مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 52 سېكۇنت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 1

تىل ھەم ئانا تىل ھەققىدە تەپەككۇر دىن تامچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

10

دوست

2930

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
606 سەر
تىللا
298 دانە
تۆھپە
514 سەر
شۆھرەت
730 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 17:20:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل ھەم ئانا تىل ھەققىدە تەپەككۇر دىن تامچىلار
         
غەيرەتجان ئوسمان  بىلىكيار

   
      تىل پەقەت ئاددى ھالدىكى ئالاقە قورالىلا بولۇپ قالماستىن ،ئىنتايىن مۇھىم بولغان مەدەنىيەت ۋاستىسى ۋە مەدەنىيەتنىڭ تىپىك نامايەندىسى. ئادەم ئانا تىلى ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ھەقىقى ھىس قىلالايدۇ ۋە ئۆز قىممىتىنى تاپالايدۇ؛ھەرقانداق ئىنسان ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدۇ،ئوي-پىكىر ۋە ھىس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدۇ ھەم ئالماشتۇرىدۇ.ئانا تىلنى پۇختا بىلمىگەن ۋە ئۇنىڭغا سەل قارىغان كىشى ھەرقانچە كاتتا ئالىم -يۇقىرى ئىستىدات ئىگىسى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالمايدۇ، ھەم ئۆز خەلقىنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىم ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا ۋە مۈكەممەل ئىگەللىشى ۋە ئۇنى قەدىرلىشى لازىم. بىر تىلنىڭ يوقۇلىشى بىر خىل تەپەككۇرنىڭ ،يەني ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولغان يېڭىچە بىر خىل تەپەككۇرنىڭ يوقۇلىشىدىن دېرەك بىرىدۇ ۋە تەدرىجى ھالدا بىر مىللەتنىڭ يوقۇلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ،بولۇپمۇ بىزگە نىسبەتەن ئىلغارراق ھىساپلىنىپ كېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ،شۇنداقلا بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرققىياتىمىزغا بولغان تەسىرى زور ۋە كۈچلۈكرەك بولىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تىل مەدەنىيەتلىرىنى ئۈگەنمەسلىككە،ئۇنىڭغا سەل قاراشقا ئەسلا بولمايدۇ.ئەگەر ئۇنداق قىلىدىكەنمىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىمىز ۋە ياكى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىمىز.بۇ يەردە شۇنداق بىر نۇقتىنى ئەستە ساقلاش زۆرۈركى، ئۇ بولسىمۇ تىل گەرچە مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى بولسىمۇ ، بۈگۈنكىدەك بىلىم پارتلاش خاراكتىرلىك تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان، يەر شارى خاراكتىرلىك مىللەتلەر ئارا تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كۆپىيىۋاتقان، رىقابەت كۈنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان،مەۋجۇتلۇق بېسىمى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە نوقۇل ھالدىكى تىل دىن ئىبارەت بۇ ئالاقە قورالى ھەرگىزمۇ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى ياكى ئالدىنقى شەرتى بولالماي قالدى. شۇڭا ئەمدىلىكتە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماستىن ئانا تىلنى پۇختا ئىگەللەش ئاساسىدا يەنە بىز نىڭ مەدىنىيەت تەرەققىياتىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قانچە مىللەتنىڭ تىل مەدەنىيىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئۈگىنىشىمىز كىرەك. ئەجداتلىرىمىزدىن فارابى،ناۋايى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇدقەشقىرى قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ مىڭ يىللار ئىگىرىلا ئىلىم ئىجادىيەتتە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشۇپ دۇنياۋى شۆھرەتلەرنى قازىنالىشىمۇ ئۇلارنىڭ دەل ئانا تىلغا پىششىق بولغاندىن باشقا يەنە بىر قانچە تىللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگەنگەنلىكى ۋە شۇ تىللاردىمۇ تەپەككۇر قىلالىغۇدەك قوش تىللىق ھەتتا كۆپ تىللىق ئىلىم-ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ،ئۇلارنىڭ كۆپ خىل تىل ۋە مەدىنىيەتلىك ئارقا كۆرۈنىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
بىرخىل تىل بىر مەدەنىيەتنىڭ رۇجىكى،بىر خىل تىل بىرخىل تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە شەكلى .بۇ مەنىدىن قارىغاندا بىرخىل تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئارتۇق بىلگەنلەك،بىر خىل ئۈگۈنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ھەم ئىقتىدارىنى ئارتۇق ئىگەللىگەنلىك دىمەكتۇر.ئوخشىمىغان تىل كىشىلەرگە ئوخشىمىغان تەپەككۇر، ئىجادىيەت بوشلۇقى ۋە چەكسىز تەپەككۇر-يىڭىلىق يارىتىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا قوش تىللىق ئوقۇتۇش ماھىيەتتە بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى باشقا بىرمەيدان ياكى باشقىچە بىر كۈزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئۆزىنى كۈزىتىش ۋە بايقاش جەريانىدىن ئىبارەت.
تىلنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنى تىرەپ تۇرغان مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەكلىدە.مەدىنىيەت گوياكى بىر مىللەت مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ پاراۋۇزى ھەم ھەكەتلەندۈرگۈچ ماتۇرى، ئۇنىڭ يادروسى ۋە جېنى ئىدىيە-تونۇش ۋە ئەمىلىيەتچىل روھ ھەم ھەركەتتىن ئىبارەت.
شېئرغا ئامراق خەلقىمگە گەرچە ئوخشىتالمىساممۇ مۇنۇ مىسرانى ھەدىيە قىلغۇم كېلۇر:

   ئۈگەن ئەل ئانا تىل ھەم خەنزۇچە -دۆلەت تىلىنى،
                         ھەتتا ئەرەپ،ئىنگىلىس ناسارانىڭ تىلىنى؛
زەررىچە بولسا سەندىن ئارتۇق تېخنىكا بىلگىنى،
                          پەرىز قىلغان كالامۇللا ئۈگۈنىشنى ئىلىمنى.

       ئۇنداق ئىكەن بىلىم پارتلاۋاتقان، رىقابەت بىلەن تولۇپ- تاشقان بۈگۈنكى كۈندە بىلىم ئىگىلىگىگە پائال ئاتلىنىپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، غالىپ ئورۇنغا ئۆتۇپ، ئىلغار- مۇنەۋۋەر مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز، پەقەت ئانا تىل مەدەنىيەت سەۋىيسىدىلا توختاپ قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائى فونكىسىيەسى تېخىمۇ زور، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان تىل ياكى پەن - تېخنىكا مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋە ئىگەللەپ، قوش تىللىق ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ چىقىپ، ئىنگىلىز تىلى ۋە باشقا تىل مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۆپ خىل تىل ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ دۇردانىلىرى ۋە جەۋھەرلىرىنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، كۆپ ئىقتىدارلىق بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىشنى ئۆزىمىزنىڭ كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئالى غايىسى ۋە ئىنتىلىشى قىلىشىمىز لازىم.مېنىڭچە جۇڭگو ئۇيغۇرلىرى،ئانا تىلنى پۇختا ئۈگەنگەندىن باشقا ھىچ بولمىغاندا خەنزۇ تىلىنى جەزمەن ياخشى ئۈگۈنىشىمىز كىرەك.چۈنكى بىز جۇڭگۇلۇق، ئۇ ھەم دۆلەت تىلى، دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئادەم ئىشلىتىدىغان تىل،بۇ تىلنى پۇختا بىلسەك، ھىچ بولمىغاندا ئۆزىمىزنى تېخىمۇ كۈچ-قۇۋۋەت ۋە مادارغا ئىگە قىلىپ شەرقتىكى بۈيۈك دۆلەت جۇڭگودا مۇۋەپپىقىيەتلىك ياشاش-تىرىكچىلىك قىلىشقا ئاساس يارىتالايمىز، دۇنيادىكى%30گە يىقىن ئادەم بىلەن راۋان ئىدىيە پىكىر ئالماشتۇرالايمىز؛ بىز ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۈگۈنىشىمىز كىرەك.چۈنكى ئۇ دۇنياۋىي تىل،ئىلىم-پەن تىلى،ئىلغارلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ سىمۋۇلى،بۇ تىلنى پىشىشىق بىلسەك ھىچ بولمىغاندا ئىنسانىيەت مەدىنىيەت خەزىنىسىدىكى ئەڭ ئىلغار مۇۋەپپىقىيەتلەرنى ئالدىن ۋە بىۋاستە قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇنىڭدىن بىۋاستە ئوزۇق ئالالايمىز ۋە ئىنسانىيەت مەدىنىيەت خەزىنىسىگە بىۋاستە تۆھپە قوشالايدىغان ئالىم بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتىنى ھازىرلىيالايمىز،ئۆزىمىزنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تاپالايمىز؛ بىز رۇس تىلىنى ياخشى ئۈگۈنىشىمىز كىرەك.چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى بىز بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى ياۋرۇپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن،بىزبۇ تىلنى پۇختا ئۈگەنسەك 21- ئەسىردىكى جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ ئالدىنقى فرونتى بولغان شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خەلقئارا خوشنىلىرىمىز بىلەن بولغان خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشلارنى يۇقىرى ئۈنۈملىك قانات يايدۇرۇپ تەرەققىياتىمىزنى يەنىمۇ تېزلىتەلەيمىز،ھەمدە جۇڭگونىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز؛بىز تىرىشىپ يوللۇق يوسۇندا توغرا پوزىتسىيەدە تۇرۇپ ئەرەب تىلىنى پۇختا ئۈگۈنىشىمىز كىرەك.چۈنكى ئۇ ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسى بولغان مۇقەددەس -ساماۋى كىتاپنىڭ تىلى،بۇ تىلنى پۇختا ئۈگەنسەك ھىچ بولمىغاندا ئاتا بوۋىلىرىمىز شۇنداق قىلىپ كەپتىكەن دەپ قارغۇلارچە چوقۇنماستىن ،ئەسلى ۋەسلىدىن چۈشۈنۈپ ئۆزلەشتۈرگىلى،توغرا كىشىلىك قىممەت قارىشى تۇرغۇزغىلى، ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملىگىلى،دىلىمىزنى پاكلىغىلى،تۈرلۈك قىسمەتلەر بىلەن تولۇپ-تاشقان بۇ دۇنيانى بىلىشنىڭ نەقەدەر چەكسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىۋىلىشىمىزغا ياردىمى تېگىدۇ.
       ئىدىيە تونۇشىنى ھەل قىلغاندىن كېيىنكى بىرىنجى مەسىلە تىل مەدەنىيەت ئوقۇتۇشىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى زىچ چۆرۈدەپ، مائارىپنى ئالدىن ئومومىيۈزلۈك تەرەققى قىلدۇرۇپ، نوپوسنىڭ ئومومى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ھەر قانداق بىر پەن-تېخنىكا پەقەت تىل ئارقىلىق تولۇق ۋە مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە قەدەم بېسىپ، كېڭىيىپ ،ئوموملىشىپ، قوللۇنۇشقا ئىرىشەلەيدۇ،ھەم ئۆزىنىڭ ھەقىقى قىممىتى ۋە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلالايدۇ. تىل ئاددىلا بىر ئالاقىلىشىش قورالى بولماستىن، بەلكى پەن - تېخنىكىنى تارقىتىش، ئوموملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ پەن -مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چۈشۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلىرىنىڭ سۆزلىشىشى ۋە ئىناق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان، تەرەققىيات ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قورال، مەدەنىيەت ۋە بىلىمنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەم تارقىتىشنىڭ ئاساسى ۋاستىسى. شۇنداقلا بارلىق پەن - تېخنىكا مائارىپى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، بارلىق ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنىڭ ۋاستىسى ھەم كۆۋرۈكىدۇر. ئىنساننىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى پەن - مەدەنىيەت ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش ۋە تارقىتىپ ئومۇملاشتۇرۇشتا تىلدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ۋاستىسىنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوللىشىغا مۇھتاج، تىلدىن ئىبارەت بۇ ۋاستە قوللىنىلمايدىكەن ۋە ئۇنىڭ ياردىمىسىز مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش مۈمكىن ئەمەس. ئۇندىن باشقا، يەنە مۇنداق بىر ئىجتىمائى تىئورىما باركى ئۇ بولسىمۇ، "ئادەمنىڭ بىر خىل تىلنى كۆپرەك ئىگەللىشى، بىر خىل ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىجات-ئىختىرا قىلىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش-تارقىتىش يولى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، ھايات يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، كىشلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە بەخىتلىك قىلىدۇ." شۇڭلاشقا تىل مەدىنىيىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنپ تىل ئۆتكۈلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە بۆسۈپ ئۆتۈش لازىم. ئۇنداق ئىكەن تىل ئوقۇتۇشتا جەزمەن پەن - مەدەنىيەت ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈش، قوش تىللىق ئوقۇتۇش چوقۇم جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتى ۋە ھازىرقى زامان ئىلغار پەن - تېخنىكا مائارىپى، ئىلىم ئالماشتۇرۇش،تارقىتىش، كېڭەيتىش ۋە ئوموملاشتۇرۇش بىلەن ئۆز - ئارا زىچ گىرەلەشتۈرۈلگەن ئاساستا ئېلىپ بىرىلىشى لازىم.
    ئاخىرىدا مۇئەللىپ بىر ۋەتەنپەر،ئەل سۆيەر زىيالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،ئۆز قەۋمگە شۇنداق ئەسكەرتىش قىلىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈمكى: تىل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى،ئىنسانلارنىڭ بىلىمى ،ئىدىيىلىرى ۋە ھىس- تۇيغۇلىرىنىڭ ھەممىسى تىل ئارقىلىق ئالماشتۇرلىدۇ، يەتكۈزىلىدۇ.تىل دىگەن ۋاستە ۋە ئالاھىدە زۆرۈرىيەت،مەخسەت ئەمەس.بىرخىل تىلنى ئارتۇق بىلىش بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئارتۇق تونۇشۇش،بىر خىل تەپەككۇر ۋاستىسى ۋە شەكلىنى، ئىلىم-ھىكمەت ئىگەللەش،ئىلىم ئىختىرا قىلىش ۋە ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلۇشۇش يولى ۋە ئىقتىدارىنى ئارتۇق ئىگەللەش دىگەنلىك. ئىسلاھات-ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، رايونىمىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىگىدە،ئادەمنى ئاساس قىلغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ ئەمىلىي ئىشلەپ، مىسلىسىز ئۇلۇغ تەرەققىياتلارغا ئىرىشىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى،ئەجداتلىرىمىزمۇ ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان،بىز ئەلۋەتتە بۇلاردىن پەخرلىنىش ۋە سۆيۈنىشكە ھەقلىقمىز. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەنلا قانائەتلىنىپ كېتىپ مەغرۇرلىنىپ قېلىشقا، ئاتىكاچىلىق- ھاكاۋۇرلۇق قىلىشقا، بۇنىڭلىق بىلەن ئۈگەنمەسلىككە، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشقا-ئالغا ئىنتىلمەسلىككە،ئەجداتلار تۆھپىسىنى ئىگىز ياستۇق قىلىپ ناخشا-ئۇسۇلدىن ئىبارەت بايلىقىمىز بار دەپ پو ئېىپ ھەقىقى جانغا ئەسقا
تىدىغان مەڭگۈلۈك بايلىق__ ئەقىل-اراسەت ۋە ئىلىم-ھىكمەت ئىزدىمەي غەپلەتتە ئۆتۈۋىرىشكە ئەسلا بولمايدۇ. چۈنكى رايونىمىز يەنىلا ئېلىمىزدىكى تەرەققى قىلمىغان رايۇنلارنىڭ بىرى،ئىقتىسادى ئىجتىمائى تەرەققىياتىمىز يەنىلا قالاق،تەرەققىيات ئاساسىمىز يەنىلا ئاجىز، تەرەققىيات سەۋىيىمىز يەنىلا تۆۋەن، تەرەققىيات سۈرئتىمىز يەنىلا تەكشىسىز .مەيلى قايسى نۇقتىدىن بولمىسۇن،يېتەرسىز جايلىرىمىز تولىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، تالايلىغان مۈشكۈلات ۋە يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتىمىز. مۇشۇ دەقىقىدە،بىز شىنجاڭلىقلارغا(جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارغا) ئانىمىزنىڭ سۈتىدىنمۇ ھالال ۋە زۆرۈر بولىۋاتقان نەرسە__دەل ئۈگۈنىشنى كۇچەيتىپ،ئەقلىمىزنى ھۆر ،قەلبىمىزنى پاك قىلىپئ تەپەككۇر قاتماللىقىنى تۈگۈتىپ،كۆز-قاراشنى يېڭىلاش،ئىدىيىنى ئازات قىلىپ،ئىستىلنى رۇسلاش،ئۈملىك-ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مىڭ يىللاردا ئاران بىر كىلىدىغان بۇنداق ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتنى چىڭ تۇتۇپ، جان تىكىپ ئەمىلىي ئىشلەپ تەرەققىيات قەدىمىمىزنى ھەسسىلەپ تېزلىتىشتىن ئىبارەت.شۇڭلاشقا ،ئۈگۈنەيلى،ئۈگۈنەيلى! يەنە ئۈگۈنەيلى! پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىلغار مەدەنىيەت مىۋىلىرىلا بولىدىكەن ئۈگۈنەيلى! ئۆزلەشتۈرەيلى! ئۆز ئەمىلىيىتىمىزگە تەدبىقلايلى!ئەمەلدە كۆرسىتەيلى! ناخشا -ئۇسۇلدىن ئىلىم-پەنگە كۆچەيلى! قوشاقچى جىسمانى مىللەتتىن پاراسەتلىك ئەقلىي مىللەت بولۇشقا يۈرۈش قىلايلى! ۋە ھەقىقى مەنادىكى بىر مەيدان ئۈگۈنۈش ئىنقىلاۋى ئېلىپ بېرىپ،بىر مەيدان مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى (يەنى بارلىق ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى ئۈگىنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش قىزغىنلىقى) ئەۋىج ئالدۇرۇپ مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىزنى تىزلىتەيلى! تەرەققى قىلايلى! شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە يىڭى تۆھپىلەرنى قوشايلى! جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۈيۈك ئىشقا ھەممىمىز تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشايلى!
[بۇ تېما ئاپتورنىڭ«قوش تىللىق ئوقۇتۇش ھەققىدىكى ئىدراكى تونۇش ۋە ئىلھام»سەرلەۋىلىك ماقالىسىدىن تاللاپ يوللاندى]

بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقىلاڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 20:36:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ تىللىق بۇلۇش شەرەپ،ئانا تىلنى ئۇنتۇش نۇمۇس.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:28, Processed in 0.185584 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش