مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 13 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق سەنئىتى (ئۆڭمەس)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

55

تېما

1

دوست

1632

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
338 سەر
تىللا
288 دانە
تۆھپە
267 سەر
شۆھرەت
321 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 01:51:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ھۆنەر-سەنئەت مەدەنىيەت جەزىنىسىدىكى «جۇلالىق گۆۋھەرلەر»

مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس

ئۇيغۇر نەققاشلىق ۋە خەتتاتلىق ھۆنەر-سەنئىتى ناھايىتى ئۇزاق شانلىق تارىخقا ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە ئۇ، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ گۈل تاجىسى بولۇپ،  مىللىي خاسلىققا ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئابىيدە ھېساپلىنىدۇ.
ئۇزاق تارىخىي زامانلاردىن بۇيان، ئەجداتلىرىمىز  ئۇيغۇر نەققاشلىق ۋە خەتتاتلىق ھۆنەر-سەنئىتىنى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ بۈگۈنگىچە بىزگە يەتكۈزۈپ  كەلگەن، ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتى ئەل ئىچى قول ھۆنەر سەنئىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇ تارىخىمىزنىڭ گۈۋاھچىسى ۋە ئەمگەكچان، مېھنەتكەش  خەلقىمىزنىڭ ئەجىر-مېھنىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز  قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتى ئەڭ دەسلەپتە  خان ئوردىلىرىنى بېزەش، مەسچىت-مەقبەرىلەرنى زىننەتلەشكە ئىشلىتىلگەن بولسا، كېيىنچە تۇرالغۇ ئۆي مىمارچىلىق(بىناكارلىق)ئىشلىرى، قول ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇنلىرىنى بېزەش، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا رەڭ بېرىش- جۇلالاندۇرۇش، كىتاب-پۈتۈكلەرنىڭ مۇقاۋىلىرىغا  ھۆسۈن قوشۇش شۇنداقلا  گېلەمچىلىك، توقۇمىچىلىق ، كىگىزچىلىك، سەرگەزلىك (گۈل باسما)قاتارلىق كەسىپ-ساھەلەرگىچە كېڭەيتىلگەن بولسا ، نۆۋەتتە ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نەپىس، كۆركەم، جەلىپكارلىقى  بىلەن مېھمانساراي، رېستۇران،  سەيلى-ساياھەت ئورۇنلىرىنى ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇپتا زىننەتلەشتىن باشقا يەنە قول ھۈنەر-سنئەت،تۇرمۇش ۋە  ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىدىن  ساپال قاچا-قۇچا، پىچاق، قاپاق قاتارلىقلارنى  بېزەش جەھەتلەردىمۇ روشەن ھالدا  ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.   
ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتىدىن ئۆزگىچە مىللىي خاسلىق ۋە قويۇق ئەنئەنە پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.  ئۇ يەنە سىزما نەقىشلەر ۋە نەقىش ئويمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈر بويىچە تەرەققىي قىلغان.  ئۇ، دىيارىمىزنى جۈملىدىن مىلىتىمىزنى  دۇنيا ئەھلىگە تونۇتۇشتىكى يەنە بىر ۋاستە بولۇپ قالماقتا.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ، ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتىگە ئوخشاش، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر يېزىقىنى جاھانغا تونۇتۇش، جۇلالاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئەت خەزىنىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇرۇپ كەلدى. ئۇستا خەتتاتنىڭ قولىدا نەپىس لاھىيىلىنىپ ئىشلەنگەن ھۆسنىخىەت كىشىگە ئۆزگىچە ھوزۇر ۋە  ئىستىتىك زوق بەخش ئېتىدۇ.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئەڭ دەسلەپ ئوردا پۈتۈكچىلىرىنىڭ خان يارلىقىنى پۈتۈش، تارىخىي ماتىرىيال ۋە قول يازمىلارنى كۆچۈرۈش جەريانىدا ئۆز خاسىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئەل ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئۇ ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن   ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن بۇيان ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۈيۈك، نادىر ئەسەرلىرىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ  كېلىشىدە مۇھىم كۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.
دېمەك، مەيلى ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتى بولسۇن ، مەيلى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بولسۇن ئىككىيلىسىلا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە خەلقىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۆنەر-سەنئەت مەدەنىيەت جەزىنىسىدىكى نامايەندە ۋە  «جۇلالىق گۆۋھەرلەر»  دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.
چۈنكى، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۇيغۇر نەقىشلىرىنى ئۆزىگە جۆر قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ جۇلالىنىپ، ئۆز قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرسا، ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۆنەر – سەنئىتى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ياندىشىپ ۋە ھەمراھ بولۇپ، نەشىرىيات-مەتبۇئات ئارقىلىق  ئەل ئارىسىدا  تېخىمۇ قەدىرلىنىپ جاھانغا تونۇلۇپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى خەتتاتلىرىمىز ھۆسنىخەتلىرىنى ئۇيغۇر نەقىشلىرى بىلەن بېزەپ، ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن خەلقىمىزگە بەدئىي زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئىتى تەدرىجى مۇكەممەللىشىپ، قول ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان ئەنئەنىۋى يىرىك ھۆنەر-سەنئەت شەكلىدىن، ئىلغار زامانىۋى ئۈسكۈنە ___كومپىيوتىر ئارقىلىق لاھىيەلىنىپ ئىشلىنىشتەك ئۇچۇر دەۋرىگە ئۇلۇشۇپ، ئۆلچەم، سۈپەت، سۈرئەت ۋە يۇقۇرى تېخنىكا جەھەتتە يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ، نەپىسلىكى يەنىمۇ گەۋدىلىنىپ، ئەنئەنىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ شانلىق نەتىجىسىنى نامايان قىلدى.
پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئەت بايلىقىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى يەنىمۇ چۈشۈنىپ، ئۇلارنى غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۆنەر-ھەنئىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشنى يېقىندىن قوللاپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى.  بۇنىڭ بىلەن، دىيامىزىدىكى خەتتاتلق ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئەت ئۇستىلىرى ، ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ  «جۇلالىق گۆۋھەرلەر»نى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ ، نەشىرىيات ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئەلنىڭ ھوزۇرىغا  سۇنۇش، جاھانغا تونۇتۇش، كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئەت كەسپىي بىلىملىرىگە ئائىت مەخسۇس پايدىلىنىش قوللانمىسى، توپلاملارنى ئىشلەپ ، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى يەنىمۇ جۇلالاندۇردى. نەتىجىدە، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئتى ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا كەڭ قوللىنىلىپ، خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ ، ئەزىزلىنىپ شۇنداقلا ئىلىم مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر ئېتىراپ قىلىشى  ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.


ئۆز ئىجادىيىتىم.( ‹ئاسىيا كىندىكى›گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 18:26:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزاتى ئۇستاز سىز مۇنبەرداشلار ئۈچۈن بىر-بىرىدىن ئېسىل يازمىلارنى تەقدىم ئېتىپ كېلىۋاتىسىز،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 21:30:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلرۇس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-30 21:36  

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۆنەر-سەنئەت بايلىقىنىڭ قەدىر-قىممىتى، ماھىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىر- قىممىتىدۇر. بىزنىڭ ئەقىللىق،بىلىم- سەنئەتخۇمار، ئەمگەكچان، ئىجادچان، باتۇر ئەجدادلىرىمىز خەتتاتلىق ۋە نەققاشلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى گۆھەرنى ئىختىرا قىلىپلا قالماي بۇلارنى بىر تال ئالتۇن يىپقا ئۆتكۈزۈپ، يۈكسەكلىكتە ھەقداسىغا يەتكەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى نامايىش قىلغاندى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ گۆھەرلەر، مۇھتىرەم تۆھبىكارلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئەڭ ئالىي ئىختىراسى كومپىيوتئېر تېخىنىكىسىدا يەنە بىر بالداق كامالەت تاپقۇزۇلۇپ، جاھان سەنئەت ئەھلىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتى، بۇ بىزنىڭ پەخرىمىز.
  مۇزاتى ئۇستازنىڭ بۇ نادىر يازمىسىغا تەشەككۈر.  
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:41, Processed in 0.198934 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش