مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 10 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 12 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 17 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 20 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 23 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 11 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 13 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 17 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 21 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 11 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 16 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 18 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 21 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 75|ئىنكاس: 1

ئۇرۇق -تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىز نى قېلىپلاشتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

10

دوست

2930

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
606 سەر
تىللا
298 دانە
تۆھپە
514 سەر
شۆھرەت
730 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 17:16:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇق -تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىز نى قېلىپلاشتۇرۇش

ئابدۇرازاق سايىم ، ماخمۇت ئابدۇۋەلى

تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بىرخىل ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن خېلى بۇرۇنلا ئانتروپولوگلارنىڭ ئېتىبارىنى قوزغىغانىدى. شۇڭلاشقا تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشى جەمىئىيەت ئانتروپولوگىيىسىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالماقتا.

ھەرقانداق بىر جەمىئىيەتنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسى- شۇ جەمىئىيەتتىكى تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنى چۈشۈنۈشتۇر. چۈنكى دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەدەنىيەتتە، تۇققانچىلىق كىشىلەرنىڭ ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلەشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ(1). ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشۈنۈشتىمۇ ئوخشاشلا تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇدۇ.

پۈتكۈل كائىنات بىرەر دۆلەت، بىرەر مىللەت ياكى بىرەر ئادەمگە مەنسۈپ ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ قاتلاملىرىدا ئاپىرىدە بولغان تۈرلۈك-تۈمەن مۆجىزاتلار شۇ كائىناتنىڭ بىر قىسمى بولغان بىرەر ماكانغا ۋە شۇ ماكاننى پاناھ ئەيلىگەن ئىنسانلار توپىغا ۋە شۇ ئىنسانلار توپىنى مۇستەھكەم باغلاپ تۇرغان ئورتاققلىققا ئىگە بولغان مەلۇم ئەندىزىنىڭ مەھسۇلىدۇر. تارىختىن بۇيان تەكلىماكاننىڭ ئەتراپىدىكى بايلىقلارمۇ شۇجايدا ياشاپ، شۇجاينىڭ تارىخىنى ياراتقۇچى ئاۋام خەلىقنى تۇيۇندۇرۇپ، ئۆز باغرىدا ئۇلارنى ئەللەيلەپ، ئۇلارغا ھايات بەخىش ئېتىپ كەلدى. دەل مۇشۇ ئاۋام خەلىق تەبىئەتنىڭ ئۆزىگە قىلغان بۇ سېخىلىغىدىن پەخىرلىنىپ، ئىزچىل ھالدا خوجايىنلىق قارىشى بىلەن ياشاپ، ئۆز-ئۆزىنى ئاۋۇندۇرۇپ كەلدى. بەرھەق پارچە پارچە بوستانلىقلارنى ماكان ئەيلەپ، بوستانلىق مەدەنىيىتىگە خاس بولغان ئۆزلۈك سالاھىيىتىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن خەلقىمىز مۇكەممەل بولغان بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۇزۇندىن بۇيان تارىخ سەھىپىسىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما جەمىئىيەت ئانترپولوگىيىسىگە مەنسۇپ پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئورتاق خاسلىغىنى ئىپادىلەيدىغان تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىزدىكى مەلۇم ئوخشىماسلىققلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كىشىنى سەل ئويغا سالىدۇ ۋە بىئارام قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل ھادىسە ئەينى دەۋىردىكى تۇرمۇش شارائىتى ۋە بوستانلىق تۇرمۇشىنىڭ ئوخشىماسلىغىدەك جەمىئىيەت ھادىسلىرىنىڭ ئومۇملىق ئىچىدىكى خاسلىقنىڭ گەۋدىلەندۈرىلىشى بولسىمۇ ھەم پۈتكۈل مىللەتنىڭ مىللىىيەتلىك ئوبرازىغا زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ كۈزەتكەندە ۋە تەتقىق قىلغاندا بۇ خىلدىكى ئاتالغۇلارنىڭ بىردەك بولىشى پۈتكۈل مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىگىنى تۇلۇق ھېس قىلالايمىز.

قارىماققا بۇ بىر ئاددى مەسىلە، ئەمما قەلەمنى قولغا ئېلىپ مىللەت ئومىمىلىغى ئۈستىدە ئانالىز قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، بۇ مەسىلىنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە قىيىنلىغىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چۇنكى ئىنسانلاردىكى تۇققانچىلىق ۋە نەسەپ مۇناسىۋەتلىرى، ئىنسانلار جەمىيىتى بىلەن ماس قەدەمدە پەيدا بولغان ۋە تەرەققى قىلغان بولىدۇ. غەرپ ئەللىرىدە بۇ خىلدىكى تەتقىقات19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، مەشھۇر ئانترپولوگ مورگاننىڭ باشلامچىلىغىدا ئېلىپ بېرىلغان(2). شۇنىڭدىن كىيىن غەرپ دۇنياسىدا بىر مەزگىل تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قەبىلە ۋە مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى ئايرىش قىزغىنلىغى كۈتۈرۈلدى. تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسلىغى تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرۇدۇ. شۇڭلاشقا تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتىدا تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى ئىگەللەش ۋە ئۇنى باشقا مىللەتتىكى تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقىش مۇشۇ تەتقىقات نىڭ ئورتاق پىرىنسىپى دەپ قارىلىپ كىلىۋاتىدۇ.

مەزكۇر ماقالىدا بىزئۇيغۇرلاردىكى تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋەتۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرى ئۈستىدە تەتقىق قىلىشنى مەخسەت قىلمايمىز(بۇ تېما ئۈستىدە تەتقىق قىلىشنى تولىمۇ مۇھىم دەپ قارىغاچقا، مەخسۇس تەتقىق قىلىشنى كىيىنگە قالدۇرىمىز) پەقەت ئۇيغۇرلاردىكى تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىدكى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كىرەك دىگەن مەۋقەدە تۇرۇپ (گەرچە بۇ تىل بايلىغىمىزنىڭ موللىغىدىن دىرەك بەرسىمۇ)، باشقا مىللەتلەرنىڭ شۇ خىلدىكى ئاتالغۇلىرىنى مىسال قىلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئۆز پىكرىمىزنى ئوتتۇرۇغا قويۇپ قەلەمكەشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى نىشان قىلىمىز. ئۇبولسىمۇ نەسىبىمىزگە ۋە تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر ئاتالغۇلارنىڭ تارىخىتىن بۇيان مۇشۇ زىمىندا ياشاپ كىلىۋاتقان پۈتكۈل خەلىققە ئورتاق بولغان ئۇيغۇر تىلىمىزدا بىردەك بولماسلىق مەسىلىسى .

بۇنىڭدىن بەش-ئالتە يىل بۇرۇن رايۇنىمىزدا بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلىرىمىزنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇرلار دىكى فامىلە مەسىلىسى ئۈستىدە بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ ھاتتا ھۈكۈمەت تارماقلىرىغىچە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىش ئادەتلىرى ۋە فامىلە قوللىنىشنىڭ تەخىرسىزلىك مەسىلىلىرى خېلى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە زور غۇلـغۇلا قوزغاشقا سەۋەپ بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئالدى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى باشلامچىلىق بىلەن فامىلە قوللاند، ئەمما پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ مەسىلىنى تۇلۇق ھەل بولدى دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى دەبدەبىلىك باشلانغان بۇ ھەركەت ئاستا –ئاستا پەسىيىپ فامىلىلىكلەر بىلەن فامىلىسىزلەر يەنىلا ئۇيغۇر جەمىئىتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى سۈپىتىدە تەڭ-باراۋەر ئۆتىۋەردى. دىمەك بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلار ھەم تەشۋىقاتلار ئا ز بىر قىسىم زىيالىلىرىمىزنىڭ فامىلە قوللىنىشىغا تۈرتكە بولدىيۇ لىكىن كۆزلىگەن مەخسەتكە يىتەلمىدى. پۈتكۈل مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ بۇ مەسىلىگە باش قاتۇرغان نۇرغۇن زىيالىلىرىمىزمۇ ئەمگىگىنىڭ تۇلۇق مىۋە بەرمىگەنلىگىدىن ئەپسۇسلاندى، توغرىسى ئەجەپلەندى. مىللىتىمىزگە ئورتاق بولغان مەدەنىيەت ھادىسلىرىنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائى جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئىنكاسىدۇر، ئەگەر ئۇيغۇر جەمىئيىتى فامىلە ئىستىمالىنىڭ قىممىتىنى تۇلۇق تۇنۇپ يەتكەن بولسىدى، بۇ مەسىلە تېخىمۇ تىز ۋە تۇلۇغى بىلەن ھەل قىلىنغان بولاتتى ئەلۋەتتە.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇيغۇرلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق مىللەت ھەم پۈتكۈل شىنجاڭ زىمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۇلتۇزلاردەك تارالغان. جۇغراپىيىلىك شارائىتنىڭ مەرەككەپ بولىشى، شۇنىڭدەك، ماكان، زىمىن ۋە يۇرت كۆز قارشىنىڭ كۈچلۈك بولىشى سەۋەپلىك، ھەرقايسى بوستانلىقلاردا ياشاپ كىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ئاز بولسىمۇ مەلۇم پەرقلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىئيىتىگە ئورتاق بولغان ئومۇمى مەدەنىيەت چەمبىرىگى ئىچىدكى يۇرت ئۆزگىچىلىگى سۈپىتىدە مەدەنىيەت ئەندىزىمىزدە مۇھىم سالماقنى ئىگەللەپ كىلىۋاتىدۇ. ئەمما يۇرتنى ئەزىزلەش، يۇرتنى سۈيۈش ئىستىگى،ئورتاق مىللەت قارىشىدىن ئۈستىن ئورۇنغا قويۇلسا مىللەت ئۇمۇمى نامىدىكى«ئۇيۇشقاق»لىق خارەكتىرىگە مۇخالىپ كىلىدۇ. 19-ئەسىردىكى شىنجاڭ دەل مۇشۇ خىل ھالەتتە بولۇپ يۇرت نامى مىللەت نامىدىن ئۈستۇن ئۇرۇنغا قويۇلۇپ تاكى 20-ئاسەرنىڭ 20-يىللىرىن كىيىنلا ئاندىن مىللەت نامىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرەلىدۇق. دىمەكچى بولغىنىمىز تەكلىماكان ئەتراپىغا يۇلتۇزدەك تارالغان كىچىك كىچىك بوستانلىقلاردىكى ياشاش ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇش ئۇسلۇبىدىكى ئازدۇر-كۆپتۇر پەرقلەر ھەرگىزمۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى سىرتىدا ئەمەسلىگىنى ھەر ۋاقىت تەكىتلىشىمىز كىرەك. بۇ خىل پەرقنى ھازىرقى بەزى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىكىدەك مەلۇم نىيەت مەخسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئۆزىمىزنىڭ سۇبۇكتىپ ئېڭىنى باشقىلارغا تېڭىش بىلەن باراۋەر خالاس.

بىز يۇرۇتماقچى بولغان ئاساسى تېمىمۇ دەل ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ئۆگىچىلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ نازۇك خاسلىق بولغاچقا، يۇقۇرۇقى بايانلىرىمىزنى پەقەتلا مەزكۇر ماقالىدىكى ئاساسى تېمىغا خىزمەت قىلىدۇ دەپ قارايمىز.ئۇزاق قەدىمدىن بېرى مۇشۇ زىمىننى باغاش ئېتىپ كىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى –ئاپەتلەر(يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىدىكى ئايىغى چىقماس جەڭگە-جىدەللەر) روھىيەت قۇرۇلمىسىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما زىمىن ئەۋزەللىگى ۋە يۇرت ئەۋزەللىگى قارىشىنى ۋەيران قىلىۋېتەلمىدى. بۇ دەل تاش-پۈتۈك ئابىدىلىرىمىزدىكى پەرزەنت ئاپىرىدە قىلغۇچىلارنى ۋە ئۇرۇق تۇققانلارنى ئاتاشتىكى ئومىمىلىقتىن ئوخشاش بولمىغان خاسلىقلاردا تۇلۇق ئىپادىلەندى. ئەمما قەدىمدىن كىلىۋاتقان تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىزدىكى ئىزچىللىقنىڭ تىلىمىزدىكى ئىستىمال شەكلى ئۆزگىرىپ كەتتى. سەھىپىنى نەزەردە تۇتۇپ بىز «ئۇرخۇن-يىنسەي مەڭگۈ تېشى»، «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»، «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنى مىسال كەلتۈرۈشنى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر جەمىئيىتىدىن بىزگە مىراس قالدۇرۇلغان بۇ ھەققتىكى ئاتالمىلارنى كىيىنكى مەخسۇس تەتقىقاتقا قالدۇرۇمىز.

ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىزنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتۇرغان بۇيۇكلەرنىڭ ئاتالمىسى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىئيىتىدىكى ھەرقايسى يۇرتلاردا پەرقلىق ئاتىلىپ كەلدى. خەلقىمىزنىڭ تارىختا ياشىغان يەرلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكى، قەدىمكى ئايرىم ئۇرۇق-قەبىلىلەرگىلا خاس بولغان تىل ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىشى، تارىختىكى ھەرقايسى يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرىمىزغا تۇققان ياكى يات مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن « ئاتا، دادا، ئانا،ئاپا »دىگەن بۇ تۆت سۆز ھەرقايسى يەرلەردە تۈرلۈك مەنىلەردە ساقلاندى(3). تۇرپان، توخسۇن، كەلپىن، كۇچا، شىڭخا، شايار، بۈگۈر، لوپنۇر قاتارلىق جايلاردا (يەنە شەرقى شىنجاڭدىكى بىر قىسىم جايلاردا ) ئاتا-ئاپا ئاتالغۇسى ئومۇمى ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىپ كىلىۋاتىدۇ. شىمالى شىنجاڭدىكى ئىلى ۋە بۆرتالا ۋە قارىماي، ئالتاي، مايتاغ قاتارلىق جايلاردا دادا-ئاپا دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان. قەشقەر، خوتەن ۋە چاقىلىق، چەرچەن قاتارلىق رايۇنلاردا بولسا دادا-ئانا دىيىش ئادىتى ئومۇملاشقان. رايۇنىمىزنىڭ مەركىزى ئاتىلىپ كىلىۋاتقان ئۈرۈمچىدە ئاز بىرقىسىم دائىرىدە ئۆ يۇرتىنىڭ ئادىتى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ھازىرقى ياشلاردا ئومۇمەن دىگۈدەك دادا-ئاپا دەپ ئاتاش مەركەز قىلىغان. بىز بۇ يەردە پەقەت چوڭ دائىرىدىكى ئاتاش ئۇسۇلىنىلا مىسالغا ئېلىپ ئۆتتۇق. ئىنچىكىلەپ كۈزەتكەندە بىر يۇرتنىڭ ئىچىدىمۇ يەنە خىلمۇ-خىل ئاتاش ئادەتلىرى مەۋجۇت .ئومىمىلىق بويىچە تىزىلغاندا:

ئاتا-ئاپا

دادا-ئاپا

دادا-ئانا

دىگەندەك ئۈچخىل تەڭداش مەنىدە ئاتاش ئادىتىگە يىغانچاقلاشقا بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلى خەلقىمىزنىڭ نەچچە يۈزيىللىق جانلىق تىلى ئاساسىدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە «ئانا»سۆزى بىلەن «ئاپا»سۆزى ۋە «دادا»سۆزى بىلەن «ئاتا»سۆزى تەڭ ئىستىمال قىلىپ كىلىنىۋاتىدۇ. گەرچە ھەرقايسى جايلاردىكى ئوخشاش بولمىغان شىۋىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق ۋە جانلىق تىلنىڭ مەركىزى شىۋىسى بولغان ئۈرۈمچى شىۋىسى قەشقەر ، خوتەن،ئىلى(پەقەت چوڭ دائىرىنىلا مىسال قىلدۇق) قاتارلىق جايلارنىڭ ئالاھىدىلىگى بولغان «دادا»دەپ ئاتاش بىلەن تۇرپان، ئىلى، ئاقسۇ شىۋىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى بولغان «ئاپا»دەپ ئاتاشنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى شىۋىسى بولۇش سۈپىتىتى بىلەن گېزىت، ژورنال، رادىئو، تىلىۋىزىيە دەرسلىك كىتاپ ۋە ھەرخىل ئەسەرلەر دە دادا-ئاپا دەپ ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىپ كەلدى.ئەمما يەرلىكتىكى تىلىۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلەردە يەنىلا ئۆز شىۋىسى بويىچە ئاتاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. جەمىئىيەتتىكى تىل ئىستىمالىدا بەزىلەر «ئاپا»دەپ ئاتاش توغرا ھەم يېقىملىق دەپ قارىسا بەزىلەر «ئانا»دەپ ئاتاش توغرا دەپ قاراپ كەلدى. «دادا، ئاتا» ئاتالمىسىمۇ مۇشۇ خىل قىسمەتتە داۋاملىق مۇنازىرە مۇنبىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. بۇ يەردىكى مەسىلە زادى قانداق ئاتاش مەسىلىسى ئەمەس ئاتالغاندىن كىيىنكى چۈشەنچە ۋە ئاتالغۇچىنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىدىن ئىبارەت. قەشقەر خوتەندىكى دادا-ئانا ئاتالمىسى ئائىلىدىكى «مەن»گە نىسبەتەن«مەن» نى تۇغۇپ ئۆستۈرگەنلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئاتالما تۇرپان، كەلپىن، كۇچا، بۈگۈر، لوپنۇر قاتارلىق جايلاردا ئېيتىلسا بىر ئاۋلات چوڭلارغا قارىتىلغان بولىدۇ. بۇ جايلاردىكى ئادەت بويىچە بولغاندا «مەن»گە نىسبەتەن

بوۋا-مومام

دادا-ئانا

ئاتا-ئاپا

مەن-ئايالىم

بالام

نەۋرەم

ئەۋرەم

دىگەن ئۇسلۇپقا يىغىنچاقلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا بىر ئەۋلات كىشىلىرى ئارتۇق سانىلىدۇ. باشقا جايلاردىكى ئاتاش ئۇسۇلى بويىچە بولغاندا ئۇ بىر ئەۋلات كىشىلىرىنى يەنە باشقىچە ئاتالما بىلەن ئىپادىلەيدۇ (چوڭ دادا -چوڭ ئانا بوۋا-موما دىگەندەك). ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئاتا تەرەپ ئۇرۇق-تۇققانلار ۋە ئاپا تەرەپ ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئاتالمىسىدىمۇ ھەم نەۋرىلەرنىڭ ئاتالمىسىدىمۇ يەنەئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ پەقەت «مەن»گە نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك بولغان «مەن»نى رويقاپقا چىقارغان ئەزىزلەرنىڭ بۇ خىلدىكى ئوخشىمىغان ئاتالمىلىرى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇلارغا قىلىنغان يىنىكلىكمۇ قانداق؟. ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ خىلدىكى ئوخشىمىغان ئاتاش ئۇسۇلىنىڭ ھەر يۇرتتا ئوخشىمىغان مەنالارنى بېرىشى بولۇپ ئەلۋەتتە بۇ بەزى يۇرتلاردا خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەۋلات تەربىيىسىدىمۇ بەزىبىر مۈجىمەل ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرۇغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئەۋلات تەربىيىسىدىكى بۇخىل مۈجىمەللىك رايۇنىمىزنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە گەۋدىلىك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ھەر يۇرتتىن بۇ جايغا توپلانغان زىيالىلار، سودىگەرلەر ۋە باشقىلار پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆز يۇرتىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە ئاتاشقا ئادەتلەندۈرگەچكە تەڭ ياشتىكى گۈدەكلەر ئارىسىدا بۇ مەسىلە ئېغىر ھالدا مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ.

خەنزۇ مەدەنىيىتىدىكى بۇ خىلدىكى تۇققانچىلىق ئاتالمىسى ناھايىتى روشەن ئومۇمىلىققا ئىگە بولۇپ نەچچە ئەۋلات ئۇرۇق تۇققانلار تولىقى بىلەن خاس ئاتىلىدۇ. «مەن» گە نىسبەتەن ئېغىز تىلىدا 爸爸-妈妈دەپ ئاتالسا يېزىق تىلىدا 父亲-母亲 دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ، بۇ خىلدىكى ئاتاش ئۇسۇلى پۈتكۈل خەنزۇ جەمىئيىتىدە ئورتاقلىققا ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇلاردا ھەربىر تۇققانچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاتالغۇلارنىڭ مۇستەققىل ئاتىلىشى بار. خەنزۇلاردا تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرى تەخمىنەن 59 سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ(ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ)ئۇيغۇرلاردا بولسا تەخمىنەن35 ئاتالما بىلەن ئىپادىلىنىدۇ (ھەرقايسى يۇرتلاردىكى مەلۇم پەرقلىق ئاتالمىلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ)(4). خەنزۇلاردىكى بۇنچە كۆپ ئاتالغۇ پۈتكۈل خەنزۇ جەمىئيىتىدە ئورتاق قوللىنىدۇ، بىراق ئۇيغۇرلاردا ئۆز-ئارا ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. قېرىنداش مىللەتلەردىكى قازاق خەلقىنىڭ بۇ خىلدىكى ئاتالغۇلىرىمۇ ئورتاقلققا ئىگە. ئۇلار يېزىق تىلىدا بولسۇن ياكى ئېغىز تىلىدا بولسۇن ئومۇمەن دىگۈدەك ئەكە-چېشىم دەپ بىرلا ئاتالغۇ بىلەن ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن (گەرچە ئۇلاردا بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتا-ئانا دىگەندەك ئاتالغۇلار بار بولسىمۇ بىراق پۈتكۈل مىللەتتە يەنىلا يۇقۇرقى ئاتالغۇ ئومىمىلىق بويىچە ساقلانغان). ئۇنىڭدىن باشقا قازاق خەلقىدە ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىققا ئائىت بولغان ئاتالغۇلارمۇ بىردەك بولۇپ ناھايىتى چۈشۈنۈشلىك ۋە ئۇچۇق ئاتالغان. خەنزۇلار ۋە قازاق خەلقىدىكى بۇ خىل ئورتاقلىققا ئىگە ئاتالغۇلار بىلەن ئۈزىدىن چوڭلارنى ۋە كىچىكلەرنى شۇنىڭدەك يانداش تۇققانلارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرگەندە كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا بولسا ھەقىقەتەن بەزىبىر خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلىدۇ.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان، بىر قەدەر ئومۇملاشقان ۋە ئاساسەن بىرلككە كەلگەن تۇققاندارچىلىق ئاتالغۇسى بولمىغانلىقتىن، بىرنەچچە ئەۋلاتنى ھەممە چۈشەنگىدەك قىلىپ ساناپ بەرگىلى بولماسلىقتەك ھالەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇخىل ھالەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بوپ تۇرۇشى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇلۇق چۈشىنىشىگە ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە شەجەرىسى تۇرغۇزىشىغا چەك قويۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە تۇققانچىلىق ئاتالغۇمىزدىكى بۇنداق چۇۋالچاقلىق قىسمەن جەھەتتىن ئۆزگىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدىكى تارىخى تەرەققىيات جەريانىغا گۇمانى نەزەر سېلىشىغا دەستەك بولۇپ بېرىشىغىمۇ تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىكى تۇققانچىلىق ئاتالغۇسىدا مۇشۇنداق پەرقلەر كۈرۈلىدۇ؟. بۇ مەسىلە بىزنىڭ جاۋاپ تېپىشىمىزنى كۈتىدۇ. تەتقىقاتچىلار تۇققانچىلىق ئاتالغۇسىكى بۇنداق ئېنىقسىزلىقنى تىل ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى پەرقىنىڭ ھاسىلاتى دەپ قارىشىدۇ(5). ئەمما پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان تىل ۋە ئورتاق مەدەنىيىتىمىز بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپالىشى ناتايىن. چۈنكى تىل ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، مەزكۇر مەسىلىنى توغرا شەرھىلەپ بېرىش بىراز قىيىنغا توختايدۇ.

بىز مەزكۇر ماقالىدە چوقۇم مۇنداق بولىشى كىرەك ئىدى دىگەن ھاسىلاتنى ئۇقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى تۈپ مەخسەت قىلمايمىز. چۈنكى بۇ مەسىلە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىئيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئۇنى يىنىكلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئادىلا يەكۈن چىقىرىش ھەل قىلىش تەسكە توختايدىغان ئازارچىلىقلارنى پەيدا قىلىپ قويىشى مۈمكىن. بىز بۇ يەردە پەقەت مۇشۇ تېمىغا قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈنلا بىر قىسىم ئاتالغۇلانى رەت تەرتىۋى بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق كۆردۇق. ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، بۇ پەقەت ئۆزىمىزنىڭلا كۆزقارشى ھەم تېخى تۇلۇق مۇكەممەللەشمىگەن قاراشتۇر. ئوخشاش پىكىردە بولمىغان ياكى بۇ ھەقتە مەلۇم تەتقىقات نەتىجىسى بار بولغان تەتقىقاتچىلارنىڭ، ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ، قەلەمكەشلەرنىڭ ۋە ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزۈتۈپ ۋە تولۇقلاپ ئۆتىشىگە مۇھتاجمىز. شۇنىڭدىلا ئۆزىمىزگە خاس بولغان پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ۋە چۈشۈنىشلىك بولغان تۇققانچىلىق ئاتالغۇسىنىڭ تېزرەك مەيدانغا كېلىپ، خەلقىمىز ئىچىدە ئومۇملىشىشىغا ئاز-تولا قان-تەرىمىزنى تۆككەنلىگىمىزدىن پەخىرلىك ھېس قىلالايمىز .

ئۆرنەك

«مەن»گە نىسبەتەن ئەجداتلاردىن ئەۋلاتلارغا قاراپ ئاتىغاندا:

1. بوۋام-مومام

2. دادام-ئانام

3. ئاتام-ئاپام

4. مەن-ئايالىم

5. بالام

6. نەۋرەم

7. ئەۋرەم

8. چەۋرەم

بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاتاش ئۇيغۇرلاردىكى ئومىمىلىقنى نەزەردە تۇتقاچقا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولارمىكىن دەپ قارايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە«مەن»گە نىسبەتەن بىۋاستە قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئۇرۇق تۇققانلارنى يەنى ئۆز ئاتامنىڭ ئاكىسىنى «چوڭ ئاتام» دەپ، ئىنىسىنى «كىچىك ئاتام»، ئاچىسىنى «چوڭ ھاممام»، سىڭلىسىنى «كىچىك ھاممام»دەپ، ئاپامنىڭ ئاكىسىنى «چوڭ تاغام»، ئىنىسىنى «كىچىك تاغام»دەپ، ئاچىسىنى «چوڭ ئاپام»، سىڭلىسىنى «كىچىك ئاپام»دەپ ئاتاش بىراز چۈشىنىشلىك بولامدىكىن دەپ قارايمىز.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئاتىلىشى يۇرتلار ئارا يەنە ئوخشىمايدۇ. بۇ ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. دىمەكچىمىزكى ، تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى بىلەن چەمبەرـچەس باغلانغان بولىدۇ. ئومىمىلىقتىن مۇستەسنا بولغان ئاتالغۇلارنى رەتلەپ چىقىپ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان ئاتالغۇلارنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشى ئومۇمنىڭ كۈچى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ مۇشۇ تېما ئۈستىدە باش قاتۇرۇشى ۋە ئۆزكۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرۇغا قويىشى تېمىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ۋە ئاتالغۇلارنى تىزرەك بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تولىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمىز. ئىزاھاتلار:

(1)(2)ساۋۇت ئابدۇخالىق پاۋان: «جەمىئىيەت ئانتىروپولوگىيىسىدىكى تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»، 2007-يىل3-سان، 106-بەت.

(3)غەيرەت ئابدۇللا كالدىرى: [«ئاتا،دادا،ئانا،ئاپا»سۆزلىرى توغرىسىدا]، «تىل ۋە تەرجىمە»، 1997-يىل5-سان، 39-بەت.

(4)ساۋۇت پاۋان: «تۇققانچىلىق ئاتالمىلىرىنىڭ مەدەنىيەت پەرقى»، «مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى» (خەنزۇچە نەشىر)2007-يىل2-سان، 54-بەت.

(5)سۈي جۈنمىن: «زاڭزۇ تىلىدىكى تۇققانچىلىق ئاتالغۇسى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژورنىلى»(خەنزۇچە نەشىر)، 2006-يىل1-سان، 23-بەت
بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقىلاڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 20:40:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ،مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۇرۇق -تۇققانچىلىق ئاتالغۇلىرىمىزنى قېلىپلاشتۇرۇش،ساپ ئويغۇر تىلدا ئاتاشقا تىرشايلى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:14, Processed in 0.177522 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش