مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 48|ئىنكاس: 1

چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

10

دوست

2930

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
606 سەر
تىللا
298 دانە
تۆھپە
514 سەر
شۆھرەت
730 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 13:00:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر
ئابلىز مۇھەممەت سايرامى

   بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇبارەك ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەدىمكى ئۇيغۇر ئېتنولوگىيەلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان چاچ مەدەنىيىتىمىزگە، بولۇپمۇ قەدىمقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز-چوكانلىرىمىزنىڭ چاچ قويۇش، چاچ تاراش، چاچ شەكلى چىقىرىش، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇنىڭدىن خەلقىمىزدە چاچ مەدەنىيىتىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. 6 M" z" ?  _, U6 Z' c
مەلۇمكى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوخشاشلا، خەلقىمىز ناھايىتى قەدىمدىلا ئۆزىگە خاس چاچ مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مەسىلەن، 2002-يىلى لوپنۇردىكى كىچىك بۇرەن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان 4000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگە خاس قەبرىلەردە ياتقان ئانىلارنىڭ قوڭۇر رەڭلىك چاچلىرى ئوتتۇرىدىن ئايرىپ ئۆرۈلگەن ۋە يېلىم چېپىلغان بولسا، چەرچەندىكى3000 يىللىق تارىخقا ئىگە زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان ئايال جەسەتلەرنىڭ چېچى تۆت تال قىلىپ ئۆرۈلگەن. پىچان ناھىيەسىدىكى سۇبېشى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە تۇرپاندىكى قارا غوجا، ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى 2000-3000 يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەتلەرنىڭ چاچلىرى ھەرخىل ئۆرۈلگەن، تارالغان ۋە يېلىملار چېپىلىپ ئالاھىدە ئاسرالغان. دېمەك، ئەجداد ئانىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا چاچ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ھەرخىل شەكىلدىكى گۈزەل چاچلارنىڭ ئۆزىگە بىرخىل روھىي ئازادىلىك بېغىشلايدىغانلىقىنىمۇ چۈشۈنۈپ يەتكەن. 9 f( j1 N! l2 ?. f0 L0 O' ~) n
چاچ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئەقلىي تەپەككۈرگە ئىگە ھەرقانداق ئايال چاچ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىدىغان ۋە چاچ گۈزەللىكىنى قوغلىشىدىغان بولغاچقا، چاچ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىش قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئۈزۈلۈپ قالمىغان ۋە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. چاچ مەدەنىيىتى ئاياللارنىڭ چاچ تاراش، چاچ شەكلى چىقىرىش، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتىنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزنىڭ چاچ شەكىللىرى ئۆز خاسلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بىزدىكى چاچ تۈرلىرى مۇنداق:
قىرىق تال ئۆرۈمە چاچ. قىزلارنىڭ چېچى ئۇلار توققۇز ياشتىن ئېشىپ نىكاھلانغىچە ئۆسۈشىگە قويۇۋېتىلىپ، چاچ ئارقىغا تارىلىپ، 40تال(بەزىدە 41تال) ئۇششاق ئۆرۈلۈپ، پېشانىسىگە ماڭلاي چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ قىزلىق بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. چاچنى 40 تال ئۆرۈش «40سان خاسىيىتى» چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى شەكىل بولۇپ، قىزلارنىڭ چېچىنىڭ توم ۋە قويۇق بولۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 4 E: g! O) }$ G- Z: X
چوكان چاچ. قىز نىكاھلىنىپ تويىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئەسلىدىكى 40تال ئۆرۈمە چېچى 15،17،21 تال ئۆرۈلىدۇ. بۇ چوكان چاچ دېيىلىدۇ. چوكان چاچنىڭ ئۈچ خىل ئۆرۈلۈشى تويى بولغان قىزنىڭ يېشىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. يەنى15ياشتىن ھالقىغان،17ياشقا توشمىغانلارنىڭ 15تال،17ياشتىن 20ياشقىچە بولغانلارنىڭ 17تال،20 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ 21تال ئۆرۈلىدۇ. / K8 J# h8 P! e0 z9 _
تۆت ئۆرۈمە چاچ. چوكانلار تۇنجى پەرزەنتىنى تۇققاندىن كېيىن، بالىسىنىڭ «قىرىق سۈيى» ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى چېچى تۆت تال ئۆرۈلىدۇ. بۇ «چاچ قوشماق تويى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆت تال ئۆرۈلگەن چاچ پەرزەنتلىك ئاياللارنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
جۇۋان چاچ. چوكانلارنىڭ توي قىلغىنىغا توققۇز يىل توشقان كۈنى«جۇۋان تويى» ئۆتكۈزۈلۈپ، چېچى ئىككى تال ئۆرۈمە شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ شۇ ئايالنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 7 ^0 W( E( O6 T
چۇپۇر چاچ(ئۆچكە چۇپۇرىدىن قىلىنغان سۈنئىي چاچ). يالغان چاچ سېلىشمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرخىل پەردازلىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئاياللار چېچىنىڭ ئۇزۇن ياكى توم بولۇشىنى بىر خىل گۈزەللىك ۋە جەزىبىدارلىقنى ئاشۇرۇش ۋاسىتىسى ھېسابلايدۇ. چېچى شالاڭلار يالغان چاچ سېلىش ئارقىلىق چېچىنى توم ۋە ئۇزۇن قىلىۋالىدۇ . ئەجدادلىرىمىز چاچ گۈزەللىكىنى ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلىپ كەلگەچكە ، ئاياللار چېچىنى ئاسراشقا، چاچلىق بولۇشقا، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا شالاڭ چاچنى تولۇقلاش ئېھتىياجىدىن چۇپۇر چاچ بارلىققا كەلگەن.
كوكۇلا چاچ. قىز بالا ئۈچ ياشتىن توققۇز ياشقا كىرگىچە سېكىلەك چاچ قويۇلىدۇ. پەقەت قۇلاقنىڭ ئۈستى تەرىپى ئاساس قىلىنىپ، باشنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى چاچ ئۆستۈرۈلۈپ، پېشانە چېچى كۆزىگە چۈشمىگىدەك ئۇزۇنلۇقتا قويۇلۇپ، پېشانىنى يېپىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆسمۈرلۈك چېچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل چاچ شەكلى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىرقىسىم رايونلاردا تۈرلۈك يېڭى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئايرىم چەت-ياقا رايونلاردا ۋە قىشلاقلاردا ساقلانماقتا. ( n0 ^" f9 K. ~' R) L  w7 ~6 D
بىزدىكى چاچ مەدەنىيىتىگە مىللەتنىڭ ئېتىقادى، سان چۈشەنچىسى ۋە غۇرۇرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئەجدادلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئېستېتىك چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئادەتلەر 20-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. ھازىرمۇ چەت-ياقا يېزىلاردا ساقلانماقتا. شەھەرلەردە 40 تال ئۆرۈمە چاچ بىر تالغا، چوكان چاچ ئىككى تال ئۆرۈمە چاچ شەكلىگە قىسقاردى. ھالبۇكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ھازىرقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز-چوكانلىرىمىز تېخى بىلمەيدىغان نۇرغۇن چاچ شەكلى ۋە چاچ قويۇش ئادىتى خاتىرىلەنگەن. ئۇلار تەتقىق قىلىشىمىزنى ھەم زامانىمىزدىكى قىزلىرىمىزغا ئەنئەنە تەربىيەسى سۈپىتىدە ئۆگىتىشىمىزنى كۈتمەكتە. ئەنئەنە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئانىسى بولغاچقا، ئۇنى تەتقىق قىلىش، يورۇتۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەجداد ئادىتىنى ئەۋلاد تۇرمۇشىدا جەۋلان قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.
مەنبە: http://uyghur.cntv.cn/20130105/104800.shtml
بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقىلاڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

19

تېما

8

دوست

1126

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
246 سەر
تىللا
91 دانە
تۆھپە
205 سەر
شۆھرەت
216 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 14:05:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن. جاپا تارتىپسىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:47, Processed in 0.165402 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش