۇئاللىرىنى چىقىرىشقا ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرى مەسئۇل بولۇپ سۇئال چىقىرىپ، ئىلمى بۆلۈمگە ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرىدۇ . 3) سۇئال چىقىرىشتا قويۇلدىغان تەلەپ: (1) ئاسان سۇئال %60، ئوتتۇرھال سۇئال %25، قىيىن سۇئال %15 بولىدۇ. (3) سۇئال چىقىرىش دائىرىسىنى بېكىتكەندە، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش كالىندار پىلانىنى ئاساس قىلىش كېرەك. (2) مۇھىم نوقتا، قىيىن نوقتا گەۋدىلەنگەن، قاپىلىنىش دائىرىسى كەڭ، دەرسلىك كىتاپ ئاساس قىلىنىشى كېرەك. (3) چىقىرىلغان سۇئال ئوقۇغۇچىلار سەۋىيەسىگە ماس كېلىشى، سۇئالنىڭ قىينلىق دەرىجىسى، ھەجىمىنىڭ كۆپ بولۇشىغا، ئىمتىھان ۋاقتىغا ماس كېلىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. (4) سۇئال ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا بوش ئورۇن تولدۇرۇش، جاۋاپ تاللاش، ھۆكۈم قىلىش، قىسقىچە جاۋاپ بىرىش، ھېسابلاش، تەھلىل قىلىش شەكىلىدە بولىدۇ، 100نۇمۇرلۇق سۇئال بولىدۇ. سۇئال نىسبىتىنى زۇجاڭ كونتىرول قىلىدۇ. (5) سۇئالغا نۇمۇر تەقسىملەش ئېنىق، مۇۋاپىق بېكتىلىشى كېرەك. سۇئال ئۆلچەملىك چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن ياسىنجان ماڭسۇر تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. (6) سۇئال تەھلىلىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سۇئال تەھلىلىنى ياخشى قىلىش لازىم. ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ نەتىجە خۇلاسە قىلىنغاندىن كېيىن ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەر قايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇلى ئىمتاھان سۇئال تەھلىلنى ئىلمى بۆلۈمگە تاپشۇرىدۇ ھەمدە چوڭ يىغىندا ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئىلمىي بۆلۈم مەسئۇلى مەكتەپنىڭ سۇئال تەھلىلىنى يېزىپ، چوڭ يىغىندا ئوتتۇرغا قويىدۇ. ( بۇ قېتىمقى ئىمتىھان سۇئال تەھلىلىرى 5- ئاينىڭ10 - كۈنى 7- 8- سائەتلىك پائالىيەت ۋاقتىدا چوڭ يىغىندا ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ. ) 5. ئىمتىھان جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرى 1) ئىمتىھان سۇئال چىقىرىشقا قارىتا : (1) سۇئال چىقىرىشتا ، سۇئال چىقىرىشقا قويۇلغان بارلىق پىرىنسىپنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ، تەلەپنى يۇقىرى قويۇپ، يۇشۇرۇن ئامىلنىڭ ئالدىنى قاتتىق ئېلىش لازىم. (2) سۇئال چىقارغۇچىلار، سۇئال چىقىرىشنى باشلىغاندىن تارتىپ، ئىمتىھان باشلانغۇچە سۇئال مەخپىيىتىنى قاتتىق ساقلاش لازىم. مەقسەتلىك، مەقسەتسىز بولىشىدىن قەتئىي نەزەر مەخپىيەتلىك ئاشكارلانسا ئىمتىھان ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ. سۇئال چىقىرىش جەريانىدىكى يىتەكچلىك ۋە باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىي، كۈچلۈك بولماسلىقىدىن مەقسەتسىز ئاشكارىلانسا، ئىلمىي بۆلۈم مەسئۇلى %30 ، بىۋاستە ئىگىسى %70 چىقمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. مەقسەتلىك ئاشكارىلانسا، %100 چىقمنى ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەكتەپ خىزمەتتىن توختىتىپ ئىدارىگە ماتېرىيالىنى يوللايدۇ. 2) سۇئال باسقۇچى كۆپەيتكۈچىلەرگە قارىتا قائىدە- تۈزۈملەر: (1) سۇئال خاتا تەھرىرلەنسە زۇجاڭ، خاتا ئۇرۇلسا خەت ئۇرغۇچى، خاتا كۆپەيتىلىسە كۆپەيتىگۈچى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈسىتىگە ئالىدۇ ھەمدە ھەر بىر پەن ئۈچۈن 30 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. (2) ئىلمىي بۈلۈم سۇئالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن تارتىپ، ئىمتىھان باشلانغىچە بارلىق ئىمتىھان خىزمەتچى خادىملار مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلىشى لازىم. مەقسەتسىز ھالدا سۇئال ئاشكارىلانسا، ئىمتىھان ئىناۋەتسىز قىلىنىپ قايتا ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. ئىككىلا قېتىم ئىمتىھاننىڭ چىقىمىنىڭ %10 نى ئىلمىي مۇدىر، %90 نى مەسئۇلىيىتى بارلار ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئامما ئىچىدە ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ. سۇئال ئىلمىي بۈلۈمگە ئۆتكەندىن كېيىن ئاشكارىلىنىپ، ئېنىق ئىگىسى تېپىلمىسا، ئىلمىي مۇدىرۈ %30 نى قالغانلار %70 نى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. سۇئال مەقسەتلىك ئاشكارىلانسا بارلىق چىقمنى سۇئالنى ئاشكارىلىغۇچى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن سىرىت خىزمەتتىن توختىتىلىپ، ماتېرىيالى يۇقىرىغا يوللىنىدۇ. (3) سۇئال قاچىلاشتا كەم قاچىلانغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ سۇئالى ئۈچۈن، بىر يۈەندىن تۇتۇلىدۇ. شۇ قېتىم ئېلىنمايدىغان ئىمتىھان سۇئالى خاتا قاچىلىنىپ، ئىمتىھان باشلىنىشتىن ئىلگىرى مەخپىيەتلىك ئاشكارلانسا، بايقالسا 100يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. سۇئال خاتا قاچىلىنىپ، مەخپىيەتلىك ئاشكارلانسا، ئىمتىھان ئىناۋەتسىز قىلىنىپ، قايتا ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. ئىككى ئىمتىھاننىڭ %10نى ئىمتىھان سۇئالىنى ئۇرۇپ كۆپەيتىش،قاچىلاش، مەيدانلارغا تارقىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىم%10نى، %90نى مەسئۇلىيىتى بارلار ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 6. ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 1) ئىجىتىمائىي ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى: ( ئورنى: ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى)، ياسىنجان ماڭسۇر (نازارەتچى)، ئارزۇگۈل ساۋۇت، تاجىگۈل سايىم ( گۈرۇپپا باشلىقى)، ئامانگۈل تۇنىياز، ھېنىپە ھامۇت، خەلچەم خېلىل، توختى شېيىخ. 2) تەبئىي پەن ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى: (ئورنى ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى)،گۈلنۇر ئېلى، (نازارەتچى) ماھىنۇر ئەمەت، ھەسەن بارات، تۇرسۇن ئۇبۇل (چوڭ)، قەمبەرنىسا ساۋۇت. 3) خەنزۇ تىل ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى: (ئورنى ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى)، ئەسقەر ئەمىرۇللا (نازارەتچى)، باھارگۈل موللامەت (گۇرۇپپا باشلىقى)، ئۆتكۈر ئالىم، لۇ يافاڭ، لىئاڭ جۈن، ئەخمەت سەمەت، ئاسىيەم تۇرسۇن، ئايگۈل تۇردى، ئاينىيازگۈل موللاتۇردى. 4) كەسپىي پەنلەر ئىمتىسان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى: (ئورنى: ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى)، مەھەممەت ھاپىز (نازارەتچى)، رابىيەم توخنىياز (گۇرۇپپا باشلىقى)، ئاينۇر مەممەت، نۇرجاھان كەنجى، ئابدۇۋېلى خالىق، غۇجامنىياز ھۇشۇر، سەيپىدىن تۇراپ، تۇرسۇن تۇردى، مۇتەللىپ مەممەت. 5) ئۇچۇر- تېخنىكا ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى: (ئورنى كومپڭيوتېرخانا)، تۇرسۇن مەممەت (گۇرۇپپا باشلىقى)، تۇرسۇن ئۇبۇل (كىچىك)،ئادىلە، ئېلىشات، جۇخۇڭمېي 6) ئىمتىھان قەغىزى چوقۇم، ئالدىنقى قېتىملىق ئىمتىھان قەغىزى كېيىنكى قېتىملىق ئىمتىھان باشلىنىپ بولغۇچە تەكشۈرۈلۈپ بولىنىشى، ھەمدە نەتىجە ئىلمىي بۆلۈمگە يوللىنىپ بولىنىشى كېرەك. قەغەز تەكشۈرۈش جەريانىدا كونسىلتاتيىسە يېتەكچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغانلار ، ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈشۆە قاتناشماي، كونسىلتاتسىيە يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلە "ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش تۈزۈمى" دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئونسۇ ناھيەلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى 2012- يىل 6- ئاينىڭ 20- كۈنى قوشۇمچە 1: ئىمتىھان كومسىيەلەر تۈزۈمى قوشۇمچە 2: ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش تۈزىمى قوشۇمچە2: ئىمتىھان جەريانىدا، ئىمتىھان تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش تۈزىمى.
ئونسۇ ناھىيىلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئىمتىھان كومسىيەلىرى تۈزۈمى 1. ئىمتىھان نازارەتچىلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە، مەزكۇر ئىتمىھان مەيدانىنىڭ ئىمتىھانىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ.ئىمتىھان مەيدان تەرتىپىنى قوغدايدۇ. ئىمتىھاننىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىمتىھان ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرىدۇ. 2.ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامى ھەققىدە تەربىيە بىرىدۇ. 3. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە ئىس- فامىلىسىنى، سىنىپى قاتارلىقلارنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېزىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ. خاتا تولدۇرغانلارنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئۆزگەرتكۈزۈلىدۇ. 4. ئىمتىھان جەريانىدا ئىتمىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىتمىھان ئىنتىزامىغا خىلاپ سۆز- ھەرىكەتلىرىنى چەكلەيدۇ، غەيرى ئەھۋاللارنى توسىدۇ، ئالاھىدە غەيرى ئەھۋال كۆرۈلسە ئىمىتىھان مەيدان نازارەتچىسىگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش لازىم. 5. ئىمتىھان كومسىيەلىرى ئۆز مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىش لازىم. ئىتمىھان ۋاقتىدا ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلماسلىقى، ئۇخلىماسلىقى، كىتاب- ماتىرىيال كۆرمەسلىكى، ئۆز- ئارا پاراڭلاشماسلىقى، بەلگىلەنگەن ئىمتىھان ۋاقتىغا ھەققى كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 6. ئىمتىھان پەن تۈرى ۋە سىنىپ ئايرىمىسىغا ئاساسەن قەغەزلەرنى تۈرگە ئايرىپ، تىكىپ تاپشۇرىدۇ. 7. ئىمتىھان ۋاقتىدا بىر كومسىيە ئالدىدا يەنە بىر كومسىيە كەينىدە تۇرۇپ كۈزىتىدۇ. 8. كومىسىيەلىك قىلۋاتقان ۋاقىتتا تىلفۇننى ئىتىۋتىشى لازىم. ئىمتىھان مەيداننىڭ تىنىچلىقىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئىمتىھان بىرىش مۇھىتىنى قوغدىشى لازىم. 9. ئىمتىھان باشلىنىشتىن 10مىنۇت بۇرۇن ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى رەتلىك ئولتۇرغۇزۇش، مەزكۇر ئىمتىھان مەيدانىغا كىلىشكە تىگىشلىك ئوقۇغۇچى ئەھۋالنى ئەستايدىل ئىگەللەپ، ئىمتىھان باشلىنىشتىن بۇرۇنقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش لازىم. 10. ئىمتىھاندىن بۇرۇن، ئىمتىھاندىن كېيىن ئىمتىھان مەيدانىنى تەكشۈرۈش، ئىمتىھان مەيدانىنى پاكىزلاش لازىم.
ئونسۇ ناھيەلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى 2012- يىل 6- ئاينىڭ 20- كۈنى
ئونسۇ ناھىيىلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش تۈزىمى 1. ھەركۈنى ئېلىنغان ئىمتىھان قەغىزىنى شۇ كۈنى تەكشۈرلۈپ خولاسە چىقىرىلىدۇ. قەغەز تەكشۈرۈش ۋاقتى بىر كۈن بولىدۇ. ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈردىغان ئورۇن ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىدا بولىدۇ. 2. ئىمتىھان قەغىزى ئىجتىمائى پەن، تەبئى پەن، كەسپى پەن، خەنزۇتىلى ۋە ئۇچۇر تېخىنىكىسى (كومپىيۇتېر) پەنلىرى بۇيىچە تەكشۈرۈلىدۇ، تەكشۈرۈشكە گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار تولۇق قاتنىشىدۇ. ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئۆزىنى ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈشتىن قاچۇرۇشقا بولمايدۇ. 3. ھەرقايسى ئىمتىھان قەغىزى تەقسىملەپ بىرىلگەندىن كېيىن قەغەز تەكشۈرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ تەكشۈرگەن سۇئالنىڭ نۇمۇرىنى ئۆز جايىغا ئېىق قىلىپ يېزىش ۋە ئىمزاسىنى ئېنىق قۇيۇش لازىم. نۇمۇر جەملىگۈچىلەرمۇ ئۆزنىڭ جەملىگەن نۇمۇرىنىڭ يېنىغا ئۆزنىڭ ئىمزاسىنى قۇيۇش لازىم. گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئۆلچەملىك جاۋاب ئىشلەش، نۇمۇر تەقسىملەش، سۇئال تەقسىم قىلىش، نۇمۇر جەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇليىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر كۈنى تەكشۈرۈلگەن ئىمتىھان قەغىزنىڭ خولاسىسىنى ئەتىسى ئەتىگەن يىغىندا ئوتتۇرغا قويىدۇ. يەنى سىنىپلار بۇيىچە ئەلا، ياخشى، ئورتا، لاياقەتسىز بولغانلىرىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش پىرسەنتىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. 4. ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرگەنلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى ھەقىقى تەكشۈرۈش، نۇمۇرنى ئىگىز- پەس قويماسلىقى، ئازراقمۇ ھېسىياتىنى ئارلاشتۇرۇپ قويماسلىقى، قانچىلىك جاۋاب بەرگەن بولسا شۇنچىلىك نۇمۇر قۇيۇشى لازىم. گۇرۇپپا باشلىقلىرى بىر قېتىم تەكشۈرۈلگەن قەغەزنى قايتا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش جەريانىدا قەغەزنىڭ تىكىش سىزىقىنىڭ ئىچىنى قايرىپ كۆرۈشكە، ئىمتىھان قەغىزىگە قەلەم تەككۈزۈشكە بولمايدۇ. ئەگەر يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 5. ئۆلچەملىك جاۋابنى خاتا تەييارلاش، خاتا تەكشۈرۈش، خاتا نۇمۇر قۇيۇش، خاتا جەملەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، تۆۋەندىكى چارە بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 1) قەغەز تەكشۈرۈشتە ئوقۇغۇچىلارغا نۇمۇر قۇشۇپ قۇيۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بىر ئوقۇغۇچىغا قۇشۇلغان بىر نۇمۇر ئۈچۈن 2 يۈەن تۇتۇلىدۇ. ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارغا ئامما ئىچىدە ئۆزىنى تەكشۈرۈش جازاسى بېرىلىدۇ. 2) خاتا نۇمۇر قۇيۇش، نۇمۇرنى خاتا جەملەش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر قەغىزى ئۈچۈن 1يۈەندىن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ. 6. مەمۇرىيەت ئەزالىرى ھەركۈنى قەغەز تەكشۈرۈشكە تولۇق قاتنىشىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇيىچە ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىغا بۆلىنىپ، قەغەز تەكشۈرۈشكە نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە ياردەملىشىدۇ. 7. قەغەز تەكشۈرۈشتە بايقالغان خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى ۋە قوللانغان چارە- تەدبىرىنى ھەركۈنى توختى شېخ ئېلان قىلىپ خولاسىلايدۇ. ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىخەستىلىك، مەسئۇليەتسىزلىكىدىن يېڭىدىن مەسىللەر بايقالسا ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرى، شۇ دەرىس ئوقۇتقۇچىسى ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئوخشاش نىسبەتتە مەسئۇليىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. چارىنى شۇ ۋاقىتتا مەكتەپ مۇزاكىرە قىلىپ بىكتىدۇ.
ئونسۇ ناھيەلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى 2012- يىل 6- ئاينىڭ 20- كۈنى
ئونسۇ ناھىيىلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئىمتىھان جەريانىدا، ئىمتىھان تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش تۈزىمى. [size=5] ئىمتىھان ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئىمتىھان ئىنتىزامىغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق چەكلەپ، ئىمتىھاننىڭ ساغلاملىقغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى. 1. ئوقۇغۇچىلار باشتىن- ئاخىرىغىچە بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئىمتىھان بېرىش، خالىغانچە مەيدان ۋە ئورۇن ئالمىشىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 2. ئىمتىھان قەغىزىگە قارا قەلەم، قىزىل سىياھلىق قەلەمدە جاۋاب يېزىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى قۇيۇلغان نۇمۇرى قايتا تۈزۈىتىشكە تىگىشلىك بولسىمۇ تۈزىتىلمەيدۇ. ئىمتىھان قەغىزىگە بىردەك قارا ياكى كۆك سىياھلىق قەلەمدە جاۋاب يېزىش كېرەك. 3. ئىمتىھان مەيدانىغا كىتاب ماتىرىياللىرىنى ئېلىپ كېرىشكە بولمايدۇ، پەقەت ئىمتىھاندا كىرەكلىك بولغان قەلەم، قېرىنداش، سىزغۇچ، سىركول، ئۈچۈرگۈچ قاتارلىقلارنى ئېلىپ كىرىشكە بولىدۇ. 4. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان مەيدانىغا 10مىنۇت بۇرۇن بېرىپ، رەتلىك ئولتۇرۇپ بولۇشى لازىم. 5. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان سۇئالىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، شۇ قېتىملىق ئىمتىھان سۇئالى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ، خاتا تارقىتىلىپ قالغان بولسا دەرھال كومسىيەلەرگە مەلۇم قىلىش كېرەك. 6. ئىسىم- فامىلىسى، سىنىپى قاتارلىقلارنى ئىمتىھان قەغىزىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېزىش كېرەك. تىكىش سىزىقى سىرتىغا ئىسمى، سىنىپى يېزىلماسلىقى كېرەك. تىكىش سىزىقى ئىچىگە جاۋاب يېزىلسا تەكشۈرۈلمەيدۇ. 7. ئىمتىھان ۋاقتى توشقان ھامان ئىمتىھان قەغىزىنى جوزا ئۈستىگە رەتلىك قۇيۇپ، ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلىش، ھەمدە سىرىتقا چىققاندىن كېيىن ئىمتىھان مەيدانى ئەتىراپىدا تۇرماسلىقى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا خىلاپلىق قىلسا بىرىنچى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، ئىككىنىچى قېتىم يەنە تەكرارلانسا 20 نۇمۇر تارتىلىدۇ. 3- قېتىم تەكرارلانسا ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىرۋېتىلىدۇ. 1) ئىمتىھان باشلىنىشتىن بۇرۇن شۇ ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك دەرىسلىك، كونسىپىك، جاۋاب قەغىزى قاتارلىقلارنى تاپشۇرماي يېنىدا ساقىلغانلار، ئىمتىھان جەريانىدا ئوڭ- سول، ئالدى –كەينىگە قاراپ كۈچۈرۈشكە پۇرسەت ئىزدىگەنلەر. 2) ئىمتىھان جەريانىدا باشقىلارنىڭ قەغىزىگە قارىغانلار، باشقىلار دەپ بەرگەن جاۋابنى يازغانلار، شۇ ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب، كونسىپىك ۋە ئالدىن تەييارلىۋالغان جاۋاب قەغىزىگە قارىغانلار. 3) ئىمتىھان قەغىزىنى ئېچىپ قۇيۇپ، باشقىلارنىڭ كۈچۈرۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر، ئىمتىھان سۇئالنىڭ جاۋابىنى باشقىلارغا دەپ بەرگەنلەر، باغاقچە ئارقىلىق باشقىلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلەر. 4) بىر جوزىدا ئولتۇرۇپ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار بىر- بىرىگە دەپ بېرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە. 5) ئىمتىھانغا 15مىنۇت كېچىكىپ كىرىشكە، 40 مىنۇت بۇرۇن چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ.[/color]
ئونسۇ ناھيەلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى 2012- يىل 6- ئاينىڭ 20- كۈنى
|