قىزلىق نازاكىتىمىزنى جۇلالاندۇرۇپ، پەزىلەت غۇنچىمىزنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى
ياسىنجان ماڭسۇر (ئونسۇ ناھيىلىك مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىدىن)
ئاسماننىڭ جۇلاسى چاقناپ تۇرغان سانسىزلىغان يۇلتۇزلار بولغىنىدەك، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي جۇلاسى لاتاپەت بابىدىكى نۇرلۇق چولپان، ھاياتلىق دېڭىزىدىكى دۇر- ئۈنچە، گۈل يۇزلۇك، قەلبى ئاتەش، مېھرى ئىللىق، ئوت يۈرەك قىزلاردۇر. دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان، خەلقئارا رىقاربەت كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان، تۇرمۇش رىتىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قىزلار دۇنياسىدا ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ. بىز تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق «قىز» دېگەن ئۇقۇم بىلەن تەڭ ھەر بىر كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا نومۇسىنى ساقلىغان، ھايالىق، ئۇياتچان، مەسۇم، ئىپپەت پەردىسىگە مەھكەم ئورالغان، ۋۇجۇدىدىن گۈزەللىك تۆكۈلۈپ تۇرۇدىغان بىر مېھىربانە كېلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ئىگە ئەپسانە- رىۋايەتلىرىدە «ئۇيغۇر قىزلىرى نۇردىن، خىسلەتلىك دەرەخلەردىن تۆرىلىدۇ ۋە پەزىلەت غۇنچىسىنى قەلەب تۆرىدە پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، پاك، مەسۇم، ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال، ھۇش- جىسمىنى پاراسلىتىپ كۆيدۈرۈپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ» دەپ تەسۋېرلىنىدۇ. رېئالنى تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق نۇزۇگۇم، ئىپپارخان، ئاماننىسا خېنىم ... لاردەك ئەركىنلىك، ھۆرلىك ۋە ئۆز ئىپپەت پاكلىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان باتۇر، ئوت يۈرەك قىزلىرىمىز مىللىتىمىز قىزلىرىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل خىسلتىنى جۇلالاندۇرۇپ، تارىخ بىتىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ، قىزلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئابرويىنى جەۋلان قىلدۇرغان بولسىمۇ كونا جەمئىيەتتىكى خوجا- ئىشانلار قىزلىرىمىزنىڭ قەدىر- قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئۇلارنى چىدىغۇسىز دەرىجىدە خارلىدى، ئىنسانىي غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدى، ھەتتا قىزلىرىمىز ساۋاتلىق بولۇش ھۇقىقىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. ئۇزۇن يىل ھۆكۈم سۈرگەن فېئۇداللىق ئىدىينىڭ تەسىرىدە قىزلىرىمىز ئۆز- ئۆزىنى كەمسىتىدىغان «مەن دېگەن قىز بالا، قىز بالا دېگەن توغۇلىشىدىنلا ئاجىز، چوڭ ئىشلارنى قىلالمايمەن ھەم قىز بالىنىڭ قولىدىن چوڭ ئىشلارنى قىلىش كەلمەيدۇ» دەيدىغان تولىمۇ بىر تەرەپلىمە قاراشلار تۈپەيلىدىن ھاياتلىق يولىدا ئۆز- ئۆزىنى چۈشەپ قويىدىغان خاتا قاراش ۋە ئىدىيۋى خائىش ھۆكۈم سۈرۈپ كەلدى. ئىنسان ھاياتلىقىنىڭ مەنبەئەسى، گۈزەللىك ئالىمىنىڭ بىباھا دۇر- ئۈنچىلىرى ئەنە شۇ قىزلار تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئادالەتسىزلىك، تەڭسىزلىك مەۋجۇت بولىدۇ؟ بۇ تۈپ يىلتىزىدىن ئېيتقاندا ھاكىميەت مەسىلىسى. چۈنكى، ئۆتمۈشتە ئۆتكەن بارلىق ھاكىميەتلەر بۇ خىل ئادالەتسىزلىكنى تۈگىتەلمىدى، تۈگىتەلمىدىلا ئەمەس، بەلكى تۈگىتىش قولىدىن كەلمىدى. جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ خىل تۈزۈمگە ئۈزۈل- كېسىل خاتىمى بېرىلىپ، ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ھەقىقىي يوسۇندا ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قىزلارنىڭ ئادىمىيلىك ھۇقۇقى، جۈملىدىن مەكتەپكە كىرىش، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مەنسەپكە ئولتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش... لەرىدكى ھۇقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېقىلغان مەرىپەت چىراقلىرى مەھكۈملۇقتا ئاتەش يۈركى پۇچىلانغان قىزلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇ دىللىرىنى خىرە يۇرۇتقان بولسا، جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى جوڭگونىڭ قۇرۇلۇشى قىزلىرىمىزنىڭ زامانىۋىي دۇنيا بىلەن ئۇچۇرشىشىنى، بىلىم ئېلىشىنى، ھۇقۇق- مەنپەئىتىنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، مىللىتىمىز مەنىۋىي ساپاسىنىڭ ئومۇمىيۇزلۈك يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرى روياپقا چىقىپ، يۇقىرى ساپاغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. نەتىجىدە زامانىمىز قىزلىرى ئارىسىدا ۋۇجۇدى پەزىلەت بىلەن تولغان، ئىرادىسى كۈچلۈك، مەرىپەت مەشئىلىنى يۇرۇتقۇچى سانسىزلىغان ئوت يۈرەك، باتۇر، جەڭگىۋار قىزلىرىمىز، كارخانىچىلىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز، كەشپىياتچىلىرىمىز كۈنسېرىي كۆپىيىشكە باشلىدى، شەرەپ مۇنبىرى رەڭدارلىققا تولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتا- ئانىلارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ قىزلارغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدى كۈنسايىن ئاشتى. بىراق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان غەربنىڭ ئىلغار مەدەنيىتى بىلەن پەس، چاكىنا مەدەنيەت ئەندىزىلىرى ئىشىكىمىزدىن يۇپۇرۇلۇپ كىرىشكە باشلىدى. بىر قىسىم گۆدەك قىزلىرىمىز ئاتا- ئانىسىنىڭ مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجىرىنى يەرگە ئۇرۇپ مەكتەپتىن، ھەتتا ئائىلىسىدىن قېچىپ چىقىپ، پەسكەش، ناشايىن ئىشلارنى قىلىدىغان، كۈن بىلەن تۈننى تورخانا، بەزمىخانا، تانسىخانا، ئىشرەتخانىلاردا ئۆتكۈزىدىغان، ھەتتا ئىچىملىك ۋە چىكىملىك بىلەن شۇغلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنداق پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىجىتىمائىي مۇناسىۋەت بەزى قىزلىرىمىزنىڭ روھىيىتىنى بۇلغىۋەتتى، جەمئىيەت ئەخلاقىغا كىر قوندى، مەدەنيىتىمىزدە چېكىنىش بولدى. بارلىقىنى قىزلىرىمىزغا بېغىشلىغان مېھىربان ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈرىكى لەختە- لەختە بولدى. «بالا» دەردىدە يۈرىكى مۇجۇلغان، كۆزلىرى خىرەلەشكەن، بەللىرى پۈكۈلگەن ئاتا- ئانىلار كېچىلىرى كىرپىك قاقماي ھەسرەت- نادامەت چېكىپ ئوتقا چۈشكەن قىلدەك پۇچلاندى. بەزى قىزلىرىمىز نېمە ئۈچۈن شەنىنى بۇلغىدى؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى كىمدىن ئىزدەيمىز؟ بۇنىڭدا بەزى ئىجىتىمائىي سەۋەب بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب قىزلارنىڭ ئۆزىدە، سەۋەبنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز لازىم. ھەممىمىزگە مەلۇم ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ ھاياتلىقىدا خاتا يولغا كىرىپ قېلىشىنى، كەلگۈسىدە كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدىغان ئادەم بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ، بولۇپمۇ قىزلار تېخىمۇ شۇنداق. ئۇنداقتا سىلەر قىزلار روھىيىتىڭلارنى قانداق تەربىيلىمەكچى؟ ئەخلاقىڭلارغا قانداق تەلەپلەرنى قويماقچى؟ سىز مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىي پەزىلىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ چولپاندەك چاقناپ تۇرغان قىزلىق نازاكىتىڭىزنى ۋە شۇ نازاكىتىڭىز بەخش ئەتكەن لاتاپەت بىلەن قىزلار دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان غەيرى ئۆزگۈرۈشلەرگە، ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇشلارغا ئەمەليىتىڭىز ئارقىلىق جەڭ ئېلان قىلالامسىز؟ ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، سىز چوقۇم شۇنداق قىلالايسىز! (بىزمۇ سىزگە ھەر ۋاقىت يادەم بېرىشكە تەييار) شۇڭا سىز: 1. ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى غەيرىلىكىنى تۈگىتىڭ. پىسخىكا جەھەتتىكى غەيرىلىك- ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، خۇدىكسىراش، گۇمانخورلۇق، ھەسەتخورلۇق قىلىش، ئىچىدە گەپ ياتماسلىق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 2. خارەكتېرىڭىزدىكى غەيرىلىكنى تۈگىتىڭ. خارەكتېردىكى غەيرىلىك- ئۆزىنى ئالەمدە بىر دەپ چاغلاش، ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش... قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 3. ئەخلاقىڭىزدىكى غەيرىلىكنى تۈگىتىڭ. ئەخلاقتىكى غەيرىلىك- پەس، چاكىنا ئىللەتلەرنى ئىنتايىن تېز قوبۇل قىلىۋالىدىغان، گەپ- سۆزدە قوپال، سەمىمىيەتسىز، چوڭلارنى، ئاتا- ئانىلارنى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ناچار ئادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. 4. ئائىلىدە ئاتا- ئانىڭىزنىڭ، مەكتەپتە ئۇستازلىرىڭىزنىڭ، جەمئىيەتتە پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆگىت- نەسىھەتلىرىنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. 5. دوستلۇق ۋە ساداقەتلىكتىن مەڭگۈ ئايرىلماڭ. 6. گەپ- سۆزدە ھەر ۋاقىت ئەدەبلىك بولۇڭ، ئۆز مىللىتىڭىزگە خاس كېيىنىش ۋە تازلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. 7. ھايا ۋە پەدىشەپ بىلەن ياشاڭ، ۋىجدانىڭىزنى بۇلغىماڭ، قىزلىق نازاكىتىڭىزگە كىر قوندۇرماڭ. 8. بىلىم، ھۈنەر ۋە تېخنىكا ئىگىلەڭ، كىتاب ئوقۇڭ، ۋاقتىڭىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەڭ. 9. ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، ھېسياتىڭىزنى كونتىرول قىلىڭ، باشقىلارنى دوراپ قارغۇلارچە ئىش قىلماڭ. 10. بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇڭ، رەتلىك، پاكىزە بولۇڭ. 11. پۇت- قولىڭىزنى چاققان قىلىڭ، باشقىلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاڭ، ئاز گەپ قىلىڭ. 12. يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇڭ، تېجەشلىك بولۇڭ. 13. ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، مېھمانلار ئالدىدا ھەركىتىڭىز چاققان، يېنىك، ئەدەبلىك بولسۇن، چوڭلارنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماڭ، زۆرۈر بولمىسا مېھمانلار ئالدادا كۆرۈنمەڭ. مېھماندارچىلىقتا ئەدەبلىك بولۇڭ. 14. سوتسىيالىستىك شەرەپ- نومۇس قارىشىنى كۈندىلىك ھەركىتىڭىزنىڭ نىزامى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 15. ساخاۋەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۇلگە، نەمۇنىچىلارنىڭ پەزىلىتىنى ياخشى ئۆگىنىڭ. 16. مىللىي خاسلىقىڭىزغا باب ياسىنىپ- تارىنىڭكى، ھەرگىزمۇ چەكتىن ئاشۇرۋەتمەڭ. 17. گەپ- سۆزدە سىيلىق- سىپايە بولۇڭ، باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ يات جىنىسلقلارنىڭ ئالدىدا ،بىراۋنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ سۆزلەشتىن، ئەدەبسىز تىل ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. گەپ- سۆزىڭىز يېقىشلىق، نازاكەتلىك، تېتىملىق بولسۇن. ياسالمىلىقتىن، يېشىڭىزغا ماس بولمىغان گەپ- سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى «ياخشى گەپ تاشنى يارار، يامان گەپ باشنى». 18. قىلىقلىرىڭىزدىن قىزلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس نازاكەت جىلۋە قىلىپ تۇرسۇن. چوڭلار، مويسىپىتلار سىزدىن، قىلىقلىرىڭىزدىن سۆيۈنسۇنكى ھەرگىزمۇ ئارقىڭىزدىن «بۇ بەتقىلىق قىز كىمنىڭ پۇشتىدۇ؟» دەپ قالمىسۇن. 19. مۇھەببەتتە سەمىمىي، سادىق بولۇڭ، مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ. لېكىن مۇھەببەت كۆلۈڭ تۆرىڭىزنىڭ پىنھان تىلسىماتىدا مەخپىي ساقلانسۇن، قىلىق ۋە گەپ- سۆزلىرىڭىزنىڭ تېپىشماقلىق رېتىملىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپسۇن. 20. ئاممىۋىي ئەخلاققا رېئايە قىلىڭ. يۈرۈش- تۇرىشىڭىز سىپايە، نازاكەتلىك بولسۇن. ھەرگىز شاتىراقلىق قىلماڭ. ئېسىڭىزدە بولۇنكى،«قىز بالا دېگەن پاختىنىڭ ئىچىدىكى ئوت»، ئۇنىڭ يامان نامى ئەل ئارىسىغا چىقىپ قالسا، بۇ ئات- ئانا ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن تەڭ. جۇشقۇن، ئاكتىپ، پائالىيەتچان بولۇڭ. لېكىن بۇلار سىزنىڭ پەزىلىتىڭىز بىلەن نازاكىتىڭىزدىن ئىبارەت ئىككى ئەڭگۈشتىرىڭزدە بىلىنەر- بىلىنمەس جۇلالىنىپ تۇرسۇن. بىز ئىشىنىمىزكى سىز چوقۇم شۇنداق قالالايسىز. چۈنكى، سىزنىڭ ۋىجدانىڭىزدا چەكسىز سېھرىي كۈچ كۆمۈلۈپ يېتىپتۇ، قىزلىق ئەدەپ- ئەخلاق گۈللىرىڭىز بۈك- باراقسان غۇنچىلاۋېتىپتۇ. تىرىشىڭ، تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، تىرىشسىڭىزلا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايسىز. تىرشچانلىق كۆرسەتسىزڭىزلا نازاكەت ۋە لاتاپەت بابىدىكى چولپان بولۇپ قالىسىز. چۈنكى سىز دېگەن بۇ دۇنيانىڭ يىگانە جۇلاسى!
ئەسكەرتمە: ئۆز يازمام. |