مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 4

مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ تىياتىر ئىجادىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 20:35:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ تىياتىر ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە

ياسىنجان ماڭسۇر
(ئۇنسۇناھيىلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىدىن)

     
ئاساسىي مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە پىشقان شائىر، يىتىك درامماتوروگ، يازغۇچى مۇھەممەتئىلى  زۇنۇنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن ئۆزگەرتىپ  ئىشلىگەن  تىياتىرلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى  ئۆزگىچىلىكلەر، رىئالنى تۇرمۇش  ئاساسىدا ئىجاد قىلغان تىياتىرلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى  ئالاھىدىلىكلەر  شۇنداقلا  ئۇنىڭ تىياتىرلىرىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقلار  ئۈستىدە  قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگىزىلىدۇ.   
ئاچقۇچلۇق  سۆزلەر: مۇھەممەتئىلى زۇنۇن، تىياتىر،  مەزمۇن، تىما، مىللىي ئالاھىدىلىك، خاسلىق
   

جەمئىيىتىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى  ھەم تىز سۈرئەتتە تەرەققىيقىلىشىغا ئەگىشىپ ئىدىيۋىي ئېڭىمىز، قىزىقىشىمىز، گۈزەللىككە، ئەدەبيات-سەنئەتكەغقىسقىسى، مەنىۋىي ئۇزۇققا بولغان ئىنتىلىشىمىز كۈنسىرى ئىشىپ بارماقتا. بۇ خىل ئىنتىلىشىمىز ئىجتىھاتجان ئىجادىيەتچىلىرىمىزگە يۇقۇرى تەلەپنى قويماقتا. كەڭ خەلقنىڭ، كۆرىرمەنلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ھەم شەرەپلىك مەجبۇريىتى دەپ قارىغان مول ھوسۇللۇق شائىر ۋە دارامماتورگ مۇھەممەتئىلى زۇنۇن  1978-يىلى پارتىيە مەركىزى كومتىتى 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كىيىنكى شىنجاڭدا ئىلىپ بېرىلغان سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئىدىيە ئازاتلىق  ھەركىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىدىن يىڭىدىن-يىڭى ماتىرىياللارغا ئىرىشىپ ئۆزىنىڭ بارلىق بەدئىي تالانتىنى  ئىشقا  سىلىپ ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم خەلقنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەلىپىنى  قاندۇردى. نەتىجىدە ئۇيغۇر تىياتىر ساھەسى، شىئىرىيەت ھەم ئوروزىغا ئوخشاشلا جانلىنىپ كەتتى. مۇھەممەتئىلى زۇنۇن خەلق  دەل  مۇشۇنداق مەنىۋى جەھەتتىن قاتتىق چاڭقىغان پەيىتتە ئوتتۇرغا چىقىپ 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.
بۇ ماقالىدە مەنمۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ ئىجادىي ھاياتىدا يىزىپ قالدۇرغان نادىر تىياتىرلىرىدىكى بەزىبىر ئۆزگىچىلىكنى قىسقىچە تەھلىل قىلىپ ئۆتىمەن.
مۇھەممەتىئىلى زۇنۇن1960-يىلى ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان  مەزگىلىدىلا جۇڭگو كوممىنىستىك ئارتىيسىنڭ جوڭگودىكى، جۈملىدىن شنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە داغدام بىر يولنى ئىچىپ بەرگەنلىكىنى تۇنۇتۇپ‹‹نۇرلۇق يول›› ناملىق تىياتىرىنى يىزىپ ئۇلارغا ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلنشىنى تەۋسىيە  قىلدى ھەم ئۆزىنىڭ تىياتىرجەھەتتىكى قابىليىتىنى ئاشكارلىدى. 1979-يىلى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەسپى ئجادىيەتچىسى  بۇلۇپ كەلدى. ئۇ يۆتكىلىپ كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھالال  ئەمگەك  بىلەن بېيىشقا بار كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئىسلاھات ئىشكنى سىرىتقا ئىچىۋىتىش سياسىتىنى ئەمىللەشتۈرۋاتقان باشقۇرغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى  زىدىيەتنى  پاش قىلپ ‹‹باي بۇلۇش يوللۇق ›› دىگەن كومىدىيەنى يىزىپچىقتى.
مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ بۇ كومدىيىسى بىر تەرەپتىن، 3-ئۇمۇمى يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلىشىۋاتقان، ئۆز  كىچىگە تاينىپ ھۇرۇنلۇق، نادانلىق قالئىقىنى چۆرىپ تاشلاپ، بىر پارچە نانغا،بەدىنىنى ياپقۇدەك يېپىنچىغا ئېرىشسە شۈكرى قىلشتەك قانائەتچانلىققا خاتىمە بىرىپ،ھاللىق سەۋىيەگە يىتىشىنى نىيەت قىلغان ئىرادىلىك كىشلەرنى مەدىھىلەش، ئۇلارنى قوللاش ھەم ئۇلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشىنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىرتەرەپتىن،  فىئوداللىق قاتمال نوقتىنەزەرنى مۇھىم نوقتا دەپ قاراپ، بازارنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەركىن سودىسىغا،  تاۋار ئىگىلىكىگە كىرىشگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان قاتمال كۈچلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىشنى ھەم مەسخىرە قىلىشىنى مەخسەت قىلدى.
بۇ كومىدىيە بەددىئىلىك جەھەتتىن تۆۋەن ۋە يۈزەكى بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئەكىس ئەتتىرگەن ئىدىيۋى مەزمۇن چوڭقۇر، تىلى ئۆتكۈر ھەم يۇمۇرىستىك بولغانلىقى ئۈچۈن، مەنىۋى جەھەتتىن چاڭقاپ كەتكەن تاماشىبىنلارنىڭ  ئاجايىپ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى.
    80  – يىللاردىن باشلاپ مۇھەممەتئىلى زۇنۇن پۈتۈن زىھىنى كۈچىنى سەھنە ئەسىرىگە  قاراتتى ۋە بۇ ساھەدە كۆپ ئىزدەندى. ئەينى ۋاقىتتا تىياتىر ساھەسىدىكىلەر، تىلىۋىزۇر سەنئىتى ساھەسىدىكىلەر بىلەن كەسكىن رىقابەتكە چۈشكەندى، لىكىن ئۇ بۇنداق بىسىملارغا قىلچە تىز پۈكمەي نام–ئاتاق ۋە مەنئەئەتكە بىرىلمەي، قەتئىي نىيەت بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتتى. نەتىجىدە، 1980-يىلىدىن 1990-يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە ئون يىل ئىچىدە «كىچىككەن توي »، «مەسلىھەت چىيى »، «مۇقام ئۇستازى »،«جەنۇئتىكى جەڭ مارىشى »،  «رابىئە-سەئىدىن »، «ھىجران »، «ھىيتكار تۇمانلىرى »، «ئۆچمەس ئىزلار » قاتارلىق نادىر تىياتىرلارنى ئارقا-ئارقىىدن  رويائقا  چىقاردى. بۇ ئەسەرلەر سان جەھەتتىن كۆپ بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى سەنئەت ۋە بەددىئىلىك جەھەتتىنمۇ يۇقۇرى ئۇرۇندا تۇردى. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ «مەسلىھەت چىيى »، «جەنۇپتىكى جەڭ مارىشى »،قاتارلىق تىياتىرلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 150 مەيداندىن ئارتۇق ئوينىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى. چۈنكى ئۇنىڭ «مەسلىھەت چىيى»، ناملىق ئەسىرى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى مىللىتىمىزنىڭ روھيىتىگە سىڭىپ كەتكەن،  كىشلەرنى ئىچ-  ئىچىدىن يىرگەندىرىدىغان ئورۇنسىز ھەشەمەتچىلىك، بىھۇدە ئىسرائچىلىق بىلەن تولغان ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقى كارتىنىسىنى سىزىپ بىرىپ، بۇ مەنىۋى زەھەرنىڭ كىشلەرنىڭ ئىدىيۋى ئىڭى ۋە روھى ھالىتىنى قانچىلىك  دەرىجىدە چىرمىۋالغانلىغىنى بەددىئى تىل ھەم ئوبرازلىق ۋاسىتىلار ئارقىلق يۇرۇتۇپ بەردى.
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تىياتىر ئىجادىيتى جەھەتتتە كۆزگە كۈرۇنگەن بىر نۇرلۇق چۇلپان. ئۇنىڭ  تىياتىرلىرى سان جەھەتتىن يۇقۇرى ئۇرۇننى ئىگەللەپلا قالماستىن، بەلكى بىر قەدەر يۇقۇرى ئىجتىمائىي قىممەتكە  ۋە بەدىئي قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭ تىياتىرلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكە ئىگە بولۇئلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى  ۋە روھىيىتىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۇپ كىشلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئەڭ يۇقىرى ئستىتىك لەززەت بىغشلىغانلىقى بىلەنمۇ ئالاھىدە خارەكتىرلىنىدۇ.
بىرىنجى، مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ مەشھۇر ئەسەرلەردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن تىياتىرلىرى
مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ تىياتىرلىرى ئىچىدە تارىخي تىياتىرلار بىلەن  ئۇيغۇر بۈگۈنكى  دەۋىر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن تىياتىرلىرى ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. مۇھەممەتئىلى  زۇنۇن ئەسەرلىرى، مەيلى قايسى دەۋرنى، نىمىنى ئەكىس ئەتتىرمىسۇن تارىخي چىنلىق بىلەن بەدىئي  چىنلىقنىڭ بىرىكمىسىنى  تىپ يادرو قىلىدۇ، بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ تارىخي تىياتىرلىرى تىخىمۇ شۇنداق. مەسىلەن، ھەممىزىگە مەلۇم ‹‹رابئيە- سەئىدىن›› 19- ئەسىرنىڭ 20-يللىرىقەشقەرنىڭ كۆكچى يىزىسىدا بۇلۇپ ئۆتكەن رىئال ۋەقە. ئاشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرىھىم نىزارى 19- ئەسىرنىڭ 40-يللىرىغا كەلگەندە بۇ ۋەقەنى تىپىكلەشتىرىپ داستان ‹‹رابئيە–سەئىدىن›› نى يازغان ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يللىرىغا كەلگەندە مۇھەممەتئىلى زۇنۇن ئابدىرىھىم نىزارىنىڭ  ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىكى بەزى فىئۇداللىق ئىدىيە ۋە كۆز قاراشنى چىقىرىپ تاشلاپ ئىلغار ئىدىينى  تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق رابىيە بىلەن سەئىدننىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىنتلىشىنى ھەققىي  ئىنسانىي خسىلىتى  ۋە ساپ سۆيگى مۇھەببىتىنىڭ تەڭداشىسىز كىچ قۇدرىتىنى نامايەن قىلدى.
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن1981- يىلى ئاتاقلىق يازغۇچىمىز خىۋىر تۆمىرنىڭ (خىۋىر تۆمىر 1922- يىلىدىن 1991-يىلىغىچە ياشغان. 1944- يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى  مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ۋە يىقىنقى زامان تارىخى ئوتتۇرغا چىققان ئەرك سۆيەر، ئەل-يۇرت سۆيەر، مەرىئەتپەرۋەر،  تەرەققىپەرۋەر، تارىخى شەخسىلەرنى، ئەركىنلىك ئۈچۈن، ئازادلىق ئۈچۈن ئىلىپ بېرىلغان خەلق قوزغىلاڭچىلرىىنى  ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەخسەت قىلغان.) ‹‹ئابدۇقادىر  داموللا ھەققىدە قىسسە ›› (بۇ ئەسەردە بولسا 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەھشەت يىزىسىدا تۇغۇلغان، قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق جايلاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان، 1924-يىلى ئاۋغۇستتا قەشقەردە سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئابدۇقادىر دامۇللىنىڭ قەشقەردىكى يىڭى مەكتەپ ئىچىش، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئىلىپ بىرىشتەك ئىلغار ئىش ئائالىيىتى مەدىھلەنگەن.) ناملىق تارىخى ئوچىرىكى ئاساسدا‹‹ ھىيتكار  تۇمانلىرى ›› ناملىق ئالتە كۆرىنىشلىك تارىخىي تراگىدىيىنى يىزىپ چىقتى. بۇ ئەسەردە درامماتورگ ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائى تۈزۈمى ۋە تارىخى رىئاللىغى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشلەرنىڭ مەرىپەتنى ياقلاش، ئىلىم تەھسىل قىلىش، بىلىم تارقىتىش ئىدىيىسىنىڭ ناھايتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى مەدىھلەنگەن،  ھەمدە ئىلىم-مەرىپەتنىڭ كۈشەندىلىرى بولغان بىر قىسىم نادانلارنى ئۆتكۈر تىللار ئارقىلىق قامچىلغان.
مۇھەممەتئىلىزۇنۇن قەشقەردىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسىرى كۈچۈيىۋاتقان ئويغۇنۇش، مەرىپەت ئۆگىنىش تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش، ئۇلارنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەينى دەۋردىكى سىياسى ھاكىميەتنىڭ خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سۈيىقەستىگە پىسەنىت قىلماي، دىنى مۇتىئەسىىپ كۈچلەرنىڭ يېڭىچە پەننىي مائارىپقا  چىش-تىرنىغىغىچە قارىشى تۇرۇشقا ۋە جان-جەھلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلشىلىرى ھەم بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارىماي كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ يىڭىچە مەكتەپ ئىچىپ مەرىپەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن مىللەتنى تەرەققيات يۇلىغا باشلاپ، مەھكۇملۇقتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىغىنى ئاتىغان ۋە مۇشۇ يولدا جېنىنى پىدا  قىلغان ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقيەتلىك يارىتىپ ئۇنى قىزغىن مەدىھلەيدۇ.
مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ يۇقىرقىدەك تىياتىرلىرى ئۇيغۇر درامماتىرگىيە تارىخىدا مەشھۇر  ئەسەرلرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەشنىڭ ئۆلگىسىنى تىكلىدى. ئۇ يەنە ئابدۇرھىم ئۆتكىرنىڭ ‹‹ئىز ››رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ  ئىشلىگەن ‹‹كۆمىلمەس ئىزلار›› ناملىق تارىخى داراممىسىدا ئەسلى ئەسەرگە سادىق بۇلۇش شەرتى ئاستىدا 1911-يىلىدىكى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭنىڭ پارتىلاش سەۋەبى، تەرەققياتى ۋە مەغلۇبىيتىنىڭ ئالدى-كەيندىكى  ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ئىنچكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ، تۆمۈر خەلىپە،ئامانقۇل قاتارلىق خەلق قەھىرمانلىرى بىلەن شا مەخسۇت ۋەكىللىك قىلغان ئەكسيەتچىكىچلەر بىلەن قانلىق ئىلىشىش جەريانىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتىرىپ، دىھقانلار قوزغىلىڭنىڭ مەغلۇبىيتىنى، مىللىتىمىزنىڭ روھى ھالتىنى چىرماپ كەتكەن دىنى ئەقىدىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك  دەپ قاراپ، ئەسەردىكى قانلىق تراگىدىيەلەر ۋە باش قەھىرمانلارنىڭ ئىىچىنىشلىق تەقدىرى ئارقىلىق بىزنى  ئەجدادلارنىڭ باسقان ئىزلىرىدىن كۈچلۈك ئىبرەت ئېلىشقا چاقىردۇ.
مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ تارىخى تىياتىرلىرى ئىچىدە بىر قەدەر زور تەسىر قوزغىغىنى ‹‹جەنۇپتىكى جەڭ مارىشى››دىن ئىبارەت.
ئاپتۇر بۇ داراممىسىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى بىلەن مىللىي ئارمىيە باش قۇماندانلىق  شتابىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە قەشقەر خەلقىنىڭ قۇراللىق قوزغۇلاڭ كۆرتىرىپ، شىنجاڭدىكى فاشىسىتىك ھۆكۈمرانلىقغا  زەربە بەرگەنلكىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن بولغان كۈرەشتىكى پىداكارلىغىنى ھەم فاشىستىك ھۆكۈمرانلىقنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىنى تارىخى مۇقەرەرلىكتە تۇرۇپ چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باتۇرلىقىغا چىن دىلىدىن ئائىرىن ئوقۇغان.
دىمەك، مۇھەممەتىلى زۇنۇن يىقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بىرى ئۆزىنىڭ  يۈرەك قىنىنى  سەرىپ قىلىپ، ھەر خىل تىما ۋە ئوخشىمىغان شەكىلدىكى مەشھۇر ئەسەرلەردىن ياخشى تارىخى تىياتىرلارنى ئىجاد قىلىپ زور مۇۋەپپىقيەتلەرگە ئېرىشتى.     
ئىككىنچى،مۇھەممەتئىىلى زۇنۇننىڭ رىئال تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتىرىش ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان تىياتىرلىرىرى
تاشلار ئىچىدىن قاشتىشى ئۆزنىڭ جۇلاسى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە تىزلا جەلىپ قىلغىنىغا  ئوخشاش، مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ تىياتىرلىرىنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تېمىسىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن  بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئالاھىدە ئۆزىگە تارتىدۇ.
مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ تىياتىرلىرى تىما جەھەتتىن رەڭدار، ئەكىس ئەتتىرىش ئوبىكتى  بىر قەدەر كەڭ، خىلىمۇرەككەپ تارىخى ۋە رىئال ۋەقەلەرگە تۇتىشىدۇ. ئۇ خەلقىمىز كۆڭۈل بۈلۈۋاتقان،جىددىي تۈزۈتۈشنى  تەشەببۇس قىلۋاتقان مەسلىلەرنى ‹‹مەسلھەت چىيى ›› ئوپىراسى بىلەن؛ فىئۇداللىق كونا ئىدىيىنى ۋە خۇرائاتلىقنى  تەرغىپ قىلىپ، ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلغۇچى رەزىل كۈچلەرنى، ھوقوق، مەنپەئەت، ئابروينى بايلىغىم دەپ قارايدىغان  ئاچكۆزئاتا- ئانلارنى ‹‹ئەزىزە› › ناملىق ئوپىراسى بىلەن؛ نادانلىق پاتقىقىدىن چىقالمايۋاتقان، ئىسلاھاتقا ماسلىشالمايۋاتقان كونلىققا ئىسىلۋىلىپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلارغا پۇتلىكاشاڭ بۇلىۋاتقانلارنى ‹‹باي بۇلۇش يوللۇق›› ناملىق ئوپىراسى بىلەن؛ يولدىشىنى جان- جەھلى بىلەن سۆيۈپ ئۇلارنىڭ مىھرىبان ئاتا-ئانىسىنى يامان كۆرىدىغان ۋاپاسىز كېلىنلەرنى ‹‹ھەسنىكام ئاچچىق ئامۇتى تاتلىقمۇ؟››ناملىق ئوپىراسى بىلەن قاتتىق تەنقىدلەپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئىقتسادى  تۇرمۇشسەۋىيەسى، مەدەنيەت سەۋيىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى دەڭسەپ كۆرىشكە، ئۆزى ئىرىشمەكچى بولغان  نام-شۆھرەت ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن قانچىلىك ئىغىر بەدەل تۆلەيدىغانلقىغا نەزەر سېلشىنى تەۋسىيە قىلغان.
يۇقىرقى تىياتىرلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدىيۋى مەزمۇن، تەنقىد قىلىنىغان ناچار ئىللەت،  تەشەببۇس قىلىنغان كۆز قاراش بىزنىڭ رىئال تۇرمۇشىمىزدا ھىلى-ھەم مەۋجۇت.
مۇھەممەتىئلى زۇنۇن1982-يىلى يازغان «كېچىككەن توي » كومدىيەسىدە تېخىمۇ ئاچچىق كۈلكىگە  تولغان ۋەقەلەر، قىزىقارلىق، ئاچچىق دىئالۇگلار ۋە جانلىق پىرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ  ئويغۇر يىزىلىرىغا كەلتۈرگەن بالايى-ئاپىتىنىڭ يەنە بىرخىل كۆرىنىشىنى سىرەتلەپ بەردى. يەنە  بىر قىسىم يىزا كادىرلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئازىراقلا ھۇقۇقىدىن ئايدىلىنىپ، يىزىدىكى ساپ ھەم پاك مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان ياشلارنىڭ مۇھەببەتنى دەپسەندە قىلىدىغان ئاچكۆزلىك ۋە نەئسانىيەتچىلىك قىلىمشىنى تەنقىد قىلسا، يەنە بىر  تەرەپتىن دىھقانلارنى ئازاپلاپ، يۈرۈكىنى قان قىلغان زۇلمەتلىك 10 يىلنىڭ جىنايتىنى تەنقىد قىلغان، دىھقانلارنىڭ ئىش-ئىزى   ئارقىلىق ئىلىمزدە، پارتىيە مەركىزى كوممتىتى 3-ئۇمۇمى يىغىندىن بويان ئىلىپ بىرىلغان يىزا ئىسلاھاتى جەريانىدا  مەيدانغا  كەلگەن يىڭى ئۆزگىرىش ۋە نۇرلۇق مەنرىرلەرنى قىزغىن مەدىھلىگەن.
دىمەك، مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تىياتىر ئىجادىيتىدە ئادەتتىكى ۋەقەلەر ئىچىدىن ماھىيەتلىك  ئەھمىيەتكە ئىگەۋەقەلەرنى قىزىپ چىقىىپ، ئۇنىڭدىكى كىچىككىنە ئەھمىيەتلىك ئىشنى ئۆزىگە  خاس بەدئىي   دىت  بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ، تىياتىرلىرىنىڭ تىغ ئۇچىنى بولمىغۇر ھادىسە، ناچار ئىللەتلەرگە قارتىپ ۋە  بۇ بولمىغۇر ئىللەتلەرنى قاتتىق تەنقىدلەپ خەلقنى تەربيلەشىنى مەقسەت قىلدى.
ئىچىنچى، مۇھەممەتىئلى زۇنۇن تىياتىرلىرىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىق
مۇھەممەتىئلى زۇنۇن تىياتىرلىرى يالغۇز تىمىسىنىڭ رەڭدارلىغى جەھەتتىنلا  ئەمەس، بەلكى   رىئال تۇرمۇشقا يىقىن، ئىرسۇناژلار ئوبرازى تەسرلىك ۋە جانلىق،  قۇرۇلما جەھەتتىن مۇكەممەل،  بەددىئىلىك جەھەتتىن يۇقۇرى، ئىپادىلەش شەكىلى خىلمۇ-خىل، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارغا باي، شىئىرى پۇرىقى قۇيۇق  ۋە كۈچلۈك، ھىسىياتى چىن ھەم يارقىن، تىلى جانلىق، چوڭقۇر مەنىلىكلىكى،  قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي  خۇسۇسيەتكە تويۇنغانلىقى بىلەنمۇ زامانداشلىرنىڭ تىياتىرلىرىدىن ئالاھىدە ئەرقلىنىپ تۇردى.
مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە تىياتىرنىڭ ھەممە تىرلىرى بۇلۇپ،  تىراگىدىيەلىرى پىكىرنىڭ چوڭقۇرلىقى، بەددىئى ئۈنۈمنىڭ يۇقۇرلىقى، تەسىرلىكلىگى بىلەن؛ كومىدىيەلىرى قىزىقارلىق،  يۇمۇرلۇق ئالاھىدىلىككە ئىگەئىكەنلىكى بىلەن؛ ئوپىرالىرى ناخشا پۇرىقىنىڭ قۇيۇق، شىئىرى تۈسنىڭ موللىقى بىلەن بىزدە ئالاھىدە تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى ئادەتتىكى تۇرمۇش ھادىسىلىرى ئىچىدىن  ئىجتىمائى قىممەتكە ئىگە تىمىلارنى تاللاپ، يەرلىك خۇسۇسىيەت ۋە مىللىي پۇراقنىڭ قۇيۇقلىغى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى، ئالاھىدىلىگى ۋە پىسخىكىسىنى گەۋدىلەندىرىپ بېرىدۇ.
مەسىلەن:  «مىھمانخانا، بەنچاڭدا شىرداق، ئۇدۇل تامدا خوتەننىڭ ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ  تۇرغان يوغان گىلىمى، تومپۇچكا ئۈستىدىكى گۈل... پەرتۇق تارتقان گۈھەرنىسا ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەۋىتىپ،  -بىزنىڭ  يالقۇنجان پىنىنە، قارىمۇچلىرى تازا تىتىغان، گۈپ– گۈپ ئۇراپ تۇرىدىغان چۆچىرىگە بەكمۇ  ئامراق،  خىمىرنى تۇخۇم بىلەن يۇغۇرۇپ، قەغەزدەك جىلتە كىسىپ تۈكگەن چۆچىرلەرنى ئەمبەل ئۈستىگە تىزىۋەتتىم، قازىنىم  قايناپ تۇۋاقنى ئۇسۇلغا سالغىلى نەۋاخ » بۇ پارچە مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ «ھەسىنكام ئاچچىق ئامۇتى تاتلىقمۇ؟ » دىگەن  ئوئىراسىدىن ئىلىنغان بۇلۇپ، بىز يۇقىرقى مۇھىت ھەم ئىرسۇناژلارنىڭ تىل تەسۋىرى، كىشى ئۆزىدە پاكىزە  ھەم ھەشەمەتلىك مىللىيچە بىزەلگەن مىھمانخانىدا ئولتۇرۇپ ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاماق تۈرلىرىدى نبىرى بولغان مىزىلىك  چۆچىرىنى ئىچىۋاتقاندەك ھىسىياتقا كىلىمىز. مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ تىياتىرلىرى ئۇيغۇر تىياتىرچىلىغىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قالغان بۇلۇپ، ھىچقانداق ئېقىمنىڭ ياكى تىياتىر شەكللىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرمىغان. ۋەقەلەرنى  بايان قىلىش، پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارتىشتا پىرسۇناژلارنىڭ تىلدىن يەنى دىئالوگدىن پايدىلىنشنى ئاساس قىلغان.
ئەلۋەتتە، ۋەقەلەرنى بايان قىلىش جانلىق ئىرسۇناژلار ئائالىيتى ھەم ئۇلارنىڭ خارەكتىرى  ئۇلارنىڭ ھەركەت ھەم دىئالوگدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئىيتقاندا، مۇھەممەتئىلى زۇنۇن قىزىقارلىق، جانلىق، تاۋلانغان، چۈشۈنىشلىك خەلق تىلى ئارقىلق پىرسۇناژلارنىڭ تۇرمۇشى،ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەپ ئۇلارنىڭ سەلبىي  ھەم ئىجابىي خارەكىتىرگە كەسكىن پۇزۇتسىيە بىلدۈردى. شۇ ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى.
مەسىلەن، ئۇنىڭ ئۈچ كۆرىنىشلىك ناخشا-مۇزىكلىق ئوپىراسى ‹‹ئەزىزە ›› دە رەڭگارەڭ گۈللەر  ئېچىلغان ھويلا، ئەزىزەنىڭ قولىدا سۇ چاچقۇچ،پۈتۈن ئەس يادى مىھمانخانىدا بۇلىۋاتقان نىكاھ سودىسدا.
ئەلچىلەر مىھمانخانىدا بارىكاللا، يۈسۈپ بىگىم، بارىكاللا.
يۈسۈپ بەگ  مىھمانخانىدا) ھىلىغۇ بىر قىز ئىكەن، مىڭ قىز بولسمۇ ئايامدىغان سىلىدىن.
ئەزىزە : (چۆچۈپ)  ھە نىمە گەپ بۇ؟ ئۆتكەندە ئۈچ بىتالەيىنىڭ مەسۈمقەلبىنى داغلىغان،  ئۈچ بوۋاقنى يىتىم يسىرلىق زەنجىرىگە باغلىغان تاش، تاش يۈرەك نائەھلىگە ماقۇللۇق بولدى. تويلۇق توغىرىسدا  پۈتۈشەلمگەن بولسا بىرىۋىتىشتىن يانمايتى، بۈگۈن ماقۇل بولغىنى كىمدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئوينشىدىغاندۇ شۇ دادام  ئۆز ئەزىزەسنىڭ بەخىت تەليى بىلەن . ناخشا :
بىز يارالغانمۇ ئەلەم كۈلپەت، مۇشەقەتتاتقىلى.
قايغۇنىڭ لاي –لاتقىلىق قايناملىرىغا ئاتقىلى
قىز بالا ئالتۇنمىدۇ،گۆھەرمىدۇ، ياقۇتمىدۇ؟
نەرقىفە كىملەر يىتىپ نەق پۇل چىقارسا ساتقىلى.
سەھنە: ئەزىزە سافاداقولىدا دۇتتار، ئۇ چەكسىز ھەسرەت ئىلىكىدە.
ئەزىزە: ناخشا
نە بولغاي ناتۇنۇش ئەلدە مىنىڭ ئەقىدەم ئىقبالىم؟
كىپەن بولغايمۇ يازىننەت لىباسىم، زەرلى رومالىم
گۆھەر بولسام پىغانلىق ياش بىشىمنى سلىغاي كىممۇ.
يىتەرمۇ بۇ ئانا يۇتقا زەئىپ ئەھۋالىم، ئاۋازىم؟
مەلىكىخان: جىنىم بالام، نىمانچە نالە پەرياد قىلىدىغانسەن؟ بىچارە ئاتاڭنىڭ يۈرىگىنى نىمانچە ئىزىدىغانسەن؟
ئەزىزە: ئانا، جىنىم ئانا، ئۆز يۈرەك پارىسىنى ھىچبىر ئەجدادى كۆرىپ باقمىغان ياقا يۇرتلارغا يولغا سىلىۋەتىشكە قانداق چىدايدىغاندۇ؟ ئاكام، داداملارنڭ يۈرىگى تاشمىدۇ؟
يۈسۈپبەگ: (چىقىدۇ)لىنتا قىنى؟ مانا ئۈنئالغۇچۇ؟
مەلىكىخان: قۇيە بالام، ئۈنئالغۇنى قوي.
ئەزىزە: قويىنىغائالدى قارا زۇلمەت مىنى،
قاتمۇ- قاتا تاغدەكئىغىر كىلئەت مىنى.
ئەي بالاخور ئەجدىھا ئىئالەم بىگىن،
ئال، جىنىمىنى ئەيزەھەر، تاتلىق زەھەر.
ئەيلىسۇن يۇرتداشلىرىمئىبرەت مىنى.
(زەھەرنى ئىچىدۇ)چەتئەلنى جەننەت، چەتئەللىكلەرنى ئەرىشتە، ئەۋلىيا دەپ بىلگۈچى ھاماقەت  ئاتا-ئانىلار، چەتئەلگە، چەتئەللىكلەرگە خۇراپىيلارچە چۇقۇنغۇچى، سەۋدايىلارچە تەلپۈنگىچى بارلىق قىز دوستلۇرۇم،  ئاچا- سىڭللىرىم، ئىبرەت ئىلىڭلار، مىنىڭ پاجئەللىك تەقدىرىمدىن ئىبرەت ئىلىڭلار! ئەلۋىدا، ئاھ ئەلۋىدا، دوستلار!.....
(جان ئىزىدۇ)
يۈسۈپبەگ
ئەزىزە، ئاھ، ئەزىزە!(ئوخشىىمىغان ھالدا يىقىلدۇ)
مەلكىخان:
يۇقارقى قىسقىغىنە تەسىرلىك كۆرىنۇش پىرسۇناژلارنىڭ ئىخچام، چوڭقۇر مەنىلىك دىئالۇگى  ئارقىلىق پىرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرى، روھى ھالتى ۋە ئىدىۋى ھىسياتىنى شۇنداقلا ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي رىئاللىقنى ئىچىپ بەرگەن.
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تىياتىرلىرىنىڭ بەددىئى ئالاھدىلىكى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شىئىر جەھەتتىكى  مۇۋاپپىقىيىتىدە كۆرىلىدۇ. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت شىئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شىئىرى تىلغا  باي، شىئىر تالانىتى يۇقىرى شائىر ۋە تىل ئۇستىسى بولغاچقا ئۇنىڭ تىياىترلىرىنىڭ تىلى تاۋلانغان، ئوبرازلىق،  ھىسياتلىق، جانلىق بۇلۇشتەك ئوزگىچىلىككە ئىگە. بۇئالاھىدىك ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنىڭ روھىيىتىنى ۋە ئۆزىگە خاس مىجەز خارەكتىرنى رۇشەن گەۋدىلەندىرىپ بىرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسىلەن، ئۇنىڭ‹‹ھەسنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىقمۇ؟››دىگەن بىر پەردىلىك ناخشا- مۇزىكىلىق  ئوپراسىىغا نەزەر سالايلى:
ئالتۇنخان: مېڭشلىرى شاتۇتتەك، قىلىقلىرى مەككە مەدىنىنىڭ ياقۇتىدەك، مىھرى- مۇھەببىتى  يىڭسار كىمىرنىڭ ئوتىدەك كىلىنىم ئىدى، نىمە بولغاندۇ؟ بۇ بالىغا...
گۆھەرنىسا: ئۇچقاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ ئەسسالام دادا، ھارمىسىلا ئانا، دىدىم-دە بىرىپلا قۇلىدىن  گىلەمنى ئالدىم، بىشىم بىلەن يىگىرىپ يىرىپ گىلەمىنى سالدىم.
يەنە بىز ئۇنىڭ ‹‹كىچككەن توي›› ناملىق دراممىسىدىكى مۇنۇ دىئالۇگلارغا قارايلى:
رەيھان ئۆز-ئۆزىگە) ئەجەپ كەتكۈزۋەتتىميا؟ ئۇلار كەلسە نىمە دەيمەن؟توختا، بىردەم گوللاپ تۇراي.
(رازىق چىقىپ كەتكەن تەرەپكە قاراپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن) خوراز قاچسا ‹‹ۋاك›› دەيدۇ، ساقايمىغان  كىسەلنى ۋاڭ دەيدۇ، بىردەمدىلا ‹‹ۋاك›› دەپ قاچلىغۇ يىگىت!؟
      رازىق : (‹كىرىدۇ› تاماشىبىنلارغا )
تۇرسام قوغلايدۇ،كەتسەم چىدىمايدۇ، نىزىرقايدۇ دىگەن شۇ ئەمەسمۇ؟ مانا (رەيھانغا ) بىز ئەمەس ‹‹ۋاك››دەيدىغان ئەر، ۋاك دىگەننى يەر يۈتۈپ كەتسۇن!
درامماتۇروگ، گۆھەر،يالقۇن، ئالتۇنخان، رەيھان، رازىقلارنىڭ دىئالوگى ئاز، ئەمما ساز، ئىخچام  سۆز بىلەن مەخسەت، مۇددىئاسى، ئارزۇ–ئىمىدى، پىسخكىسى ھەم خارەكتىر-خۇسۇسىيتىنى ئۈنچىدەك دۇردانىلىرى   بىلەن تاماشىنىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ناھايتى رۇشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.
يىغىپ ئىيتقاندا،مۇھەممەتئىلى زۇنۇننىڭ تىياتىرلىرى تىما ۋە مەزمۇن تەكرارلىغىدىن  خالى، زىدىيەت تۇقۇنۇشنى شەكىللەندۈرۈش،  پىرسۇناژلارنىڭ تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ۋەقە ھادىسلەرنى تەسۋىرلەش،  پىرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىنى دىئالوگ ۋە مۇنۇلۇگلاردىن پايدىلىنىپ ئىچىپ بىرىش، بۇلۇپمۇ شئىرىي تىلدا  ئىچىپ بىرىشنى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك قىلغان. شۇنداق بولغاچقا بىز ئۇنىڭ تىياتىرلىرىدىن مۇئەللىپنىڭ ھەقىقەتەن  ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدىكى بىر ئۈلگىلىك نامايەندە بۇلۇپ سانىلىشقا ھەقلىك ئىكەنلىكىگە قايىل بولماي  ھەمدە ئۇنىڭ بەرىكەتلىك قەلىمىگە  ئاپىرىن ئىيتماي ۋە ئۇنىڭ تىياتىرلىرىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.

پايدىلانمىلار:
1.مۇھەممەدئىلى زۇنۇننىڭ «جەنۇپتىكى جەڭ مارشى »، «ئەزىزە »، «مۇقام يۇرتىنىڭ يىڭى  باھارى » ناملىق درامما، ئوپىرالار توپلىمى.
2.ئازات سۇلتان، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا »، شىنجاڭ  خەلق نەشىرياتى1997-يىل نەشىرى.
3. مۇھەممەت ئەيسا، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان دراممىچىلىقى توغرىسىدا »، مىللەتلەر نەشىرياتى   2000-يىل 12- ئاي نەشىرى.
4.«شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلى،«شىنجاڭ مەدەنيىتى» ژورنىلى،«شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى ››(ئىجىتىمائىي پەن قىسمى)، «شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋىرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى ›› (ئىجىتىماىي پەن قىسمى)،«شنجاڭ ئىجىتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى »، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىىتوتى ئىلمىي ژورنىلى » (ئىجىتىمائىي پەن قىسمى)، «خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تىخنىكومى ئىلمىي ژورنىلى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!
ئامان + 4 + 4 + 4 + 4ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 7 تىللا + 7 تۆھپە + 7 شۆھرەت + 7  باھا خاتىرىسى

مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 21:17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتەلمىدىم. نېمە بولدى مېنىڭ كومپىيوتېرىمغا خەت نۇسخىلىرى بۇزۇلۇپ كەتتى دېسە.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

448

تېما

73

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6158 سەر
تىللا
12307 دانە
تۆھپە
9294 سەر
شۆھرەت
4501 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 22:41:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم. مۇنبەردە كود ئالماشتۇرۇش دىتالى بار، شۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ كومپىيوتېرىڭىزغا قاچىلىۋېلىڭ.
يازمىڭىزدا مۇھەممەتئېلى زۇنۇن ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ۋە يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق توختىلىپسىز، رەھمەت سىزگە. مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ماتىرىياللىرىڭىز بىلەن بايقاش مۇنبىرىمىزنى يەنىمۇ ئاۋاتلاشتۇرغايسىز.

باھا سۆز

دىلرۇس كۆرسەتمىڭىزگە تەشەككۈر.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 22:46
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 22:54:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى ئاۋارە قىلغىنىمدىن خىجىلمەن، مېنىڭ بىر باش ئاغىرىقىمغا مەلھەم بولدىڭىز، خالىس ياردىمىڭىزگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 00:37:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەينى دەۋېردە بىر قىسىم كىشىلەر «مەسلىھەت چېيى» دىراممىسىنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭدىن تەربيە ئالماقتا يوق ئەكسىچە دىراممىنى دوراپ ھەشەمەتچىلىك قىلىشقان . غەلىتە مىجەزلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس-تە

باھا سۆز

دىلرۇس پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 22:47
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:56, Processed in 0.502760 second(s), 44 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش