مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1816 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دىلرۇس 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يۈرەك قېتىدا ساقلانغان پىنھان سۆيگۈنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر، بەك مەزمۇت بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پەزىلەت- تەربىينىڭ مىۋىسىدۇر.

كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 4

يېزىدا كادىر بولماق تەس (مۇزاتى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

55

تېما

1

دوست

1632

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
338 سەر
تىللا
288 دانە
تۆھپە
267 سەر
شۆھرەت
321 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 01:22:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىدا كادىر بولماق تەس

(مۇخەممەس)

مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)


ھەقنى-ھەق يازغۇچى شائىر بولماق تەس،
ئۆگۈنۈپ ھۆنەرگە ماھىر بولماق تەس،
بىلىمدە يېتىلىپ قادىر بولماق تەس،
رول تۇتۇپ ئۆلكىدە نازىر بولماق تەس،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.

ھەرقايسى ساھەدە باردۇر ھەر كەسىپ،
ئىشلىسە كىرىممۇ بارىدۇ ئېشىپ،
دەم ئېلىش، بايرامدا ئالمايدۇ قىسىپ،
يېزىدا نە ئارام ، ئالغاچ ئىش بېسىپ،
شۇڭلاشقا يېزىدا كادىر بولماق تەس.

ئىشلىنەر يېزىدا ئوتتۇزچە كەسىپ،
مۇقىملىق ھەممىنى چۈشىدۇ بېسىپ،
دېھقاننى بېيىتىش ئاساسىي كەسىپ،
باشقا تۈر خىزمەتمۇ قالمايدۇ ئېشىپ،
ھەممىدىن يېزىدا كادىر بولماق تەس.

ھەر كۈنى تۆۋەنگە چۈشمىسەڭ تېخى،
ئېتىزدا توپىلار كەچمىسەڭ تېخى،
تۈرلۈك دەرت-دەۋانى يەشمىسەڭ تېخى،
خىزمەتتىن شۇنچە كەچ چۈشمىسەڭ تېخى،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.

ئۆيۈڭدىن ناشتىسىز چىقىپ ئالدىراپ،
بارىسەن نۇقتاڭغا تېزدىن ھالسىراپ،
چۈشكىچە ماڭىسەن ئېچىپ، قاغجىراپ،
بەزىدە دېھقاندىن ناشتىلىق سوراپ،
ئويلاپ كۆر يېزىدا كادىر بولماق تەس.

خىزمىتىڭ جاپالىق، ئالدىراش، تولا،
ھەپتە، ئاي، پەسىلدە باھالاش تولا،
ئىشلەشكە ئۈلگۈرمەي‹‹تولۇقلاش››تولا،
ھەقىقى ئىشلەشكە  نەدىكى  چولا،
شۇڭىمۇ  يېزىدا كادىر بولماق تەس.

قىلارغا ئىشىڭ كۆپ، ۋەزىپەڭ ئېغىر،
قوشتا ھەم سۆرەمدە بولىسەن يېغىر،
مۈشكۈلات كۆپ شۇنچە بولغاچ يول چىغىر،
كۆرۈلسە سەۋەنلىك جەرىمانە ئېغىر،
دېمەككى، يېزىدا كادىر بولماق تەس.

رەھبەرنىڭ كاتىپى بولساڭ كۈنۈڭ تەس،
بېشىڭنى قاشلاشقا ۋاقىتمۇ يەتمەس،
ئارخىپنىڭ كۆپلۈكى كاللاڭدىن كەتمەس،
يىغىن سۆز،دوكلات تۈگىمەس، ئۈزۈلمەس،
دەرۋەقە،  يېزىدا كادىر بولماق تەس.

رەھبىرىڭ كايىيدۇ شىرەنى مۇشتلاپ،
دېھقىنىڭ نا قايىل، تۇمشۇغىن ئۇشلاپ،
قالىسەن ئارىدا  يالغان ئېتىپ لاپ،
دىل ئازار تارتىسەن ھالىڭغا قاراپ،
دەيمەنكى يېزىدا كادىر بولماق تەس.

دېھقانمۇ خالىسا ئىشلەيدۇ بېرىپ،
دەم ئالار خالىسا ئەركىن كېرىلىپ،
كادىرغا كەتكەچكە ئىشلار تېرىلىپ،
تۈگەتمەي بولمايدۇ كەچلەپ، بېرىلىپ،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.

يىل بويى تارتساڭمۇ مۈشكۈلات-جاپا،
ئاڭلايسەن رەھبەردىن تەنە ھەم تاپا،
قارىيالماي ئۆيۈڭگە باللىلارخاپا،
يوقلىيالماي ۋاقتىدا نارازى ئاپا،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.

تۈتۈننىڭ دەردىنى بىلىدۇ مورا،
قىيىن دەپ ۋايسىشار كەسىپلەر ئارا،
ھەر تۈرلۈك بېسىمدا كۆڭۈللەر يارا،
ئۇلارغا چۈشۈنۈش،ھېسداشلىق دورا،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.

دېھقاننىڭ بانكىدا ئامانىتى بار،
نامراتنىڭ تېگىشلىك كاپالىتى بار،
شىركەتنىڭ ئېشىنچە مۇكاپىتى بار،
كادىرنىڭ قانچىلىك پاراغىتى بار؟
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.

جاھاندا ئىشنىڭغۇ ئاسىنى بولماس،
خىزمەتنىڭ جاپاسى ھەم ئوخشاش بولماس،
تەڭسىزلىك ۋاقىتلىق، ئوڭشاپمۇ بولماس،
خىزمەتتە خىرىس كۆپ، پۇرسىتى بولماس،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.

بولسىمۇ خىزمىتىڭ شۇنچە ئالدىراش،
يوق ساڭا تەشەككۈر ياكى ھال سوراش،
خىزمەتنى تۈگەرتسەڭ كەچتە بار چارلاش،
بۇ تۈرلۈك خىزمەتكە بار توغرا قاراش،
تەس دېسە يېزىدا كادىر بولماق تەس.

يېزىنىڭ خىزمىتى شەرەپلىك، مۈشكۈل،
ۋايسىماي ئىشلەيدۇ  ئىشەنگەچ تەشكىل،
چۈشۈنىش، قوللاشتا تەسكىن تاپار  دىل،
ھارماڭلار ، سىلەرنى چۈشىنەر  كۆڭۈل،
بەرھەقكى :  يېزىدا كادىر بولماق تەس .


مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 5 + 3 + 5 + 5ياخشىكەن..!
pari + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!
سىرداش + 5 + 3 + 3 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
گۈلزار + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى شېئىر
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5يارايسىز.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 28 تىللا + 24 تۆھپە + 26 شۆھرەت + 25  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

561

تېما

27

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6926 سەر
تىللا
2801 دانە
تۆھپە
7628 سەر
شۆھرەت
5541 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 09:31:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماخمۇت ئاۋۇت ئەپەندىم بۇندىن كىيىنمۇ توختىماي ئۈزىڭىزنىڭ ئىجادىي تىمىللىرىنى بايقاش ئەھلىگە داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزغا تىلەكداشمەن . يارايسىز . قېنى ئەتىكى ئۇرۇن يەنىلا سىزنى ساقلاۋاتىدۇ
بايقاش مۇنبىرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز  بىرلىكتە تىرشايلى

287

تېما

101

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6638 سەر
تىللا
1700 دانە
تۆھپە
10700 سەر
شۆھرەت
5663 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 14:10:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر خوتۇن بولماق تەس دىسە ، يەنە بەزىلەر مۇئەللىم بولماق تەس دىگەن ، بۈگۈن بۇ شېئىرنى ئوقۇپ ھەممىدىن يېزىدا كادىر بولماق تەس ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .
رەھمەت ئەپەندىم، سىز ئاشۇ ئۆتكۈر قەلەملىرىڭىز بىلەن جەمىيتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرنى ھەم جاپاكەش مېھنەتكەش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى  ئالەمگە يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىسىز .

ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3674 سەر
تىللا
922 دانە
تۆھپە
8476 سەر
شۆھرەت
3502 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 15:25:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي-تۈكۈن  سورۇنغا بارالمىسا ،يا،
جامائەت قېتىدا  تۇرالمىسا،يا
دىھقاننىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمىسا يا  
شەنبىدە خاتىرجەم ياتالمىسا يا
راس دەيسىز، يېزىدا كادىر بولماق تەس.  

مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

23

تېما

3

دوست

797

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
151 سەر
تىللا
42 دانە
تۆھپە
149 سەر
شۆھرەت
197 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:34:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزا خىزمىتى ھەقىقەتەن شەرەپلىك ھەم جاپالىق خىزمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 13:17, Processed in 0.615289 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش