قانات بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ، پەيمۇ؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن، پەينىڭ يېتىلىش جەريانىنى چۈشىنىپ ئۆتەيلى: ئەڭ يېڭى بايقالغان تاشقا ئايلانغان جىسىملاردىن مەلۇم بولىشىچە، تەخمىنەن 130 مىليون يىل ئىلگىرى، پۈتۈن بەدىنىنى پەي قاپلىغان قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلار بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە مەلۇم تۈردىكى دىنازاۋۇرلارمۇ بار. ئارخولۇگىيەلىك تەتقىقاتلاردىن بايلىقىشىچە، ئەڭ دەسلەپكى پەي تىكەنسىمان تۈكچىلەرنىڭ تەدرىجى تەرەققى قىلىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، مۇداپىئە رولىنى ئوينىغان ھەم مۇھىتقا ماسلىشىپ، قەھرىتان سوغۇققا قارشى تۇرىدىغان قورالغا ئايلانغان. كېيىنچە، پەي بارا-بارا يۇمشاپ كەتكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بارا-بارا بوشلۇقتا بەدەننى كۆتۈرىدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىغان. قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلار ئۇچىدىغان ھايۋانلارغا ئۆزگەرگەن. يىغىنچاقلىغاندا، 130 مىليون يىل ئىلگىرى ئۇچىدىغان ھايۋانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىمى تېخى بايقالمىغان. بىراق نۇرغۇن پەيلىك ھايۋانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمى بايقالغان. شۇڭا، ئىلمي يەكۈن شۇكى، ئالدى بىلەن پەي، ئاندىن قانات پەيدا بولغان.
مەنبە: «ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلىقى » ژورنىلىدىن ئېلىندى. |