ئاقسۇ
(نەسىر)
مۇقەددىمە ‐ قانداق گەپ بۇ؟ خوتەن- قەشقەر، ئاتۇش- كورلا،تۇرپان- قۇمۇل، غۇلجا- قارامايلىقلارنىڭ ئاغزىدىن يۇرت قەسىدىسى تۈكۈلۈپلاتۇرىدىگەن، قايسى گېزىت- ژورنالنى ۋاراقلىماڭ يۇرتلىرىنىڭ جەزبدار ھۆسنى، جەلىبكارقامىتى، ئۆزگىچە ناز- خۇلقىنى، بىھىشى- جەننەتتەك كەلگۈسىنى ھەم ئەشۇ كارامەتخوجىسى قېرىنداشلىرىنى مەدىيلەيدىغان ناخشا- قوشاق، ھېكايە- نەسىرلەر بىلەن توشۇپكېتىدىكەن، تېلېۋىزورنىڭ قايسى قانىلىنى ئاچماڭ ناخشىچىلارنىڭ تىللىرىدىن«ئەزىزانە قەشقەر»، « قاش تاش كانى خوتەن»، «ئەنجۇر ماكانى ئاتۇش»، «نەشپۈت ماكانىكورلا»، «ئالما ماكانى ئىلى»، «ئۈزۈم يۇرتى تۇرپان»، «قوغۇن ماكانى قۇمۇل»، «نېفىت شەھىرى-قاراماي»... دېگەندەك ناخشىلارنى ئاڭلايدىكەنمىز. بىزنىڭ ئاقسۇنىڭچۇ؟... ‐ باشقىلار يۇرتلىرىنىڭ باغۇ-بوستان، بايلىق مەدەنلىرىنى، بۈيۈك تارىخنى، يۇرتداشلىرىنىڭ گۈزەل خۇلۇق- مىجەزىنىداڭلىسا، بىز بولساق «كالتە قۇيرۇق»، « بېلىق ئۆپكىسى»، «يوتقان ئوغرسى»، «ئىشەكقېتىقى»، « ھارام توشقان»، «تەلۋە»، « ئېزىتقۇ»، « كالۋا بۇلاق»، «كاۋىچى» دىيىشىپبىر- بىرىمىزنى مەسخىرلەيدىكەنمىز. بىر- بىرىمىزنىڭ، يۇرتىمىزنىڭ ئۇلىنى كولاپلايۈرۈيدىكەنمىز، تىلىمىزغا بۇس- بۇس گەپلەردىن باشقىسى كەلمەيدىكەن. - كۆزىمىزنى مۈشۈكتەك يۇمىۋالماي،زەن سېلىپ قارايلى، يۇرتىمىز باشقا يۇرتلارغا ئوخشاشلا باغۇ- بوستانلىق. بايلىق-مەدەنگە لىق تولغان. يۇرتداشلىرىمىزمۇ باشقا يۇرتلۇقلارغا ئوخشاشلا ئىشچان، ئەقىللىق،باتۇر، سېخى، مېھماندوست ۋە ئىجادچان. يۇرتىمىز يۇرتلارنىڭ شاھ- سۇلتانى، يۇرتلارنىڭتاجى! ئۇ ئۆزىنىڭ جەزبىدار ھۆسنى- جامالى، جەلىبكار قامىتى، ئۆزگىچە ناز- خۇلقى، بىھىشى- جەننەتتەك ئەتىسى بىلەنباشقا يۇرتلاردىن قېلىشمايدۇ! ‐ ئۇنىڭ ئۇتى مىڭ قۇياشتەپتىدىنمۇ ھارارەتلىك، ئۇنىڭ ئىشقى مىڭ ئاشىق ئۇتىدىنمۇ يالقۇنلۇق! ‐ مېنىڭ قېنىم، تېنىم، تنىقىم، بۈگۈنىمۋە ئەتەم ئۇنىڭكى. ئۇنىڭسىز ئۆتكەن كۈنىم مەن ئۈچۈن ئۈلۈم. چۈنكى، مەن ئۇنىڭدىنئۆزەمنى ۋە ئۆزەمنىڭ ئىزگۈ خىياللىرىمنى، بۈگۈن، ئەتەمنى بىلگەنمەن. ‐ئانا دىيارىم ماڭا غەم-ئەندىشىسىز بالىلىقىمنى، پىراقلىق ياشلىقىمنى بەرگەن. ئۇنىڭ لاتاپىتىدىن پىراقنى، نازاكىتىدىنئۇزلىقنى، ئىشقىدىن ئادىمىيلىكنى ئۆگەندىم. ئۇ مېنى ھەم كۆيدۈرۈپ، ھەم سۆيدۈرۈپ،ھەم كۆيۈپ، ھەم سۆيۈپ چوڭ قىلدى... غەلىيان كۆتىرىۋاتقان چۈچىمەلخىيالىمنىڭ تىزگىنىنى تارتىشقا ماجالىم قالمىدى. ئۇ چاپچىغىنىچە بۇ مۆجزادلىقزىمىنغا ئۆزىنى تاشلىدى... كۇچا سەنئەت ئۇستازى نىساخان ئانىغائوڭ قولىدا دۇتتار، سول قولدا داپنى سازلاپ «مىراجىخان» نى بۇلبۇلنىڭ ئۈنىدەك ھەقداسىغايەتكۈزۈپ ئېيتىشنى ئۆگەتكەن ئۇستازى، ئۇنىڭ كىندىك قېنى تۈكۈلگەن مۇشۇ چىلانتۇپراق.ئۇ مۇشۇ چىلان تۇپراقتا بىر ئەسىرگە يېقىن ئوڭ قولىدا دۇتتارنى، سول قولىداداپنى چېلىپ «شەلىرىڭ ئامان»، «ۋاي دادەي»، « بالىخان دادەي»... لەرنى ئېيتىپكەلدى.ئۇنىڭ قېنى، جېنى، كۈيى، مۇڭلۇق ئاۋازىنى مۇشۇ تۇپراق، شانلىق تارىخنىئاپىردە قىلغان مۇشۇ تۇپراق بەرگەن. ئەينى دەۋر مەدەنيەت جەۋھەرلىرىكامالىتىنىڭ سەمەرىلىرىنى جەزبىدار قوينىدا تاۋلاپ چىققان بۇ گۈلگۈن ماكان،ئەجدادلىرىنىڭ بۈيۈك ئىزىنى ئەشۇ قەدىمىي خارابىلەر ئارىسىدىنمۇ نۇقسانسىز ساقلاپ،ئۆزىنىڭ ھېلىھەممۇ ئۇلۇغلىقىنى نەۋىرلىرىگە « كالتە قۇيرۇق» نەۋىرلىرىگە كۆرسىتىپتۇرۇپتۇ. غەيرەت- شىجائەت، ئەقىل- ئىدراك قۇياشتەك پارلاپ تۇرغان قەدىمىي شەھەرقورغانلىرى، نەفىس چاق- چۇق بويۇملار، مىڭ تىللاغا بەرگۈسىز پۈتۈكلەر، ئەقىلنى لالقىلىدىغان تام رەسىملەر، كېمىرلەر، ئۆي- ئىمارەتلەرنى كۆرگۈچىلەرنىڭ قايسى بىرى،بۇ ئەزىز ماكاننىڭ ئۇلۇغ تارىخغا باش مالتىقىنى چىقىرىپ ئاپىرىن ئوقۇمايتۇرالايدۇ؟ مەشرىقتىن- مەغرىپقىچە سۇزۇلغان تۈگە كارۋانلىرنىڭ كولدۇرما ئۇنىنى، بۇزىمىننىڭ خاسىيىتىدىن كەلگەنلىكىگە كىممۇ گۇمانلىنىدۇ؟ تارىخ ئابىدىلىرىنىڭ سەمەرلىرىنىياراتقان بۇ جەلىبكار زىمىندا جاھانغا مەشھۇر «كۆسەن خانلىقى» قۇرۇلغان. خاننىڭ بېشىدىكىسەنئەتنىڭ كارامىتىنى تەتتەنە قىلىدىغان تاجنى، كىشى ئەقلىنى لال قىلىدىغان خانتەختىنى بۇ كارامەتلىك زىمىننىڭ « كالتە قۇيرۇق» لىرىنىڭ بوۋىلىرى ھېچئىككىلەنمەيلا ياساپ چىققان. بۇ چىلان تۇپراق يەنە ئۆزىنىڭ سىمفونىك كۇۈلىرىنىچاڭئەندىن- بابۇلونغىچە تارقىتىپ، ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلغان...بوۋامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ناخشا پىرى پىرجەنگىنىڭ كىندىك قېنى مۇشۇ زىمىنغاتۆۈلگەنمىش. ئۇنىڭ مۇنكىر- نېكىرلەرنى ئۇخلىتىپ، دوۋزاق ئازابىنىتارتىۋاتقانلارنىڭ ئازابىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان سېھىرلىك ناخشىلىرىنى مۇشۇ زىمىنبەرگەنمىش. قاراڭ! كۆز قارچۇغىڭىزدەككۆرپىلەرگە ئەپچىللىك بىلەن ئىش قوشۇپ، كۆز قاماشتۇرىدىغان سەرخىل قۇلاقچىلارنىھۇپپىدە ئېچىلغان گۈلدەك تىزىۋەتكەن ئۇستىكارلارغا! چىمەنزارلارنى ئالدىدىكىتىزىقلىق تۇرغان چىلاپچا- چۆگۈن، بۈشۈك- ساندۇق، ئېۋرىق- پەتنۇسلارغا ئۆز پېتىچە كۈچۈرۈپكەلگەن چىۋەر قوللارغا! يەنە زەنىڭىزنى قويۇپ قاراڭ! بازار- رەستىلەردىكى تۆكمە-تۆكمە ماللارغا! ئەنە ئاۋۇ رەستە بويلاپ سېلىنغان سەلتەنەتلىك ئىمارەتلەر، زاۋۇت-كارخانىلار، يېزا- قىشلاقلاردىكى تاغ- تاغ چەشلەر، ئەلۋەك- ئەلۋەك مىۋە- چىۋىلەر، چۆللەردەقەد كۆتەرگەن ۋىشكىلار، خاڭلاردىن سەل كەبى يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتقان كۈمۈرلەر... بۇلارمۇشۇ زىمىننىڭ خاسىيىتى، مۇشۇ زىمىندىكى «كالتە قۇيرۇق» لارنىڭ چېكىسىدىن پۇرقىراپتۈكۈلگەن ھالال تەرنىڭ كارامىتى ئەمەسمۇ؟! كومراجىۋا بوۋامدىن نىساخانئانىغىچە سەنئەت پىرلىرى سورۇن تۈزۈپتۇ. ئۇلارنىڭ تىللىرىدىن تۈكۈلىۋانقان ئانايۇرت كۈيلىرى، ناخشا پىرى پىرجەنگىنى ئويغىتىۋەتكەن چېغى، ئۇمۇ ناخشا ئېيتىپكېلىۋاتىدۇ. ئوھۇي، بىستۇن تېغىدىن ھېلىلا كېلىپ، سورۇنغا ئىشتراك قىلغان خوتەنشاھزادىسى پەرھاد، ئاشىقى شىرىن بىلەن لەرزان كۇچا سەنىمىگە چۈشتى. شۇ تاپتاپەرھادنىڭ خىيال- ئىستەكلىرىدە يۇرت سېغىنىشىدىن ئەسەرمۇ يوققۇ؟ ... مانا، پۈتكۈلئەل جاراڭلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، ئۇسسۇل- سامالىرىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، بۇخاسىيەتلىك تۇپراققا تەنتەنە قىلماقتا. ئەمدى ئايىغى چىققان بوۋاقلار، بەللىرىيادەك ئىگىلگەن بوۋاي- مومايلار گاھ قويۇندەك پىرقىراپ، گاھ بېلىقتەك لەرزان ئۈزۈپسورۇننى چاڭ كەلتۈرۋەتتى... ‐ سەنئەت بۆشىكى، مۆجىزەپىشىۋاسى ئەزىز دىيار، سېنىڭ بىباھا قوينۇڭ مەڭگۈ بۇلبۇل شەيداسى قىزىل گۈل!... باي بۇ ئىسمى- جىسمىغا لايىق بايزىمىن! بۇ زىمىننىڭ تاشلىرى ئۈنچە-مارجان، ئۇنىڭ بەھەيۋەت تاغلىرى ئاستىدا لەكمىڭ- لەكمىڭ بايلىق- مەدەنلەركۈمۈكلۈك. بۇ زىمىننىڭ «قارا ئالتۇن» ىدىن ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن خەلقى سۆڭەكنىچاياندەك چاقىدىغان قارا قىشنى باھاردەك ئۆتكۈزىشىدۇ. چەكسىز يايلاقلىرىدىكى مىغ-مىغ سەمىرگەن كەپسىز پاقلانلىرىنىڭ تەملىك گۆشى، زەمزەمدەك سۈزۈك زىغىر، قىچامايلىرى جانغا- جان قوشىدۇ. بۇ زىمىننىڭ مېھمانلىرىغا سالغان دوستىرخىنىدا يەتمىشئىككى خىل تائاملىرىنىڭ ھەددى- ھېسابى بولمىغاچقا، قىش- ياز، كېچە- كۈندۈزمېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ زىمىندىن باشلانغان تەبئىي گاز توربىلىرى پۈتۈنشىنجاڭغا، پۈتۈن مەمىلكەتكە تۇتشقان. بۇ زىمىن ئالىم- ئەدبلەر بۈشىكى. سايرامى بوۋامدىن نىمشىھېتبوۋامغىچە مىڭلىغان ئالىم- ئۆلىما بۇ ئالەمنىڭ جەنئىتىدە، مۇزاد دەرياسىنىڭ زىلالسۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان. بۇ زىمىننىڭ ئىشقى ئەشۇ بۈزۈرۈكۋارلارنىڭ قان- قېنىاسىڭىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ مۇبارەك قەلىمىدىن تامغان بىباھا قەتىرلەر ، مۇشۇ زىمىننىڭئۇلارغا بەرگەن سوۋغىسى... ‐ سايراملىق بىر مەزلۇم ئىشەكقېتىقى ساتىدىكەن.- دېگەن ئۆسەكنى تارقىتىپ، بۇ بايلىق كانى باي زىمىننىڭئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان يۈزىگە بىر ئوچۇم نىجاسەتنى سۈركىگەن قايسى ناكەسكىن؟!ئۇنىڭغا شۇنداق دېگۈم بار: ‐ ئەي ئەقلى گەجگىسىگە، كۆزىدۈمبىسىگە ئۈتۈپ قالغان قارا يۈز، ئەشۇ سايراملىق مەزلۇم، سەن بىر بوردا نانغا، بىريۇتۇم سۇغا زار بولغىنىڭدا، دوستىرخىنىنى كەڭ يېيىپ، ئاناڭنىڭ سۈتىدەك پاك، ھالال،تۇخۇم سېرىقىدەك ئۇيىغان قېتىقىنى بەرمىدىمۇ؟! ‐ ئەي سايرام، ئەي سايرام، سېنىڭسېخى، بەركەتلىك قوينۇڭ، ئانامنىڭ سۈتىدەك پاك ۋە ھالال قېتىقىڭ قانچىلىغان مەرد-مەردانىلەرنى، ئالىم –ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرگەندۇ- ھە! سايرام- سايرامى، نىمشىھېتبوۋامنىڭ ئاشىقى! سايرامى بىلەن نىمشىھېتبۈزۈرۈكۋارلارنىڭ قەبرىسىنى باغرىغا بېسىپ ياتقان بەيتۇل- مۇكەررەم! باي- تارىخ سەمەرىلىرىنىڭ سەرخللىرىنىقۇچاقلاپ ياتقان سېھىرلىك زىمىن. مۇزاد دەرياسى بويىدىكى « قىزىل مىڭ ئۆي»جەۋھەرىياتلىرىنى « ئىشەك قېتىقى» ساتقان مۇشۇ زىمىننىڭ خوجىلىرى ياراتقان. سەنئەتپىرلىرىنىڭ ئەقلىنى لاال قىلىدىغان تام رەسىملەر، ئەل- ئېھرام تىلسىماتلىرىنىرەشىك ئوتىدا كۆيدۈردىغان مىڭ ئۆيلەر، رىم رىۋايەتلىرىنى تاڭ قالدۇردىغان بىباھايادىكارلىقلار... بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ زىمىننىڭ خوجىلىرى ئاپىردە قىلغان! قاراڭ، قۇدۇقلاردىن قارا ئالتۇنئېلىۋاتقان ئەزىمەتلەرگە، جاراڭلىق كۈيلىرى تاغ جىرالىرىنى تىتىرىتىپ، چېھرىدەشادلىق تەپچىۋاتقان چوپانلارغا. ئاشلىقتىن تاغ ياساۋاتقان دېھقانلارغا. ئالدىدىكىتۆكمە- تۆكمە ماللىرىنى ئالدىراش سېتىۋاتقان ئوقەتچىلەرگە، ئارشاڭ سۇلىرىدىن شىپاتېپىپ بۇ خاسىيەتلىك يۇرتقا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ھەمدۇسانا ئوقۇۋاتقان سەيلىچىلەرگە...ئەشۇلارنىڭ مىڭ قۇياش تەپتى بار چېھرىدىن مەن پارلاق ئەتەمنى كۆرىۋاتىمەن.سىزچۇ؟!... بۈزۈرۈكۋارلار بۆشىكى، بايلىق-مەدەن كانى ئالتۇن دىيار، سەن ماڭا ئەبەدىي پاراغەت، ئەقىل- پاراسەت ئاتا قىلىسەن! توقسۇ بۇ توقچۇلۇق، مەمۇرچىلىق يۇرت.ئۇنىڭ چىمەنزار باغرى، راۋان يوللىرى، غۇر- غۇر شاماللىق ھاۋاسى جاننىڭ راھىتى.لىۋەن قىز- جۇۋانلىرى يۈرەكنى لەختە قىلىپ، جىسمىڭنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلۋېتىدۇ.ئاغزىدىن ھەسەلدەك تاتلىق گەپلىرى تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان بەقۇۋۋەت يىگىتلىرى يۈرۈكىڭگەرەشىك ئۇتى ياقىدۇ. سەن بۇ يۇرتتا ئۆزەڭنى «مىڭ بىركېچە ھېكايىلىرى» دىكى باغۇ- ئىرەملەردە تۇرغاندىنمۇ ئۆتە بەخىت ئىچىدە سىزىسەن.بۇ يۇرتتا ئاڭلايدىغىنىڭ بەخىت، شادلىق ناخشىسى. كۆرىدىغىنىڭ جەننەتتىمۇ سۈرۈشنىسىپ بولمايدىغان بەخىت لەززىتى! ئازادە ھەم سۈپەتلىك راۋانيوللار، بەھەيۋەت ئۆي- ئىمارەتلەر، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن بازار- رەستىلەر،ئىشتھايىڭنى غىدىقلاپ تۇرىدىغان مەززىلىك تائاملار، ئارامبەخش باغ- ھويلىلار، كەڭ-كۇشادە شاھانە مېھمانساريلار، مىليونېر خانىملاردەك كېيىگەن پەرى سۈپەت قىز- جۇۋانلار،سالاپەتلىك يىگىتلەر... بۇ ئەشۇ « يوتقان ئوغرلىرى» نىڭ ئانا دىيارى ئۇلارغابەخشەندى قىلغان ئىلتىپات! «يوتقان ئوغرلىرى» نىڭ ئانا دىيارغا تۆككەن ھالال تەرىبەدىلىگە كەلگەن ھۇزۇر- ھالاۋەت! بۇ، يۇرت ئارا سودا قىلىدىغانتۈگۈن. ئۇنىڭ تۇمۇرلىرى ھەممە يۇرتقا تۇتىشىدۇ. بۇ يۇرت بازىرىدىنئۆزىمىزنىڭكىدىن- ئۆزگىلەرنىڭگىچە نېمىگە، قايسى تاۋارغا ھاجىتىڭىز چۈشسەتەمتىرىمەيلا تاپالايسىز. قېنى تاللىۋېلىڭ، ئېتىياجىڭىز قانغۇچە تاللىۋېلىڭ، باشقايۇرت بازارلىرىدىن بۇنداق ئىسىل، بۇنداق سۈپەتلىك تاۋارلارنى ھەرگىزمۇ تاپالمايسىز.تاللىۋېلىڭ، بازار چاققاننىڭ! توقسۇ، سېنىڭ قايناق باغرىڭدىنپارلاق ئەتەمنى شۇنداق روشەن، شۇنداق ئېنىق كۆرىۋاتىمەن! شايار ئالدىمغا كەلتۈرۈلگەن قىرقىمىغانئوغلاقنىڭ تۇخۇمنىڭ سېرىقىدەك زىرىقىپ پىشقان تونۇر كاۋىپى ئىشتىيىمنى غىدىقلاپ،ساھىپخانىڭ تەكلىپىسىزلا كاۋاپقا سانچىپ قويۇلغان سىپتا، نەفىس شايار قەلەمتۇرچىنىقۇلۇمغا ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ساھىپخاننىڭ ماڭا قاراپ مەسلىكى كېلىپ كەتتى.ئۇنىڭ نۇرانە چېھرىدىن شاھانە بەخىت نۇرلىرى توكىلىپ ، سەلپەل ئولتۇرۇشقان ئەمماقاپقارا تۇيغۇن كۆزلىرىدىن ھالال مېھنەتنىڭ ئاتەش نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. مەنئالدىمدىكى كاۋاپتىن بىر چىشلەم كېسىۋېلىپ ئاغزىمغا سالدىم. ۋاھ، شۇنداق مەززلىك،شۇنداق تەملىك! ‐ قۇلۇڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن،بەرىكەتلىك دوستىرخېنىڭلارغا ئاللاھ تائاللاھ مەڭگۈ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! دوستىرخان بۇلبۇللار ناۋا قىلىشۋاتقان،ئارامبەخىش، ساپ ھاۋالىق باغقا كەڭرى سېلىندى. تاۋاق- تاۋاقلاپ تونۇر كاۋىپى، خۇشھىدى دىماقنى يېرىۋېتىدىغان بېلىق قورۇمىلىر تەخسە- تەخسىلەپ تىزىلدى. سەرخىلمىۋە- چىۋە، ئاجايىپ ھۈنەر بىلەن قورۇلغان قورۇمىلار، تائاملار... دوستىرخاننىچۆرىدەپ ئولتۇرغانلار راسا مەززە قىلىشتى. ساھىپخان مېھمانلارغا قول باغلاپ تەكلىپقىلىپ تۇرىدۇ. ‐ ئېلىشسىلا مېھمانلار،تارتىنماي ئېلىشسىلا! قىرقىمىغان ئوغلاق گۆشى 72 خىل كېسەلنىڭ شىپاسى. بىزنىڭ ئانادەريا تارىمنىڭ بېلىقىنى قانغۇچە يىيىشۋالسىلا ئاغرىق- سىلاقتىن مەڭگۈ ساقىت بولۇپ،ئۆمۈرلىرى ئۇزىرايدۇ. ‐ شۇنداق، ئۇ توغرا ئېيتىدۇ! بۇبەرىكەتلىك يۇرتنىڭ تونۇر كاۋىپى، بېلىق قورۇلمىلىرى ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، تەندىكىئاغرىق- سىلاقنى مەڭگۈ ساقىت قىلىدۇ! ‐ مانا بۇ، بۇ يۇرتنىڭ، بۇيۇرتتىكى « بېلىق ئۆپكىسى» لىرىنىڭ گۈلگۈن تۇرمۇشى! ‐ شايار بەرىكەتلىك دوستىرخىنىڭ،72 خىل كېسەلنىڭ شىپاسى ئوغلاق گۆشى تونۇر كاۋىپىڭ، ئېغىزدىن مەڭگۈ كەتمەيدىغانمېھىزلىك بېلىق قورۇمىلىرىڭ سېنىڭ شانۇ- شۆھرىتىڭنى مەڭگۈ ئاشۇرۇپ تۇرغۇسى!... ئاۋات ئارقا- ئارقىدىن ئىچكەن ئىككىپىيالە مۇسەللەس، يۇرۇكۇمنى يايرىتىپ، دولان مۇقامىنىڭ جەڭگىۋار كۈيىگەقېتىۋەتتى... گاھ چاتقاللار ئارا ئارغىمىقىنىبولۇشىغا چاپتۇرۇپ، بۇركۈتۈمنى قۇشلاۋاتقاندەك؛ گاھ مېنى ئوتقا چۈشكەن قىلدەكتولغۇتۇپ، مۇھەببەتلىك تۇيغۇن كۆزلىرىنى ھەيياھلارچە ئوينۇتۇپ، يېلىنىش-يالۋۇرۇشلۇرۇمغا قارىماي پۇتا بىلەن ساۋاۋاتقان نىگارىم، مەشىرەپچىلەرنىڭ قىقاس-چۇقانلىرىغا ھەمدەم بولۇپ كۆمۈش قوڭغىراقتەك قاقاقلاپ كۈلۈۋۈتقاندەك؛ گاھيۇرۇكۇمنى ئوغۇرلاپ، ئىشىك- دېرىزىلىرىنى ھىم ئىتىپ خىرامان ئۇخلاۋاتقانجانانىمنىڭ ئۆيى ئەتىراپىدا ئىشقىمنى ناخشا قىلىپ توۋلاۋاتقاندەك؛ گاھىدا ئاپئاقپاختازارلىقتا ئاشىقىمنىڭ مۇھەببەتلىك ناخشىسىدىن مەستخۇش بولۇپ لەيلەپيۈرگەندەك...... مانا بۇ مۇشۇنداق كەيىپ- ھۇزۇرى،ئىشقى ئۇتى ئۆزگىچە يۇرت! مانا بۇ تىلسىزلارنى زۇۋانغا كىرگۈزۈپ ناخشىچى، مۇقامچىقىلىپ چىقدىغان، ئىشىقسىزلارنى مەجنۇنغا ئايلاندۇرۇدىغان يۇرت! ئۇنىڭ پاختازارلىرى،توغراق-چاتقاللىرىدىن ئۆزگىچە كۈي، ئۆزگىچە ناخشا جاراڭلاپ تۇرىدۇ. مەشىرەپ، توي-تۆكۇننىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۆي- ئۆيدە ساڭا ئىككى قوللاپ تۇتۇلغان مۇسەللەسقەدەھلىرى، يىيىشلىك تۇخۇملىرى، بېيت- چاخچاقلىرى ئۈزۈلمەيدۇ. سەن مەكىت دولانلىقلىرىدىنئاڭلىيالمىغان مۇقاملارنى ئاۋات دولانلىقلىرىدىن ئاڭلايسەن، سەن ئىلىچاخچاقچىلىرىدىن ئاڭلىيالمايدىغان چاخچاقلارنى، ئاۋاتلىقلاردىن ئاڭلايسەن، سەن چۈشۈڭدىمۇكۆرەلمەيدىغان ئۇسسۇل- سامالارنى، ئويۇن- تاماشىلارنى مۇشۇ يۇرتنىڭ خوجىلىرى«ھارام توشقان» لاردىن كۆرەلەيسەن. سەن ھېچ يەردە سۈرەلمەيدىغان ھۇزۇر- كەيىپنىمۇشۇ «ھارام توشقان» لارنىڭ ئانا دىيارىدىلا سۈرەلەيسەن! بىز «ھارام توشقان» دەپ ھەزلىقىلىدىغان بۇ يۇرتنىڭ خوجىلىرى ھەممىگە قابىل. ئۇلار ئىشلەشنى، ئويناشنى، مۇشۇئالتە كۈنلۈك ئالەمدە بەخىتتىن قانداق لەززەتلىنىشنى بىلىدۇ. بۇ ئۇلۇغ زىمىنئۇلارغا ھەممىنى ئۆگەتكەن. بۇ يۇرت ئۈزۈم ماكانى تۇرپانغا ئوخىشاشلائۈزۈم ماكانى. ئەل ناخشا- مەشىرەپ، مۇقام بۈشىكى مەكىتكە ئوخشاش ئەل ناخشا-مەشىرەپ، مۇقام بۈشىكى. قوغۇن يۇرتى قۇمۇلغا ئوخشاش قوغۇن ماكانى. ئۇ تېخىپاختىدىن كۈمۈش تاغ، ئاشلىقتىن ئالتۇن تاغ ياسىيالايدىغان خىسلەتكە ئىگە. بۇيۇرتنىڭ مۇسەللىسىنى بىر ئىچىپ قالغان كىشى يۇرتىدىن تانىدۇ. ئويۇن- تاماشاسىغاقېتىلىپ قالغانلار ھەقىقىي بەخىتنىڭ لەززىتى، ھۇزۇرىنى سۈرىدۇ. ئاۋات سېنىڭ جىسمىڭ شىرىن ناۋات!بىز «ھارام توشقان» دەپ مەسخىرلەيدىغان پۇشتلىرىڭ كەڭ قوينىڭنى گۈل- چىمەنزار،باغۇ- بوستان قىلىپ ماڭا ھەقىقىي بەخىت ئىشىكىنى كەڭ ئېچىپ بەردى. مەن سېنىڭدىنبەخىتكە، ھەقىقىي بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ يولىنى ئۆگىنىۋالدىم!... كەلپىن بۇ، ئۈرۈكزار باغلىرىدىنبۇلبۇلنىڭ شادلىق ناۋاسى تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان يۇرت! بۇ يۇرتنىڭ سېرىق مايغا بەرگۈسىزچامغۇرلىرى ساقايماس سىل كېسلىگە شىپا. شىشىدەك سۇزۇك قاقلىرى شاكىلاتقا تېگىشكۈسىز.دورا- خۇرچلىرى تېتىپ مەلەق- مەلەق پىشقان مەززىلىك قوي گۆشىنى چاپىتى نانغا يۆگەپيىسىڭىز ئۇنىڭ تەمى تىلىڭىزدا مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ يۇرتنىڭ قىز- چۇۋانلىرىپەرىنىڭ ئۈزى. قۇندۇزدەك قارا، پارقىراق بوستان چاچ، ئوغارقتەك ئەگمە قاش، بۇلاقتەكتىنق، تۇيغۇن قارا كۆز، پىچاق بىسىدەك قاڭشار، زىرىقتەك نازۇك يۈز، جىنەستىدەكلەۋ، ئۈنچىدەك چىش، كىشىنى ئىشىق قاينىمىغا تارتىدىغان قوش زىناق، ئېلىپتەك قامەت،چۈچىمەل- گەپ- سۆز... مانا بۇلار مۇشۇ مۇقەددەم يۇرتنىڭ، ئەشۇ پەرىلەرگە قىلغانئىلتىپاتى! بۇ يۇرتنىڭ خوجىلىرى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ پاراسەت، تالانتى بىلەن باشقا يۇرتلاردىمۇتۆردە ئولتۇرىدۇ. بۇ ئۈرۈكزار دىياردا شاتلىق،بەخىت تەنتەنىسىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. ھەتتا قۇشلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ بۇ دىيارنىڭمەدىيە ناخشىسىنى ئاڭلايسىز. زاۋۇت- كان، ئىدارە- ئورگان، يېزا- قشلاق، مەكتەپ،شەھەر... جۇشقۇن، جاراڭلىق بەخىت ناخشىسى ئىچىدە كۈننى ئۆتكۈزىدۇ. مانا بۇ «ئېزىتقۇ»لارنىڭ دىيارى! مانا بۇ ھەقىقىي بەخىتنى تاپالماي «شەيتان» نىڭ نىجاسەتلىرى بىلەنياسالغان، يالغان بەخىتكە ئالدىنىپ كېتىۋاتقانلارنى ھەقىقىي بەخىت قوينىغا باشلاپكېلىدىغان «ئېزىتقۇ» لارنىڭ ئانا ماكانى!... كەلپىن سەن مېنىڭ غۇرۇرۇم! ئۈچتۇرپان بۇ پەلۋانلار يۇرتى. بۇقەھىرمان- باھادىرلار يۇرتى. بۇ پانى ئالەمدىكى جەننەت! بەد سۈرۈن ياۋ قوشۇنى يۇپۇرلۇپكەلمەكتە. ئۇلار دەسسىگەن چىلان تۇپراق نالە قىلماقتا، ئېڭىرماقتا. قانلار دەريابولۇپ ئاقماقتا. تەنسىز باشلار ساي تېشىدەك يېتىپ كەتكەن. قانغا مىلەنگەن باشسىز بىرجەسەتنىڭ يېنىدا بىر مەسۈمە قىزچاق قىقىراپ يىغلىماقتا. ئادەم سىياقلىق ئىككى يالماۋۇز قان تېمىپ تۇرغاننەيزىسىنى ئۇنىڭ يۈرۈكىگە سانجىدى. ھېلىقى قىزچاقنىڭ يۈرىكىدىن قىپ- قىزىل قانئېيتىلىپ چىقىپ ئەتىراپنى بويىدى. بۇ دەھشەتنى كۆرۈپ تۇرغان يەتتە پەلىۋانقىزلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يېشى غەزەپ- نەپرەتكە، ۋولقان كەبى قىساس ئوتىغائايلاندى. ئۇلار يارلانغان پۇتلىرىنى سۆرەپ، ئۆزلىرىگە يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانيالماۋۇزلارنىڭ كۆرىكىگە خەنجەر ئۇردى. ياۋ قوشۇنلىرىنىڭ تەنسىز باشلىرى ئەنە ئاۋۇمۆلچەر تاغدىنمۇ ئىگىز دۆۋلەندى. ‐ ئەل- ئاۋام ئەركىنلىكى، بەختىئۈچۈن قېنى قىزلاار ياۋغا قارىشى ھۇررا!! تاغ- دالىلارنى تىتىرىتىدىغان بۇجاراڭلىق ئاۋاز بىلەن يەتتە پەلىۋان قىزلار قىيا تاشتەك مەزمۇت تۇرۇپيالماۋۇزلارغا ئاتلاندى. ئۇر- چاپ، سۈر- توقاي، قۇچاقلاشما جەڭ... يالماۋۇزلارنىڭئىت باشلىرى توڭ تىزەكتەك پوكىلداپ چۈشمەكتە... ئەمما نىجسەتتىكى قۇرۇتتەك قىملاپكېلىۋاتقان ياۋنىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمى قىزلارنى ھالسىزلاندۇردى. ئۇلار تەڭداشسىزجاسارەت، ئاجايىپ كۈچ- قۇدرەت، باتۇرلۇق بىلەن يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ياۋلارنىڭبېشىنى شارتىلدىتىپ كەسمەكتە. قۇياشنىڭ يالماۋۇزلارنىڭ شاقىراپ ئېقىۋاتقان بەدبۇيقېنىنى كۆرۈشكە كۆڭلى ئېلەشتى. ئۇ يۇزىنى قارا جۈمبەلدە ئورىۋالدى. پەلىۋانقىزلارنىڭ يالماۋۇزلارغا ئۇرغان قىلىچلىرىدىن يالت- يۇلت ئوت چاقنايتى. تەنسىزباشلار يەنە تاغدەك دۆۋلەنگىلى تۇردى... ئەپسۇس يەتتە پەلىۋان قىزلار، لەكمىڭ-لەكمىڭ يالماۋۇزلارغا باش ئەگمىگەن پەلىۋان قىزلار ياۋنىڭ ئاسمان- زىمىننىيالمايدىغان زەمبىرەك ئوقىدا يىقىلدى. مۆلچەر تاغ ئىس- تۈتەك ئارىسىدا قالدى.ئۇنىڭ ئالماستەك پاقىراپ تۇرىدىغان چېھرىدە قاپقارا ئىس ئورناپ قالدى. بۇ ھالدىنزىمىن قاتتىق ھازا ئاچتى، مۆلچەر تاغ باغرىدىن توققۇز بۇلاق ئېيتىلىپ چىقىپپەلىۋان قىزلارغا ياش تۆكتى... كۆرىۋېلىڭ، بۇ ئۇلۇغ زىمىننىڭئەتلەستەك ئېتىزلىرىنى، زىلال سۇلىرىنى، بۈك- باراقسان ئورمانلىرىنى، بەخىت بۈشىكىدەبۆلىنىپ، دۇتتار، تەمبۇرلىرىدىن شادلىق ناۋاسى تۆكىلىپ تۇرغان قىز- يىگىتلىرىنى،سەيلىگاھلاردا بەخىت ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتقان سەيلىچىلەرنى، سودا- سېتىق قاينىغانئاۋات رەستىلەرنى قانغۇچە كۆرىۋېلىڭ. بۇ بىز «تەلۋە» دەپ مەسخىرە قىلىدىغان «تەلۋە»لەرنىڭ يۇرتى! بۇ يەتتە پەلىۋان قىزلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋرە- چەۋرىلىرىنىڭ ئانادىيارى! ‐ئۈچتۇرپان سەن شىجائەت، غەيرەت-جاسارەت بۈشىكى! سەن ماڭا باتۇرلۇقنى، غەيرەت- شىجائەتنى، جاسارەتنى ئۇدۇم قىلدىڭ! ئونسۇ ئالدىمدا تائاملار شاھى- سۇلتانپولو. ئاستمدا نوشقىنىڭ ياپيېشىل چەكسىز ئوتلىقى. ئوڭ يېنىمدا بۇژغۇنلىرىدىن قارلەيلىسى ئېچىلدۇرۇپ، جىرالاردىن ئويناقشىپ چۈشىۋاتقان زۇمرەت سۇ، سول تەرىپىمدەيەتتە ئىقلىم سەيلىچىلىرىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان قىرمىش ئاتام سەيلىگەھى،ئارقامدا كۆكنى تىرەپ تۇرغان تۇمۇر چوقا. ئېتىزلىرى ئەتلەس، كانلىرى ئالتۇنبىلەن ئالماس، باغلىرى بىھېش، تاغلىرى جەننەت، تۇپرىقى ئىپار، سۇلىرى زۇمرەت،تاشلىرى مەدەن، ھاۋاسى ساپ- بەلەن بۇ دىيار مېنىڭ كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن ئانادىيارىم. ئۇنىڭ ھەر بىر تاشلىرىدا ئەجدادىم تارىخىنىڭ شانلىق ئىزى بار. مەنئۇنىڭدىن ھەممىنى ئۆگەندىم ھەم ئۆگىنىمەن. ئۇنىڭ لالىزار باغرى مېنىڭ سۈتئۇيقۇمدىكى تۈگىمەس شىرىن چۈشۈم. ئۇنڭدا پۈتكۈل جاھانغا تېگۈشكۈسىز بايلىق،ياپيېشىل ئوتلاقلىق، مېنىرال بۇلاق، باغۇ- بوستانلىق، ئاھۇ- كېيىك، بوغا- مارال،تىكە- جەرەن، ئۇلاي- قىرغاۋۇل، ئاشلىق- پاختا... كانلىرى بار. شىرىن- شىكەر مىۋە-چىۋىلىرىنىڭ ھەددى- ھېسابى يوق. ئۈچ قىتئەنى لەرزىگە سالغانئاقساق تۈمۈرلەڭ بۇ جەننەتكە كۆزى چۈشۈپ پايتەخت قىلغان، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭپىشىۋاسى ئەخمەتجان ئەپەندى جەنۇبىي شىنجاڭنى ئازاد قىلشتا ئىستىراتىگىيىلىك بۇدىيارنى بازا قىلغان. ئاتا- بوۋىلىرىم، ئەجدادلىرىم ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك شەجەرىسىنىقىيا تاشلارغا ئۇيۇپ قالدۇرغان. بۇ ئۇلۇغ زىمىن يەنە يىرىك سەنئەتكارلار،ئالىملار، ئۆلىما- ئەدەبلەر، يازغۇچى- شائېرلار، پىداگوك- ناتىقلار، جامائەتئەربابى، ئىقتىسادشۇناسلار، سىياسىيونلار، رەھبەرلەر، يولباشچىلارنى تاۋلاپچىققان. شۇنداق، بۇ «شىنجاڭنىڭ گۈرۈچماكانى» دېگەن بايرىقىنى تىكلىگەن، باشقىلار «كالۋا بۇلاق» دەپ مەسخىرە قىلىدىغان «مېنىرالبۇلاق» لىق گۈلگۈن زىمىن. ئۇنىڭ ئىپار ھىدلىق گۈرۈچىدىن ئېتىلگەن شاھ پولونى باشقايۇرتتا ھەرگىز يىيەلمەيسىەن، ئۇنىڭدىكى بەخىت پەيزىنى چۈشۈڭدىمۇ سۈرەلمەيسەن!... ‐ ئونسۇ سەن مېنىڭ جېنىم، قېنىم،بۈگۈنۈم ھەم ئەتەم! ئاقسۇ شەھىرى ئاۋات رەستىلەرنى، ئاسماننىتىرەپ تۇرغان ھەيۋەتلىك بىنالارنى، گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، ھەممە ياقنى گۈل ھىدىقاپلىغان، خەلقى ئەدەبلىك، ئىشچان، بۇ شەھەرنى چۆچەكلەردىكى ھۆر- پەرىلەرنىڭ باغ-ئېرەملىرى دەپ بىلىڭ. بۇ شەھەرلەرنىڭ گۈلتاجىسى. بۇشەھەرلەرنىڭ ئەندازى! ئۇنىڭ قوينىدىكى جەڭگىۋار ھايات پارلاق كەلگۈسنىڭ ئۈزى.ئۇنىڭ قوينىدا قۇلاق ئاڭلىغان، كۆز كۆرگەننىڭ ھەممىسى بار. ئۇنىڭدا بۈگۈننىڭ جەزبىداركۆرۈنىشى، ئەتىنىڭ جەلىبكار سىماسى بار. بۇ ھايات قايناق، تۇرمۇش شادىمان شەھەر. ئۇنىڭ گۈلگە ئورالغان قامىتىدىنتەسكىن تاپسام، ئىستىقباللىق باغرىدىن مىڭ سۈيۈنىمەن، بەختىيار چېھرىدىن كەلگۈسىھاياتىمنىڭ پەيزىنى سۈرىمەن. پەرى سۈپەت قىزلىرى يۈرۈكۈمگە ئىشىق ئۇتى ياقىدۇ. مەرد-مەردانە يىگىتلىرى غۇرۇرۇمنى ئاشۇرىدۇ. چىرايىدىن مىڭ قۇياش تەپتى پارىلاپتۇرىدىغان ئاق چاچلىق بوۋاي- مومايلار ئىستىقبال دۇلدۇلۇمنىڭ مەدەتكارى بولىدۇ.... ‐ ھايات تەمى قەندەك شەھەرسەندىكى بەخىت، سەندىكى شادلىق مەن كېچە- كۈندۈز زارىقىپ ئارزۇ قىلغان بەخىتئەمەسمۇ؟! خاتىمە ئاقسۇ سەن بەخىت، ھايات پەيزىنىخىرامان سۇرىدىغان جەننەت، ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە ئەتىنىڭ ئاجايىپ تىلسىملىرىنى باغرىغابېسىپ ياتقان، جەلىبكار ھۆسۈن- جامال، ئۆزگىچە ناز- خۇلقى بىلەن خوجىلىرىغا بەخىت،شادلىق لەززىتى بېرىۋاتقان جەننىتى- رىزىۋان، سېنىڭ سۈرىتىڭنى سىزىشقا قەلىمىمئاجىز كىلىپ قالدى، ئالدىڭدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كاچۈرۈم سورايمەن. كەچۈرگىن!! ئەي ئەزىز زىمىن، يەنىمۇجەزبىدار، يەنىمۇ جەلۇپكار، يەنىمۇ ئۆزگىچە ھۆسىن- جامال، قامەت، ناز- خۇلقۇڭبىلەن ئەتىگە ئاتلان! باغرىڭدىكى ئانا دەريا- تارىم، ساڭا شاراپ تۇتۇپ تۇرۇپتۇ.قۇياش توزدەك ياسىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. مەد- مەردانە، ئەقىل- پاراسەتلىك، غەيرەت- شىجائەتلىكقىز- يىگىتلىرىڭ كۈيۈڭگە قېتىلىپ كەتسۇن! بەخت- بەختلىكلەرگىلە مەنسۇپ، بەخىتناخشىسىنى بەخىتلىكلەرلا ئېيتالايدۇ. قېنى، ئانا دەريايىم تارىمنىڭ شارابىنىقانغۇدەك ئىچىپ، بەخىت ناخشاڭنى تېخىمۇ ياڭراق، تېخىمۇ جاراڭلىق ئېيتقىن، بەخىتناخشاڭ مەڭگۈ جاراڭلىسۇن!!... مەنبە: ئۆز قەلىمىم |