ئامراق تېلفۇنىڭىزدا ئۇيغۇرچە تور كۆرگۈچ بىلەن تور چىققۇڭىز بارمۇ؟ ئانا تىلىمىزدا بەھۇزۇر تور ئارلىغىڭىز بارمۇ؟ ھەمىمىڭلار شۇنداق قىلساقكەن دەپ تۇرغانسىلەر ھەرقاچان. ئەمسە بۇ ئۇيغۇر يۇمتال 3.0 توركۆرگۈچ-«كۆزنەك 3.0»نى قاچىلىۋېلىڭ.
<كۆزنەك 3.0> ئىشلىتىش قوللانمىسى
<ئۇيغۇر يۇمتال 3.0 توركۆرگۈچ>گە رەسمىي تۈردە <كۆزنەك 3.0> دەپ نام بېرىلدى.
<كۆزنەك 3.0> تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولدى:
1. بەزى قۇرلاردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. 2. رەسىم كۆرۈش,ئېل كىتاپ,ناخشا-مۇزىكالارنى نورمال زىيارەت قىلىش ۋە چۈشۈرۈش ئىشقا ئېشىپ,< ئۇيغۇر يۇمتال ئەپ بازىرى>بارلىققا كەلدى. 3. تور بەت يۈزىدىكى تېلفون نۇمۇر,ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ,<ئۇيغۇر يۇمتال ئاممىۋى تېلفون دەپتىرى>بارلىققا كەلدى. 4. ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى ئەپكە قوشۇلۇپ,دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرچە ھۆسىنخەتنى قوللايدىغان ۋە نورمال كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان تور كۆرگۈچ بولۇپ,ھۆسىنخەت سەھىپىسى بارلىققا كەلدى. 5. تور بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرىتى تېزلەشتى ھەمدە ئېقىم مىقتارىنى تېجەش ئىشقا ئاشتى. 6. تور كۆرگۈچنىڭ تاشقى كۆرىنىشى يېڭىلاندى. 7. تور بېكەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەش ۋە خەتنى تاللاپ كۆچۈرۈش ئىشقا ئاشتى. 8. شېركىتىمىزنىڭ ئۈندىدار سەھىپىسى قوشۇلۇپ,تېخىمۇ رەڭدار مەزمۇنلار چىقىرىلدى.ئۈندىدار نۇمۇرىمىز: uyghuryumtal.
تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىش جەريانىدا دېققەت قىلىدىغان مەزمۇنلار:
1. تېلفون تورغا ئۇلانغان ھالەتتە تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىڭ. 2. تور بېكەت ئادرېسى يازغاندا ئالدىغا //:http نى قوشۇڭ,ئەگەر قوشمىسىڭىز سىز كىرگۈزگەن مەزمۇننى ئاپتوماتىك ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەيدۇ. 3. تور بېكەتكە كىرگەندە ياكى ئۇلانمىلارنى باسقاندا,تور بېكەت تۇلۇق ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن مەشغۇلات قىلىڭ. 4. تور بېكەتنىڭ ئادرېسىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن,ئوڭ تەرەپتىكى كۆز بەلگىسىنى بېسىپ كۆرۈڭ. 5. ئەڭ ئاستىدىكى كونۇپكىلار سولدىن-ئوڭغا قاراپ بىرىنچى كونۇپكا:ئارقىغا يېنىش,ئىككىنچى كونۇپكا:باش بېكەتكە كىرىش<تېلفون ئۇلىنىش تورى كۆزدە تۇتىلىدۇ>ئۈچىنچى كونۇپكا:يۇمتال نەشىرىنى يېڭىلاش,تۆتىنچى كونۇپكا:چېكىنىش.
ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈش: http://uyyumtal.com/ |