«ئاساسىي قاتلام بىرىنچى، ئامما بىرىنچى» دېگەننى ئاغزىمىزدا ئەمەس، ئازىراق بولسىمۇ ئەمەليىتىمىزدىن ئۆتكۈزەيلى (ئاساسىي قاتلام تىپىك ماتېريالى) ياسىنجان ماڭسۇر (ئونسۇ ناھيىلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىدىن)
« ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتى» قانات يايدۇرۇلۇش جەرىيانىدا، مەن، ئونسۇ ناھيىسىنىڭ ئارال بازىرىغا چۈشكەن خىزمەت ئەتىرىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گەرچە «تاغنى تالقان چۆلنى بوستان» قىلغۇدەك مۆجىزىلەرنى يارىتالمىغان، ئىلغار، نەمۇنىچىلارغا ئوخشاش «تىللاردا داستان» بولغۇدەك ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ مەھدىيە ۋە شان شەرەپكە نائىل بولۇپ، كۆكسىمگە شەرەپ گۈللىرىنى تاقىيالمىغان بولساممۇ، ئۆز خىزمەت ئورنىمدا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي- تۈزۈمگە ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان كىچىك- كىچىك ئىشلارنى ئاز- تولا قىلىپ بەردىم (بۇنى كۆككە كۆتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق- ئەلۋەتتە). مەن باشتىن- ئاخىرئاممىنى رازى قىلىش، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىلەن خىزمەتلەردە تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق ۋە توغرا، ئۈنۈملۈك بولغان خىزمەت ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، بۇنى خىزمەتلىرىمنىڭ ئاساسى قىلىشقا كۈچ سەرىپ قىلدىم. 2012- يىل 3- ئاينىڭ 12- كۈنى ئەتىگەندە خىزمەت ئەتىرىتىدىكى يولداشلار ئارال بازىرى يۇقارقى مەكىت كەنىت 2- مەھەللىدە دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ ئابدۇرېشىت مەتنىيازنىڭ قوروسىغا كىردۇق. ئۇ بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ماڭا قاراپ «دەرتلىرىنى تىڭشاپ، قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن دېسىلە؟! ۋاي جېنىم ئۇكام سېلىنىڭ قانچىلىك ھوقۇقلىرى بار؟ بىزگە نېمە قىلىپ بېرەلەيدىلا؟ ئادەمنى قاپاققا سېلىپ كولدۇرلىتىمەن دېمىسىلە، ۋاقتىمنى ئېلىپمۇ يۈرمىسىلە! ئاچچىقلىرى كەلسىمۇ دەۋىرەي، سېلى مۇئەللىم ئىكەنلا بەلكىم چوڭ ئەمەللىرىمۇ يوق تايىنلىق؟! بوي- بەستىلىرىگە قارىسام مۇشتۇمدەك تۇردىلا، بۇ يەرگە-چۇ، بىر پىكاپقا ئاران پاتىدىغان، ھەر- ھەر باشلىقلار كېلىپ، بىزنى تازا كولدۇرلۇتۇپ، تاغارلاپ- تاغارلاپ پىكىر ئېلىپ، سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كېتىشدۇ. دىسەم- دېمىسەم سېلىمۇ بىزگە ئىمىزەك سېلىپ، ھۆكىمەت تارقىتىپ بەرگەن دەپتەرلىرىنى توشقۇزۇپ، ۋاقىتلىرى توشقاندا غىپپىدە كېتىپ قالىلا. ئەڭ ياخشىسى، بىزگە پىكىر- تەكلىپ بېرىڭلار دېمەي، ياتاقلىرىدا ئولتۇرۇپ دەپتەرلىرىنى ئوبدان توشقۇزۇپ، ئۈچ ۋاق تاماقلىرىنى ئوبدان يەپ، ئاراملىرىنى ئوبدان ئېلىپ، ئويۇنلىرىنى ئوبدان ئويناپ، ئارالغا باردىڭمۇ دېسە باردىم دېگۈدەك بىر ئەتلىنىۋالسىلا...» دېدى. ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ دېگەن بۇ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدىم ۋە كۆڭلىم ئىنتايىن يېرىم بولدى. بۇ 24 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدىكى مەن ئاڭلىغان ئەڭ ئېغىر تىل ۋە ئېغىر زەربە ئىدى. مەن ياتاققا قايتقاندىن كېيىن كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرى « خىزمەتتە قىزغىن بولۇپ، ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۇسۇلىنى تېزدىن ئىگىلەپ، پۈتۈن نىيىتىم بىلەن دېھقانلار يولۇققان ھەر خىل قېيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، «بۇ كادىرنىڭ ئەمىلى بولمىغىنى بىلەن قولىدىن ئىش كېلىدىكەن جۇمۇ؟› دېگەن نامنى ئالمايدىغان بولسام مۇشۇ ئارالدا ئىسمىمنى يوتكىۋېتىپ كەتمەنغۇ زادى.» دېگەن نىيەتكە كەلدىم. 3- ئاينىڭ 21- كۈنى ئارال بازىرىنىڭ ھاۋاسى خېلىللا ئىسسىق ئىدى. چۈشلۈك تاماقىنى يەپ، تاماق سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئايلىنپ يۈرەتتىم. « پىياچى كەنتىدىن ئۈچ دېھقان ناھيىگە، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك كېنىشكىمىزنى ھەل قىلىپ بەرمىدى، دەپ ئەرز قىلىپ بېرىپتۇدەك، ناھيە، يېزا ھەل قىلىپ بەرسۇن، دەپ قايتۇرۋېتىپتۇدەك» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدىم. دەرھال باشقا يولداشلارغا تېلېفون قىلىدىم، ئۇلار ياتاقتىن يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ كېلىشتى. بىز تۆت گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ «ناھيىگە ئەرز قىلغىلى بارغان دېھقان» تۇرغۇن تۇنىيازنى بىر ئاشخانىدىن تاپتۇق، ئۇنى سىرتقا چاقىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. دەسلەپتە ئۇ بىزگە ئىشەنمىدى بولغاي بىرنەرسە دەپ بەرمىدى. بىز قايتا- قايتا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن مۇنىلارنى ئىگىلىدۇق. «7- كەنىت 5- مەھەللىدىن موللا قۇربان، 6- مەھەللىدىن مەخمۇت مونىياز ۋە تۇرغۇن تۇنىياز قاتارلىق ئۈچ دېھقان بازار يەر ھۆددىگەرلىك كېنىشكىمىزنى بىجىرىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامانەت- قەرز كوپىراتىۋىدىن قەرز ئالالمىدۇق» دەپ ناھيىگە بارغان (ئۇلارنى بىرسى شۇنداق قىلىشقا كۈچكۈرتكەن) كەن. بىز بازارلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتىدىكى خادىملار، كەنىت رەھبەرلىرىنى چاقىرتىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، بۇ ئۈچ دېھقان ھازىر تېرىۋاتقان يەرنىڭ تاۋار يەر ئىكەنلىكى، تاۋار يەرگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن- نىزاملىرى بويىچە «يەر ھۆددىگەرلىك كېنىشكىسى» تارقىتىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا چۈشەندۈردۇق ۋە بازارلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتى ئىسپات چىقىرىش ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كېپىل بولۇش، قەرز كوپىراتىۋى قەرز بېرىشنى كېلىشتۈرۈپ، بۇ ئۈچ دېھقاننىڭ 60 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىش مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ قويدۇق. بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە ئىشىمىزنى بەلكىم ئۇلار باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن بولسا كېرەك، شۇنىڭدىن باشلاپ، دېھقانلار چاخچاق ئارقىلىق بىزنى چېقىۋالمايدىغان، بىزگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان، كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دەيدىغان بولدى. 3- ئاينىڭ 29- كۈنى ئەتىگەن سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى30 :7 لەر ئىدى. بۈگۈنكى خىزمەتلىرىمىز ئۈستىدە پىلان تۇرۇپ ئولتۇرساق يۇقارقى مەكىت كەنىت 3- مەھەللىدىكى دېھقان ئوسمان سىدىق ئىككى قىزىنى باشلاپ ياتاققا كىردى ۋە كىچىك قىزى ئايگۈل ئوسماننىڭ 2- ئەۋلاد كىملىكىنى قايتا- قايتا ئۈچ قېتىم بىجىرسىمۇ، رەسىمدىن باشقا بارلىق ئۇچۇرنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنى بازارلىق ساقچىخانىغا ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ ئوڭشاپ بەرمىگەنلىكىنى، ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ ئەھۋالنى دېسە «ساقچىخانا ئوڭشاپ بېرىدۇ» دەپ يولغا سېلىپ قويغانلىقىنى، ۋىلايەتكە بېرىپ ئەھۋال ئېيتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بىز نوپۇس دەپتەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ، تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ھەقىقەتەن، نوپۇس دەپتىرىدە 21 ياشقا كىرگەن ئايگۈل ئوسمان، 2- ئەۋلاد كىملىكىدە 32 ياش يېزىلىپ قالغان ئىدى. بىز دەرھال ھەركەتلىنىپ، ئۇلارنى بازارلىق ساقچىخانىغا باشلاپ كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئايگۈل ئوسماننىڭ 2- ئەۋلاد كىملىكىدىكى خاتا ئۇچۇرلارنى تۈزەتتۇق. نېرى- بېرى ئۈچ سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ھەل بولغان بۇ كىملىك، 68 ياشلىق دېھقان ئوسمان سىدىقنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى. ئۇ سوغاق ئىچىملىك ئېلىپ بىزگە رەخمىتىنى ئېيتتى، ئاشخانىغا ئەكىرىپ مېھمان قىلماقچى بولدى. بىز ئۇنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلدۇق. تىل ئوقۇشماسلىق سەۋەبلىك، خاتا بىجىرىلىپ، بىزنىڭ ماسلاشتۇرۇشىمىز، چۈشەندۈرۈشىمىز ئارقىلىق تۈزۈتىلگەن كىملىك سەۋەبىدىن ئوسمان سىدىقنىڭ بىزگە بىلدۈرگەن تەشەككۈرى، خىزمەت قىزغىنلىقىمغا تۈرۈتكە بولدى. 4- ئاينىڭ 18- كۈنى قاش بۇيى كەنىت 3- مەھەللىدە ئاممىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ، سېيىت دايىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قالدىم. قۇرما ئۆي، ئۆيدە تۈزۈكرەك بىساتمۇ يوق، تام- تۇرۇسلارنى قاپ-قارا ئىس قاپلىغان بولۇپ ئۆيگە كىرگەن ئادەم، ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەرنى پەرق قىلالمايتى. مەن ئۆيگە كىرىپ كاڭنىڭ قىرىنى سىپاشتۇرۇپ ئاران تاپتىم ۋە سىپاشتۇرۇش جەريانىدا بىر ئادەمنىڭ بېشىنى تۇتقاندەك قىلدىم. ئارقامدىن كىرگەن ئايال مىلەڭزىنى قايرىۋىدى ئاندىن، كاڭدا ياتقان سېيىت دايىمنى كوردىم. «ئۇ ئاغىرىپ قالدى» دېدى، سېيىت دايىمنىڭ ئايالى سۇدام ئابدۇگايىت. مەن سېيىت دايىمنىڭ (پۇتى ئاقسايدۇ، ئوڭ قولى ئىگىلمەيدۇ) 3- دەرىجىلىك مېيىپ ( مەزكۇر بۇ يىل 47 ياش، ئايالى 49 ياش، 2 نوپۇس، باغ يېرىدىن باشقا يىرى يوق، سالامەتلىكى يار بەرسە شوگۇڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئاغىرىپ قالغىلى بىر ئايدىن ئاشقانلىقىنى بىلدىم) ئىكەنلىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن سىرداشتىم. سىردىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئۇزۇق- تۈلۈكتە قىيلىنىپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ، شۇ كۈنى كەچكىچە بىر خالتا ئۇن، بىر خالتا گۈرۈچ، ئۈچ كىلوگرام ئاش تۇزى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بەردىم. ئۇ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، قولۇمنى مەھكەم سىقىپ، كوزىگە ياش ئالغىنىچە يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئاغزىنى ئۈمەيلىدى-يۇ، گەپ قىلالمىدى. ئۇنىڭغا بەكلا ئىچىم ئاغىردى. مەن شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۇنى يوقلاپ تۇردۇم. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كۆز ياشلىرىدىن ماڭا رەھمەت- ھەشقاللا ئېيتقانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ رەھمەت- ھەشقاللىسىغا ئېرىشكۈدەك كاتتا ئىش قىلمىغاندىم. پەقەت، ئۇنىڭ ئازىراق ھاجىتىدىن چىققانتىم. ئاساسىي قاتلامغا بارمىغانلار، ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسىم قېرىداشلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن غۇربەت تۇرمۇش كەچۇرۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن. ۋاھالەنكى، ئاساسىي قاتلامدا نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ ياردەم قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. مۇبادا ناھيىمىزدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى بىر قاپ تاماكىنى ئازىراق چېكىپ، بىر پوتۇلكا ھاراقنى ئازىراق ئىچىپ، رېستۇرانغا چاقىرىدىغان مېھماننى بىر قېتىم ئازىراق چاقىرىپ، ئۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى تېجەپ سېيىت دايىمغا ئوخشاش قېينچىلىقى بار دېھقانلاردىن بىرنى يۆلىسەك، ئەقىل ۋە تېخنىكىمىزنى بىردىن دېھقانغا ئۆگىتىپ قويساق ناھيىمىزدىكى نەچچە مىڭ دېھقاننىڭ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ كېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر مەن، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئەمەليىتىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىمدىن پەقەت تۆت ئىشنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. بۇ «ئەلنىڭ ئۇتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان» باشقا يولداشلار قىلغان چوڭ- چوڭ ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر تامچە سۇ- خالاس. ئەمما، بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى چاقنايدۇ. بىر ئادەمنىڭ تۆھبىسى، ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە ئامما ئۈچۈن كاتتا، ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغانلىقىدىلا گەۋدىلىنىپ قالماستىن، يەنە، ئۆز ئىقتىدارى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرگەن دائىرىدە ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولالىغانلىقىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداقلار ئەتىراپىمىزدا ئىنتايىن كۆپ. خۇددى يولداش ماۋزېدوڭ ئېيتقاندەك: «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش چوڭ- كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ». «ئاساسىي قاتلام بىرىنچى، ئامما بىرىنچى» دېگەننى ئاغزىمىزدا ئەمەس، ئازىراق بولسىمۇ ئەمەليىتىمىزدىن ئۆكۈزەلىسەك، ناھيەمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى مول مىۋە بېرىپ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ باياشاد بولىدۇ.
ئەسكەرتمە: ئۆز يازمام |