مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 3

قايدا سەن ئەخلاق ، ھايا ؟!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

55

تېما

1

دوست

1632

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
338 سەر
تىللا
288 دانە
تۆھپە
267 سەر
شۆھرەت
321 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 18:25:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايدا سەن ئەخلاق ، ھايا ؟!


تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن  


مەنىيتىمىزدىكى يىمىرلىش كۈندىن – كۈنگە ئاشكارلاندى . بىزدىكى ئىمكانسىزلىق بىزنى يېڭى – يېڭى تىراگىديىلەرگە مۇپتلا قىلدى . ئىرىشكىنىمىزدىن يوقاتقانلىرىمىز كۆپ بولدى . قەدىرلەشكە تگىشلىك نەرسىلەرنى بىر يانغا چۆرۈپ تاشلاپ ، ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرگە ئۆزىمىزنى ئۇردۇق .
بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە بىز دۇچ كەلگەن تىرادېگىيىلەرنىڭ ئەڭ ئېچىنارلىقى ئەخلاق ، شەرمۇ – ھايا تىرادېگىيلىرى بولدى . سىرتتىن ئىقىپ كىرگەن تاشلاندۇق ، چاكىنا مەدىنىيەت بىزنىڭ مەنىيتىمىزنى پاسكىنچىلىققا ، سېسىقچىلىققا تولدۇرۋەتتى . ئانىلار يوتىسىنى ئېچىپ كوچىغا چىققتى ، قىزلار كىندىكىنى . ئەدەپ – ئەخلاق ، شەرمۇ – ھايانىڭ قات – قاتلىرىنى يىرىڭلىق جاراھەت قاپلاپ كەتتى . قىز – چوكانلار ھېچ  تەپ – تارتماستىن ، ھېيىقماستىن مەيدە ، كېندىكلىرىنى ئېچىپ يۈرىۋېرىدىغان بولدى . ئاھ ، ئەجەپ نەسلى پاكىز قەۋم ئىدۇق – ھە ! ؟ نىمە بولۇپ كەتتۇق ئەمدى ؟؟ ...
- جېنىم قىزىم ، خوش بولاي ، سەندىن ئۆتىنەي داداڭ ، ئاكىللىرىڭ ئالدىدا مۇنداق يېرىم – ياڭلاچ يۈرمىگىن . تېنىڭنى يۆگەپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ سىرتلارغا چىققىن قىزىم .
- نەچچە قېتىم تەكراللىدىڭ بۇ گەپنى ، بۇ قايسى زامان ، سىنىڭ ئىددىيەڭ ئەجەپمۇ قاتمال ، تېلۋېزورنى كۆرۋاتامسەن ؟
- بىز تېلۋىزوردىكىلەرگە ئوخشىمايمىز قىزىم . ياشاش ئۇسۇلىمىز ، ئۆرپى – ئادىتىمىز ئۇلارنىڭكى بىلەن ئەسلا ئوخشىمايدۇ .
- ئوھۇش ، ھەجەپ تولا كوتىلدىدىڭ .
ئانا پەش قېقىپ چىقىپ كەتكەن قىزىنىڭ ئارقىسىدىن ئېغىر ئوھ تارتقىنىچە چوڭقۇر خىيالغا پاتتى . « ئەخلاق بىلەن شەرم – ھايا كىشىلەرنى پاسكىنچىلىقتىن ، شەرمەندىچىلىكتىن يىراق قىلىپ ، جەمئەت ئاتمۇسفېراسىنى بۇلغۇنىشتىن ساقلايدىغان خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر ئىدى . لېكىن ھازىر بۇ ئەڭگۈشتەرگە ئېغىر دەرجىدە دەز كەتتى . جەمىيەت ئېغىر دەرجىدە بولغاندى . ۋاپاسىزلىق ، مەيدانسىزلىق ، ئىتقاتسىزلىق ئادەملەر ئارىسىغا ۋابادەك يامرىدى .
ئەخلاق ، شەرەم – ھايا ، ئىتقاد – ئادەملەرنى بارلىق يامان ، چاكىنا ئىشلاردىن ، ۋەھشىلىكلەردىن توسۇپ تۇرىدىغان ،  « جەننەت »  بىلەن « دوزاق » نى ئايرىپ تۇرىدىغان « پاسىل » ئىدى . لېكىن ھازىر بۇ قالقان تېشىلىپ ، بۇ قالقاندىن چاك كەتتى ...
- قىزىم نەگە ماڭدىڭ ؟
- مۇنچىغا ، يۇيۇنىپ كىرىمەن .
قىز شۇنداق دەپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . ئانا ئوغوللىرىغا قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتتى . تەپتارتماس ، ھېيىقماس قىزىنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكى سىقىلغاندەك بولۇپ ، ھەسرەتلىك تولغاندى . يىپەك يولىدا ياشاپ مەدىنىيەت ، ئەخلاق جەھەتتە ئۆزىگە خاس سېسىتما ھاسىل قىلغان ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تىگىشلىك ھەسسە قوشقان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ خاس سېسىتمىسىنى ئۆز قولى بىلەن خانۇ – ۋەيران قىلماقتا . ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى يوقۇتۇپ قويماقتا .
- قىزىم چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمە .
- قىزىم ئىسىڭدە بولسۇن يۇيۇنغان چېغىڭدا چېچىڭنىڭ يۆللىكىنى ھەرقانداق كىشىگە كۆرسەتمە ، بۇ بىزنىڭ ئەخلاقىمىزغا زىت .
- قىزىم ئىچ كېيىمىڭ بىلەن داداڭنىڭ ، ئاكا – ئىنىللىرىڭنىڭ ئالدىغا قەتئى چىقما .
- يات جىنىسلىقلار ئالدىدا ھېجايما .
- بارغان يېرىڭدە كەچ قالما .
- ئۇھۇش ، بۇ نىمە دېگەن تۈگىمىگەن پەندى – نەسھەت . ئانا ھازىر ھەممە نەرسىدە يېڭلىق يارتىلىۋاتسا .
- قىزىم يېڭلىقنىڭ يارتىلىشى ناھيتى ياخشى ئىش ، لېكىن يېڭلىق دەپ ئەخلاقنى ، مىللىي  ئۆرپى – ئادەتنى چورۋەتسەك بولمايدۇ – دە ؟
- چۆرۋەتمەيدىغان نىمىسى بار ، زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ ئانا ؟
ئىسىل ئەن – ئەنىدىن چەتنەپ ھايات كۆچۈرۈش گۇمرانلىقتۇر . ئەخلاقسىزلىق ئىچىدە تاشاش تولمۇ نەپرەتلىكتۇر . لىكىن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقان ، جەمىيەتتىكى رولىنى ئۇنۇتقان بىر قىسىم ئايال ، چوكان ، قىزلار بەتقىلىقلىق ، رەسۋالىق ئېچىدە ئادىمىلىك قىممىتىنى دەپسەندە قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ . نۇمۇسنى سېتىۋاتىدۇ ، زەھەر سودىسى قىلۋاتىدۇ ، دەللالىق بىلەن شۇغىنلىنۋاتىدۇ . ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ، پەدىشەپنىڭ كۈندىن – كۈنىگە يىگلەپ كىتىشى بىزنى بىر قىسىم ئانىلاردىن ، ئاياللاردىن ، قىزلاردىن قاتتىق ئۆمۈتسىزلەندۈرمەكتە . ئىنسان شەھۋانى نەپسىنى ئەخلاقنىڭ ئۈستىگە قويىۋالغاندا ئەتراپنى بۇزۇقچىلىق قاپلاپ ، نۇمۇسىنى سېتىپ خەجلەيدىغان ، « نۇمۇس دېمەك پۇل دېمەكتۇر » دەپ قارايدىغان مۇناپىقلىق ئەۋج ئالىدۇ . ئەخلاق بىلەن ھايانىڭ ئورنىنى ئەخلاقسىزلىق ، ھاياسىزلىق ئىگىلەپ ، قىزلار بىلەن ئوغوللار توي خېتى ئالماي تۇرۇپمۇ ئەر – خوتۇندەك ئۆتۈشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان ھالەت شەكىنلىنىدۇ .
ياد جىنىسلىقلارنىڭ كۆزىگە نۇمۇس قىلىپ قارماسلىق كەلمەسكە كەتتى . قىزلارنىڭ تەشەبۇسكارلىقى يىگىتلەرنى تەمتىرتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار بارلىققا كەلدى . بىر قىسىم قىز ئاياللىرىمىزدا ھايا قالمىدى . ( ھەممە قىزلارنى ھاياسىز دېمەكچى ئەمەسمەن . ھايا ، نۇمۇس ئۈچۈن جان بىرىدىغان غورۇرلىق قىزلىرىمىز يەنىلا كۆپ ) كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىسا قىزىرىپ يەرگە قارىۋالىدىغان قىزلاردىن ، نازلىق تەبەسسۇم قىلىپ ، سىرلىق ھېجىيدىغان قىزلار كۈندىن – كۈنىگە ئاۋىپ كەتمەكتە . بۇنداق بولىشىدا ئاتا – ئانىلارنىڭ بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ ماسئۇلىيتىنى يوق دىگىلى بولامدۇ ؟ ياق ، ماسئۇلىيەت ئانىلاردا كۆپىرەك . ئۇلار قىزلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئەدەپلىك ، ئەخلاقلىق تەربىيلەشكە سەل قارىدى . ئۇلارنىڭ نەگە بېرىپ ، نەدە تۇرۇشى بىلەن كارى بولمىدى . ھالقىلىق مەسىللەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى ، ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمىدى . شۇنىڭ بىلەن چەكتىن ئاشقان ئەركىنلىك ئىچىدە چوڭ بولغان قىزلار توي قىلماي تۇرۇپلا چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ قويۇپ ، تاپتىن چىقىپ كەتتى ، قورساق كۆتۈردى . مانا بۇ قىزلارنى جان – دىل بىلەن كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ، مەسئۇلىيەتچان ئانىللىرىدىن قىلىپ تەربىلەيدىغان ئانىلارنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكى ، مانا بۇ ئانىلارنىڭ ئانىلىق قىممىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى .
ئىنسانىيەت ئەخلاقىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ، ئەڭ قەبئى بۇزغۇنچىلۇق – قىزلىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپراتسىيسى قىزلارنى قىزلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا ئانچە ئۆكۈنىپ كەتمەيدىغان ، ئازاپلانمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى . ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش بويۇم تۈرلىرىنىڭ كۆپۈيىشى ئارىغا ئەخلاقسىزلىقنى يامىرتىۋەتتى ، گۈزەل ئەخلاقنى زاۋانلىققا يۈزلەندۈردى ، ئاياللارنى ئاياللىق قىممىتىدىن ، ئاياللىق نازاكىتىدىن ئايرىدى . ۋاپا – ساداقەت ، مېھرى – مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپتى . ئاياللارنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى ، مەنمەنچىلىكى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزغۇنچىلۇققا ئۇچۇرتىپ ، ئۇلارنى رەسۋاچىلىق پاتقىقىغا سۆرەپ كىردى . تۇزغا چىلاپ يىگەن ناننىڭ تەمى بۇلغاندى . ھالال نىكاھنىڭ چەك – چېكىگە دەز كەتتى . كوچىلاردىكى يېتىم – يىسىرلارنىڭ سانى ئاشتى . جەمىيئەت رەسۋاچىلىققا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ھالغا يەتتى . ( بۇ يەردە مەسئۇلىيەتنى خوتۇن – قىزلارغىلا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ ، بەلكى ھەددىدىن ئاشقان ، غورۇرىنى يوقاتقان نائەھلى ، ئادىمىلىكنى ئۇنتۇپ قالغان ئەركەكلەردىمۇ بار )
ئىپپىتنى – ئەڭ چوڭ بايلىقىم دەپ قارىمايدىغان ئايال ، چوكان ، قىزلار بىر ئۆمۈر ھەسرەت – نادامەت ، قايغۇ – ئازاپ ئىچىدە ئۆتىدۇ . خار – زارلىقتىن ، خورلۇق ۋە ھاقارەتتىن قۇتىلالمايدۇ . بىر قىسىم خوتۇن ، قىزلىرىمىزنىڭ توغرا يولدىن چىقىپ ، خاتا يولدا مېڭىشى ، ئەخلاقلىق ، ھايالىق ، ئىپپەت – نۇمۇس دېسە جان بىرىدىغان خوتۇن – قىزلىرىمىزنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە نۇخسان يەتكۈزۈپ ، خوتۇن – قىزلار توغرىسىدىكى مۇققەددەس قاراشلارنى تەۋرىتىپ قويدى . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىر – قىممىتى ھەققىدە ئويلانمىسا ، ئويغانمىسا كېرەكسىز داشقاللاردىن پەرىقسىز بولۇپ قالىدۇ ئۆزنىڭ ئاياللىق پەزىلىتىنى يوقۇتىپ قويغان ئايال زىمىن ئۈچۈن ئوشۇق يۈك ، مىللەت ئۈچۈن بالايى – ئاپەت ، جەمىيەت ئۈچۈن قورقۇنىچلۇق باكتىريە . ئاياللىق پەزىلىتىنى يوقاتقان ئاياللارغا قارايدىغان بولساق ئۇلار گۈزەل ئەخلاقتىن ، مېھرى – مۇھەببەتتىن ، پاكلىقتىن ، ساداقەتتىن ، ۋاپادارلىقتىن ئايرىلىپ قالغان . ئۆزلىرىنى سۆيىدىغان ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان ئەركەكلەرگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلغان ، ئاياللىق نازاكىتىنى خوراتقان ، ئىپپىتىنى پۇل ئورنىدا خەجلىگەن ، قارىغۇلارچە دوراش ، مەجنۇنلارچە قارا – قويۇق چوقۇنىش ، مىللىي  ئۆرپى – ئادىتىمىزگە ، خاراكتىرىمىزگە ، ئەخلاقىمىزغا ، روھىمىزغا شۇنداقلا بىز ياشاۋاتقان كېلماتقان ، جەمىيەتكە ئېغىر بۇلغۇنىشلارنى ئېلىپ كەلدى .  ئەتىراپىمىزغا ، ئەخلاقىمىزغا ، ئۆرپى – ئادىتىمىزگە يات ئىش – ھەركەتلەر بۆسۈپ كىرىشكە باشلىدى . ئىپپەت - نۇمۇس سودىسى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان ئورۇنلار ، خوجايىنلار بارلىققا كەلدى . ئەر – خوتۇنلۇقنىڭ ئورنىنى زەيىپلەشكەن ساداقەت ، كامالىغا يەتكەن ئالدامچىلىق ، سىرتقا تەلمۈرۈشتىن ھاسىل بولغان ياغلىما سۆز ، سۈنئى مۇھەببەت ئىگىلىدى . ئىجتىمائىي ئەخلاق بۇزۇلدى . ئارىغا ئىشەنمەسلىك ، گۇمانسىراش ، ئالدامچىلىق ، خائىنلىق ، ئىپلاسلىق ... يامراپ ، ئالىجاناپلىق ، مېھرىبانلىق ، ھالاللىق زاۋانلىققا يۈزلەندى . « ئاياللار ئازاتلىقى » شۇئارى ، « جىنسى ئازاتلىق » شۇئارىغا تەرەققىي قىلدى . ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مېھرى – مۇھەببەت ، ۋاپا – ساداقەت ، ئىشەنچ ئىچ – ئىچىدىن بۇزۇلۇپ كەتتى . روھى ساغلاملىق ، پاكلىق نابۇت بولدى . ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتىدىن ئىبارەت يەنە بىر رەسۋالىق مەيدانغا كەلدى .
مىللىتىمىز – پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەتراپلىق ، ياخشى تەربىيلىنىشگە تۈرتكە بولىدىغان ، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىنى توسۇشقا كۆڭۈل بىلىدىغان ساپاسى يۇقۇرى ئەۋلاتلارغا شۇنىڭدەك مىللەتكە كۆيىدىغان ، مىللەتنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئانىلارغا مۇختاج . چۈنكى « جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا »
بالىلارنىڭ ياراملىق ، ئەقىللىق بولۇپ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن مەدىنىيەتلىك ، ئەخلاقلىق ، ساپالىق ، مەسئۇلىيەتچان ئانىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشى تولىمۇ زۆرۈر . قىزلار ، ئاياللار مىللەتنىڭ ئانىسى . شۇنداقكەن ئانىلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقۇرى – تۆۋەن بولۇشى ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش – گۈللەنمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى مىللەتنىڭ تەقدىرىدۇر . ئانىلىق مېھرىنى دات باسقان ، ئاتىلىق سۆيگۈسى يىگىلىگەن ، باغرى تاشتەك قاتقان بىر قىسىم ئانىلار باللىرىنى ئانا سۈتى بىلەن ئەمەس ، كالا سۈتۈ بىلەن بېقىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ، باللارنى ئىمىتىۋەرسە پىگۇرسى بۇزۇلۇپ كىتەرمۈش ، گۈزەللىكىگە تەسىر يىتەرمۈش . قارا ، قارا ! ماۋۇ ھازازۇللۇقنى ، مەلئۇنلۇقنى ! ... ھەيۋان جېنىدا باللىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمچەكتىن ئايرىۋەتمەيدىغۇ ؟ مېھرى بىلەن تۈكلىرىنى يالاپ تۇرۇپ ، ئېيىپ بېرىپ باللىرىنى ئىمىتىدىغۇ ؟ « بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدىغان » ئانىلاردىكى مەسئۇلىيەت ، بۇرۇچ دىگەنلەر نەگە كەتتى  ؟ بالا ئانا سۈتى ئەمەي كالا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولسا ئۇنداق بالىنىڭ چوڭ بولغاندا ئانىغا بولغان مېھرى – مۇھەببىتى قانچىلىك بولار ؟ ئۇنداق بالىدىن ھەر خىل ئىللەتلەر تېپىلمايدۇ دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ ؟ ئەجىبا ، قورقماس ، قاپلان يۈرەك باتۇر – چەۋەندازلارنى ، قاھرىمانلارنى ، دۆلەت قۇرغان جاقانلارنى تۇققان ئانىلار باللىرىنى 30 ئايدىن ئارتۇق  ئىمىتىپمۇ ئىسكەتىدىن كەتمەپتىكەن ، گۈزەلىكى بۇزۇلماپتىكەن . نىمە دېسە ھەدەپ تۇرىدىغان ، ئۈژمە پىش ئاغزىمغا چۈش دەپ ئوڭدا يېتىپ ، ئەجداتلىرىنىڭ مۇققەددەس مىراسلىرىنى تەكى قىلىپ ، خورەك تارتىپ بەغرەزلەرچە ئۇخلاۋىرىدىغان ، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ ئوڭمەي مانتا يايدىغان بېزەڭلەرنى تۇغىۋاتقان ئانىللىرىمىزنىڭ پىگۇرسى بۇزۇلۇپ ، گۈزەللىكى يىگىلەپ كېتەرما ؟ ... ئەي ئانىلار ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ، سىللەرنىڭ ئۇلۇقلىقىڭلار تۇغۇشتا ئەمەس ، بەلكى باللارغا مېھرى – مۇھەببەتنى ، ۋاپادارلىقنى تولۇقى بىلەن يەتكۈزۈپ ، ئۇلارنى ۋەتەن ، مىللەت ئۈچۈن ياراملىق قىلىپ قاتارغا قوشۇشۇڭلاردا . ھالال جۈتىڭلار تۇرۇپ باشقىلار ئالدىدا نايتاقشىپ ، ئەركىلەپ ، بىشارەتلىك ھېجىيىپ ، سۈيۈڭلارنى چىقىرىپ ، باللىرىڭلارنى ئۇنتۇپ ، باشقىلارنىڭ قۇچىقىدا يىلاندەك تولغۇنىپ ، نازلىق ئېڭراپ كۆڭلىنى ئېچىپ ، شەھۋانى نەپسىڭلارنى قاندۇرۇپ يۈرسەڭلار ، سىللەرنىڭ زەھەرلىك يىلاندىن ، ئىبلىستىن نىمە پەرقىڭلار ؟ باللىرىغا ۋاختىدا تاماق ، ئۇسسۇزلۇق بەرمىگەن ئانا قانداقمۇ ئانا بولالىسۇن ؟ ئېرىنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ ، بۇرتىغا چالما تېزىپ يۈرگەن خوتۇن قانداقمۇ لاياقەتلىك ئايال ، مەسئۇلىيەتچان ئانا بولالىسۇن ؟؟ ئانا بالا قەلبىدىكى مۇقەددەس ئىلاھ ! ئۇ مۇقەددەسلىكنى يوقاتسا ، بالىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى يوقىتىدۇ . ۋەتەن ، مىللەت ، جەمىيەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ . ئانا پەسكەش بولسا باللىرى نۇمۇسسىز ، ساتقىن بولىدۇ . بالىلىلار ئالدىدىكى مەسئۇليتىنى تولۇق ئادا قىلىپ ، يول باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرالىغان ئانىلار ھەقىقىي ئانا بولالايدۇ . جەمىيەتتە ئۆزىگە خاس قىممەت يارتالايدۇ .
بالىنى لاياقەتلىك ، ياراملىق ، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق تەربىلىيەلمىگەن ئانىنىڭ ھەيۋاندىن نىمە پەرقى بولسۇن ؟ ئانىنىڭ مەسئۇلىيتى بالا تۇغۇش ، بېقىشلا ئەمەس ، بەلكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن باللارنى تەربىيلەپ جەمىيەتكە چىقىرىش . شۇڭا ئانا بولغۇچى بالىلارنىڭ تەربىيلىنىش باسقۇچىدىكى ھالقىلىق پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويماسلىقى ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ۋاپادارلىق ، مېھرىبانلىق ، جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تېرىپ ، گۈزەل بولغان دۇنيا قارىشىنى ، مىللىي ئەنئەنە تەربىيسىنى ، ئۆزىىمىزنىڭ ئەلمۇساقتىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەمما كونىلىق دەپ قارىلىۋاتقان نەرسىللىرىمىزنىڭ قىممىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىنى سىڭدۈرۈشى ، چاكىنا ، پەسكەش ، ناچار ئىللەتلەرنى قوبۇل قىلېۋېلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويماسلىقى كېرەك . مانا بۇ توققۇز ئاي ، توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ ، ئاچچىق تولغاق يەپ ، ئەزرائىل بىلەن تىغمۇ – تىغ ئېلىشىپ ، يېڭى بىر جاننى دۇنياغا كۆز ئاچچقۇزغان ھەر قانداق بىر ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى ، مانا بۇ مۇسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بالىلارنىڭ تۈنجى ئۇستازى بولغان ئانىلار بەلگىلىك مەدىنىيەت ساپاسىغا ، بالا تەربىيلەش تەجىربىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك . ساپاسىز ئانىلارنىڭ باللىرى ساپاسىز چوڭ بولىدۇ . چۈنكى ئانىنىڭ ساپاسى – بالىنىڭ ساپاسى . بالىنىڭ ساپاسى – مىللەتنىڭ ساپاسى . مىللەتنىڭ مەدىنىيتى ، ئۆرپى – ئادىتى ، كىشىنى سۆيۈندىرىدىغان ئەدەپ – ئەخلاق ، قائىدە – يوسۇنلىرىنى باللىرىغا يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىدىغان ئانىلار بىزنىڭ ئانىللىرىمىزنىڭ ئىچىدە زادى قانچىلىك ؟ ئۆزىنى ئۈنتۇپ بالام دەپلا ياشايدىغان ئانىلار ھەقىقىي قۇربان بەرگۈچىلەردۇر . بۇنداق ئانىلار بىزنىڭ ئانىللىرىمىز ئىچىدە قانچىلىك ؟ ھەر بىر ئانا بولغۇچى ئۆز – ئۆزىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ، تەتقىىق قىلىش بۈگۈنگە كەلگەندە تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى . شۇڭا « مەن كىم ؟ مەن زادى كىم ؟ » دەپ ئويلىنىش ئانىلارغا دائىملىق مەجبۇرىيەت دەپ چۈشەنگەن ئانا ھەقىقىي ئانىدۇر .
- بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك ئېلىپ بەرمىسەڭ سەن بىلەن بىللە ئۆيگە كەتمەيمەن ، بولمىسا  بالاڭنى ئۆزۈڭ ئېلىپ كىتىپ باق .
- خۇرۇم چاپان ئېلىپ بەر دېسەم ئېلىپ بەرمىگەندىكىن بۇ شۇمىڭنى  ئال ، خېتىمنى بەر .
شۇنداق ، بىر قىسىم ئانىلار ئالتۇن . زىبۇ – زىننەتنى ، كېيىم كېچەكنى باغرىنى يېرىپ چىققان بالىدىن ئۈستۈن كۆردى . بۇنىڭ بىلەن شەيتاننىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ ، بار كۈچى بىلەن دۇمبۇقىنى چېلىپ روھى يىگىلىگەن ئانىلارنىڭ مېڭىسىنى ئېلىشتۇرۇپ ، ئازدۇرۇپ يولدىن چىقىرىپ بۇزۇپ ، بىر بۆلۈك سەرسان – سەرگەردان ئەۋلاتلارنى بارلىقا كەلتۈرۈپ ، مىللەتنىڭ كېلىچىكىنى خىرەلەشتۈردى . بىر قىسىم تاپتىن چىققان ئانىلارنىڭ شەھۋانى كۈلكىسى ، شەھۋانى نەپسى ، شەھۋانى ھەركىتى ئەمدىلا بالاغەتكە  يەتكەن قىزلارنىڭ قىزلىقىدىن بىمەھەل خوشلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ئاياللار كۆپىيىۋاتىدۇ . ئەمما ئانىلار ئازىيۋاتىدۇ . ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىق مەسئۇلىيتىنى تېگى – تەكتى بىلەن تونۇپ يەتكەندە ئەل – ۋەتەن ، مىللەت دېسە ، ئىپپەت – نۇمۇس دېسە ئىككىلەنمەي جان بىرىدىغان ئوت يۈرەك ئەۋلاتلار قايتا بارلىققا كىلىدۇ . جەمىيەتىكى بۇزۇلۇش ئوڭشىلىدۇ . ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىقىنى ئۈنۈتسا ، ئازغىنا نەپ ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىدىغان ، ئارا – نۇمۇسىنى ساتىدىغان بىر بۆلۈك ھازازۇل ، ماڭقۇرت ، مەلئۇنلار مەيدانغا كىلىدۇ . قىسقىسى ئانىلارنىڭ بۇزۇلۇشى بالىلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى ، جەميىتەتنىڭ بۇزۇلۇشىنى ، مىللەتنىڭ خاراپلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئانىلارنىڭ بۇزۇلۇشى ، ۋەتەننىڭ ھالاكىتى ، ئانىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئەركەكلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە ، ئەرلىك غورۇرىغا قىلىنغان ھاقارەت ، بەختىيار ئائىلىنىڭ ئوق يىلتىزىغا غەزەپ بىلەن ئۇرۇلغان پالتا ، بالىلارنىڭ خاتىرجەملىكىگە چۈشكەن مىتە . شۇنىسى ئېنىقكى ، ئانىلارنىڭ ئۆز مەجبۇريىەت ، مەسئۇلىيەت ، بۇرچىنى ئۇنۇتقان كۈنى بالىلار سەرسانلىقنىڭ ، مىللەتنىڭ ھەمشەر كۈنىنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر . ئانىلارنىڭ رەسۋالىقى مىللەتنىڭ رەسۋالىقى ، نادانلىق ۋە توزكورلۇق ئارلاشقان ئانا سۆيگۈسى ئوغا سېلىنغان ئۇسسۇزلۇقتۇر . بىزدە ھازىر بالىلارغا چۆچەك ئېيتىپ بىرىدىغان ئانىلارنى تاپماق تولىمۇ تەس . چۆچەك بىلىدىغان ئانىلارمۇ ھەم ئاز – يوق دىيەرلىك . ئەخلاقسىزلىقتا ، ۋاپاسىزلىقتا ، ئەل ئاغىزىغا چىقىپ قالغان بالىلار ھاياسىز ئانىلارنىڭ تەربىيسى ئاستىدا چوڭ بولغانلاردۇر . بىر قىسىم ئانىلارنىڭ مەسئۇلىتيەتسىزلىكى ، ئەخلاقسىزلىقى تۈپەيلىدىن گۈلدەك قىزلىرىمىز ئىشتانباغلىرىنى يوقۇتۇپ قويدى . شەرمۇ – ھايا ، ئەخلاقتىن ئايرىلغان ئانىنىڭ تەربىيلىگەن باللىرى ئۆزىدىن ئۆتە ھازازۇل ، بەڭۋاش ، رەسۋا چوڭ بولىدۇ . چۈنكى ناپاك ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا قىيامەت گۈلخانلىرى لاۋۇلداپ تۇرىدۇ . ئانىللىرى ئۆز مەسئۇلىيتىنى بىلمىگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى خىرە ، ئەندۈشلىكتۇر . شۇڭا دەيمەن ، ئالىجاناپلىق ، مېھرىبانلىق تەربىيسىنى ، ۋەتەنپەرۋەرلىك سۆيگۈسىنى باللىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرەلىگەن ئانا پەرىشتە ! باللىرىنى گۈزەل ئەخلاقتىن ، شەرمۇ – ھايا ، پەدىشەپتىن ئوزۇقلاندۇرالمىغان ئانا ئبلىس !! ...
بىر مىللەتنىڭ ئىلغار مىللەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ، شاللىنىپ قالماي ، گېگانىت قەد كۆتۈرۈپ تەرەققىي قىلىشى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەقىي قىلغىنىغا ئوخشاشلا ، ئانىلارنىڭ باللىرىنى ياراملىق ، مەسئۇلىيەتچان قىلىپ تەربىيلەش – تەربىلىيەلمەسلىكى بىلەنمۇ چەمبەرچەس باغلىنىشلىقتۇر . بىزدە بۇ نوختىنى تونۇپ يەتكەن ، مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ ،- ئەخلاق ، ئۆرپى – ئادەتلىرىنى تەرك ئەتمەي ، ئەلمۇساقتىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئىتقاد ، ئەنئەنىللىرىمىزدىن ماياك ئورنىدا پايدىلىنىپ ، ئىرىگە ئىنساپ ، باللىرىغا بەخىت – سائادەت تىلەپ ، ئىمان ، ئىتىقاد ، بۇرۇچ ، مەسئۇلىيەت بىلەن ياشاۋاتقان ئانىلارمۇ بار . لېكىن ئەرلەر بىلەن بەسلىشىپ ئىچىپ – چېكىپ مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل ئۆرپى – ئادەتلىرنى ئاياغ – ئاستى قىلىپ ، گۈزەل ئەخلاقنى ، ئىتقادنى ، قەدىر – قىممەتنى ، ئاياللىق لاتاپىتىنى ، ئانىلىق مەسئۇلىيتىنى يوقۇتىۋەتكەن ھەيۋان كەبى ئانىلارمۇ بار .
ئانىلار ھېيىقماستىن ھاراق ئىچىپ ، تاماكا چېكىپ ، نۇمۇسىنى سېتىپ ، ۋىجدانىنى ، ئادىمىلىكىنى دەسسەپ – يەنجىپ ، مەس – ئەلەس يۈرسە ، ئۇنداق ئانىلارنىڭ باللىرى قانداق چوڭ بولار ؟ ئانىلارنىڭ قەلبى كىرلىشىپ ، مەينەتلىشىپ ، تەقۋادارلىقىنى ، ئەخلاقىنى ، غايە ، ئىتقاد ، مەسئۇلىيتىنى يوقاتسا مىللەتنى ھالاكەتلىك يوقۇلۇشقا ئېلىپ بارمايدۇ دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ ؟ بالىلارنىڭ تەقدىرىنى ئانىلار بىلەن ،  مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بالىلار بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق ئەمەس دەپ قېنى كىم ئېيتالايدۇ ؟
مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا . شۇڭا مىللىتىمىز ساپلىق ، مەسئۇلىيەتچان ، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق ، ئىتىقادى ، مەيدانى مۇستاھكەم ، روھى دۇنياسى ساغلام ئانىلار قوشۇنىغا مۇختاج !
ھەقىقى ئانا ، بالىلار مەسىلىسى بىلەن ئانىلار مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلالىغان ئانىدۇر .
بالىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاقالىغان ئانا ھەقىقى ئانىدۇر .
ئۆزىنىڭ ئانىلىقىنى تونىغان ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتكەن ئانا ھەقىقى ئانىدۇر .
ھەقىقى ياراملىق ئانا بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى پەرزەنتىنىڭ تەقدىرى بىلەن مىللەتنىڭ تەقدىرىنى چەمبەرچەس باغلىنىشلىق دەپ چۈشىنىشى – چۈشەنمەسلىكىدۇر .
بىز يېڭلىق دەپ قوبۇل قىلىۋالغان ئارلاشما مەدىنىيەت بىزنىڭ گۈزەل ئۆرپى – ئادەتلىرىمىزنى بىزدىن تارتىپ ئېلىپ كەتتى . ئۆرپى – ئادىتىمىزدە ، مەدىنىيتىمىزدە ، مېڭىش – تۇرۇش ، كىيىنىش ھەتتا ئىتىقادىمىزدا يېڭلىق ياراتتۇق . يېڭلىق يارتىش بىر مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى روھ ، مىللەتنىڭ  ياشنىشىدىكى تەڭداشسىز ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ . بىراق ، بىز يېڭلىقنى قوبۇل قىلغاندا ئىلغار تەرەپلىرىنى ئەمەس ، چاكىنا ، پۈچەك يەنە كىلىپ بىزنىڭ ياشاش ئادىتىمىزگە ، ئىتىقادىمىزغا ماس كەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلدۇق . شۇنىڭ بىلەن ئىسىل ئادەتلىرىمىزنىڭ چەك – چېكىگە دەز كەتتى . قىز ، ئاياللىرىمىز ھېيىقماستىن ، نۇمۇس قىلماي كوچىلارغا يېرىم – يالىڭلاچ چىقىۋىرىدىغان ، ئوغوللار بىلەن ئەر – ئاياللىق تۇرمۇش ھەققىدە بىمالال سۆزلىشىۋىرىدىغان ، ئەخلاقىمىزغا زىت ئەھۋاللار ئارىمىزغا يامىرىدى . چېچىنى قىرىق تال قىلىپ ئۆرۈپ ، ھوشۇقىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن – ئۇزۇن ئەتلەس كۆينەكلىرىنى ، يارشىملىق چىمەن دوپپىلارىنى كىيىپ ، شەرمۇ – ھايا ، ئەدەپ – ئەخلاقنى ئۆزىنىڭ قۇرالى قىلىپ ياشايدىغان ئۇيغۇر قىزلىرى سىرتقى مەدىنىيەتنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ، « مودا » نىڭ دېكتاتۇرسىغا بەرداشلىق بىرەلمەي كىيىمدىن چىقىپ كەتتى . قىز ، ئايالار ئىتىقادتىن ئايناقلاپ ، ئۇياتلىق يەرلەرنى ئاران – ئاران توسۇپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلەندى . « قىزلىق » نى ساقلاش ئېڭى ئاجىزلاپ ، ئەخلاق جەھەتتە چۈشكۈنلىشىپ ، غورۇرىنى دەپسەندە قىلىپ ، ئىپپەت - نۇمۇسىنى سېتىپ جاھاندارچىلىق قىلىدىغان رەسۋالار ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى . قىزلىرىمىز بۇزۇلدى ، ھاياسىزلاشتى . ئوغوللىرىمىز ۋاپاسىزلاشتى ، غورۇرىدىن ئايناقلىدى . ئەۋلاتمۇ – ئەۋلاد داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان گۈزەل ئەخلاقىمىز ، ئۆرپى – ئادەتلىرىمىز ۋەيرانچىللىققا ئۇچىرىدى . ھايالىق ، ئۇياتچانلىق ، يۈزى تۆۋەنلىك ، نۇمۇسچانلىق ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنىڭ گۈل تاجى ئىدى . لېكىن ھازىر بۇ گۈزەل تاجنىڭ ئورنىنى ھاياسىزلىق ، بەتقىلىقلىق ، ئەخلاقسىزلىق ، قوپاللىق ئىگىلىۋالدى . ئاياللارغا بىرىلگەن زىيادە ئەركىنلىك ئۇلارنىڭ پەكلىقىنى پاسكىنچىلىق پاتقىقىغا پاتۇرۋەتتى . بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئاياللارغا زىيادە ئەركىنلىك بىرىلسە پاكلىقنى يوقىتىدىكەن . پاكلىقى يوقالغان ئايال ئانىلىق بۇرچىنى ئەستىن چىقىرىدىكەن ، رەسۋالىق ئىچىدە ياشاشنى شەرەپ بىلىدىكەن . نۇمۇس قىلىش ، ئىزا تارتىش ، ھايالىق بولۇش ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەن . ئايال دىگەننىڭ ئاياللارغا خاس تەبىئىتى كۈچلۈك بولمىسا ئۇنى قانداقمۇ ئايال دىگىنى بولسۇن ؟ ! قەلبىدىن گۈزەل ئەخلاقنىڭ خۇشپۇراقلىرى ئۆچكەن ئايال رەسۋا ئايالدۇر.
ئەخلاق بۇزغۇنچىلۇققا ئۇچىرىغان جايدىن قىيامەتنىڭ قىيا – چىيالىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ . ئادەمنى ۋەس – ۋېسىگە سالىدىغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ ، بارچە راسۋالىق شۇ يەردىن باشلىنىدۇ . ئەخلاق ئوڭشالمىغىچە روھ پاكلانمىغىچە ، قانلار تازىلانمىغىچە مىللەت تۈزەلمەيدۇ . خەلق بېشىغا كەلگەن بالايى – ئاپەتلەردىن قۇتىىلالمايدۇ ، ھالاكەت پاتقىقىغا كۈندىن – كۈنگە پېتىۋېرىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئاياللارنىڭ ئەخلاقىنى تۈزەش ئەڭ مۇھىم . چۈنكى « ھاراق بىلەن ئايال بارچە گۇنانىڭ ئانىسى » ئەخلاقسىزلىق يامىرىغان ئەلدىن بەركەت كىتىدۇ ، بۇ ئەلنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئالغا باسمايدۇ . بۇنداق ئەلنىڭ ئىچىدە ئاسىلىق ، مۇناپىقلىق ، ساتقىنلىق ، ۋەپاسىزلىق ئەۋجى ئالىدۇ .
ئەخلاق – ئادەملەرنى يامان يول ، ئىش – ھەركەتلەردىن توسىدىغان قالقان . بۇ قالقاندىن ئايرىلغانلار پەسكەشلىك ، رەسۋالىق ئىچىدە ياشاپ ، ئۆزىنى قوغداشنى ئۇنتىپ قالىدۇ . ئەخلاقسىز ئايالدا ياخشى خۇلۇق ، ئاياللارغا خاس نازاكات ، ئاياللارغا خاس مىجەز – خاراكتىر ئەسلا بولمايدۇ .بۇنداق ئاياللار ھەرقانداق پەسكەشلىكلەرنى قىلىۋېرىدۇ . مەن قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ ھەممىسى تاپتىن چىقىپ كەتتى ، ئەخلاقسىز دىمەكچى ئەمەسمەن . دېمەكچى بولغىنىم ئەنئەنىدىن ، ئىسىل ئەخلاقتىن ، خاسلىقتىن چەتنەپ كەتتى. ئەنئەنىنىڭ ، خاسلىقنىڭ يوقۇلىشى مىللەت ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر پائاجە .
ئەخلاق ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان ئەلدە كىشىلەر خار – زابۇنلۇق ئىچىدە ياشاپ ، مىللىي ئەخلاقنى ، ئىسىل ئۆرپى – ئادەت ، قائىدە – يوسۇنلارنى دەپسەندە قىلىدۇ ، مىللەتنىڭ پاجئەلىك تەقدىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ .
ئەخلاق ئېڭى ئۆلگەن ئادەم ئادىمىلىككە ئەڭ ئېغىر دەرجىدە ھاقارەت كەلتۈرگەن ئادەمدۇر .
- دادا ، ئاۋۇ ئاچاش ئىچ كېيىمى بىلەنلا كوچىغا چىقىپتۇ – ھە ؟
- يولدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ئوخشايلدۇ ، قىزىم .
- بۇ يەردىكى ھەممە ئاچاشلا يولدىشى بىلەن ئۇرىشامدۇ ، دادا ؟ ئۇلار ھەجەپ ئەسكىكەن – ھە ؟ ...
قىزلىرىمىز كېندىكى ۋە كۆكسىنىڭ يېرىمىنى ئېچىپ قويۇپ يۈرۈشنى تىلى كۆيمەي مەدىنىيلىك دەپ ئاتىشىۋالدى . بۈگۈنگە كەلگەندە قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەپ – ئەخلاق چۈمپەردىسى رەھىمسىزلەرچە يىرتىپ تاشلاندى . ئەمدى قىزلاردىن ۋايىغا يەتكەن ئەدەپلەرنى ، شەرمۇ – ھايانى كۆرگىلى بولماس بولۇپ كەتتى . بۇنىڭغا چىدىمىغان يۈرەكلەر ئېچىنىشلىق نالە – پەريات چەكتى.
« ئېچىلسا كېندىكىڭ ، مەيدەڭ بۆلەكچە تەۋرىسە ساغراڭ
ئىزادىن بولدى ئەت  -جانىم  تونۇر قوينىدىكى زاغرا.
نە سەۋەپتىن بۇ قەدەر ئاشكارە مەيدەڭ ، كېندىكىڭ ؟
نېپىزلىك زېننىتى يۈزنىڭ ، ئەمەس ئۇ داپ ۋە يا ناغرا .
« مىسلىسىز ئىسيان » چېغى بولدۇق ئەجەپ قان – لەختە بىز ،
تەلمۈرەتتۇق بۇردا نان ، ئالقانچىلىك بۆز – رەخقە بىز .
توق – پاراۋان دەمدىمۇ كېيمەي پۈتۈنرەك نە ئۈچۈن ،
ئەڭ ئۇياتلىق جايىمىزنى كۆرسىتەرمىز خەققە بىز ؟ »
شۇنداق ، بىز ھايا ، پەدىشەپنى چۆرۈپ تاشلاپ ، كوچا – رەستىلەردە يېرىم – يالىڭاچ بولۇپ يۈرىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتۇق . ئەخلاق قان – يېرىڭ ئېچىدە ئېچىنىشلىق ئېڭىرىدى .
ئەخلاق ۋە ھايا ئادەملەرنى پاسىقلىقتىن يىراق قىلىپ ، شەرمەندىچىلىكتىن ساقلاپ ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . ئەخلاقسىزلىق بارچە گۇنالارنىڭ ئانىسى بولۇپ ، زاۋانلىققا چىلايدۇ . ئەخلاقسىزلىق ئادەمنى زاۋانلىققا ، مىللەتنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ . ئەخلاقسىزلىق ۋەيران بولۇشنىڭ تۈنجى قەدىمى . ئەخلاق ئىنسان روھىنىڭ مۇكەمەللىكىنى ئىلگىرى سۈرسە ، ئەخلاقسىزلىق ئىنسان روھىنى خاراپلاشتۇرىدۇ . ئەخلاقسىزلىق ئەھدىگەن ئەلدە شەرمۇ – ھايا ھالاكەتكە يۈزلىنىپ ، نۇمۇس بىر چەتكە قايرىلىپ ئادەملەر بىلەن ھەيۋانلار ئوتتۇرسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويىلىدۇ . نىكاھ   ۋاپا ، مۇھەببەت ئۈستىگە ئەمەس ، پۇل ئۈستىگە قۇرىلىدۇ . قىسقىسى ، ئەخلاق ياتلاشقان ئەلدىن كۆرىدىغىنىمىز ھالاكەت ، شەرمەندىچىلىك بولىدۇ . چىرىگەن ئەخلاق ئادەملەرنى زاۋانلىققا يۈزلەندۈرۈپ ، مىللەتنى ھالاكەتكە ئىتىرىدۇ . ئەخلاقنى دەپسەندە قىلغان ھەر قانداق بىر قەۋم ، ھەر قانداق بىر مىللەت ھامان بىر كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا ھالاك بولىدۇ . ئەدەپ – قائىدە ، ئىمان – ئىتىقاتتىن يۈز ئۆرىگەن بىر تۈركۈم زىناخور ، پاھىشىلەر مىللەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ .
ئەر – ئاياللار ، قىز – ئوغوللار ئارلىشىپ ئولتۇرۇپ بىرلىكتە ھاراق ئېچىش ، تانسا ئويناش ، زىنا قىلىش « رەڭلىك ئولتۇرۇش » نى ئەۋجىگە كۆتۈردى . ئائىلە سىرتىدىكى « ئائىلە» لەر كۆپەيدى . ئىشكلەر سىرتقا قارىتا داغدام ئېچىۋىتىلدى . قىزلارنىڭ ئىپپەت سارىيى سېھرلىكىنى ، تارتىنىشچانلىقىنى يوقاتتى . ئاياللاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەرلەرنى تاپتىن چىقاردى . ئوغوللار قىزلارغا تىكىلىپ قارىغىنىچە ، قىزلار ئوغوللارغا مەخسەتلىك قاش ئاتىدىغان ، باغرىنى ئاچىدىغان تېرادىيگىلىك قىسمەتلەر يامىرىدى . يېقىملىق ، قىرىق كۆكىلىق ، لىۋەن ، ھايالىق ، دىيانەتلىك ، پاك ئۇيغۇر قىزلىرى پاك روھى ئالىمىدىن ، گۈزەل ئەخلاق باغچىسىدىن ئايرىلدى . لاتاپىتىدىن ، نازاكىتىدىن جۇدا بولدى . ئۆزىگە خاس جاسارەت ۋە قىزلىق سېھرى كۈچىنى يوقاتتى .
قىز – ئاياللار پاجئىەسى – مىللەتنىڭ پاجئىەسى ، پەرزەنتلەرنىڭ پاجئىسى . سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ بۇنى ھەر ۋاقىت ، ھەر جايدا ئېسىڭدە ساقلىشىڭ كېرەك . سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ گۈزەللىكنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ، گۈزەللىك قوغلاشما . سېنىڭ ھەقىقى گۈزەلىكىڭ شەرمۇ – ھايا ، گۈزەل ئەخلاق ۋە پەدىشەپتۇر .
سەن ھەقىقى ئايال بولاي دېسەڭ ، ئانا بولغاندىن كىيىنكى ھاياتىڭنىڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئىرىڭ ھەم باللىرىڭغا تەۋە ئىكەنىكىنى ئىتىراپ قىلىشىڭ كېرەك .
سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ ، ئۆزۈڭنى بىر ئايال سۈپىتىدە تونىغىن ، ئۆز مەسئۇلىيتىڭنى ، بۇرچۇڭنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمىغايسەن .
سەن ھەقىقى ئانا بولماقچى بولساڭ ، پەرزەنتىڭنىڭ تەقدىرىنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشنى بىلگىن .
قىز – ئاياللارنىڭ ئىپپىتى ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى . شۇڭا سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ ، ئىپپىتىڭنى جان تىكىپ قوغدىغىن .
ئاياللارنىڭ شوھرەتپەرەسلىكى ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرتىدىغان قورقۇنۇچلۇق باكتىريە . شۇڭا سەن ھەقىقى ئانا بولماقچى بولساڭ ، بۇنداق باكتىريىدىن ئۆزىڭنى ئېلىپ قاچقىن . يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەخلاق قارىشى تىكلىگىن ، چۆلدەرەپ قالغان روھىڭنى ئەخلاق كەۋسىرى بىلەن سۇغارغىن .
قىرىق ياڭزا ھېلە – مىكىرىنى ئىشقا سېلىپ ، پەسكەشلىك كوچىسىدا پالاقشىپ ، نۇمۇسنى قېتىقىڭنىڭ ئورنىدا سېتىپ ، دوللارنىڭ ئورنىدا خەجلەۋاتقان قىز – ئاياللار مىللىتىمىزنىڭ يۈرىكىگە چۈشكەن قان شورغۇچ قۇرۇتتۇر . بۇنداق قۇرۇتلارنى دەر ھال ۋاختىدا يوقاتمىساق مىللىتىمىزگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ، پاجئەىسى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ، تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ .
ئەجىبا ، بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنىڭ ئىچىدە جەڭگىۋار ، لاياقەتلىك ، مەسئۇلىيەتچان ، ئەدەپ – ئەخلاق تونىغا ئورالغان قىز – ئاياللىرىمىز يوقمۇ ؟ بار ،  ئەلۋەتتە بار . ئىپپەت – نۇمۇسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىپ ئىمان ، ئىتىقاد بىلەن ياشاۋاتقان ئەدەپلىك ، ئەخلاقلىق ، ھايالىق خوتۇن – قىزلىرىمىز سانسىز .    شۇنداق ، قىز – ئاياللىرىمىز ئىچىدە پەرىشتە كەبى قىز – ئاياللىرىمىزمۇ ، شەيتان – ئىبلىس كەبى قىز – ئاياللىرىمىزمۇ بار .
سەن ھەقىقى ئايال بولساڭ ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇشلارغا ئەمىلىيتىڭ ئارقىلىق جەڭ ئېلان قىلغىن !
ئايال – ۋەتەن دېمەكتۇر . شۇڭا مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چۈشكۈنلىششىنى ئەمەس ، بەلكى ئەسەبىلىششىنى ئۆمۈت قىلىمەن . چۈنكى ئاياللار چۈشكۈنلەشسە مىللەت گۇمران بولىدۇ . ئاياللار ئەسەبىلەشسە مىللەت ئويغۇنىدۇ . قايدا سەن ئەخلاق ؟! ئەدەپ – ھايا ؟؟؟ ! ...بىزنى قۇتقۇزۋالغىن !

مەنبە: قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 18:52:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلار:‹‹ئىمان يوق يەردە،ھايا يوق›› دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن.مانا بۇ ئىتىقادنىڭ سۇسلىغانلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى.كۆپىنچە پەرزەنىتلەر ‹‹ئىسلام ئائىلە تەربىيەسى››دىن يىراقلاشتى...
تېمىڭىزغا رەھمەت.
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 01:00:08يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەيرانمەن ،ئائىلىدە ياكى خەمىيەت بىرەر مەسىلە چىقسا بۇ مەسئۇليەت ئانىلارغا ئارتىلىدۇ .   نەتىجە بولسا ئاتىلارغا مەنسۈپ . ئاشۇ نەتىجە يارىتىۋاتقان ئاتىلار بۇ مەسئۇليەتننى ئۆزئۈستىگە ئالالمامدۇ ؟ ئەمىليەتتە بۇ يەردە مەسئۇليەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىشنىڭ ياكى باشقىلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق ، ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدە ۋىجدان ، ئىمان -ېتىقاد  ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ نارسىدە قىزلىرىمىزغا سۈنۈلۋاتقان قارا قوللارغا ۋاقتىدا رەددىيە بەرسەكلا بۇ ئىشلارمۇ يۈز نەرمىگەن بولاتتى .
来自: Android客户端
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 00:11:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيەتتە چۇقۇم شەرمىي ھايا بىلەن ئۈتەيلى ؟ ئەخلاق لىق بولغان ھەر قانداق كىشىلەرنى ھەر قانداق ئادەملەر ياقتۇردۇ
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:36, Processed in 0.452153 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش