مەن «بايقاش» تىن نېمىلەرنى بايقىدىم؟
مەن بىر كىتاب خۇمار ئادەم. كۈنلىرىمنىڭ خېلى كۆپ قىسمى كىتاب بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتىدۇ. بىرنەچچە ئاي بولدى قىزىمنىڭ تەكلىبى بىلەن بىر دانە كومپيوتېر سېتىۋالدىم ۋە ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا كەڭ بەلۋاغلىق تورغا ئۇلۇتۇپ، تور دۇنياسىغا كىرىپ كەلدىم. تور دۇنياسى دېگەنمۇ ئاجايىپ كەڭ دۇنياكەن. سەن ئاڭلىمىغاننى ئاڭلايدىكەنسەن، كۆرمىگەننى كۆرىدىكەنسەن. دەسلىۋىدە "بارمۇ" بىلوگىنى سەيلى ئېتىپ يۈردۈم. نېمە بولدىكىن، بۇ بىلوگنىڭ خەتلىرى ئىمىر- چىمىر چىقىۋالىدىغان بولىۋالدى. كېيىن "بارمۇ تېز بىلوگى" ئېچىلدى. بۇ بىلوگنىڭ خەت ۋە باشقا لايھەلىرى ماڭا شۇنداق ياقتى. بۇ بىلوگتا مائارىپ نازارىتىنىڭ ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانا مەسئۇللىرىنىڭ، نازىرنىڭ بىلوگلىرى ئېچىلدى. مەن كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى يوللاپ تۇردۇم. تۇرۇپلا بۇ بىلوگتىنمۇ زىرىكىپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭدا مائارىپچىلارغا خاس بولغان تېما ۋە مۇنازىرە بەكلا سۇس ئىدى. تور ساياھىتىمنى ئىرىنچەكلىك بىلەن قىلىپ يۈرۈپ "بايقاش" قا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بۇ تور بەتنىڭ تېما- سىتونلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كانىدەك ياماشتىم. كىم بىلىدۇ، ئەزا بولمىسىڭىز، بۇ تور بەتتىن لەززەتلىنەلمەيدىكەنسىز. ئۈچ كۈن ھەپىلىشىپ ئاران دېگەندە "بايقاش" قا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىردىم. خوشلىقىمدا نەچچە كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۋەتتىم. خىزمەتتىمۇ مەكتەپ مۇدىرىدىن بىرقانچە قېتىم ئاھانەت ئاڭلىۋالدىم. لېكىن بۇلار، مېنىڭ ئاچچىقچان، تېرىككەك، تەنقىد كۆتىرەلمەيدىغان، ئاداۋەت ساقلايدىغان ئوسال مىجەزىمگە زەرىچە تەسىر كۆرسەتسە بىر توۋا! ... مەن "بايقاش" قا بېشىمچىلاپلا كىرىپلا كەتتىم. بايقاشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پىشقان ئۇستازلاركەن. ئۇلار قۇلۇمنى يېتىلەپ يۈرۈپ، بىلمىگەنلىرىمنى ئۆگەتتى. بۇ تور بەتتىكى بىر- بىرىدىن سەرخل ماتېرياللار، يازمىلار قەلىمىمگە مەدەت، ئويلىرىمغا قانات بەردى. قاملاشمىغان بولسىمۇ بىر- ئىككى يازمىلىرىمنى يوللاپ بېقىۋىدىم، تورداشلار ماڭا زور ئىلھام ئاتا قىلىدىغان تەكلىپ- باھالارنى بەردى. مانا بۈگۈن "بايقاش" تا يۈرگىلى 15 كۈن بوپتۇ. بۇ 15 كۈندە مەن، بايقاشنىڭ "ئىشەنچىلىك ئەزا" سىمۇ بولۇپ قالدىم. كۈندە تامىقىمنى بايقاشنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ يەيمەن، كۆزۈم بايقاشنىڭ زەر- ئالتۇن مەدەنلەر كۆمۈلگەن رەڭدار بەتلىرىدە، چولتا تەپەككۈرىم تورداشلارنىڭ بىلىم تۆكىلىپ تۇرىدىغان يازمىلىرىغا يۈشۈرۈنغان بوشلۇقتا. مەن بايقاشتىن ئالدى بىلەن نېمىنىڭ ئىسمى- جقىسمىغا لايىق بايقاش بولىدىغانلىقىنى، قانداق بايقالسا، ئۇنىڭ قىممىتى، ھېكمىتى، لەززىتى بولىدىغانلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق بايقىۋالدىم. مەن بايقاشتىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، بالىلىرىمىزغا قانداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لازىملىقىنى، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز، دەرسخانىلىرىمىز، دەرس تەييارلىقلىرىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى شۇنداق روشەن بايقىۋالدىم. مەن بايقاشتىن، مەكتەپلىرىمىزنىڭ قانداق باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بايقىۋالدىم. مەن بايقاشتىن، پىلان- خۇلاسسىنى قانداق يېزىشنى، مەكتەپ تەشكىلاتلىرى ئىشلەكلىرىنى قانداق ئىشلەشنى، ئىمتىھان سۇلائالىرىنى قانداق چىقىرىشنى بايقىۋالدىم. مەن بايقاشتىن يەنە، مىڭ تىللاغا بەرگۈسىز ھېكمەتلەرنى، نەچچە يىل ئۆگىنىپمۇ ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدىغان تېخنىكا- ماھارەتلەرنى، دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان يېڭىدىن- يېڭى بىلىم، ئۇچۇرلارنى بايقىۋالدىم. مەن بايقاشتىن ئادىمىيلىكنىڭ ھەقداسىغا يەتكەن پەزىلەت بايانلىرىنى، نەق يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تېپىپ نېرىپلارنى غىدىقلايدىغان، ئەخلاق كامالەت تىدۇرمىلىرى بىلەن چوڭقۇر تىنغان، سۇباتىڭىزنى سەمىرتىدىغا دىداكتىكىلارنى، لىرىك ھېسلىرىڭىزغا، چارچىغان نېرىپلىرىڭىزغا سۇنۇلغان سىڭىشلىق، شاھ لەززەتى ئاتا قىلىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، چىن دوستلۇقنىڭ كەڭ ئېچىلغان ئىللىق، مېھىرلىك قۇچاقلىرىنى، تەرەققىيات ئالىمىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان سېھىرلىك كومپىيوتېر ۋە تور دۇنياسىنى، دەردىڭىزگە دەرمان، روھىڭىزغا ئوزۇق، رەڭگىڭىزگە مەلھەم بولىدىغان نادىر ناخشا، ئىتوت، كۈلدىرگىلەرنى بايقىۋالدىم... بايقىمىلىرىمنىنىڭ قايسى بىرىنى دەپ بولاي دوستلار. "بايقاش" دەستىرخىنى كەڭ ئېچىلغان "ئېچىلىڭ دەستىرخىنىم". ئۇنىڭدا تەۋپىق روھى جىسمىنى پاراسلىتىپ كۆيدۈرۈپ تۇرىدىغان، مائارىپىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدىغان جاپاكەش ئەمما تەلەپچان، قان- تەرنى ھەسسىلەپ ئاقتۇردىغان ئەمما نىمئەتكە كۆز قىرىنى سالمايدىغان ئۇستازلار بار. ئۇنىڭدا دىلىدىن مېھىر، تىلىدىن زەمزەم، قەلىمىدىن بىلىم- ئۆگىتلەر تۆكىلىپ تۇرىدىغان دوستلار بار. گەپنى قىسقا قىلغاندا، "بايقاش" تا مائارىپچىلار، مۇئەللىملەر ئېھتىياجلىق مەئىشەدلەر لىقمۇ لىق. "يېتىپ يىسە تاغمۇ توشىمايدۇ" دوستلار. بايقاش ئۆزىنى سەمىرتىشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى تاكامبۇللاشتۇرۇشى زۆرۈر. بۈگۈنكى يېڭى بىلىم- ھېكمەت ئەتە ئۈچۈن قىممىتى يوقالغان نەرسىدۇر. بايقاش يېڭىدىن- يېڭى بىلىم دۇر- ئۈنچىلىرىگە، تېخىمۇ رەڭدار سەھىپە ۋە ھەقداسى قىيامىغا يەتكەن يازما، تېمىلارغا، ھەم شۇلارنى بەدەلسىز روياپقا چىقىردىغان قەلەم ساھىبىلىرىغا مۇھتاج. مەن بۇ بايقاشلىرىمنىڭ تېخى يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئىسىمدىن چىقىرىپ قويمىدىم. بايقاشقا كونىرغانسېرى، بايقاشلىرىمدىكى كەمتۈلۈكلەر تولۇقلىنىدۇ. بايقاش ئىسمى ۋە جىسمى بىلەن مائارىپچىلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايقاش ئالىمىدىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا بىلەن ياسالغان تېلىسكوپى! بايقاش ئانا تىل- يېزىقىمىزنىڭ ئىنتېرنت دۇنياسىدىكى يىگانە تەنتەنىسى!.. بايقاشتا مەن بايقىغان بۇ بايقالمىلارنى بەلكىم سىز بۇرۇنلا بايقاپ بولدىڭىز. ئەي بايقاش، ئەي بايقاش، سېنى كېچىكىپ بايقاپ ئالدىڭدا ئېغىر بىر خاتالىق ئۆتكۈزدۇم، مېنى كەچۈر!؟ ئازغۇن، يېڭى ئەزايىڭغا يەنىمۇ يېڭى بايقاشلارنى ئاتا قىل! سەن شۇنداق قىلالايسەن، چۈنكى، سېنىڭ خاسلىقىڭ "بايقاش". بايقاشنى بىلمەيدىغانلارغا، بايقاشنى ئۆگىتىش!!...
|